مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1406|ئىنكاس: 16

ئەجدادلىرىمىز ياراتقان بەش چوڭ كەشپىيات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 116
يازما سانى: 530
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10324
تۆھپە نۇمۇرى: 492
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-5 05:24:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئۆزلىرىگە خاس مەدەنىيەتنى ياراتقان . ماكانلاشقان دىيارىغا ماسلىشىپ ھەم ئۇنى كزلەشتۈرۈپ - ۆزگەرتىپ ، ماددىي - مەنىۋىي جەەەتلەردىن ئەينى ماكان ، ئەينى زاماندا ئالەمشۇمۇل يېڭىلىقلارنى ياراتقان . يەنە شۇنداق يېڭىلىقلاردىن << بەش يېڭىلىق >>نى ئالاھىدە بايان قىلىشقا ئەرزىيدۇ .



1 - كارىز
<< كارىز >> سۆزى پارسچە سۆز ، مەنىسى << يەر تېگىدە سۇ ئاقتۇرۇلىدىغان ئېرىق >> دېگەنلىكتۇر . بۇ نامنىڭ قاچان قويۇلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق . كارىز دېيىلگەن بۇ مۆجىزىلىك سۇ ئىنشائاتى ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ياشىغان ماكانلاردىن << تۇرپان ئويمانلىقى >> ( جۈملىدىن تۇرپان ، توقسۇن ، پىچان ۋە قۇمۇللار )غا مەركەزلەشكەن ۋە كۇچانىڭ ئايرىم رايونلىرىدا ئۇچرايدۇ . ھەتتا كېسەك قۇيۇش ئۈچۈن يەرنى تۆت چاسا ئويۇپ ، سۇ يىغىدىغان ئورەكمۇ << كارىز >> دېيىلىدۇ . تىل ماسلاشقاق ۋە ئۆتۈشكەك ھەم يەڭگىللىكنى خالايدىغان ئالاقە قورالى ئىكەن . ئۇيغۇرلار << ئەت >> ، << ئەكمەك >> ، << ئگۈز >> دېگەندەك قەدىمكى سۆزلىرىنى تاشلىۋېتىپ ، ئورنىغا << گۆش >> ، << نان >> ، << دەريا >> دېگەندەك پارسچە سۆزلەرنى ئىشلەتمەكتە . بۇ ، بىر قانچە ئەسىرلىك ئەدەبىي تىل تەرەققىياتىدا كۆرۈلگەن ھادىسە . بىرەر نەرسىنىڭ مىللىي خاسلىقىنى ئۇنىڭغا قويۇلغان نام بىلەن كەسكىن ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ .
جۇڭگونىڭ سۇ ئىنشائاتلىرى تارىخىدا ، كىشىلەر كارىز بىلەن چاڭچېڭ ( سەددىچىن سېپىلى ) ۋە يۈنخې ( قانال )نى قەدىمكى دەۋردىكى ئۈچ چوڭ ئىنشائاتىمىز دەپ تەرىپلەيدۇ . مۇئەللىپلەردىن ئەن زوجاڭ << ئىككى خەن بىلەن غەربىي دىيارنىڭ مۇناسىۋەت تارىخى >> دېگەن كىتابىدا : << گىئولوگ خۇاڭ جىچىڭنىڭ ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا ، پەقەت تۇرپان تەرەپتىكى كارىزلارنىڭ ھەممە يېپىق ئېرىقلىرىنى تۇتاشتۇرۇدىغان بولسا 2500 كىلومېتر كېلىدىكەن . ئۇنىڭ پىكرىچە ، بۇنداق زور ئىنشائاتنى سەددىچىن سېپىلى ۋە چوڭ قانال بىلەن بىرلىكتە ئۈچ چوڭ ئىنشائات دەپ ئاتاشقا بولىدۇ >>غانلىقىنى قەيت قىلىدۇ . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، شەرقىي شىنجاڭدا _ تۇرپان ئويمانلىقىدا جەمئىي 1160 كارىز بار ئىكەن .
تارىخىي يازما مەنبەلەردىمۇ بازى ئىشارەتلەر بار . سۇڭ خانلىقىنىڭ ئەلچىسى ۋاڭ يەندېنىڭ خاتىرىنامىسىدە : << سۇلىرىنىڭ مەنبەسى ئالتۇن ئارت ( تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي تارماقلىرىدىن بىرسى )دىن باشلىنىدىكەن . ئېرىقلار شەھەر ئەتراپىنى چۆرگىلەپ ئۆتۈپ ، ئېتىز ، باغ - ۋارانلىرىنى سۇغۇرۇدىكەن . سۇدىن تۈگمەن چۆرگىلىتىدىكەن >> دەپ يېزىلغان . تۇرپان ئويمانلىقىدىكى كارىزلار تەڭرىتاغ ئېتىكىدىن كولىنىپ ، تولىسى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئاقتۇرۇلغان .
تۇرپاننىڭ قاتتىق ئىسسىق بولىدىغان قۇرغاق كېلىماتىدا سۇنىڭ ئوچۇقچىلىقتا پارغا ئايلىنىشى تېز بولغاچقا ، ئەنە شۇنداق كارىز دېگەن يېپىق ئېرىق كەشپ قىلىنغان . چارۋا مال ئۈچۈن ئوتلاق كەم بولغاچقا ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتەكلىرىدە يايلىتىلغان . ھەتتا ئىدىقۇت خانلىرى جانبالىق ( جىمسار )نى يازلىق پايتەخت قىلغان . دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرى ( مەسىلەن ، شىئەن ۋە شەرقىي ئىران )دا كارىز چېپىلغان بولسىمۇ لېكىن تۇرپان ئويمانلىقىدىكىدەك تەرەققىي قىلمىغان ۋە بۈگۈنگىچە ساقلانمىغان .



2 - پاختا
ئەجدادلىرىمىز تۇرپان ئويمانلىقى ۋە تارىم بويلىرىدا بۇغداي ، ئارپا ، تېرىق ، شال قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى ، چامغۇر ، تۇرۇپ ۋە شۇنىڭدەك كۆكتاتلارنى ، ئۆرۈك ، شاپتۇل ، ئالما - ئانار ، ئۈزۈم - ئۈجمە ، قوغۇن - تاۋۇز ۋە باشقا مېۋە - چېۋىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ - تىكىپ ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە پاختا ، چېگە - لەندىر قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ تىككەن . پاختىنى مىسال قىلساق ، ئادەتتە كىشىلەر پاختىنى غەربتىن ۋە ھىندىستاندىن كىرگەن دەپ بىر تەرەپلىمە پىكىر بايان قىلىشىۋاتىدۇ . ئېھتىمال پاختىنىڭ يېڭى سورتلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇشى مۇمكىن . بىراق تەڭرىتاغ ئورمانلىقىدا ياۋا كېۋەز ئۆسۈدىغانلىقى خېلى بۇرۇنلا مەلۇم بولغان .
جۇڭگودا پاختا توغرىسىدا ئەڭ بالدۇرقى مەلۇمات << لياڭنامە >>دە قەيت قىلىنغان . لياڭ _ شىمالىي - جەنۇبىي خانلىقلاردىن بىرى ، 502 _ 557 - يىللىرى يەنى 55 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بۆلۈنمە خانلىق . << لياڭنامە >> ( تاڭ دەۋرىدە ، ياۋ سىليەن تۈزگەن )نىڭ << غەربىي شىمالىي رۇڭلار تەزكىرىسى >>دە مۇنداق يېزىلغان : << گاۋچاڭ ( قۇچۇ ) مەملىكىتىدە . . . دەل - دەرەخ ، ئوت - چۆپ تولا . مېۋىسى پىلە غوزىسىدەك ئۆسۈملۈك بار ، غوزىسىدىن يىپەككە ئوخشاش ئىنچىكە تالا چىقىدۇ ، بۇنى بەختەس دەيدۇ ؛ بۇ لدىكىلەر ئۇنىڭدىن رەخت توقۇيدۇ ، رەختى ئاپپاق ، بازاردا سېتىلىدۇ >> . مۇشۇ مەزمۇندىكى بايان << كونا تاڭنامە >> ، << يېڭى تاڭنامە >> ۋە << خەيلۇ زاشى >> ، << گۇاڭيۈجى >> دېگەن كىتابلاردىمۇ تەكرارلانغان . دېمەك ، پاختىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرگە مەلۇم بولغان ۋە كىرگەن ۋاقتى 6 - ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ .
ئەمما ، پاختا مىلادىدىن ئىلگىرىكى چاغلاردا ، قۇچۇ - ئۇدۇن قاتارلىق يەرلەردە ئالىقاچان ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ، ئۇنىڭدىن تۈرلۈك رەختلەر توقۇلغان ۋە تۇرمۇشتا كەڭ ئىستېمال قىلىنغان . چۈنكى نىيە مەدەنىيەت ئىزىدىن ( ئارخېلوگىيىلىك ئاخىرقى ۋاقىت چېكى شەرقىي خەن دەۋرى ، يەنى مىلادى 25 _ 220 - يىللىرى ) ئەر - خوتۇن بىللە كۆمۈلگەن قەبرىدىن نۇرغۇن يىپەك ، يۇڭ - توقۇلمىلار بىلەن بىللە ئىككى پارچە كەمزەك ( كۆك باسما بۆز ) تېپىلغان . قۇچۇ - تۇرپان رايونىدىن ( جىن دەۋرىدىن شىمالىي خانلىقلار دەۋرىگىچە ، يەنى 3 _ 6 - ئەسىرلەرگىچە تەئەللۇق ) پاختا توقۇلمىلار چىققان . ئۇيغۇر تىلىدا ، ئېتىزدىكى پاختا ئۆسۈملۈكىنى << كېۋەز >> ، ئۇنىڭدىن چىققان مەھسۇلاتنى << پاختا >> دەيدۇ ، پاختىدىن توقۇلغان ئاق رەختنى << بۆز >> دەيدۇ ( بۆزنىڭ سىپتە توقۇلغىنىنى << تولىما >> ، قېلىن توقۇلغىنىنى << چەكمەن >> ، بۆزگە تۈرلۈك بوياقتا گۈل بېسىلغانلىرىنى << كەمزەك >> ، << سەرگەز >> ، << شاھ تاۋار >> دەيدۇ ) . مەھمۇد قەشقەرى << تۈركىي تىللار دىۋانى >>دا كەلتۈرگەن مىساللاردىن : << كەپەزلىك _ كېپەز تېرىلىدىغان يەر ؛ كەپەزلىك ئەر _ كېپىزى بار ئادەم >> . ئۇيغۇر تىلىدا يۇمشاقلىقنى پاختا ياكى پىلە بىلەن سۈپەتلەيدۇ . فەتﻬەلى خاننىڭ << كىتابى لۇغەتىت _ تەراكىيە >> دېگەن كىتابىدا ( 1690 - يىلى يېزىلغان ) << پختە _ پاختا، مامۇق يەنى چىگىتى تازىلانغان پاختا >> دەپ ، شۇنىڭدەك << لۇغەت چەغتايى >>دە << پختە >>غا << پامۇق يەنى مامۇق >> دەپ ئىزاھ بەرگەن . ھىندۇ تىلىدا ( سانسىكرىت تىلىدىن كەلگەن ) پاختىنى << Karas - كەرپاس >> دەيدۇ ؛ ئەرەب تىلىدا << قۇتن >> دەيدۇ ( چىگىتلىك پاختىنى << قۇتن خام >> دەيدۇ ) ؛ پارسچىدا << كرباس >> _ كەرباس دەيدۇ . ئەرەبچىدىكى << قۇتن >> ياغاچ پاختىنى بىلدۈرۈدىغان Kudunغا يېقىن كېلىدۇ . ئۇيغۇر تىلىدا كەندىر - چىگىدىن توقۇلغان رەختنى ۋە خام ئەشياسىنى << كاتان >> دەيدۇ .



3 - يىپەك
جۇڭگو دۇنيادا پىلىچىلىكنى ئەڭ ئەۋۋال ئىختىرا قىلغان مەملىكەت . شۇڭا ، غەربلىكلەر جۇڭگونى قەدىمكى زاماندا << يىپەك مەملىكىتى >> دەپ ئاتىغان . مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4 - ئەسىردە ئۆتكەن گرېك تارىخچىلىرى ئونېسكرىدوس ، نېئاركوس ، كىتىفوس ، شۇنىڭدەك ھىندىستاننىڭ گاندىراگوپتا پادىشاسى زامانىدا ياشىغان چادريە ئەسەرلىرىدە جۇڭگودىن يىپەك چىقىدىغانلىقى ۋە يىپەك ماللار كەلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرگەن .
پىلە _ يىپەك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ، سىچۈەن ۋە غەربىي دىيار ( ھازىرقى شىنجاڭ ) رايونلىرىدا بالدۇرراق راۋاجلانغان . يىپەك ۋە يىپەك ماللار ئاۋۋال شىنجاڭ ئارقىلىق غەربىي ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىغا تارقالغان . پەقەت شىنجاڭ رايونىدىن ئارخېلوگىيىلىك قىدىرىشلاردا توقسۇن ئالغۇيدىن چىققان تۈس گۈللۈك كەشتىلەنگەن تاۋار ( توقۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 8 _ 5 - ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ ) ، ئۈرۈمچى نەنسەن رايونىدىكى تىك ياغاچ لەھەتلىك قەبرىلەردىن چىققان تۈرلۈك ساپال ، مىس قاچىلار بىلەن بىللە يىپەك مال ( ۋاقتى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5 _ 3 - ئەسىرلەر يەنى ئۇرۇشقاق پادىشاھلىقلار دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ ) ، كىرورەن ، ئۇدۇن ، قۇچۇ ، ئاگنى ، كۇچا ، باي ، بارچۇقلاردىن تېپىلغان يىپەك ماللار ، بولۇپمۇ نىيە مەدەنىيەت ئىزىدىن تېپىلغان تاۋارلار تارىم - تۇرپان ئويمانلىقلىرىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ پىلىچىلىك ۋە يىپەك توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنىڭ خېلى يۇقىرى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . ئەجدادلىرىمىز پىلە قۇرتى بېقىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۈجمىنى ئاللىقاچان ئۆزلەشتۈرگەن ، ھەتتا سۈنئىي يول بىلەن ، مەخسۇس پىلە قۇرۇتى ئۈچۈنلا مەخسۇس ئۈجمە چاتقاللىرىنى ئۆستۈرگەنلىكى مەلۇم . شۇنداقلا ئۈجمىنىڭ خىلمۇخىل سورتلىرىنى يېتىشتۈرگەن .
بۇ دىياردىكى قەۋملەر يۇڭ توقۇمىچىلىقتا ھۈنەر - سەنئىتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن بىللە ، يۇقىرى سەۋىيىگە يۈكسەلگەن . يىپەك توقۇمىچىلىققا يۇڭ توقۇمىچىلىقتىكى ھۈنەرنى تەدبىق قىلىپ ، يىپەك رەختلەرنى رەڭدار ، ئۆزگىچە گۈللۈك ۋە ناھايىتى سىپتە توقۇش بىلەن ئىچكىي - تاشقىي بازارلاردا خېرىدارلىق بولغان . بۇنىڭدىن باشقا پاختا بىلەن يىپەكنى ئارىلاشتۇرۇپ توقۇش تېخنىكىسى بىلەن زىلچا - گىلەم توقۇغان . غەرب سودىگەرلىرى تارىم بويىدىكى ئەللەر ئارقىلىق ، بارا - بارا سىچۈەن ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغان . غەربلىكلەر ئاۋۋال سۇغراق ( قەشقەر )نى << سىرىس >> ( شايى ئېلى ) دەپ ئاتىغان ، << سېرى & سېريا >> قەشقەرنىڭ ئەڭ بالدۇرقى نامىغا يېقىن كېلىدۇ . كېيىن جۇڭگونىڭ ئىچكىي رايونلىرىنى << سېرىس >> دەپ ئاتايدىغان بولغان .ئىران - خوراسانلىقلارنىڭ خوتەننى << چىن ماچىن >> دەپ ئاتىسىمۇ ، ئۇلار ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن خوتەن ئارقىلىق ئالاقە قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ پەرەز قىلىش مۇمكىن . خوتەننىڭ يىپەك ماللىرى غەربىي ئەللەرگە سېتىلغاندىن تاشقىرى ، ئىچكى ئۆلكىلەرگىمۇ توشۇلغان . مەسىلەن ، بەن چاۋ ئاكىسى بەن گوغا ئاق شايى سوغا قىلىپ ئەۋەتكەندە ، بەن گو مۇنداق جاۋاب خەت يازغان : << ئەۋەتكەن 300 توپ ئاق شايى ، بازارلىق كۇشان ئېتى ، خۇشبۇي دەرمەك ، چەم قوياقنى تاپشۇرۇپ ئالدىم >> .
دېمەك ، ئارخېلوگىيىلىك تېپىندىلەر ۋە تارىخىي ۋەسىقىلەرگە ئاساسەن ، تارىم - تۇرپان ئويمانلىقىدىكى پىلە - يىپەكچىلىكنىڭ تارىخى ئىككى يېرىم مىڭ يىلدىن كەم ئەمەس ، دېسەك مۇبالىغە بولماس .



4 - قەغەز
قەغەز جۇڭگونىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتىدىن بىرى . تارىخىي يازما مەنبەلەردە يېزىلىشىچە ، مىلادى 105 - يىلى سەي لۇن ئۆتكەنكى ئادەملەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ ، قوۋزاق ، كەندىر تالاسى ، ئەسكى - تۈسكى لاتا ، كونا بېلىق تورى دېگەندەك نەرسىلەرنى خام ئەشيا قىلىپ ، ناياپ ( قەغەز سۇيۇقلۇقى ) تەييارلاپ ، بۇنىڭدىن قەغەز ئىشلىگەن . ئەمما خەلق ئارىسىدا قەغەز ياشاش تېخنىكىسى سەي لۇندىن ئىلگىرى كەشىپ قىلىنغانلىقى ئېنىق . قەغەزچىلىك ھۈنىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تارقالغان دېگەن پىكىرگە ئاساسەن ، بۇ ھۈنەر ئالدى بىلەن تۇرپان ئويمانلىقىغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى شەرقىي خەن دەۋرى ( مىلادى 25 _ 220 - يىللار )دىن ئىلگىرى تۇرپان - تارىم ئويمانلىقلىرىدا قەۋملەر قەغەزچىلىك ھۈنىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولغان . 1901 - يىلى ئاۋرىل ستېيىن لوپنۇردىن قەغەز پارچىلىرىنى تاپقان ( ئارخېلوگىيىلىك ئاخىرقى ۋاقىت چېكى ۋېي - جىن دەۋرلىرى يەنى مىلادى 220 _ 420 - يىللار ) . 1910 - يىلى ۋىنادىكى بوتانىك - فىزولوگ ۋېسنېرنىڭ خىمىيىۋى ئانالىز قىلىشىچە ، بۇ قەغەزلەر لاتا قېتىلغان ئۈجمە قوۋزىقىدىن ئىشلەنگەنلىكى مەلۇم . يەنە شۇ دەۋرگە تەئەللۇق دەپ ھېسابلانغان تېپىندىلەردىن تۇرپان رايونىدىكى قەبرىلەردىن قەغەز كەش ۋە قەغەز ئادەم چىققان . شاڭخەي شەھەرلىك قەغەز تەتقىقات ئورنىنىڭ خىمىيىۋى ئانالىز قىلىشىچە ، بۇ قەغەزلەرنىڭ بىر قىسمى پاختىدىن ئىشلەنگەن ؛ كۆپ قىسمى كەندىردىن ئىشلەنگەن ۋە كەندىر تىپىدىكى تالالاردىن ھەم براك توقۇلمىلاردىن پايدىلانغان . تالالىق خام ئەشيانى تاللاش ۋە ئىشلەش جەھەتتە غەربىي خەن دەۋرى ( مىلادىدىن ئىلگىرىكى 206 _ 25 - يىللار )دىكىدىن خېلىلا يۈكسەلگەن : ماي ماددىسىدىن ئېرىغداش ئۇسۇلى ئىسلاھ قىلىنغان ؛ ناياپنىڭ سۈپىتىمۇ روشەن دەرىجىدە ياخشىلانغان ؛ تالالىرىنىڭ تەكشى - سىپتىلىكىمۇ يۇقىرى بولغان ؛ ئۆسۈملۈك يىلىمى قوشۇلغان ياخشى سۈپەتلىك پەردە گۈللۈك قەغەز ۋە ئەتىقە قەغەز دېيىلىدىغان ئاقارتىلغان ( سۈت ) قەغەز دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن ئىشلەنگەن ئېسىل قەغەزلەر ھېسابلىنىدۇ . بۇلاردىن باشقا ، شىنجاڭ رايونىدىن تېپىلغان قەغەزلەر ئىچىدە كراخمال ۋە ھايۋان سۆڭىكىنىڭ يىلىمى قوشۇلغان رەڭلىك رەسىم قەغىزىمۇ بار . بۇنداق قەغەز دىنىي ئەقىدە مۇناسىۋىتى بىلەن ياكى كۈيىدىن ساقلاش ئۈچۈن سېرىق بويالغان .
دېمەك ، تۇرپان - تارىم ئويمانلىقىدىكى قەۋملەر مىلادىدىن ئىلگىرىلا قەغەزچىلىك ھۈنىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ، قەغەزنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن ھەم يېڭى سورتلىرىنى ياراتقان . قەغەزچىلىك ھۈنىرى بۇ يەر ئارقىلىق خوراسان - ئىرانغا تارقالغان بولۇشى مۇمكىن .



5 - مىخ مەتبەئە
مەتبەئە _ جۇڭگونىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتىدىن بىرى . مەتبەئە كەشىپ قىلىنغىنىغا 2000 يىلدىن ئاشتى . ئەمما ئىلگىرىكى مەتبەئەلەر ئويما مەتبەئە ئىدى . تولىسى كاتىپ ۋە ئويمىكارلارنىڭ قولىدىن چىقاتتى . شىرىفتلىك ( دانە - دانە ھەرپلىك ) مەتبەئەنى ئادەتتە سۇڭ سۇلالىسىدىن رىنزۇڭ خاننىڭ چىڭلى يىللىرى ( مىلادى 1041 _ 1048 - يىللىرى )دا بى شېڭ كەشىپ قىلغان دېگەن پىكىر ئومۇملىشىپ كەتكەن . بى شېڭ يىلىم بىلەن يۇغۇرۇلغان لايغا خەت ئۇيۇپ ، ھتتا كۆيدۈرۈپ چىڭىتقان ، ئاندىن ئۇ خەتلەرنى تېرىپ بەت ياسىغان . ئەمما ، دۈنخۇاڭدىكى موگاۋ گارلىرىدىن خەت - شىرىفتلىرى تېرىلىپ بېسىلغان بۇددا نومى _ << لانكا ئاۋاتارا - سۇترا >> تېپىلغان بولسىمۇ ، بۇ قىممەتلىك يادىكارلىق ياۋروپاغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن ، يورۇقلۇققا چىقماي قالغان . ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە ، بۇ نوم تاڭ سۇلالىسىدىن تەيزۇڭ خاننىڭ جىڭگۇەن يىللىرى ( مىلادى ( 627 _ 650 - يىللىرى )دا بېسىلغان دەپ تەتقىقلەنگەن . مۇنداق بولغاندا شىرىفتلىق مەتبەئەنىڭ كەشىپ قىلىنغان ۋاقتى 500 يىل ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ . ياۋروپادا ، گېرمانىيىلىك يوﻫان گېنسفلىش زۇم گۇتېنبېرگ 1450 - يىلى مېتال شىرىفتلەر بىلەن بەت ياساش ھۈنىرىنى ئىختىرا قىلغانىدى . جۇڭگودا بى شېڭنىڭ كەشىپ قىلغان ۋاقتى گۇتېنبېرگدىن 400 يىل ئىلگىرى دەپ ھېسابلانغان بولسا ، تاڭ دەۋرىدە بېسىلغان نومنىڭ شىرىفتلىق مەتبەئە نۇسخىسىنىڭ ۋاقتى بويىچە 900 يىل ئىلگىرى كەشىپ قىلىنغان بولىدۇ .
تۇرپاندىن تېپىلغان شىرىفتلەر ئېلىپبە ھەربلىرى بويىچە ئىشلەنگەن . بۇنىڭ ۋاقتىمۇ 11 - ئەسىردىن ئىلگىرىكى دەۋرگە تەئەللۇق . ئۇيغۇر مەتبەئە تېخنىكىلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئاساسىدا ھەربلەرنى ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئەڭ كۆپ ئىشلىنىدىغان بوغۇملارنى تۈرلۈك نۇسخىلاردا شىرىفت قىلىپ ئىشلىگەن ؛ بۇ شىرىفتلەر بىلەن تېرىپ بەت ياساپ كىتاب باسقان . ئەجدادلىرىمىز مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىنى بىر بالداق كۆتۈرۈپ ، ئېلىپبەلىك يېزىق ئىشلەتكۈچى خەلقلەر ئىچىدە شىرىفتلىك مەتبەئەچىلىك ھۈنىرىنى ئەڭ بالدۇر ئىختىرا قىلغان .


<< قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدىن قىسقىچە بايان >> ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان )
ئاپتۇرى:ئىمىن تۇرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13240
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8088 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-5 08:41:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجداتلىرىمىز تارختا ناھايىتى كۆپ ئىشلارنى قىلغان ،ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقمىز.لىكىن يېقىنقى 300يىللىق تارىخىمىزغا نەزەر سالساق ،تاسلا قاپتۇق ئۆزىمىزنىڭ ئىسمىنىمۇ يۈتتۈرۈپ قويغىلى.ھەر ھالدا يۈتۈپ كەتمىگىنىمىزگە شۈكرى.

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەسلى ياۋايى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9509
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10000
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2011-6-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-5 08:45:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ  ئەجدادلىرىمىز مۇشۇنداق  مۆجىزە كەشپىياتلارنى ياساپتىكەن ...بىزلەرچۇ ..ئەۋلادلىرىمىز بىزنى نىمە قىلدىڭلار   دىمىسىلا بولاتتىۇغۇ ..

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3564
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19178
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8365 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-5 08:47:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇراسلا پەخىرلەنگۈدەك ئىشكەن دوستۇم .  رەھمەت سىزگە ياخشى تىمىللىرىڭىزنى ئايمىغايسىز!

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.
jiksandisunapan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-5 08:55:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6567
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7744
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 8916 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-5 09:03:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارنىڭ ئەجداتلىرى ياراتقان كەشپىياتلار سان-ساناقسىز.

ئاغزىدا كۇلكە-چاقچاق،قوينىدا پالتا-پىچاق.

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9121
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7003 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-5 09:50:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزمۇ تىرىشىپ كېيىنكىلەر ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن ئالغۇدەك بىر نەرسىلەرنى كەشىپ قىلساق بۇلاتتى .

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16691
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7233
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1165 سائەت
تىزىم: 2010-11-7
ئاخىرقى: 2011-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-5 10:13:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يوللاپسىز..يەنە بىر نەرسە بار،  پاشنا،يەنى ئاياقنىڭ پشنسى دەپ چۇشەنسەڭلەرمۇبولىدۇ.. بۇنىمۇ ئۇيغۇرلار نىڭ كەشپياتى،،،  بۇنىمۇبىلپ قالايلى!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3154
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11623
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2013-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-5 11:36:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتە ئۆگۇنۇن بۇنىمۇ كىشىلەر تالىشىپ بىزنىڭ دەپ بىزگە ھىشنىمە قالمايدۇ!

ھەق گەپ ئاچچىق ب

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7770
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25659
تۆھپە نۇمۇرى: 2844
توردا: 8007 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 10:34:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېلىمۇ  ئەجدادلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن كەشپىياتلىرىنىڭ ئېگىسى چىقىپ بولدى........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش