google earth دىتالىدىكى سىز كۆرمىگەن سۈرەتلەر.
google شېركىتى سۈننى ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان رەسىملەردىن پايدىلىنىپ تۈزگەن
google earth يەنى گوگلې يەرشارى دىتالى ھازىر كۆپىنچە تورداشلارغا ناتۇنۇش ئەمەس.
بەلكىم ھەۋەسكارلارمۇ خېلى باردۇ. مەنمۇ شۇ ھەۋەسكارلارنىڭ بىرسى.
تۇنجى قېتىم مۇشۇ دىتالدا ئۆز ئۆيۈمنى كۆرگەندە شۇنداق ھاياجانلانغان.شۇندىن بېرى بۇ
دىتالنى كومپىيوتىرىمدىن ئايرىمايمەن. بېكار بۇلۇپ قالسام مۇشۇ دىتالدا شىنجاڭنى
ھەتتا دۇنيانى ساياھەت
قىلىمەن.
تىمىغا كەلسەك بۈگۈن بەيدۇدىن google earth قا ئائىت سۈرەتلەرنى ئىزدەۋىتىپ بەزى غەيرى
سۈرەتلەر
ئۇچراپ قالدى. مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ بۇيەرگە يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
1. كانادادىكى ئادەم بېشىغا ئوخشايدىغان تاغ.

ئورنى: 50.010083,-110.113006
2. بىرازىلىيەدىكى گىگانىت ئادەم شەكلىدىكى كۆل.

ئورنى:-21.805149,-49.089977
3.ئىتالىيەدىكى غايەت زور توشقان.

ئورنى :44.244273,7.769737
4.سەككىز تەرەپلىك شەھەر قۇرۇلىشى_تېكەس ناھىيەسى.

ئورنى: 43°12'50.46, 81°50'11.28
5.قۇمۇلدىكى غايەت زور خەتلەر.



ئورنى:
为人民服务 94.32319167E,42.54462222N
向斗争中学习 94.243125E,42.46101389N
排除万难去争取胜利 94.14704444E,42.45335556N
只争朝夕 94.26648611E,42.65985833N
ئەگەر سىزدە بۇدىتال بولسا ئۆزىڭىز كۆرۈپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.
كۆرۈش ئۇسۇلى : ئورنى دىگەن يەردىكى سان-سىفىرلارنى كۆچۈرۈپ Google Earth نىڭ ئىزدەش
رامكىسىغا چاپلاپ ئىزدەش كونۇپكىسىنى باسسىڭىز سىزنى شۇ يەرگە ئاپىرىپ قويىدۇ. يەنە نىمە
قاراپ تۇرىسىز .قولىڭىزغا مائۇسنى ئېلىڭدە ،ئىشنى باشلاڭ.
ئاران شۇنچىلىكمۇ بۇ بەك ئازكەن دەپ ئويلىسىڭىز، بولدى ئىنكاس يازمايلا تۇرۇڭ .
قېنى بۇيەرگە كىرىپ كۆرۈڭ.
http://www.douban.com/group/topic/15623717