مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 939|ئىنكاس: 10

ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەرىشتىلەرمۇ يا

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 1653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22039
تۆھپە نۇمۇرى: 1133
توردا: 3243 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-3 12:31:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ



بىز دەۋاتقان راھەت كۆرۈش پۇلنى بۇزۇپ - چېچىپ بەتخەجلىك قىلىش ئەمەس ،تۇرمۇشنى ئەيش - ئىشرەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشمۇ ئەمەس ،يەپ - ئىچىشتە بەسلىشىشىمۇ ئەمەس ،ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەكەببۇرلۇق قىلىشمۇ ئەمەس ...

بىز دەۋاتقان راھەت كۆرۈش مال - دۇنيادىن غەم قىلمايدىغان ئېسىلزادىلەرچە دۆلەتمەنلىك ئەمەس ،تاۋار- دۇردۇنلارغا پۈركەنگەن گۈزەل لاتاپەتمۇ ئەمەس ،پۈتۈن دۇنيانى ساياھەت قىلالايدىغان ئەركىن - ئازادىلىكمۇ ئەمەس ،ئېسىل نەغمە -ناۋالارنىڭ پەيزىنى سۈرۈشمۇ ئەمەس ...

بىز دەۋاتقان راھەت كۆرۈش پەقەتلا ئاشخانىدا ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قورۇمىنى ئۆز ئالدىغا قورۇپ يىيىش .سودا سارايدا مەخسۇس ئۆزى ياقتۇردىغان كىيىمدىن بىر قۇر سېتىۋېلىش .
بىز دەۋاتقان ئاياللارنىڭ راھەت كۆرۈشى پەقەت نورمال ئەڭ ئەقەللىي تۇرمۇش خوشاللىقلىرىدىن بەھرىمان بولۇش ،خالاس .بۇلار نۇرغۇن ئاياللارنىڭ تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىگىدە ئاللىقاچان ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇنتۇپ كەتكەنلا يېرى بار .

ئاياللار راھەت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلمامدىغاندۇ ؟

بالىسى يېڭى تۇغۇلغاندا ،ئۇلار بالىسىنى بېقىش ،سۈتىنى تەييارلاش ،كىر - قاتلىرىنى يۇيۇش بىلەن بىلەن بىكار بولالمايدۇ ،بۇنداق چاغدا ،ئۇلار ماغزاپ بولۇپ كەتكەن قولىدا پىشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتكەچ ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ :
ھازىر بالام تېخى كىچىك ،چوڭ بولغاندىن كېيىن راھەت كۆرۋالساممۇ بولىدۇ ...دېيىشىدۇ .

بالىسى ئاستا - ئاستا چوڭ بولۇپ ، يەسلىگە كىرگۈدەك بولىدۇ .ئاياللار بالىسىنى يېتىلەپ چىقىپ ،كۆكتات سېتىۋېلىپ تاماق ئېتىدۇ ،
يەنە تېخى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمىسە بولمايدۇ ،شۇ ئالدىراشلىق ئىچىدە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشىپ -تىرمىشىدۇ .

ھېچقىسى يوق ،بالام مەكتەپكە كىرگەندە،قولۇم بوشايدۇ ،شۇ چاغدا راھەت كۆرۈۋالارمەن ... ئاياللار ئۆزىگە شۇنداق تەسەللى بېرىدۇ ،بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يۈزىگە بىلىنەر- بىلىنمەس قورۇق چۈشۈشكە باشلايدۇ .

بالىسى ئاخىرى مەكتەپكىمۇ كىرىدۇ ،ئاياللار ئەكسىچە تېخىمۇ بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ .

بالامنى چوقۇم ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلىشىم كېرەك .ئاياللار شۇ ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە ،ئىدارە ،ئۆي ،مەكتەپ ،بازار ۋە ھەر خىل - ھەر ياڭزا تەربىيىلەش سىنىپلىرىنىڭ ئارىلىقىدا باپكارنىڭ موكىسىدەك يورغىلاپ يۈرىدۇ ...

بالا ۋە ئەر غايەت چوڭ سامانيولى سىستىمېسى ،ئاياللار بولسا تۇرغۇن يۇلتۇز .

يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاياللارنىڭ تارتقان جاپالىرى ئۇلارنىڭ چېچى بىلەن پىشانىلىرىگە ئۆز ئىزناسىىنى قالدۇردۇ .

مەن قاچانمۇ بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ راھەت كۆرەرمەن ؟

ئايسىز كېچىدە ،ئاياللار سىرقىراپ ئاغرىغان بېلىنى رۇسلاپ ئۆز - ئۆزىگە شۇنداق سوئال قويىدۇ .

ھىم ،چىدىشىم كېرەك ،چىدىساملا ھەممە ئىش ئۆتۈپ كېتىدۇ .بالام چوڭ بولۇپ ،ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ياكى خىزمەتكە چىقسا ،ھەممە ئىش يۈرۈشۈپ كېتىدۇ . شۇ چاغدا ياخشىراق راھەت كۆرۈۋالارمەن ...

ئاياللار ئۆزىگە مانا مۇشۇنداق ۋەدە قىلىدۇ .

ۋاقىت ئاياللارنىڭ ھۆسنى ۋە كۈچىنى خورىتىپ ،قۇرۇق ۋە ھارغىنلىقنى ھەدىيە قىلىدۇ .

بالىسى چوڭ بولۇپ ، يىراق - يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىدۇ .ئىلگىركى تاتلىق ئەسلىمە ۋە خاتىرىلەرلا ئانىغا ھەمراھ بولۇپ قالىدۇ .

ئاياللار ئېغىر ئۇھ تارتىدۇ ،مانا ئەمدى ،ئۇلار ئاخىر راھەت كۆرۈشكە ۋاقىت چىقىرالايدىغان بولدى .

ئەپسۇس ،ئۇلارنىڭ چىشى بوشاپ كەتكەن ، قاتتىق نەرسىلەرنى چاينىيالمايدۇ .كۆزى خىرەلەشكەن ،تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى تاماشا قىلالمايدۇ . قۇلىقى ئېغىرلاشقان ،يېقىملىق مۇزىكىلاردىن ھوزۇرلىنالمايدۇ ...
چىقىپ كەتكەن بالىسى يەنە قايتىپ كېلىدۇ ، ئۇ ئۆزىدىن تېخىمۇ كىچىك بالىسىنى ئېلىپ كەلگەنىدى .

شۇنىڭ بىلەن ،ئاياللار توساتتىن ۋاقىت كەينىگە قايتقاندەك ھېس قىلىپ ،يەنە ئىلگىركىدەك ئايىغى چىقماس ئالدىراشلىققا مەھكۈم بولىدۇ ...

ھېلىقى ھەممىدىن كىچىك بالىنىڭمۇ ئاستا - ئاستا تىلى چىقىدۇ ، بىراق ئۇ ئاپا دېمەي ، موما دەيدۇ ...

ئاياللار مانا مۇشۇنداق قېرىپ مۈكچىيىدۇ ،ئاخىر بىر كۈنى ،ئۇلارغا راھەت كۆرۈشنىڭ ئورنى قالمايدۇ .

ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ،ئۇلار ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئېسىگە ئالىدۇ - باھارنىڭ ئىللىق كۈنلىرىدە ،قىزىل گاز ياغلىقىنى چىگىپ ، دالىدىكى ياپيېشىل چىملىقتا نەغمىچى قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرىنى ئاڭلىغاچ جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاپتاپ سۇنسام ...

ئۇ ھەقىقەتەن بىر خىل راھەت كۆرۈش -دە !

ئاياللار شۇ گەپلەرنى قىلغاچ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىدۇ .

مېنىڭ يوقۇرقىدەك قايغۇلۇق ۋە ئېچىنىشلىق شەكىل ئارقىلىق ئاياللارنىڭ راھەت كۆرۈش ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ بەرگىنىمنى كەچۈرۈڭلار .


چۈنكى ، مېنىڭچە سانسىزلىغان ئاياللار كىشىلىك دۇنياغا ئۆزىنىڭ مېھىر - مۇھەببىتىنى ئاجايىپ سېخىيلىق بىلەن بەخش ئەتكەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىر ئادەمگە تولىمۇ رەھىمسىزلىك قىلىدىكەن- ئۇ ،دەل ئۇلارنىڭ ئۆزى .

ئاياللار ئۆزۈڭلارنىڭ راھەت كۆرۈشۈڭلارغىمۇ ۋاقىت ۋە شارائىت ھازىرلاپ قويۇڭلار ، ھەرگىز مانا - ئەنە دەپ ،ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈپ ئۆتكۈزۋەتمەڭلار . كۆز ئالدىڭلاردىكى ۋاقىتتىن ،بۈگۈندىن باشلاڭلار .

تەخسىدىكى گۆشنىڭ ھەممىسىنى بالام يىسۇن دېمەڭلار...يىغقان - تەرگەن پۇلنىڭ ھەممىنى ئۆينى ياساشقا ، ئېرىڭلارنىڭ كىيىنىشىگىلا خەجلىمەڭلار ، بارلىق زېھنىي كۈچۈڭلارنى خىزمەتكىلا سەرپ قىلىۋەتمەڭلار . بايراملىق سوۋغات بېرىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىگە ئۆزۈڭلارنىڭ ئىسمىنى يېزىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭلار ...

شىنجاڭ ئاياللىرى





ئازاپ ئادەم ئۈچۈ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20034
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3102
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2010-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-3 01:12:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز گەھەمىمدىن خاتىرجەم بولغان تۇرمۇش ئەڭ مۇھىم .لىكىن ئىنسان ئارزۇ قىلغان نەرسىسگە ئېرشىپ پۇتۇن نەرسىسى تەلتوكۇس تەييار بولۇپ ئۇھ ئەمدى مىرادىمغا يەتىتم دىگەن چاغدا بۇ دونيادىن ۋىددالشدۇ خالاس .شۇڭا ئانچە مۇنچە دەرد ئىچدە ياشغانمۇ كۆڭۈلۈك دەپ ئويلايىمەن .

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 4921
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31223
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6388 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-3 01:22:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشنىڭ قانۇنيىتى شۇنداق، ھازىر ئانىلارنىڭ يۈكى، مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ ئېغىر.

باتۇرلۇق ئوقنى تەدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دەل تېگىدۇ!

ئازاپ ئادەم ئۈچۈ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20034
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3102
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2010-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-3 01:30:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيسىز لىكىن بۇگۈنكى كۈندە مەسئۇليەتىتن قاچىدىغان ئانىلىرمىز كوپىيىپ كەتتى تۇغۇپ  قويسىلا بولدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10410
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6295
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 1626 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-3 01:38:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن غۇ ھازىر توي قىلمىدىم،،،،ئاللاھ خالىسا توي دىگەن ھەر بىر بەندىنىڭ بېشىغا كىلىغان ئىش...ھەي مەنمۇ كىيىن دۇچ كىلىمەن ھە!........
قىز ئاياللارنىڭ ھەممىسى شۇنداق.........ھازىر ئاپىمىز شۇنداق قىلىدۇ......كىيىن بىزمۇ شۇنداق قىلىمىز ھە!
ئاياللار نىمە دىگەن ئۇلۇغ ھە!
يىگىتلەر قىز ئاياللارنى قەدىرلەڭلار!!!!!!!!!!!!!! كۆڭلىگە  ،دىلىگە ئازار بەرمەڭلار!
مەن ،شۇنداقلا پۈتكۇل قىز ئاياللار سىلەر ۋە ئائىلەڭلار ئۈچۇن بارىلىقىمىزنى ئاتايمىز!'''''''''

ئى مۆمىنلەر ! اﷲ د

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12024
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5261
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 1718 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2012-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-3 01:55:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم بۇ دونيادا چەككەن جاپا مۇشاقەت، قايغۇ ھەسرەتلىرى ئۈچۈن ئو دۇنياغا بارغاندا ئاللاھ ئۆزى مۇكاپاتلايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر بىز ھەقىقى مۇسۇلمان بولسىاق ئاللاھ نىڭ بىزگە بەرگەن ھەربىر كۈنىگە شۈكرى قانائەت قىلىشىمىز كېرەك .

ئاددى ئادەم ئادد

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16368
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4616
تۆھپە نۇمۇرى: 263
توردا: 469 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-3 01:59:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز يوقىردا دىگەن ئاياللار ئىشىنمەنكى ،ھەقىقى ئانىلىق مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالغان ياخشى ئاياللارغا قارىتىلغان،،،شۇنداق ئۇلار ھەقىقەتەن جاپالىق،،ئەلۋەتتە ،ھەقىقى ئاتىلىق مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالغان ئەرلەرمۇ ئوخشاش ئومۇر بويى جاپادا ئوتىدۇ،،،مەسىلە زادى قەيەردە؟ نىمە ئۇچۇن ئاتا-ئانىلار ئومۇر بويى جاپا مۇشاقەتتە ئوتۇپ كېتىدۇ؟مەسىلە ئاتا-ئانىلاردىمۇ ياكى بىز پەرزەنتلەردىمۇ؟ھەقىقەتەن راست ،ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىنى ياخشى بېقىشنى،ياخشى تەربىيلەشىنى ئويلايدۇ،بالىلىرىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۇرىشى ،جاپا-مۇشاقەتلىك كۇنلەرگە قالماسلىقى ئۇچۇن جان پىدالىق بىلەن تىرىشىپ تىرمىشىدۇ.بىراق ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزىلا جاپا تارتىپ بالىسىنى ئازراقمۇ جاپا قويماسلىق،قىيىنچىلىققا ئۇچراتماسلىق ، بالىنىڭ كۆڭلىنى دەپ ھەر قانداق تەلىۋىنى قاندۇرۇش ئۇچۇن تىرىشىش ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ راھىتىنى كۆرەلمەسلىگىنىڭ بىر تەرىپى دەپ ئويلايمەن.مانا مۇشۇنداق ھەددىدىن زىيادە"كۆيىنىش"ئىچىدە چوڭ بولغان بالىلار ئومۇر بويى ئاتا-ئانىسىغا تايىنىدۇ،ئاتا-ئانىسىز بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ،مەيلى ئالى مەكتەپتە ئوقۇش بولسۇن،خىزمەت ئىزدەشتە بولسۇن،توي قىلىش ئۆي ئېلىشتا بولسۇن،بالىسىنى تۇغۇپ چوڭ قىلىپ تەربىيلەشتە بولسۇن ھەممىسىدە ئاتا-ئانا بولغۇچى ئالدىدا يۇگىرەيدۇ،ئويلاپ باقايلى ئاتا-ئانىلار قايسى ۋاقتى بىلەن راھەت كۆرىدۇ؟؟؟؟؟ئەسلى ئاتا-ئانىلار ھىچ بولمىغاندا بىز ئالى مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن بىز ئۇچۇن غەم يىمەي راھەتلىك كۇنلىرىنى باشلىسا بولاتتى،بىراق بىزدەك مۇستەقىل ياشاش ئىدىيىسى تىكلىيەلمىگەن،ئاتا-ئانىنىڭ بالىلار ئۇچۇن ئومۇر بويى جاپا تارتىشىنى دۇرۇس دەپ ئويلاپ كەلگەن بالىلار ئاتا-ئانىمىزنىڭ راھىتىنى ئۇلارغا بەرمىدۇق.بۇ مېنىڭ ككز قارىشىم خالاس ،ئەلۋەتتە بىر ئادەمنىڭ ئويلىغىنى ھەرگىز مۇكەممەل بولمايدۇ،ھەممىمىز ئويلىغىنىمىزنى دەپ باقايلى .يوقۇرقى گەپلىرىم بالىلىرىنى جاپادىمۇ راھەتتىمۇ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىلارغا ۋە ئۆزى مۇستەقىل ياشاپ(ئىش قىلىپ)كۆنگەن بالىلارغا قارىتىلمىغان.

بالاڭنىڭ ياخشى ئادەم بولۇشىنى ئاۋال ئۆزىڭدىن باشلا،،ئالىم بولالمىساڭ مەيلى بىراق ئادەم بول!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16155
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6637
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 2509 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-4 08:33:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقەتەنمۇ جاپالىق ۋە ھۆرمەتكە لايىق.
لىكىن ئازبىرقىسىم قىز-ئاياللىرىمىز شۇ جاپاكەشلەرنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرمەكتە.
اللاھ شۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلغاي.

تەنھاكىيىك

گۈل جەننەت

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 682
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9177
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3966 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2011-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-7 06:40:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇماقالىنى  بارلىق مىھرى ئىللىق جاپاكەش ئانىلارغا بېغىشلىسا يامان كەتمەيدۇ ، لېكىن بىرقىسىم ئۆزنەسلىنى ئۇنۇتقانلارغا ئەسلا ماس كەلمايدۇ .

بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن يول يوق ئىدى ،ئۇپەقەت كىشىلەرنىڭ مېڭىشى بىلەن پەيدا بولغان.   ئاق لالە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19904
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3158
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2011-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-16 05:53:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەيلى ئەدەبى ئەسەربولسۇنياكى رىئال تۇرمۇش بولسۇن ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ ئاللھىم ئەرلەرنىڭ كۈڭلىگە ئنساپ بەرسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش