مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 315|ئىنكاس: 2

يازماقتىمەن ساڭا يار مەكتۇپ (ئۆتكەل) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

گۇل باھارنىڭ ئۆت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17019
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8155
تۆھپە نۇمۇرى: 434
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2011-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 10:23:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گۇزەل مەنزىل تاتلىق بىر چۈشتەك
يازماقتىمەن ساڭا يار مەكتۇپ
تىلىكىمنى قەلبىمگە سىزىپ ...

چۈشلىرىمگە چىرمىشىپ مەھكەم
سۇرمەكتىمەن تاتلىق بىر خىيال
تۇيۇلماقتا ھەممە سۆيۇملۇك ...
پىچىرلايمەن تىنىچ شۇقەدەر
قەلبىمدە سەن ...
قەلبىمدە ئەركەم ...

خانەم تىنىچ ، تىنىچ شۇ قەدەر
تەبەسسۈمدە تۇرغاندەك جىمجىت
كۈلمەكتىمەن تاتلىق ھىسلاردا
گۈل بەرگىدە ھوزۇر سۇرگەندەك
ئەركىلىتىپ خىيالەن دەم - دەم ...
تەكچىدىلا ھەرۋاق كۆزلىرىم ،
سۇرئىتىڭدە جان ۋە روھ باردەك ...

قەلبىم ...
چەكسىز ئۇزاپ كەتكەن چىغىر يول
ئىز سالمىغان ئۆزگە قەدەملەر ...

ئارىمىزدا نامسىز بىر بوشلۇق
ئۇچۇرتالماي يۈرىمەن سىنى
پەقەت مەكتۇپ ...
مەكتۇپ گۇۋاھچى ...
يۈرمەكتىمەن يەنىلا يالغۇز .

<ئىچىلغاندەك ئىشىكلەر قىيا
كۆرۈنگەندەك ئۇندا ئۇز جامال >
كۈتمەكتىمەن ...
نامسىز بىكەتتە
يا دىيەلمەي ئۇنىڭ ئىسمىنى .

مەنبە : ئىجادىيىتىم


ھەر كىمنىڭ ئۆزى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2114
يازما سانى: 600
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15081
تۆھپە نۇمۇرى: 584
توردا: 5254 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 08:19:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈتمەكتىمەن نامسىز بېكەتتە،
نامسىز يارغا پۈتۈپ نامسىز خەت.
قىلىپ ئىنكار مەۋجۇتلىقىمنى-
نامسىز ياشاپ كۆرەي بىر نۆۋەت.

سەندە يېتۈك تالانت ۋە تولۇق ئىشەنچ بولمىسا ،"ئەدەبىيات"دېگەن "ئېزىتقۇ"غا ھەۋەسلەنمە!

گۇل باھارنىڭ ئۆت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17019
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8155
تۆھپە نۇمۇرى: 434
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2011-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 10:21:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەشھۇرلۇقۇم
ئەنە شۇ نامسىز
بىر تىلەككە باغلانغان مەھكەم ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش