مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 317|ئىنكاس: 3

ھەجىۋىي شېئىر _ تۈگىمەس گەپلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر مەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13512
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9820
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2013-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-7 11:49:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۆزلەپ باھا بابىدىن، توۋا دەپ " غەيرى  بالىكەن" دېدى،
تەكرار قىلسام كېچىلەپ  " كىتاب قۇلىكەن" دېدى.
مۇھەببەتكە قىزىقماس "ھېسياتسىز بەندىكەن" دېدى،
بىلمەس ھايات پەيزىنى " بۇرۇقتۇرما بالىكەن" دېدى.
بايان ئەيلە دەپ ئىلھام " كۆپچىلىك تىڭشاركەن " دېدى.

چۈشمەيتتى قۇلۇمدىن كىتابىم بولۇپ بىلىمگە مەن ئەسىر،
خالىماس باشقىنى كۆڭلۈم كۇتۇبخانا مەنچۈن كاتتا قەسىر.
ئۇلۇغ دەپ تەبئىيلىكنى زەررە قوندۇرمىسام تېنىمگە ئەتىر،
" سۆيگۈ " دەپ  شېئىرلىرىمغا ئارىلاشمىسا ھېچ بەھىر.
باھا بېرىپ ماڭا بۇ دوستلار " تەقۋادار راھىپكەن" دېدى.

نە ئامال بوپتىلا دېدىم،  ۋەلېكىن ئىچىمدە  ئەلەم،
دەيدۇ تۇيغۇم بىر تۇرۇپ سەنمۇ بول رومانتىك بەلەن.
ئويلۇرۇم ئازدۇرۇپ مېنى شۇ يولغا باستىم قەدەم،
خەپ تاپاي سىنى بولۇپ مەن غېرىب سەنكى سەنەم.
ھەيران بولۇپ خالايىق " يېڭىلىققۇ ئىخلاسمەن" دېدى.

كېيىن كۆرۈپ بىر قىزنى تۆكۈلەر گويا كۆزلۈرۈم،
يا ئېيتالماي قىينالدىم شېرىن يۈرەك سۆزلۈرۈم.
يۈرۈپ پىيىدە ھەر كۈنى ئېڭەك تۇتۇپ كۈنلىرىم،
سىزىپ قىزچاق ئاخىرى قىزىرىپ كەتتى يۈزلىرىم،
ئالىيىپ ماڭا " ۋاي غوجام يوللىرى قاياقكىن" دېدى.

يۈرمەڭ بۇنداق كەينىمدە بولۇپ دائىم "ئىشپىيۇن"،
ئاڭلىمىسىڭىز گەر گەپنى، پۈۋلەي شىۋىرغان – قۇيۇن.
يوق مېنىڭ كۆڭلۈمدە سىز پاتقۇدەك ھېچ  ئورۇن.
تۇرۇپ قىلىڭ يىگىتىچاق دەۋالاي مەن بۇرۇن:
"خاپا بولماڭ ئوقۇرۇم  سەل ئېگىزكەن"  دېدى.

بولدى قىلماي خەت يېزىپ نەچچە كۈنلەپ ئويلۇنۇپ،
تېزراق پۈتسۇن دەپ تېخى كېچىلىرى تولغۇنۇپ.
ئاھ-پاھ دېگەن سۆزلەرنى توختىماستىن قوندۇرۇپ،
بەرسەم شۇنچە تەستىلىكتە نەچچە بەتنى تولدۇرۇپ،
كۆرۈپ خەتنى ئۇ قىزچاق " بۇ يىگىت نادانكەن" دېدى.

سۆيگۈ خېتى قاپتۇمىش مودا ئېقىم كەينىدە،
خېجىل بولسا قالارمىش باشقىلارنىڭ كەينىدە،
قايىل قىلسام بولغۇدەك مەن چىن يۈرەك سۆزۈمدە.
ئەمما چاندىم دۇدۇقلاپ قارىيالماي كۆزىگە،
كۈلۈپ قىزچاق قاقاقلاپ " بۇ يىگىت كىچىككەن"دېدى.

نەچچە كۈندىن كىيىنلا چوڭ بولدۇم دەپ چاقىرىپ،
ئۇچراشتىم ھەم يالۋۇرۇپ بىر باغچىغا ئاپىرىپ.
نېمە دىيىشنى بىلەلمەي چىرايلىرىم سارغىيىپ،
باش-ئايىغى قولاشماي تۇرۇپ قالدىم تاتىرىپ.
ئىچى ئاغرىپ قىزچاقنىڭ " بۇ يىگىت ياۋاشكەن" دېدى.

نېمە تۈگىمەس باھا بۇ كەتتىم بەكلا تېرىكىپ،
ئۇشبۇ يېڭى تۇرمۇشتىن قالدىم ئوبدان زىرىكىپ.
بولدى دەپ ئۈزۈپ ئۈمۈد ئۆزۈم قاپتىمەن ھېرىپ،
زاڭلىق قىلىپ يىگىتلەر قالدى كۈلۈپ تىلىقىپ.
چىدىماي ئەلەمگە يۈرەك "ئۆلۈمدىن نومۇس يامان" دېدى.

مەشق قىلدىم نەچچە كۈن تۆت تامغا توختىماي سۆزلەپ،
ئاشۇ قىزنىڭ ئالدىدا دۇدۇقلىماي سۆزلەشنى كۆزلەپ.
مىڭ تەسلىكتە ئۇچراشتىم يالۋۇرۇپ كۈن-كۈنلەپ،
نەچچە سائەت سۆزلىسەم پارتىيە-ۋەتەننى كۈيلەپ.
زېرىكىپ سۆزلەردىن قىزچاق "بىر قىزىل پاچاقكەن" دېدى.

ماقۇل دەپ مەن ئۇنىڭغا مەن باشقىنى كۈيلىمەي،
پەقەت كۈيلەي بىر سىزنى ئارتۇق داۋلى سۆزلىمەي.
بولدى ئۆزگە سۆيمىسۇن سىزنى پەقەت مەن سۆيەي،
ماقۇل بۇلۇڭ سىز ماڭا ئېشقىڭىزدا مەن ئۆلەي.
تەسىرلىنىپ يىغلار دىسەم " تازا بىر بۇدۇشقاقكەن" دېدى.

سەن خەق بەكلا ئالدامچى ئىشەنمەي سۆزۈڭگە،
ياشىغىم بار ياشلىقتا ئەركىن خۇشال-ئازادە،
مۇھەببەتكە تاۋىم يوق كەچۈر يىگىت ۋاقتىنچە،
ئاخىر چىقماس ئىش ئۈچۈن قىرىپ كەتمە بارغانچە.
مەند ھېچ بىر ئامال يوق " يۈرۈگۈم تاشكەن" دېدى.

بۇ تۇيۇقسىز زەربىدىن بولۇپ قالدىمغۇ بىتاپ،
كەتتىم  ئاڭا ھوشۇمدىن،قالمىدىم ھەم ئۆلۈپ.
شوخ يۈرىگىم ۋاژىلداپ يەنە ئۇنىماي ئىنتىلىپ،
دىسەم ئۆتەي ئەي جانان مەڭگۈ سىنىلا سۆيۈپ.
بوپتىلا ئەي ئاشىق يىگىت " بۇ شۇنداق زامانكەن"دېدى.

ئۇچرىشىشقا ئىنتىلىپ جىم تۇرماس ھېچ يۈرەكمۇ،
ھېچ مەيلى يوق بىر ماڭا زارلاپ مىڭ يالۋۇرساممۇ.
دەپ قاخشىسام ئاخىرى مەن ئاشىققا ئاسانمۇ،
قوشۇلغانمۇ بىلمىدىم كۆڭلى ئېرىپ قالغانمۇ.
رەت قىلسىمۇ ئاڭلىماس " يۈزى بەك قېلىنكەن" دېدى.

بەك قىينالدىم بۇ قىزنى ھېچ قارماققا ئىلەلمەي،
ئۇخلاپتىمەن سەھەردە ۋاقىتنىمۇ بىلەلمەي.
قاپاقلىرىم ئىششىپتۇ ئۇيقۇ پەزىنى سۈرەلمەي،
چىقىپ ساپتىم يۈز-كۆزنى يۇيۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي.
ۋاي نېمە بۇ گەپ ئەمدى " ئەسلى بىر چاپاقكەن" دېدى.

بىر كۈن ئەتىگەن 100 كىشىلىك چوڭ سىنىپتا،
ئولتۇرۇۋاپتۇ بۇ گۈزەل دەل سىنىپنىڭ بېشىدا.
ھېچ زوقى يوق ماڭا بىر شوخ-نازى بىلەن قاراشقا،
ئۇچۇر يازسام قاراڭ دەپ يېڭى تاپقان نومۇرغا.
بېشىنى چايقاپ بۇ قىزچاق " ئەجەب يامانكەن" دېدى.

قاراپ باقسام تاۋى يوق قايتۇرۇشقا ئۇچۇرنى،
شۇڭا قەغەزگە يازدىن شېرىن-شېكەر سۆزۈمنى.
ئاتتىم ئۇنىڭ ئالدىغا قېلىن قىلىپ يۈزۈمنى،
چۈشتى مۇئەللىم ئۈستىلىگە تازا باسقاچ نەس مېنى.
خەتنى ئېچىپ مۇئەللىم " سەۋدا مەجنۇنكەن" دېدى.

يوقال مېنىڭ كۆزۈمدىن تۆكۈپ بولدۇڭ يۈزۈمنى،
تېز مىڭىۋال يولۇڭغا ئاڭلاپ مېنىڭ سۆزۈمنى.
سادىغانەي زورلىما ھېچ مەيلى يوق كۆڭۈلنى،
ئالدىغىم يوق زادىلا سېنى ھەمدە ئۆزۈمنى،
تۇرۇپ قالغىن ئەي يىگىت " ئۆزۈڭگە جاپاكەن" دېدى.

جاپا ھەمرا ئاشىققا بولدى ماقۇل مەن چىداي،
قىلساڭمۇ گەر سەدىقە ماڭا تۈگىمەس جەبىرتالاي.
يادىلاپ ئۇلۇغ ئىسمىڭنى يۈرەككە مۆھۈر مەن ئۇياي،
دېسەم توسما ھەرگىزمۇ بىر ئۆمۈر سادىق بولاي،
تەسىرلەندىمۇ بىلمىدىم " سۆيگىڭىز چوڭقۇركەن" دېدى.

بىر كۈن چۈشتىن كېيىن 4 سائەت دەرسنى تاشلاپ،
قەدەم ئالدى پۇتلىرىم يەنە شۇ قىزنىلا پايلاپ.
ئېلىپ ماڭدىم ئاخىرى رومانتىك كەپىگە باشلاپ،
تاماق پۇلى تاپشۇرغاچ تۇرسام باشىمنى قاشلاپ.
سوغۇق كۈلۈپ كۆزۈمگە قاراپ " تازا بىر پىخسىقكەن" دېدى.

كىردىم بىر سورۇنغا بۇدۇشقاقتەك چاپلىشىپ،
ئىسلاپ چىقتىم ئۆپكەمنى ئۆلگۈدەكلا قېقىلىپ.
" يىگىت بولساڭ ئىچ!" دېگەچ قەدەھلەرنى كۆتۈرۈپ،
بولغاپ بولدۇم سورۇننى قۇسۇپ سېسىق تۈكۈرۈپ.
تۆكتى مېنىڭ يۈزۈمنى " سەھرالىق توپمايكەن"دېدى.

كەلتۈرەلمىگەن بولساممۇ ئاشۇ قىزنى قوغلىشىپ،
قاراپ باقسام قاپتۇدەك تەجىرىبەممۇ موللىشىپ.
بۇ ساھەدە قاپتۇ ھەم سۆزلىرىممۇ قۇلىشىپ،
تىپىۋالدىم بىر يارنى بەكلا تېزلا ئويلۇشۇپ.
بۇ قىزچاق تەلەپچان ئەمەس " بىر ئوبدان يىگىتكەن" دېدى.

بىر كۈنى قارىسام بۇ قىزچاق بەرىكەت تەييار چۆپىدەك،
شۇنچە تاردۇر ئىشتىنى سەمىرىپ كەتكەن يىلاندەك.
بىللە مېڭىشتىن خېجىل بوپ ئولتۇرۋالسام ھارغاندەك،
خاسلىق، ئەخلاق،ھايا دەپ سۆزلەپ كەتسەم مۇئەللىمدەك.
توۋا قىلدىم ئەسلىدە " مۇتەئەسسىپ قارىمكەن" دېدى.

تىللاپ سالدىم چىدىماي مېنى زاڭلىق قىلدىڭ دەپ،
ياخشى بىلەن ياماننى پەرقلەندۈر بىلگىن دەپ.
قارى بولسام تېز بېرىپ ناخشىچىنى تاپقىن دەپ،
يولغا سالدىم شۇ زامان ۋاي ھالىنى كۆرۈڭ دەپ.
تېزراق كېتەي بولدىلا " ئاچچىقى بەك يامانكەن" دېدى.

قويە ماۋۇ تۇرمۇشنى تۇرۇپ قالسۇن شۇ دەمدە،
ھالىغا باقماي تېخى تەلەپلەر كۆپ زىيادە،
كىرەي دېسەم قايتىدىن تەھسىل ئىلىم ساھەگە،
"ئۇچۇپ كەپتۇ" ئىمتىھان كىرىپ كەتتىم پىيادە.
ئەمدى قىزلار ھەيران بوپ " ئالدامچى، ھىيلىگەركەن" دېدى.

ئالسام قولغا كىتاپنى بۇ تۇرمۇشتىن قول ئۈزۈپ،
تۇلۇقلىما ئىمتىھان تۇرۇپ قاپتۇ رەت تۈزۈپ.
زاڭلىق قىلار خالايىق شۇ تاپ ھالىمنى كۆرۈپ،
ئېرىشكىنىم نېمىكىن دېسەم " نەچچە ۋاق كۆڭلۈم بۈلۈپ".
تۇيغۇم بېرىپ جاۋاپنى " سۇيۇق " دەپ نام ئاپسەن دېدى.

بولسۇن نەسىھەت ئەي يىگىت يات قىلىقنى يولاتماس،
مۇش كۆتۈرۈپ ھەرگىزمۇ نوچىلىقنى تالاشماس.
نەۋقىران بىر يىگىتكە سۇيۇقلۇق ھېچ ياراشماس،
بىلىمسىز قۇرۇق سۆلەتنى ھېچبىر گۈزەل ياراتماس.
ياشلىقىڭدا بىلىم ئال سېنى يەرگە قاراتماس.

‹‹ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى ›› 151 – سانىدىن ئېلىندى.




ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
OTYAK + 50

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 50   باھا خاتىرىسى

ھاياتمەن قوينۇڭدا ياشاپ ئۆزگىچە ئۆزگە يولدا ماڭىمەن دادىل ماختاش تىللاش ،قارغاش بەرىبىرئۆز ئەقىدەم ئۇزەمگە ئادىل       --- ئۇچقۇن---

ئوتياق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13482
يازما سانى: 2256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16595
تۆھپە نۇمۇرى: 1089
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-7 12:21:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشلار تىرشىپ ئۆگەنسە ، بىر قىسىملار ئاشۇنداق بىمەنە گەپلەرنى دىدى. ئۇ قىلىقلار كىشىلەرگە ئەسقاتمايدۇ. ئەسقاتىدىغىنى بىلىم. ياخشى بىلىم ئېلىپ ئاندىن باشقا ئىشلارنى قىلسىمۇ ئۆلگىرىدۇ.
بۇ مۇخەممەس بەك ياخشى يېزىلغان ساتىرا ئىكەن. تىما ئىگىسىگە تەشەككۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3091
يازما سانى: 1625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14577
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 2798 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-7 12:42:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا ھەجىۋى شئېركەن بۇ...
ياخشى يېزىلىپتۇ....

bilip soy  keyin eqinma.....

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1612
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8969
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2011-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-7 01:07:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا..نىمە دىگەن قاملاشتۇرۇپ يېزىلغان شېئىر بۇ.........ياخشى يېزىلىپتۇ.

ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش