
12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق دېڭىز ئارمىيىسى ساسېبو بازىسىدا مانىۋېر باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن مۇددىتى 8 كۈن بولغان ياپونىيە ئامېرىكا بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى رەسىمىي باشلاندى. بۇ ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۆتكۈزگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى.
ياپونىيەنىڭ تەخمىنەن 34 مىڭ ئەسكىرى، 40 دانە ھەربىي پاراخوتى ۋە 250 دانە كۈرەشچى ئايروپىلانى قاتناشتى، ئامېرىكىنىڭ تەخمىنەن 10 مىڭ ئەسكىرى، 20 دانە ھەربىي پاراخوتى ۋە 150 دانە كۈرەشچى ئايروپىلانى قاتناشتى.


مەنبە:
http://news.okyan.com/View.aspx?ID=654