
مۇھەببەت لېرىكىلىرى
مۇھەببەت ئىنسانلار قەلبىدىكى ئاق كۆڭۈللۈك ، سەمىمىيلىك ، مىھرىبانلىق ، كۆيۈمچانلىق ، ساپ ئەقىدە ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان ئەڭ نازۇك تۇيغۇ ، ئادەملەر بىلەن ئادەملەرنى ، تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ھاياتلىقنى بىر بىرىگە باغلاپ ، كىشىلەرگە ياشاشنىڭ چىن مەنىسنى ھېس قىلدۇرىدۇ .
مۇھەببەت__ ئانىنىڭ ئىللىق سۆيۈشى ، دادىنىڭ مىھىرلىك پەپىلەشلىرى .

مۇھەببەت __ ئاشىقنىڭ مەشۇقىغا چىن كۆڭلىدىن سوۋغا قىلغان ئەتىرگۈلى . ئۇ بولسا كىچىك بالىغا بولغان كۆيۈنۈش .

مۇھەببەت دوستلۇق دەرىخى .

مۇھەببەت بىر بىرىنى چۈشىنىش ۋە قوللاش .

مۇھەببەت باشقىلارغا كەڭچىلىك قىلىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىش .

مۇھەببەت ئاسماندىكى مەڭگۈ پاتماس قۇياش .
مۇھەببەت ئىلھامنىڭ بۇلىقى .

مۇھەببەت كۆڭۈل يارىسنى داۋالايدىغان خاسىيەتلىك دورا .
مۇھەببەت ئۇ تۈن كىچىدىكى شام ، قەھىرتاندىكى مەش .

مۇھەببەت بىر تال ئاچقۇچ ئۇ ئارقىلىق قەلىپ ئىشكىڭىزنى ئاچالايسز ھەم تاقىيالايسىز .

مۇھەببەت چەكسىز قۇملۇقتىكى يىشىللىق ئارىلى ، ئۇ ھىرىپ .ئاچقان يولۇچىلارغا كۈچ قۇۋۋەت ۋە ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ .
مۇھەببەت دېڭىزدىكى بىر پورت ، ئۇ چارچىغان ماتروسلارغا ئاراملىق ھېس قىلدۇرىدۇ .

مۇھەببەت يىقىملىق ئىللىق شامال ، ئۇ ھاياتتىكى ئەندىشىلىك ۋە ئازاپلارنى يىنىكلىتەلەيدۇ .
مۇھەببەت مۇئەللىمنىڭ ئاغرىق ھالدا دەرس سۆزلىگەندىكى ئىرادىسى .
مۇھەببەت دەرس ئارلىقىدىكى مۇئەللىمگە سۇنۇلغان بىر پىيالە ئىسسىق چاي.
مۇھەببەت ئاتا ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئىۋەتىلگەن مۇبارەكنامە .

مۇھەببەت ئىنسانلاردىكى بىر خىل ئۆزگىچە ھەم قىممەتلىك ھېسيات .
باھار قۇياش بىلەن ئىللىق بولغىنىغا ئوخشاش ، ئىنسانلار تۇرمۇشىمۇ مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ھەم سۆيۈملۈك . مۇھەببەتكە ھېچقانداق نەرسىنى قىممەت ئۆلچىمى قىلغىلى بولمايدۇ .
ئەجداتلىرىمىز بىزگە پاك مۇھەببىتى ئارقىلىق نەمۇنە قالدۇرغان ، لىكىن بىزنىڭ قەلبىمىزدە يىلتىز تارتىشقا باشلىغان شەھۋەتپەرەسلىك ، ئادەمىيلىكنىڭ نىمىلىكىنى ئۇنتۇغان ساختا تۇرقىمىز ، بىزنى چىن مۇھەببەتتىن مەھرۇم قالدۇرۋاتىدۇ ، ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەر ھېسياتىمىزنىڭ سىرتىدا قىلىپ ، شەھۋانىيلىك ، ئىچىملىك ، چىكىملىك ، ئەيشى ئىشرەت بىزنىڭ ھۇزۇرلىنىدىغان ئىشىمىزغا ئايلىنىپ قىلۋاتىدۇ ، مۇھەببەت گۈزەل بولغان ئىكەن مۇھەببەتكە بىغىشلانغان نەرسىلەرمۇ گۈزەل بولىشى كىرەك ئىدى ، ئەپسۇسكى بەزى ياشلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە پاك گۈزەل نەرسىلەرگە ئاتا ئانىلارغا بەرگۈدەك مۇھەببەت قالمايۋاتىدۇ ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مۇھەببەت مەڭگۈ ئىرىشكىلى بولمايدىغان نەرسگە ئايلىپ قىلۋاتىدۇ ،ئىنسانىيەت دۇنياسى مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ، ئىنسانلار پاك مۇھەببەت ئارقىلىق ئۆز كىلەچىكىنى يارىتىدۇ .

ئەسلىدە مۇھەببەت دىگەن ئىنسانلارنىڭ نۇر يولى ، ئۇ گۈزەللىك مەزمۇنلىرى ، ھايات روھىنى ھىس قىلىش ئۈچۈن ، ياراتقۇچىنىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان بىباھا بايلىقىدۇر ، شۇڭا ئىنسان مۇھەببەتسىز ياشىيالمايدۇ ، مۇھەببەتسىز ئىنسانلىقنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ . شۇڭا ئىنسان مۇھەببەتكە يىمەك ئىچمەككە ، ئۇيقۇغا موھتاج بولغاندەك موھتاجدۇر .
ئاتا ئانىغا بولغام مۇھەببەت جىمى مۇھەببەتلەرنىڭ ئاساسى ، ياراتقۇچى ئىنسابىنى بەرگەن ، تەربىيە سىڭگەن پەرزەنىتلەرنىڭ قەلبىدە ئاتا ئانىسىغا بولغان مۇھەببەت يالقۇنلاپ تۇرىدۇ ، ئاتا ئانىسى ئۈچۈن ئۈنسىز كۆيۈپ يۈرىيدۇ ، چۈنكى ئاتا ئانىغا مۇھەببەت باغلاشمۇ ئىنسانىي خىسلەتلەرنىڭ مۇھىملىرىنىڭ بىرىدۇر . \
ئىنسانلاردا ھەر تۈرلۈك مىھىر بولىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئانا مىھرى ئەڭ سەمىمىي ، ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ مۇقەددەستۇر .
دۇنيادا تۇرلۇك مىھرى مۇھەببەت بولىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت ئانا مۇھەببىتىلا ئەڭ چوڭقۇر ، ئەڭ مولدۇر .

نۇرغۇن مۇھەببەت ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇشقا موھتاج ، پەقەت ئانىلىق مۇھەببەتلا ھېچنىمە تەلەپ قىلمايدۇ .

نۇرغۇن مۇھەببەت جاۋاپ قايتۇرۇشقا موھتاج ، پەقەت ئانىلق مۇھەببەتلا مەڭگۈ بەدەل تۆلىگىچىدۇر ،
نۇرغۇن مۇھەببەت ۋاقت ئۆتكەنسىرى قىرىيدۇ ، سۇسلىشىدۇ ، پەقەت ئانىلىق مۇھەببەتلا مەڭگۈ قىرىمايدۇ .
مەنبە : "مۇھەببەت" ناملىق كىتاپ
مۇھەببەت لېرىكىلىرى 1 مۇھەببەت لېرىكىلىرى2 مۇھەببەت لېرىكىلىرى 3 مۇھەببەت لېرىكىلىرى4 مۇھەببەت لېرىكىلىرى 5 مۇھەببەت لېرىكىلىرى 6