مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1112|ئىنكاس: 9

تاجىكلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نەفىسە(ئاماننىس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15631
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9574
تۆھپە نۇمۇرى: 802
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 06:10:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاجىكلار ئافىغانىستان بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، ( ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ياشىغۇچى تاجىكلار ئەمەلىيەتتە سارىكوللار بولۇپ، تاجىكىستان ۋە ئافىغانىستاندىكى تاجىكلار بىلەن بىر مىللەت ئەمەس).
    2010-يىلى ئىيۇلدىكى ئسىتاتىسكىغا قارىغاندا تاجىكلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 20 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ7 مىليوندىن كۆپرەكى ئافىغانىستاننىڭ ھېرات بوستانلىقى، بەدەخشان ۋە ھىندىقۇش تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ،  ئافىغانىستان نوپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ تاجىكسىتانىكى تاجىكلار6 مىليون بولۇپ، پۈتۈن جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۆزبېكىستاندا  بىر مىليون 400مىڭ، پاكىستاندا بىر مىليون200مىڭ،  ئىراندا 500مىڭ، روسىيەدە 150مىڭ، گېرمانىيەدە 100مىڭ، ئامېرىكىدا 50مىڭ، قاتاردا 50مىڭ، قىرغىزىستاندا 40مىڭ ئەتراپىدا تاجىكلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (45مىڭ)، پاكىستان، ئىران، ھىندىستان، كەشمىر، بېنگال قاتارلىق ئەللەر ۋە رايونلاردا گاھىدا تاجىك دەپ ئاتىلىدىغان تاغلىق بەدەخشان ئاھالىسى بولۇپ،  ساركول، روشەن قاتارلىق تاغلىق بەدەخشان قەبىلىرىنىڭ جەمئى نوپۇسى تەخمىنەن 300مىڭدىن ئاشىدۇ.
     تاجىكلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - پامىر تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسى شەرقىي ئىران تىلى تارمىقىغا تەۋە تاجىك تىلىنىڭ تۆت چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، بۇ تىل دەررىي (پارس) تىلىغا يېقىن. ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئېلىپبەلىك مىللىي يېزىقى بار ئىدى، 1926-يىلىدىن كېيىن تاجىكىستاندىكى تاجىكلار سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى تاجىك ھەرپلىرىنى ئىشلىتىدىغان بولدى .
ئافىغانىستان ۋە تاجىكىستاندىكى تاجىكلار نوپۇسىنىڭ ئاساسى قىسمىنى ئىگەللەيدىغان تۈزلەڭلىك  تاجىكلىرى ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئىي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، تاغلىق بەدەخشاندىكى ئاز قىسىم تاجىكلار ئىسمائىلىيە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىراق تاجىكلاردا دىنىي پائالىيەت ئانچە كۆپ بولمايدۇ.
    تاجىكلارنىڭ تۈزلەڭلىك - بوستانلىقلاردىكىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، تاغلىق جايلىرىدىكىلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
    تاجىكلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى مىلادىدىن ئىلگىركى Ⅹ ئەسىرلەردە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ بالقان يېرىم ئارىلىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئارىئان قەبىلىلىرى بولۇپ، كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى سۇغدىلار، توخارلار، خارەزىملەر، فەرغانىلار، ساكلار، باكتىرىيىلەر ۋە تۈركلەر قاتارلىق قەبىلە - قەۋملەرنىڭ قىسمەن ئېتنىك تەركىبىنىڭ قوشۇلىشىدىن پەيدىنپەي Ⅸ - Ⅹ ئەسىرلەردە بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە سامانىلار خانلىقىنى قۇرغان. مىلادى 10-ئەسىردە قاراخانىلار خانلىقى سامانىلار خانلىقىنى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن تاجىكلار ئاساسەن شۇنىڭدىن كېيىنكى، غەزنەۋىلەر، سەلجۇقىلار، خارەزىملار ۋە كېيىنكى چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن بىر مەزگىل تۈرك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىنىڭ قارمىقىدا بولغان، 1924-يىلىدىن كېيىن تاجىك سوۋېت ئاپتونۇم جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغان. 1991-يىلە تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولغان.
   
    تاجىكلار خۇشخۇي ۋە چاقچاقچى كېلىدۇ؛ ئۇلار بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سالام سائەتتىن كېيىنلا گەپنى چاقچاق بىلەن باشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەننىۋاسى نەغمە - ناۋا ۋە چاقچاق ئىچىدە ئۆتىدۇ.
ئومۇمەن تاجىكلار ئادەتتە قېتىق، پىشلاق، قۇرت، قېمىز، قايماق ۋە سېرىق ماي قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۈچ ۋاق ئەتكەن چاي ئىچىدۇ.
    تاجىك يىگىت - قىزلىرىنىڭ تويى ئادەتتە ئاتا - ئانىلىرى ۋە چوڭلارنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىشى، مەسلىھەتى ۋە رازىلىقى بىلەن بولىدۇ.
    تاجىكلاردا ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ.
    تاجىكلارنىڭ ھېيت - ئايەملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، روزا ھېيىت، قۇربان ھېيت قاتارلىق دىنىي ھېيىت - بايراملىرىدىن باشقا شاۋگۇن باھار (نورۇز)، پىلىك ھېيت (بارات)، تېغىم زوۋاسىت (تېرىلغۇ)، زۇۋۇر (سۇ باشلاش) ۋە مەھۇرگان (مول ھوسۇل) قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار.
   تاجىكلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت بولۇپ، مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە. تاجىكلار تارىخىدا جەپپار رۇداكى، ئىبنى ئەھمەد بىرونى، ئەبۇ سەئىد گەردىزى، ناسىرخىسراۋ، جالالىدىن نۇرىددىن، ئابدۇراخمان جامى، كامال خوجەندى ۋە جۇۋەينى قاتارلىق مەشھۇر مۇتەپپەككۇرلار ۋە ئەدىبلەر ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار دەرى يەنى پارس - تاجىك تىل - يېزىقى بىلەن ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يېزىپ تاجىك يازما ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەسسە قوشقان.
    تاجىكلار ئاق ئۇننى ۋە تۇزنى بەكمۇ ئەزىزلەپ، ئۇنى پاك - ساپلىق ۋە بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىدۇ.
    تاجىكلار ئەدەب- ئەخلاقلىقنى ۋە قائىدە يوسۇنلۇقلىقى بىلەن داڭلىق. تاجىكلاردا ئادەتتە تەڭتۇش ئەرلەر ئۇچراشقاندا بىر - بىرىگە قول بېرىپ كۆرۈشۈپ ئاندىن قولىنىڭ كەينىگە سۆيۈپ قويىدۇ؛ تەڭتۇش ئاياللار ئۇچراشقاندا بىر - بىرى بىلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ ئاندىن مەڭزىگە سۆيۈپ قويىدۇ؛ كىچلەر چوڭلار بىلەن ئۇچراشقاندا چوڭلارنىڭ ئالقىنىغا سۆيۈپ قويىدۇ، چوڭلار كىچىكلەرنىڭ مەڭزىگە ياكى پېشانىسىگە سۆيۈپ قويىدۇ؛ بىراق ياتلىق بولغان قىزلار بىلەن كېلىنچەكلىرىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈشكە بولمايدۇ.
    تاجىكلار چوڭلارنى، ئاتا - ئانىلىرىنى بەكمۇ ھۈرمەتلەيدۇ. ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەيدۇ، سۆزىنى بۆلىۋەتمەيدۇ، تۇرمۇشتا ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ؛ كىشلەر ئارا جېدەل - ماجرا ۋە غەيۋەت - شىكايەت كەم ئۇچرايدۇ، ئىناق ئۆتۈپ، بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يېتىدۇ.
   تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ئىچىدە، ھەرخىل پۇرۇچ - قوراقلاردىن تىكىلگەن يوتقان - كۆرپە پەردىلىرى، ياستۇق، قاچا - قۇچا قېپى ۋە ھەر خىل كەشتىلىك كىيىم - كېچەكلىرى قويۇق يەرلىك مىللىي پۇراققا ئىگە بولۇپ، بۇنى ئاساسەن ئاياللار قىلىدۇ.
تاجىكلاردا بوۋاقنىڭ تۇغۇلىشىنى زور خوشاللىق ئىش دەپ بىلىدۇ، ئوغۇل تۇغۇلسا ئۈچ پاي ئوق ئېتىپ بوۋاقنىڭ باتۇر، قەيسەر ئادەم بولۇشىنى تىلەيدۇ، قىز تۇغۇلسا بېشىغا بىر سۈپۈرگە قويۇپ، قىزنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى كېلىپ، بوۋاقنىڭ بەدىنىگە ئاق ئۇن چېچىپ بەخت تىلەيدۇ.


http://qamus2.okyan.com/View.aspx?ID=6364

ئۈلۈم ئەڭ ياخشى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7870
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10655
تۆھپە نۇمۇرى: 598
توردا: 3246 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 08:45:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا ساركول دەپمۇ مىللەت بار ئىكەن دە،ئاڭلىماپتىكەنمەن،

قىزلانى چىرايلىق كۆرسىتىدغان نەرسە ھايا ۋە نۇمۇس!

ياسىنجان(سىرلىق)

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 7033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90743
تۆھپە نۇمۇرى: 1350
توردا: 6262 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 09:14:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  مىللەتنى  مەنمۇ  ئاڭلاپ  باقماپتىكەنمە [s:129]

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.

ياشاش ئوچۇن ، ھە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13180
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8182
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 864 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2014-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 09:29:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭلارنى ھۇرمەتلىشى ناھايتى ياخشى كىن .........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19485
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6306
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 826 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2013-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 11:10:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلارنىڭ بەزىلىرى بەك  غوجا ، خان  سۇرۇشتۇرۇپ  كىتىدۇ  ،مەن ماشۇ  تەرپىنى  ياقتۇرمايمەن

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 01:06:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت maykol0998 كە 2010-12-06 08:45 PMئەۋەتىلدى :
دۇنيادا ساركول دەپمۇ مىللەت بار ئىكەن دە،ئاڭلىماپتىكەنمەن،



شۇڭا ئۇلارنىڭ خەنزۇچە يىزىلىشىمۇ ئوخشىمايدىكەندە!

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5934
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8938
تۆھپە نۇمۇرى: 418
توردا: 702 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 09:51:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت maykol0998 كە 2010-12-06 08:45 PMئەۋەتىلدى :
دۇنيادا ساركول دەپمۇ مىللەت بار ئىكەن دە،ئاڭلىماپتىكەنمەن،




سەركوھ مىللەت نەمى ئەمەس يەرجاي نامى، مەنىسى سەر دىگەن باش دىگەن گەپ، كوھ دىگەن تاغ دىگەن گەپ....تاغلارنىڭ بىشى دىگەن گەپ، سەركوھى دىگەن خۇددى قەشقەرلىق، ىوتەنلىك دىگەن بىلەن ئوخشاش گەپ، بىر مىللەتتىن ئىككى مىللەت چىقىدىغان ئىش يوق. سەركوھ تىكى تاجىكلار بىلەن ئوتتۇرا تاجىكلار ئوخشاش پەقەت سەركوھتىكى تاجىكلار تاجىك تىلىنىڭ سەركۆھ شىۋىسىدە سۆزلىشىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاجىكلار تاجىك ئورتاق تىلىدا سۆزلىشىدۇ خالاس........


تاقىكلارنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز بۇ بەتكە مەرخەمەت


<P> [url]www.tajikam.cn</P>[/url]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5934
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8938
تۆھپە نۇمۇرى: 418
توردا: 702 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 09:53:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت srlk كە 2010-12-06 09:14 PMئەۋەتىلدى :
بۇ  مىللەتنى  مەنمۇ  ئاڭلاپ  باقماپتىكەنمە [s:129]



سەركوھ مىللەت نەمى ئەمەس يەرجاي نامى، مەنىسى سەر دىگەن باش دىگەن گەپ، كوھ دىگەن تاغ دىگەن گەپ....تاغلارنىڭ بىشى دىگەن گەپ، سەركوھى دىگەن خۇددى قەشقەرلىق، ىوتەنلىك دىگەن بىلەن ئوخشاش گەپ، بىر مىللەتتىن ئىككى مىللەت چىقىدىغان ئىش يوق. سەركوھ تىكى تاجىكلار بىلەن ئوتتۇرا تاجىكلار ئوخشاش پەقەت سەركوھتىكى تاجىكلار تاجىك تىلىنىڭ سەركۆھ شىۋىسىدە سۆزلىشىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاجىكلار تاجىك ئورتاق تىلىدا سۆزلىشىدۇ خالاس........
 
 
تاقىكلارنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز بۇ بەتكە مەرخەمەت


http://www.tajikam.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5934
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8938
تۆھپە نۇمۇرى: 418
توردا: 702 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 09:53:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت xopur كە 2010-12-11 01:06 PMئەۋەتىلدى :



شۇڭا ئۇلارنىڭ خەنزۇچە يىزىلىشىمۇ ئوخشىمايدىكەندە!




 
سەركوھ مىللەت نەمى ئەمەس يەرجاي نامى، مەنىسى سەر دىگەن باش دىگەن گەپ، كوھ دىگەن تاغ دىگەن گەپ....تاغلارنىڭ بىشى دىگەن گەپ، سەركوھى دىگەن خۇددى قەشقەرلىق، ىوتەنلىك دىگەن بىلەن ئوخشاش گەپ، بىر مىللەتتىن ئىككى مىللەت چىقىدىغان ئىش يوق. سەركوھ تىكى تاجىكلار بىلەن ئوتتۇرا تاجىكلار ئوخشاش پەقەت سەركوھتىكى تاجىكلار تاجىك تىلىنىڭ سەركۆھ شىۋىسىدە سۆزلىشىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاجىكلار تاجىك ئورتاق تىلىدا سۆزلىشىدۇ خالاس........
 
 
تاقىكلارنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز بۇ بەتكە مەرخەمەت
 
 
http://www.tajikam.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19780
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7179
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 4046 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 10:03:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر-تاجىك قىرىنداش،،مەڭگۇ گۇللەنسۇن،،،مىنىڭ  ئەركىن تاجىك  دەپ  دوستۇم  بار  ئەمما   ئۇ   تاجىكچە  ئۇقمايدۇ،، ئەپسۇس

غۇرۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش