مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1841|ئىنكاس: 13

شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىپ زور پىلا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈنۈگۈن بۈگۈن ئۈ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1611
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16535
تۆھپە نۇمۇرى: 659
توردا: 695 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 09:09:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2010-6-15

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى خەۋىرى.پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسدا خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنىڭ كۆپ قېتىم تەكرارلانغانلىقى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان، مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان 11 ئومۇمىي ۋەزىپە ئىچىدە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى باش ۋەزىپە بولۇپ قالدى.
تەرەققىيات پىلانىدا خەلق تۇرمۇشى ئاساس قىلىندى
   يېقىندا ئاياغلاشقان ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، يېڭى تەرەققىيات پىلانى تۈزۈلدى: يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شەھەر – يېزا پۇقرالىرىنى قاپلىغان ئاساسىي داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈمى ئورنىتىش، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، يېزا تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ‹‹ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇش››نى ئاساسەن ئۆز ئىچىگە ئالدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغىنىغا ئەمدىلا بىر ئاي بولغان جاڭ چۈنشيەن 26 – ماي مۇنداق: تېخىمۇ ئىجابىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك چارە – تەدبىر ئارقىلىق ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە، ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان ئىستۇدېنتلار ۋە يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ياخشى ھەل قىلىش كېرەك، دېدى. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى دۆلەت ۋە ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ مەخسۇس مەبلىغى ۋە ياردەم مەبلىغىگە تايىنىپ، جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۈچ ئايغىچە ھەل قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە تۈگىتىلىدۇ، بۇنداق ئائىلىلەر بايقالسا، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى 24 سائەتكىچە ھەل قىلىنىدۇ.
   ئۆي بولغاندىلا، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ، ئۆي بولغاندىلا تىنچ – ئاسايىشلىق بولىدۇ. ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن بولۇش، بىخەتەر – قولاي بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ھازىر بار بولغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي، يېزا خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى بىرلەشتۈرۈپ، 2015 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايوندا 700 مىڭ يېزا ئەمىن ئۆيى سېلىشنى، 2020 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايوندىكى 100 مىڭ ئائىلىلىك چارۋىچىنى ئاساسەن ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئورۇنداشنى قارار قىلدى.

   مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شىنجاڭ شەھەر – يېزىلاردا تۆۋەن كاپالەت، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۇتۇش قىلدى. 2010 – يىلىدىن باشلاپ، قىيىنچىلىقى بار رايونلاردا يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، 2012 – يىلى ئاپتونوم رايوندا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى پىلانلىدى.
   ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى: خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى سەمىمىي ئۈمىد قىلىۋاتقان، جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، شەرت – شارائىتى ھازىرلانغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئالدى بىلەن باشلاپ، خەلققە ئىمكانقەدەر تېز نەپ يەتكۈزۈش كېرەك، دېدى.
سىياسەت جەنۇب بىلەن شىمال ئارىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىشكە مايىللاشتى
   ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى: يېزىلاردىكىتۆۋەن كىرىملىكلەرنى يۆلەش، راۋاجلاندۇرۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، 2020 – يىلىغىچە كۆك نامراتلىق ئەھۋالى ئاساسەن تۈگىتىلىدۇ، دەپ كەسكىن ۋەدە بەردى.
   ھازىر شىنجاڭدا 2 مىليون 270 مىڭ نامرات بار بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئومۇمىي نوپۇسنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى، شەرقىي جەنۇبى ۋە خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستىغا نامراتلار كۆپرەك توپلاشقان، بۇ جايدىكى نامراتلار شىنجاڭدىكى نامراتلارنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يىراق، چەت بولغاننىڭ ئۈستىگە، تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ناچار بولغاچقا، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ %31 ىگە توغرا كېلىدۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ مالىيەسى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ، قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا قۇربى يەتمەيدۇ. شۇڭا، بۇ جايلاردا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىنتايىن قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغان.
   شۇڭا، ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى ئالاھىدە يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، باشقا رايونلار بىلەن بولغان تەرەققىيات پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئائىت سىياسەت، تەدبىرلىرى، مالىيە سېلىنمىسى، تۈر چىقىملىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار رايونلارغا مايىللىشىدۇ، ئوخشاش شارائىتتا، بۇ رايونلارنىڭ تەلىپى ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.
   بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايون يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تىزلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك سۇ ئىنشائىتى، ئېنېرگىيە بايلىقى، قاتناش ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ ياخشى تۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مەبلەغ سېلىنىش مۇھىتى ۋە شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاش بىلەن بىللە، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەركەزلىك يۆلەش، ئېچىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدى.
‹‹قان ئىشلەش›› ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ
   ئاپتونوم رايون چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، تەرەققىياتى ياخشى ناھىيەلەرگە نۇقتىلىق مەدەت بېرىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلاپ، قۇرۇپ، نوپۇسنىڭ توپلىنىش ئىقتىدارى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى، بىر تۈركۈم كۈچلۈك سانائەت بازىرى، مۇھىم سودا بازىرى، داڭلىق مەدەنىيەت، ساياھەت بازىرى قۇرۇپ، جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئولتۇرۇشقا باپ كېلىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىپ، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى جەلپ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.
   ھازىر چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ سېلىنمىسى ئاساس قىلىنغان تاشقى سېلىنما شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان ئاساسلىق كۈچكە ئايلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار شىنجاڭغا ‹‹قان بېرىۋاتىدۇ››. ئۇلار ئۆزىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگىمۇ تۈرتكە بولدى. شۇڭا، ئاپتونوم رايون چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭدا راۋاجلىنىشىغا داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن مەدەت بېرىش بىلەن بىللە، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنى ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا، يەرلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يەرلىكتىكى ئاممىنى بايلىق ئېچىش ئېلىپ كەلگەن مەنپەئەتتىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى.
   شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركەز ۋە قېرىنداش ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېقىندا 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى شىنجاڭغا ئۆمەك باشلاپ كېلىپ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ياردەم بېرىدىغان تۈرلەرنى تۈزۈپ ياكى يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.


مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى .

تۈنۈگۈن بۈگۈن ئۈچۈن، بۈگۈن ئەتە ئۈچۈن .

ئادەمنىڭ سۈرىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 498
يازما سانى: 1092
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21775
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 4080 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 11:46:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ياخشىلىنىش بولىۋاتىدۇ...

مىسرانىم ئۈچۈن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 266
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9256
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 319 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2013-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 11:52:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ياخشىلىنىش بولىۋاتىدۇ.......ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرى ياخشى ھازىر...

ئادەم بولماق تەس~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2769
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11025
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 3220 سائەت
تىزىم: 2010-6-15
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 12:29:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىياسەتلەر ھەقىقەتەن ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2510
يازما سانى: 1026
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11793
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 1741 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 12:30:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ بېكىتىلگەن سىياسەتلەر تۇلۇق ئەمىلىلەشسە، شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بۇلۇدۇ، ھەم خەلىق تۇرمۇشىدا زور ياخشىلىنىش بۇلۇدۇ ،بۇلۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئىشسىزلىق نىسپىنى تۆۋەنلىتىش ئەڭ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرۇدۇ ئۇنىڭدىن باشقا ئالى مەكتەپلەرنىڭ ھازىرقى يۇرگۇزىۋاتقان ئۇقۇش پۇلى مەسىلسىنى ئويلاشمىسا ،شىنجاڭدا كۆپىنچە توۋەن تۇرمۇش سەۋىيەسىدە ياشاۋاتقانلار ،ئۇقۇش پۇلىدا قىينىلىپ باللىرىنى ئۇقۇتالماسلىق مەسىلسى بارغانسىرى گەۋەدىلىك بۇلۇۋاتىدۇ ،

ھايات بولسا بىر دېڭىزغا ئوخشايدۇ ،ئىرادىلىك ئادەملەرلا قارشى قىرغاققا ئۈزۈپ بارالايدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1319
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11079
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2010-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 12:32:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يېغىن ھەر يىلى بار بولمىسا ھە

شاھمەن،شاھزادىمەن غېمىم تۈگىمەس نەدىندۇر بۇ؟ چۈنكى غەم تۇرابىدىن بىنا بولغان بەندەدۇر بۇ.

داناغا دەرتنى نا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1935
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10233
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 570 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2011-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 12:59:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ؛
ھۆكىمىتىمىز دانادۇر ، ھازىر ھەممە ئىشلاردا ياخشىلىنىش بولۋاتىدۇ . بۇنىڭدىن بىز كەڭ خەلىق ئاممىسى ناھايتىمۇ رازى !
ئەمدى ھۆكىمىتىمىز قاتناش يوللىردىكى قالايمىقانچىلىقنى بىر ئوڭشىۋەتسە ، شوپۇرلارنىڭ ھالىغا بىر يىتىۋەتسە ، بەك ياخشى بولاتتى .............

چاخچاق قىل كىشىلەر كۈلۈشسۇن خەندان ئورۇنسىز كوپ بولسا گەر كۆڭۈللەر ۋەيران .

بۇگۇن ماڭسىڭىز ئەتە يۇگرەيسىز.

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1986
يازما سانى: 1943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16421
تۆھپە نۇمۇرى: 424
توردا: 2523 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 01:12:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر دۆلتىمىز ناھايىتى قۇدرەتلىك باي دۆلەتكە ئايلاندى ئەمەسمۇ شۇڭا خەلق  تۇرمۇشىدا ياخشىلىنىش بولىدۇ .

گۈلۈم ، كەتمە يېنىمدىن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1744
يازما سانى: 1871
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14104
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1409 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 03:38:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىياسەت ياخشى ھازىر ```
مېنىڭ ئۇكاممۇ  پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇۋاتاتتى ...ئوقۇش پۇلىنى ئالماپتۇ ```

نە ئۈچۈن ياراتتىڭ ئەي ئۇلۇغ خۇدا ،
سۆيگەننى سۆيدۈرپ سۆيمىگەنلەرنى.
قىلساڭ بولماسمىدى جېنىدىن جۇدا ،
كۆيگەننى كۆيدۈرۈپ كۆيمىگەنلەرنى...

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36597
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7241 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 03:40:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھالقما تەرەققىيات تېخمۇ گۈزەل تۇرمۇش ياراتقۇسى.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش