|
|
|
|
جەنۇبىي ئەزەربەيجان تۈركنىڭ سۇنغان بىلى
ئەزەربەيجان ئوسمانلى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان بەل ئىدى . روسىيە ئەرمەنلەر ئارقىلىق شىمالىي ئەزەربەيجاننى ئەنگىلىيە فارىسلار ئارقىلىق جەنۇبىي ئەزەربەيجاننى كونترول قىلىپ ۋە ئىككىگە پارچىلاپ ، تۈرك دۇنياسىنى قاپ بەلدىن سۇندۇرغان ئىدى . ھازىر روسىلار بىلەن فارىسلار بىرلىشىپ بۇ سۇنغان بەلنىڭ قايتا تۇتىشىشىنى چەكلەۋاتىدۇ .
ئەزەربەيجانلارنىڭ دۇنيادىكى نوپۇسى 35 مىليۇن ئەتراپىدا بولۇپ ئەزەربەيجان ، ئىران ، تۈركىيە ، روسىيە ، گورجىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشايدۇ ( ئازەرىلەرنىڭ پۇقراۋى تەشكىلاتلىرى دۇنيا بويىچە 50 مىليۇن ئەتراپىدا ئازەرى بار دەپ قارايدۇ ) . تۈرك تىلىنىڭ ئوغۇز گورۇپىسىدا سۆزلەيدۇ . شىئە مۇسۇلماندۇر .
11- ئەسىردە سالجۇقلار ئىمپىرىيەسى قۇرۇلغاندا ئازەرىلەر سالجۇقلارنىڭ مۇھىم تەركىۋى بولغان ، 14- ئەسىردە تۆمۈرلەڭ ئىمپىرىيەسىنىڭ تەركىۋىگە كىرگەن ، 15- ئەسىرگە كەلگەندە بۇ تىرىتورىيەدىكى تۈركلەر قارا قۇيۇنلۇق تۈركمەنلەر ( سۈنى مۇسۇلمان ) ۋە ئاق قۇيۇنلۇق تۈركمەنلەر ( شىئە مۇسۇلمان ) دەپ ئىكىگە بۆلۈنگەن .
1501- يىلى شىئە تۈركلەر سەفەۋى خانلىقىنى قۇرغان بولۇپ ئۇلارنىڭ تىرىتورىيىسىگە ھازىرقى ئىران ۋا كافكاز قاتارلىق رايۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان .
1722- يىلى ھاكىمىيەت ئالمىشىپ دۆلەت نامى قاجار بولغان . 1828 - يىلى روسلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يىڭىلىپ تۈركمەنچاي(Türkmenchay) شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ ھازىرقى ئەزەربەيجان ، ئەرمىنىستان ، گروزىيەنىڭ بىر قىسمى ۋە روسىيەنىڭ داغىستان قىسمى روسىيە ئىمپىرىيىسىگە بۆلۈپ بىرىلگەن . 1906 - يىلى قاجار خانلىقى يىمىرىلىشكە باشلىغان .
1921- يىلى بىرتانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ تۈركلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە ئاپىسى فارس بولغان ئىنگىلىس ئوقۇتقۇچى تەربىيلىگەن شاھزادە ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت نامىنى ۋە مىللەت نامىنى ئالماشتۇرۇپ فارسلار ھاكىميەت بىشىدىكى پەھلىۋى خانلىقىنى قۇرغان . جەنۇبى ئەزەربەيجاندا 1941 - يىلى سوۋىت روسىيەسىنىڭ ياردىمىدە سەيىد جافار پىشىۋارى رەھبەرلىكىدە تەبرىزنى باشكەنت قىلىپ ئەزەربەيجان خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان . 1946 - يىلى ئامرىكا ۋە ئەنگىلىيەنىڭ تەلىۋى بىلەن سوۋىت ئارمىيىسى ئەزەربەيجان خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن چىكىنىپ چىققان .
پەھلىۋى خانلىقى 1946- يىلى تەبرىزگە قايتا ئارمىيە كىرگۈزگەن ۋە بارلىق ئەزەربەيجانچە ( تۈركچە ) كىتابلارنى كۆيدۈرگەن ھەم 40 نەچچە مىڭ ئادەمنى قەتلى قىلغان . 1979- يىلى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان . ئىران دائىرلىرىنىڭ ئىيتىشىچە ئازەرىلەر ئىران ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %32 نى ئىگەللەيدىكەن ، لىكىن ئازەرى تەشكىلاتلارنىڭ دىيىشىچە ئىران ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %51 نى ئىگەللەيدىكەن . لىكىن ئىراندا ئازەرىلەرنىڭ ئانا تىلىدىكى بىرمۇ مەكتىۋى ياكى نەشىريات ھەم تەشۋىقات ۋاستىلىرى يوق ئىكەن . تىل داۋاسى ۋە مۇستەقىللىق داۋاسى قىلغانلار دارغا ئىسىلىدىكەن ياكى قامىلىدىكەن .
1991- يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولدى . 1992 يىلى 200 مىڭ نوپۇسقا ئىگە قاراباغ ئەرمەنلىرى روس ۋە فارسلارنىڭ ياردىمىدە ئەزەربەيجاندىن ئايرىلىپ ئەرمىنىستانغا قوشۇلۇش ئۈچۈن ئەزەربەيجان بىلەن ئۇرۇش قىلدى ، نەتىجىدە 10 نەچچە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئادەمنى ئانا يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىپ ئەزەربەيجاننىڭ %20 دىن ئارتۇق زىمىنىنى بىسىۋالدى .
ئەزەربەيجانلارنىڭ نوپۇس جايلىشىشى
ئىران | 18 مىليۇن - 23 مىليۇنغىچە | ئەزەربەيجان | 8,205,500 | تۈركىيە | 800,000 | روسىيە | 1.5 مىليۇن - 2.5 مىليۇنغىچە | گۇرجىستان | 284,761 | قازاقىستان | 78,300 | گىرمانىيە | 55,000 | ئوكرانىيە | 45,200 | گوللاندىيە | 17,000 | ئامرىكا | 5,553 | كانادا | 3,465 | ئاۋىستىرالىيە | 1,000 | ئىستونىيە | 880 | ئاۋىستىرىيە | 290 | دانىيە | 116 |
مەنبە : غالىپ ئەلقۇت بىلوگى
|
|
|
|
|
|