|
|
|
|
قىزلار، سىز قايسى خىل ئايالغا تەۋە
ئوماق ئايال - دولانا كومىلىچى، ئادەمنى روھلاندۇرۇپ، تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
جەزبىدار ئايال- روھلاندۇرغۇچى دورا، تىنچ تۇرغان نېرۋىڭىزنىڭ ئارامىنى بۇزىدۇ.
ئەقىللىق ئايال- ئاسپىرىن، ساغلام بولمىغان ئوي- پىكرىڭىزدىن خالاس قىلىپ، مەسىلىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىشىڭىزغا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مۇلايىم ئايال- ئەرلەرنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ.
سىرداش ئايال- ئاغرىق توختىتىش دورىسى، گەرچە مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلالمىسىمۇ، لېكىن مەلۇم دەرىجىدە توغرا يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
ئاق كۆڭۈل ئايال- ئىسپىرىت، قەلبىڭىزنى ئىللىتىپ، روھىڭىزنى ئۇرغۇتىدۇ. ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاق- پەزىلىتى دۇنيانى دېزىنفىكسىيە قىلىدۇ.
كەڭ قورساق ئايال- تېز ئۈنۈم بېرىدىغان يۈرەك دورىسى، چۈشكۈنلەشكەن كىشىلىك ھايات يولىڭىزنى ئۆزگەرتىدۇ.
ياسالما ئايال- سۇيۇق دورا، ئېغىزىنىڭ ئۇچىدىلا تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قىلىپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا تەسەللى بېرىدۇ.
ئەقىللىق ئايال- پۈتكۈل دۇنيانى «ئوزۇق» قا ئىگە قىلىدىغان كىتاب، سەنئەت ۋە بىلىم بۇلىقىدۇر.
گۈزەللىك- ئاياللارنىڭ پەخرى، ئار- نومۇس - ئاياللارنىڭ پاكلىقى، گۈزەل- ئەخلاق-ئاياللارغا مەڭگۈلۈك ئىززەت- ئىكرام ئاتا قىلغۇچىدۇر.
ئاياللار- قۇياش، ئۇنىڭ مېھرى- تەپتى ھېچقاچان سوۋۇماستۇر.
ئاياللار- بىر قولىدا بۆشۈكنى، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرەتكۈچىلەردۇر.
ئاياللارنىڭ دىلى ئاغرىغاندا زىمىن تىترەيدۇ.
ئايال قەدرى- ھايات قەدرى.
ئايال- مېھرىبانلارنىڭ مېھرىبانى، ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغى.
ياخشى ئايال- قېنىڭغا قان، قانىتىڭغا قانات، جېنىڭغا جاندۇر.
ئاياللار- ھاياتنىڭ ئۇلۇغ تىرىكى ۋە تەسەللىي بەرگۈچىسى.
ئاياللار- كۈزەتكۈچىلەردۇر.
ئاياللار- ئەرلەرنىڭ ئۇلۇغ تەربىيەچىسىدۇر.
ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى- قەلبى گۈزەل بولۇش بىلەن قىياپىتى گۈزەل بولۇشنىڭ بىرلىكىدۇر.
ئاياللاردىكى ئەڭ مۇھىم پەزىلەت- مۇلايىملىق.
ئاياللار- ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ ئاچقۇچىنى ئۆز قولىدا تۇتقان بولۇپ، گەپ ئۇنىڭ بۇ ئاچقۇچنى ئىشلىتىشنى بىلىش- بىلمەسلىكىدە.
ئىشچان، پەزىلەتلىك، مۇلايىم ئايال -گۈلباغ، ھازازۇل ئايال - چۆل ساي.
بىر قوتان مېلىڭ بولغىچە، كۆيۈمچان، پەزىلەتلىك خوتۇنۇڭ بولمىسا بىكار.
مەنبەسى: «ئاياللار ھەققىدە»
|
|
|
|
|
|