مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 806|ئىنكاس: 6

تىل-يېزىقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تـــۈن - شــامــ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 643
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12868
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 2579 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-5 11:06:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىل-يېزىقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار


غەيرەت ئابدۇراھمان




ئاپتور ئىلاۋىسى: بۇ ماقالە 1998- يىلى يېزىلىپ «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» نىڭ 1999- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان. بەزى مەسىلىلەر ئاپتورنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
تىل __ ئىنسانىيەت جەمىيىتى بىلەن تەڭ شەكىللەنگەن ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى. ئۇ مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلى بولۇش بىلەن بىللە، مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ۋاسىتە. تىل جەمىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ.
تىل بىرلىكى بىر مىللەت كىشىلىرى ئورتاق قوللىنىۋاتقان بىر خىل تىلنى كۆرسىتىدۇ. تىل __ مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل. بىر مىللەتتىكى پسىخىك خاھىشى تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورتاقلىق تىل ئارقىلىق ئالماشتۇرۇلىدۇ. شۇڭا، تىل بىرلىكى مىللەتنىڭ مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
يېزىق __ تىلنى خاتىرىلەيدىغان ۋە يەتكۈزىدىغان بەلگە، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ، تىلدىن خېلىلا كېيىن بارلىققا كەلگەن.
ئۇيغۇر تىلى (ئەلۋەتتە ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىي تىل) نىڭ پەيدا بولغىنىغا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، لېكىن 5- 6- ئەسىرلەردە تۈركىي تىللىق مىللەتلەرگە تەئەللۇق يېزىق پەيدا بولغاندىن كېيىنلا، يەنى شۇ دەۋرگە خاس يېزىق بىزگىچە يېتىپ كېلەلىگەنلىكى ئۈچۈنلا بىزگە مەلۇم بولغان تىل ئامىللىرىدىن خەۋەردارمىز. مىلادىيىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئېلىمىزنىڭ تارىخىي مەنبەلىرىدە تۈركىي تىللارغا خاس بىر قىسىم تاق سۆزلەر ياكى سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ خاتىرىلەنگەنلىكى مەلۇم. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بىزنىڭ تىلىمىز (ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى) قەدىمكى ئانا تىلىمىز – تۈركىي تىلنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ئۆز- ئۆزىدىن مەلۇم. ئۇيغۇرلار مىلادىيە 7- ئەسىرلەردە تۈركىي تىللىق مىللەتلەرگە تەئەللۇق يېزىق بىلەن «كۆك تۈرك مەڭگۈتېشى»، «بىلگە قاغان مەڭگۈتېشى»، «تۇنيۇقۇق مەڭگۈتېشى» ... قاتارلىق تاشپۈتۈك ۋە ئابىدىلەرنى يېزىپ قالدۇرغان بولسا، 10- ئەسىرلەردە «قۇتادغۇ بىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «ئەتەبەتۇلھەقايىق» ... قاتارلىق گىگانت ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئېلىمىز ۋە جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.
ئىلىمىزنىڭ قەدىمكى تارىخ ماتېرىياللىرىدىمۇ تۈركىي تىللاردىن خەنزۇ تىلىغا قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر خاتىرىلەنگەن. مەسىلەن: 伯克 (بەگ)، 汗 (خان)، 秕珈 (بىلگە)، 琵琶 (باربىت)، 巴旦杏 (بادام) ... ۋەھاكازا. ئۇندىن باشقا، قەدىمكى سىلاۋىيان مىللەتلىرىمۇ تۈركىي تىللاردىن نۇرغۇن سۈزلەرنى قوبۇل قىلغان. مەسىلەن: КУРГАН (قورغان)، АРГАМАК (ئارغىماق)، БАГАТИР (باھادىر، پالۋان)، КАРАНДАШ (قاراداش ~ قاراتاش – گرافىت – قېرىنداش)، ПЕЦ (پېچ، مەش) ۋاھاكازالار. بۇ مىساللاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ سۆزلەر خەنزۇ ۋە رۇس تىللىرىغا يېڭىدىن كىرگەن سۆز بولماستىن، ئەكسىچە ناھايىتى يىراق ئۆتمۈشتە قوبۇل قىلىنغان. بەزى سۆزلەر شۇ تىلنىڭ ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىن ئورۇن ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرگەن.
تىل-يېزىق سىياسىتى دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ قانۇنى بولغان «ئاساسىي قانۇنى»غا ۋە «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» غا كىرگۈزۈلۈپ، قانۇن شەكلى بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلدى. «ئاساسىي قانۇن» نىڭ 4- ماددىسىدا: «مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە ...» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» 1988- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 7- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى دائىمى كېڭىشىنىڭ 34- سانلىق يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، شۇ چاغدىكى رەئىس تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئىمزاسى بىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ 3- نومۇرلۇق پەرمانى شەكلىدە ئېلان قىلىندى.
گوۋۇيۈئەن (1991) 32- نومۇرلۇق ھۆججەت چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتىگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئۇندىن باشقا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى نىزامى» 1993- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4- سانلىق يىغىنىدا ماقۇللاندى. شۇنىڭ بىلەن تىل-يېزىقىمىزنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى، قوللىنىلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇشى ھەقىقىي يوسۇندا قانۇنىي ئاساس ۋە كاپالەتكە ئىگە بولدى.
ھالبۇكى، پارتىيىنىڭ سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىزدە يەنە بىرمۇنچە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇد. بۇ يېتەرسىزلىكلەر دەل تىل-يېزىقىمىز نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلاردۇر. بۇ خىرىسلارنىڭ ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبلىرىنى تۈۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن.
ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر:
بىرىنچى، مىللەتلەر تىل-يېزىقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىجتىمائىي ئورنى، رولى ۋە مۇھىملىقىغا بولغان تونۇش ئانچە ئايدىڭ ئەمەس.
ئەسلىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بىلەن مىللەتلەر تىل-يېزىقىنىڭ تەرەققىياتى ئوڭ تاناسىپ بولۇشى، يەنى ئىسلاھات قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى، ئېچىۋېتىش قانچە كېڭەيگەنسېرى مىللەتلەر تىل-يېزىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىغا تېخىمۇ ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئوبدان جارى قىلدۇرۇش كېرەك ئىدى. لېكىن ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋال ئۇنداق بولمايۋاتىدۇ. بىر قىسىم ئورۇن ۋە تارماقلاردا ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىغا ھۆرمەت قىلمايدىغان، ئۇنى قوللانمايدىغان ياكى تولۇق قوللانمايدىغان، خەت-ئالاقە، ھۆججەتلەرنى خەنزۇچە يېزىقتىلا تارقىتىپ، شۇ جايدىكى ئاساسلىق ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىدا تارقاتمايدىغان، چوڭ- كىچىك يىغىنلاردا خەنزۇچە تىلدىلا سۆزلەپ تەرجىمان ئىشلەتمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇد. ئىلگىرى، نازارەت-ئىدارە دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تەرجىمە بۆلۈملىرى، ھېچ بولمىغاندا 1- 2 نەپەر تەرجىمان خادىم بار ئىدى. 5- 6 يىلدىن بۇيان بۇنداق بۆلۈم- ئىشخانىلار ئەمەلدىن قالدى. ھەتتا مەخسۇس تەرجىمان خادىملارمۇ سەپلەنمەيدىغان بولدى. مانا بۇمۇ مىللەتلەر تىل-يېزىقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىجتىمائىي ئورنى، رولى ۋە مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنىڭ يېتەرسىزلىكىنىڭ ئىپادىسى، مىللەتلەرنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى.
ئىككىنچى، بازار ئىگىلىكى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ تەكىتلىنىشى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنىڭ ماس قەسەمدە راۋاجلىنىش تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلدى.
بازار ئىگىلىكى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم بازارنى چىقىش قىلغاچقا، ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە ۋاقىتنى تېجەش قارىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ۋە مۇھىملىقىغا سەل قارالدى. دەرۋەقە، بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. شىنجاڭغا ئوخشاش مىللەت تەركىبى مۇرەككەپ ھەم تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغان جايلاردا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىق جەھەتتىكى باراۋەرلىكىنى تەكىتلەش، ئۇلارنىڭ تىل-يېزىقىغا ھۆرمەت قىلىش، تېگىشلىك جايلاردا ئۇنى قوللىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئۈچىنچى، خەنزۇچە ئۆگىنىشنى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى قوللىنىش بىلەن قارىمۇ قارشى قىلىپ قويۇپ، ئۇنى مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان خاتا خاھىشنىڭ باش كۆتۈرۈشى.
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش پارتىيىمىزنىڭ مىللەتلەر تىل-يېزىقىغا قاراتقان تۈپ سىياسىتى. سىياسەت ۋە قانۇننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش قىلماي، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشىغا سەل قاراش پارتىيىنىڭ سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇنى ئالدىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ. ھازىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزئارا تىل-يېزىق ئۆگىنىش تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسى، مەكتەپلەردىكى خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ كۈچەيتىلىشى بىلەن خەنزۇچە تىل- يېزىقنى بىلىدىغانلار خېلى كۆپەيدى. لېكىن بۇنى خەنزۇچە تىلنى پەقەت بىلمەيدىغان مۇتلەق كۆپ سانلىق ئامما بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار يەنىلا ناھايىتى ئاز ساننى تەشكىل قىلىدۇ. خەنزۇچە تىلنى بىلىدىغانلار كۆپىيىۋاتىدۇ دەپلا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى ئىشلەتمەسلىك پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە خىلاپ. ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىگە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش ۋە پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش.
سۇبيېكتىپ سەۋەبلەر:
بىرىنچى، بىرنەچچە قېتىملىق يېزىق ئۆزگەرتىش تىل-يېزىقىمىزنىڭ ساپ، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.
60 - يىللاردا لاتىن ھەرپى ئاساسىدىكى يېڭى يېزىق (پىنيىن)نى ئومۇملاشتۇرۇش، 80- يىللاردا يەنە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى كونا يېزىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەۋرىمىزدىكى كۆپلىگەن ياش ۋە ئوتتۇرا ياش كىشىلەرنىڭ ساۋاتسىز ياكى چالا ساۋات بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى. ئەينى چاغدىكى ھەددىدىن زىيادە «سول» چىللىق تىلىمىزنىڭ لېكسىكا سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى. تىلىمىزدا ئەسلىدە بار بولغان ئاتالغۇلار چىقىرىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خەنزۇچە ئاتالغۇلار ئىشلىتىلدى. يېزىق ئۆزگەرتىش بىزنىڭ يېزىق سۈپىتىمىزگە ئەڭ ئاۋۋال تەسىر قىلىپ، بەزى زىيالىلىرىمىزدا ئۆز ئىسىم-فامىلىسىنىمۇ توغرا يازالمايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردى. ئېلان تاختىلىرى ۋە تاۋار ماركىلىرىدىكى سانسىزلىغان ئىملا خاتالىقلىرىنى ۋە كۆرۈمسىز خەت نۇسخىلىرىنى كۆرگەن كىشى «بۇ ئۇيغۇر يېزىقى» دېيىشتىنمۇ نومۇس قىلىدۇ. بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، شىنجاڭدا ئېچىلغان پەننىي مەكتەپلەردە تاكى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىنكى خېلى بىر مەزگىلگىچە ئىنشا (ھۆسنخەت) دەرسى ئاساسىي دەرسلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئۆتۈلگەنىكەن. ۋەھالەنكى، ھازىر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، ھەتتا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتلىرىدىمۇ بۇ دەرس تېخىچە تەسىس قىلىنغىنى يوق.
يېقىندا، مەلۇم رايوندا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېزىق، ئىملا ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئىمتىھانى ئېلىنغاندا 23٪ ئوقۇتقۇچى لاياقەتسىز بولغان. بۇ رايون 80 دىن تۈۋەن نومۇر ئالغانلارنى قايتا ئىمتىھانغا ئورۇنلاشتۇرغان. ئىككىنچى قېتىملىق ئىمتىھاندا لاياقەتسىزلەر نىسبىتى 3٪ كە چۈشكەن. 80 دىن تۆۋەن نومۇر ئالغانلار ئۈچىنچى قېتىم لىق ئىمتىھانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇلار لاياقەتسىزلەرگە جەرىمانە قويۇپ، ئەلالارنى تەقدىرلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ خېلى نەتىجىگە ئېرىشكەن. بۇ تەدبىرنى شىنجاڭ بويىچە ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا كېڭەيتىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئوقۇتقۇچىلار كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ھەر جەھەتتىن، جۈملىدىن تىل-ئىملا جەھەتتىن ئۈلگە بولۇشى كېرەك. (بۇ تەدبىر كېيىنچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىقى خىزمىتى كومىتېتى تەرىپىدىن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ داۋاملىق تەربىيە نىشانى قىلىنىپ، ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىندى. ئۇلار 90 نومۇردىن تۈۋەنلەرنى لاياقەتسىز ھېسابلاپ، قايتا ئىمتىھانغا ئورۇنلاشتۇردى. نەتىجىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىل-يېزىق، ئىملاغا سەل قاراش كەيپىياتى تۈگىتىلىشكە باشلىدى.)
ئىككىنچى، ساپايىمىزنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە بىپەرۋالىقىمىزدىن ھازىرقى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا، ھەتتا نۆۋەتتىكى ئىملا قائىدىسى ۋە تەلەپپۇز قائىدىسىنىڭ تەلىپىگىمۇ يېتىشەلمەيۋاتىمىز.
گەرچە ھازىر بىرقەدەر مۇكەممەل ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى تۈزۈلۈپ، ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى تارقىتىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىلمىي قائىدىسىگە بولغان تونۇش يېتەرسىز، مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى كەمچىل، ئاڭلىق قاراش چولتا بولغانلىقتىن، ئۇنى توغرا ئىگىلىيەلمەي، ئانا تىلغا قارىتا مەسۇلىيەتسىز پوزىتسىيە تۇتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇد. ھەتتا ئۆزىنى زىيالىي دەپ ھېسابلايدىغان بەزى كىشىلەرمۇ «ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسىنى ئۆگىنىش بىر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىشتىنمۇ تەس ئىكەن» دەپ ۋايسىماقتا. مانا بۇ، ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى ۋە ساغلاملىقىغا بولغان تونۇشنىڭ نەقەدەر تۆۋەن، تىل-يېزىقىمىزغا تۇتقان بىپەرۋا پوزىتسىيىمىزنىڭ قايسى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يېزىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشىنىڭ ئىملاسىنىڭ توغرا- خاتالىقى، خېتىنىڭ كۆركەم ياكى سەتلىكى بىراۋنىڭ كىشىلەرگە بېرىدىغان تۇنجى تەسىراتى ۋە شۇ كىشىنى چۈشىنىشتىكى تۇنجى ئامىلدۇر. شۇڭا، يېزىق ۋە ئىملاغا يەڭگىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىقىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىل-يېزىقىمىزنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ھۆرمەتلىشىمىز، ئۆزىمىز قەدىرلىشىمىز لازىم.
ئوقۇتقۇچى تىلى ۋە رادىئو-تېلېۋىزىيە تىلى ئەدەبىي تىل ۋە ئەدەبىي تەلەپپۇزنىڭ نورمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ تاكى ئالىي مەكتەپلەرگىچە، بەزى ئوقۇتقۇچىلار ۋە رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدىكى دىكتور-رىياسەتچىلەر، ئاۋاز ئارتىسلىرىدا ئۆلچەملىك ئەدەبىي تەلەپپۇزدا سۆزلەش تېخى ئومۇملىشىپ كېتەلمىدى. تەرجىمە فىلىملىرىمىزنىڭ تىلىمۇ بەزى نۇقسانلاردىن خالىي بولالمايۋاتىدۇ. ئاۋاز ئارتىسلىرى ۋە دىكتور-رىياسەتچىلەر بەزى يەر-جاي ناملىرى، ئادەم ئىسىملىرى ۋە پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنى توغرا تەلەپپۇز قىلالمايدىغان ئەھۋاللار پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇمۇ ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتىگە بولغان تونۇشىمىز، بىلىمىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكى، تىل-يېزىقنىڭ رولىغا بولغان بىپەرۋالىقىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئۈچىنچى، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تەربىيىلەنگەن تەرجىمان، مۇھەررىر ۋە كوررېكتورلىرىمىزنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسىنىڭ بىرقەدەر تۆۋەن بولۇشى تىل-يېزىقىمىزنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە گۈزەللىكىگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ئىلگىرىكى بىر ئەۋلاد تەرجىمان، مۇھەررىرلىرىمىزنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى شۇ قەدەر يۇقىرى ئىدىكى، ئۇلارنىڭ قەلىمى بىلەن دۇنياغا كەلگەن تەرجىمە ئەسەرلىرى كىشىگە خۇددى ئۆز ئانا تىلىمىزدا يېزىلغان كلاسسىك نەزمىلەرنى ئوقۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بىلەن روياپقا چىققان «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «سۇ بويىدا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «غەربكە ساياھەت» قاتارلىق خەنزۇ كلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمىسىگە ئاپىرىن ئوقۇمايدىغان بىرمۇ ئوقۇرمەن يوق. ۋەھالەنكى، ھازىر كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە خەنزۇ تىلىنى بىلگەن كىشىنىڭ ھەممىسى تەرجىمان بولالايدۇ، دەيدىغان خاتا قاراش ھۆكۈم سۈرگەچكە، خەنزۇچە ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئانا تىل سەۋىيىسىنىڭ قانچىلىك بولۇشى بىلەن ھېسابلاشماي، لۇغەت-قوللانمىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، بىر-ئىككى پارچە تەرجىمە ئەسىرى ئېلان قىلىشقا ئالدىرىماقتا. شۇنىڭ بىلەن سۆزلىرى ئۇيغۇرچىدەك، لېكىن جۈملىلەر ئانا تىل قائىدىسىگە يات بولغان «تەرجىمە مەھسۇلى» بولمىش كىتاب ۋە ماقالىلەر دۆۋىلىرى بېسىلىپ چىقىۋاتىدۇ. بۇ «تەرجىمان»لىرىمىز ئانا تىلنىڭ گرامماتىكا قۇرۇلمىلىرى، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ۋە لېكسىكا بايلىقىغا خام بولغاچقا، تەرجىمە ئەسەرلىرى (مەيلى ئۇ ئەدەبىي ئەسەر، ئىلمىي ئەسەر ياكى كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىملىرى بولسۇن) خەنزۇچە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ۋە گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىلىرىنىڭ ئەينەن كۆچۈرۈلمىسى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇھەررىرلەر ئۆز خىزمىتىگە مەسۇلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتماي، ئەسەردە سىياسىي خاتالىقنىڭ سادىر بولماسلىقىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، تەرجىمە سۈپىتىگە، تىل ئىشلىتىش سەنئىتىگە، ئانا تىلنىڭ جۈملە شەكىللىرى ۋە جۈملە تۈزۈش قائىدىلىرىگە سەل قارايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇد.
يولداش جياڭ زېمىن شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: «شىنجاڭدا مىللەتلەرنى تېخىمۇ ئىتتىپاق، جەمىيەتنى تېخىمۇ مۇقىم قىلىش ئۈچۈن، ‹قوش تىللىق› بولۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل- يېزىقىنى قوللىنىش بىلەن بىللە، خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشنى كۆرسىتىشتىن تاشقىرى، خەنزۇلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خەنزۇ كادىرلار ئەلۋەتتە شۇ يەردىكى ئاساسلىق ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى چۈشىنەلەيدۇ. ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ بېرەلەيدۇ» دەپ كۆرسەتتى. مىللىي تىل- يېزىق بىر مىللەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەبىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى تارقىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە شۇ مىللەتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم قورالى. بىر مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن شۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئومۇميۈزلۈك نەزەر سېلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ مىللەتنىڭ دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش يولىدا ئېلىپ بارغان كۆرەشلەردە ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بىز ھازىر ھەممە جەھەتتىن ئۇچقانداق تەرەققىيات بولۇۋاتقان يېڭى دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت بىزدىن يېڭى- يېڭى پەن- تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، بىلىمىمىزنى ئاشۇرۇشنى، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، يېڭى ۋەزىيەتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلماقتا. بىلىم ئىگىلەشتە ئەلۋەتتە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقى ئاساس قىلىنىدۇ. پەن-تېخنىكا خادىملىرى، جۈملىدىن تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى زىيالىيلىرىمىزمۇ ئانا تىل-يېزىقىمىزنىڭ قائىدە- قانۇنىيەتلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە تارتماسلىقى كېرەك. شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مىللەتلەر تىل- يېزىقىنىڭ ئىجتىمائىي رولىدىن تولۇق پايدىلىنىشتا ھەر دەرىجىلىك ئوگانلاردىكى مىللىي رەھبەرلەرنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆز تىل-يېزىقىغا ھۆرمەت قىلدۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش بىلەن بىللە، خەنزۇ رەھبەرلەرنىڭمۇ بۇنىڭغا ماركسىزملىق نۇقتىئىنەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى تەكىتلەش كېرەك. تىل-يېزىقىمىزنىڭ يۇقىرىقى خىرىسلاردىن قۇتۇلۇپ، ساپ، ساغلام راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تىل-يېزىق ئورگانلىرى يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇشى، مائارىپ، مەتبۇئات، رادىئو-تېلېۋىزىيە تارماقلىرى ئەمەلىي رول ئوينىشى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى خادىملار ۋە كەڭ ئامما پائال ھەرىكەتكە كېلىشى زۆرۈر. چۈنكى، «مىللەتنى مەڭگۈلۈك مىللەت قىلىپ تۇرغان نەرسە __ ئۇنىڭ تىل-يېزىقى، ھەربىر تىل-يېزىق ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئۇلۇغ!» (چىڭغىز ئايتماتوۋ)


http://hi.baidu.com/aptap/blog/item/b2cde464a1a8bde0f636547c.html


تولدى بۈگۈن بارچە دىلغا ئىشقى پىراق ، لىكىن كەمدۇر بىر - بىرىگە مىھرى ۋاپا . تىپىلمايدۇ ھىچ كىشىدىن ئىنساپ بىراق ، تارقالدىغۇ ئەجەپ  بىر خىل نىجىس ۋابا . .....بەھرام

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1169
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16244
تۆھپە نۇمۇرى: 964
توردا: 4386 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 09:58:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .قېرىندىشىم سىزگە بىر مەسلىھەت بىرەي ..ماۋۇ ئىنچىدە ۋەزىيەتتە ئاۋۇ ئامىرىكا بايرىقىنى باش سۈرەت قىلىۋالسىڭىز ياخشى بولماس .كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قالسىڭىز چوڭ ئىشلارغا توسالغۇ بولىدۇ .ئويلىنىپ باقارسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1781
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10030
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 5382 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 11:17:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىك دۆلەت، پۇخرانىڭ ئاغزىغا پېچەت سالغىنى يوق، بىزمۇ مۇشۇ دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق پۇخراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاپتونۇم رايونىمىزدا كۆپ سانلىق ھېسابلىنىمىز. تېگىشلىك ئورنىمىزنى ۋە ھوقۇقىمىزنى قانۇن بويىچە تەكىتلەش مېنىڭچىمۇ گۇناھ ئەمەس. پارتىيە ئادىل بوغاچقا 56 مىللەتنى گۈلدەك باشقۇرۋاتىدۇ.  مىللەتچىلىككە بىزمۇ پارتىيەمۇ ئۆچ. بۇ توغرىسىدا  ئەرزى ھالىمىزنى پارتىيە ھۆكۈمەتكە دېمەي كىمگە دەيمىز .

ئۇيغۇر بالىلىرى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15067
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10361
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3636 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 01:03:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2-قەۋەت (urkesh) نىڭ يازمىسىغا

ئاللاھ بار قىرىندىشىم ئاللاھدىن كىيىن  باشقىلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1781
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10030
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 5382 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 01:27:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ بار قىرىندىشىم ئاللاھدىن كىيىن  باشقىلار
---------------
توغىرا دەيسىز قېرىندىشىم، ئاللاھ دېمىسەكمۇ ئەھۋالىمىزنى كۆڭلىمىزنى ياخشى چۈشىنىدۇ.  چۈشەنمىگەنلەرگە دەۋاتىمەن،، [s:165]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20497
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6004
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2010-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 01:37:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:144]
ئسىت ئاتا-بوۋىلىرىمىز تەرىپدىن تەرەققى قىلپ ، بىيپ ، مۇكەممەللەشكەن ئاناتىل ئەمدى بىزدەك يارىماسلارغا كەلگەندە مۇشۇنداقلا ۋەيران بولارمۇ؟ كۆزىمىزنى پاقىرتىپ قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ئامال يوقمىدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20973
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6016
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2010-12-6
ئاخىرقى: 2010-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 05:48:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپتىن - كۆپ رەھمەت ئېزىز قېرىندىشىم!
سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىزنىڭ تەغدىرى ئۈستىدە باش قاتتۇرۇپ يېزىلغان بۇ يازمىدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم!
ئەلبەتتە ھېچ قايسىمىز مىللەتچىلىك قىلىش تەرەپتارىدا ئەمەسمىز. ئەمما ئەمىلىيەت كىشىنى سۆزلىتىپ قويىدىكەن. ئۇيغۇر تىلى ھەرگىزمۇ چەتكە قېقىشقا ، يەكلىنىشكە ئۇچرىماسلىغى كېرەك ئىدى. ئەمما سىياسەت ، پىرىنسىپ مۇشۇ ”قوش تىللىق بولۇش “ جەھەتىدە ئاساسىي قانۇننى يىتەكچى قىلمىغانلىغى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر تىلى ھەقىقىتەن ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ....!

ئاخىرىدا بىر مەسلىھەتىم، سىز باش سۈرىتىڭىزنى ھايال قىلماي يەڭگۈشلىۋېتىڭ. باش سۈرىتى قىلغۇدەك نى ياخشى رەسىملەر بار. ئەگەر خالىسىڭىز مەن بىر قانچىنى يوللاپمۇ بىرەلەيمەن(؟)

ئاللاھ بۇيۇك!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش