مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 689|ئىنكاس: 10

«نان قېپى» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

گۇل باھارنىڭ ئۆت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17019
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8155
تۆھپە نۇمۇرى: 434
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2011-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-2 01:14:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىمگە ئۈچ يىل بولدى. بۈگۈن بولمىسا ئەتە، ئەتە بولمىسا ھامان بىر كۈنى ھۆكۈمەتتىن «پالانى كۈنى ئىشقا چۈشىدۇ، ئىش ھەققى مانچە يۈز سوم» دېگەن ئۇقتۇرۇش كېلىدۇ. بۇ دېگەن بىر ئۆمۈر يېتىپ يېسەممۇ تۈگىمەيدىغان ئالتۇن تېغىم بولىدۇ. شۇ چاغدا «ھۇ نان قېپى، كارغا يارىماس» دېگەنلەرگە ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ قويمايدىغان بولسام، خەپ ...
****
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۈندە مايلاپ تارىلىدىغان چېچىم ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر قېتىم تارغاق كۆرىدىغان بولدى. پىچاق تىغىدەك تىك قىرلانغان ئىشتىنىمنىڭ تىزى بۆكتەك پۇسكۇيۇپ چىقتى. توپا قونمايدىغان پارقىراق ئايىقىم «ماي» دېگەن نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، ئەمدىلىكتە رەڭگىنىمۇ تونۇغىلى بولمىغۇدەك ھالغا كېلىپ قالدى. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ يۇرتقا كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە كۆزۈمنىڭ ئىچىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغان قىزلارنىڭمۇ رايى يېنىپ، ھازىر ئۇلار بىردىن بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالدى. تەڭتۈشلىرىم بولسا، «پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى»گە ئېرىشىپ بولدى. كىچىكلەر مېنى «قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان قېرى يىگىت» دېيىشىپ، قارىماستىن ئۆتۈپ كېتىشتى. ئۆيدىمۇ مېھمانلىنىپ - چىمانلىپ بولدۇم. ئانامنىڭ قىز مېلىنىمۇ ساتتۇرۇپ پۈتۈن ئائىلىنى قاقسەنەم قىلىۋەتكەن تۇرسام، ئۆيۈمدىكىلەرگە قايسى يۈزۈم بىلەن قاراپ، قايسى ئېغىزىم بىلەن نېمىمۇ دەيمەن؟ لېكىن ئامال يوق، بەرگەننى يەپ تۇردۇم (كۆڭلۈمدە يېمەكچى بولغانلىرىمنى يېيەلمىسەممۇ).
ئالىي مەكتەپتە تۆت يىل مەخسۇس تارىخ ئوقۇدۇم. ئۇيغۇرنىڭ دەمدۇ، جۇڭگونىڭ دەمدۇ، چەت ئەلنىڭ دەمدۇ، قەدىمقىنى دەمدۇ، يېقىنقىنى دەمدۇ ... قوغۇرسۇر ئالتۇندىن تارتىپ كۇڭ زى، ئەپلاتۇنغىچە بىلمەيدىغىنىم يوق. ئالتۇن دەۋر، قانلىق يىللار ... ھازىرچە بىرى مەندىن سوراپمۇ قويمىدى، سورايدىغان بولسا، يىپىدىن يىڭنىسىغىچە شارىلداپ ئاققان سۇدەك راۋان دەپ بېرەتتىم. قورسىقىمدا باشقىلارغا ئوخشاش يېگەن ئاش - ناندىن باشقا بىلىم دېگەن تولۇپ يېتىپتۇ. سەھرايى قىيامەتنىڭ ئادەملىرى كور، نادان، ئۇ خەق ئالتۇننىڭ قەدرىنى نېمە بىلسۇن؟ ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلىدۇ. مەن مۇنداق قالمايمەن.
كۈنلەر ئۆتۈۋەردى. ئۈمىدىم كۆپۈككە، زېرىكىش - تېرىكىشكە ئالماشتى. مۇنداق يېتىۋەرسەم بولمايدىكەن. يەۋەرسەم ئۇيۇلىدىكەنمەن. يېمىسەم ئۆلىدىكەنمەن.
بىلگەن «تارىخ»ىم بىلەن نېمە قىلالايتتىم؟
دادامغا ياردەملىشىپ دېھقانچىلىق قىلماقچى بولدۇم. 16 يىل ئوقۇپ كەتمەن دېگەندىنمۇ چىقىپ قاپتىمەن. قوللىرىم قاپىرىپ، بەللىرىم سىرقىراپ بولالماي قالدىم. ئىنىمنىڭ ياغاچچىلىق ھۈنىرىگە ياردەملەشمەكچى بولۇپ باردىم - يۇ، توقماق بىلەن بىرنى قويۇپ، سول قولۇمنى خېلى قاتتىق سوقۇۋالدىم.
ماشىنا ئېلىپ كىراكەشلىك قىلىشنى ئويلىدىم. لېكىن ئۇنىڭغا پۇل نەدە؟ ماگىستىرلىق كىنىشكام ماشىنا ھەيدەشكە ئەسقاتمايدۇ.
باققالغا قاراپ باقتىم، ياماقچىغا قاراپ باقتىم، مەن بىر باكالاۋر، ئۇنداق ئىشلارنى قىلسام قانداق بولغىنى؟ ئۇنىڭدىنمۇ رايىم ياندى. بازار كۈنى كوچىدا ساپايە سوقۇپ «ھەق ئاللا» دەۋاتقان سائىلغا قاراپ ھەيران قالدىم: ئۇنىڭ ئاۋازى ياڭراق، سۆزلىرى يېقىملىق، يۈرەكنى ئېزىدۇ. ئۇنىڭ خالتىسى توشاي دەپ قالغان، قاپقارا قاتاڭغۇر قولىدا بىر تۇتام پۇل. ئۇنىڭغا نان، پۇل، مېۋە … ئىشقىلىپ ئۈسكەندىن چۈشكەن ئۈگۈتتەك ئۈزۈلمەي كېلىپلا تۇرىدۇ. ئۇ نېمە دېگەن تەلەيلىك ھەم بەختلىك؟ مەن ئەدناسى شۇ ساپايىنىمۇ سوقالمايمەن - دە!
16 يىللىق ئۆمرۈم دەرسخانىلاردا كىتاب - دەپتەر بىلەن ئۆتتى. مۇشۇ كەمگىچە مەن يادلىمىغان كىتاب، مەن توۋلىمىغان شوئار ئازمۇ؟
مەن مۇئەللىم نېمە دېسە شۇنى قىلدىم. «قىلما» دېگەننى ھەرگىزمۇ قىلمىدىم. ئويلىسام ئۇ چاغلاردا مەن قۇلىقى يۇمشاق، پەزىلەتلىك، رايىش بالا ئىدىم. ھەممە مېنى «ئەخلاقلىق، ئەقىللىق بالا» دەپ ماختايتتى. لېي فېڭچە، لېي نىڭچە ئۆسمۈر بولۇپ ئالغان مۇكاپات، تەقدىرنامىلىرىممۇ خېلى بار. ئاتا - ئانام، قولۇم - قوشنىلارنىڭ «شۇنداق بولسۇن دەپ ئەگكەندەك، قايچىدا قىرقىغاندەك، تاناپ تارتقاندەك ئوڭلۇق بالا» دەپ ماختاشلىرى، پەخىرلىنىشلىرىچۇ؟
ساردىن چىققان قارچۇغا، سەھرادىن چىققان ئۆلىما ئىدىم. ئىلگىرى ھەممە زوقلىنىپ ماڭا قارىشاتتى. ئەمدى مەن ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئىشىغا، يەۋاتقان نېنىغا، قولىدىكى پۇلىغا تەلمۈرۈپ قاراپ قالدىم. جاھاننىڭ تەڭشەلگىنى مۇشۇ ئوخشايدۇ.
قازانچىنىڭ شاگىرتى ئۇستىسىنىڭ قازاننى قانداق قۇيغانلىقىنى كۆرمىسىمۇ، ئىككى يىلدا مۇكەممەل ئۆگىنىپ بولارمىش. مەنچۇ، مەن 16 يىلدا نېمە ئۆگەندىم؟ مائارىپ ماڭا نېمە ئۆگەتتى؟
50 يىل مابەينىدە ياش، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئىچىدە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتەلمىسە، مەن 6 يىلدا «باكالاۋر» بولدۇم.
قاراپ باقسام، بىرىنچى يىللىقتا ساۋات چىقىرىپ ھايات مۇساپەمدە يېڭى ئىرا باشلىغان بولساممۇ 11 يىلدا، 16 يىلدا شۇ بىر ئوقۇرنى ئايلىنىپتىمەن. ئەمدى مېنىڭدە ساۋاتتىن ئۆزگە قالغىنى نېمە؟
ئادەمگە تەلەي قىيا باقىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىدىكەن. ئۈمىدىم ئۈزۈلەي دېگەن كۈنلەردە ھۆكۈمەت ئورگىنىغا كاتىپ، تەرجىماننى نەق مەيداندا تاللاپ ئالىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇدۇل ناھىيىگە چاپتىم. ئەمدى نېمىسىنى ئېيتاي، ئۇلار«چوقۇم ئىش ئورنى بولغان، ياش، ئالىي مەلۇماتلىقلاردىن بولۇشى كېرەك»كەن. چالمام سۇغا چۈشتى.
ئۇزاق ئۆتمەي ئوقۇتقۇچى ۋە مەمۇرىي خادىملىققا جەمئىيەتتىن تاللاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. بۇ دۆرەم ئىشلىرىم خېلى ئوڭغا تارتىپ دەخلىسىز تىزىملاش شەرىپىگە ئىگە بولدۇم. دۆلەت تىلى، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا پەنلىرى ئىمتىھانىدىن ئۆتسەك، ئاندىن كەسىپتىن ئىمتىھان بېرىدىغان گەپكەن. ئاتا - ئانامدىن راسخوت ئۈچۈن ئاران پۇل ئېلىپ ئىمتىھانغا قاتناشتىم. «تىل - ئەدەبىيات» ئىمتىھانلىرى بىر ئويۇن ھېسابىدا ئۆتتى. ئەزەلدىن مەن ئۆچ كۆرگەن »ماتېماتىكا« بار ئۆچىنى ئالدى. ئۇنى دېمىسىمۇ سەككىز يىل مابەينىدە كەسپىمگە مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراپ، ماتېماتىكا كىتابىنى قولۇمغىمۇ ئېلىپ باقمىغان تۇرسام. مىڭ ئۆلۈپ، مىڭبىر تىرىلدىم.
ئومۇمىي نومۇرۇم تەلەپكە يەتكەن بولسىمۇ، «ماتېماتىكا» تەلەپكە يەتمەي قۇرۇق قول قايتىشقا مەجبۇر قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ئىدارىدىكىلەرگە ئەھۋال قىلدىم. ئۇلار تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك جاۋاب بېرىشتى:
_ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇم دەيسىز، ئىمتىھان ئالدۇق، ئۆتەلمىدىڭىز ...
_ ئاۋۋال كەسىپتىن ئالسۇن. كەسىپتىن ئۆتەلمىگەندە ئاندىن ...
_ ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.
_ مەن 16 يىل ئوقۇدۇم، ئەمدى نېمە قىلىمەن؟
_ ئىختىيارىڭىز.
_ ئوقۇتقان كەسىپ تارىخ تۇرسا ...
_ ئوقۇتقان كەسىپ شۇ تۇرسا؟! ئۆزىڭىز ئوقۇغانسىز ...
_ چاقىرىق كېلىپ، ئوقۇتقاندا ئوقۇدۇم.
_ ئوقۇغان بولسىڭىز، بىلىم ئالغانسىز؟
_ ئالدىم. ئەمدى ئۇنى نېمە قىلىمەن؟
_ ئىختىيارىڭىز. سىزدەكلەردىن 13 مىڭى بار. قولىڭىزدىن كەلسە ئىش تېپىڭ.
_ مەن قانداق تاپىمەن؟
_ تازا مەتو، دەلدۈشكەنغۇ بۇ؟ ئىش تاپالمىساڭ خالاغا بېلەت سات_ ھۇ، نان قېپى ...
بىر تاغار دەرد - ئەلەم بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.
16 يىل ئوقۇپ خالاغا بېلەت ساتسام، باشقا ئىش ئۈچۈن قانچە يىل ئوقارمەن؟ خەيرىيەت، يېزىدا خالاغا بېلەت سېتىلمايدۇ. شەھەردىكى خالانىڭ ئىگىسى بار. 13 مىڭ كىشى بېلەت ساتقۇدەك يۇرتىمىزدا قانچىلىك شەھەر بار؟
«نان قېپى ... ! نان قېپى!» بۇ سۆزلەر مېڭەمنى قوچۇۋەتتى.
مەن ئەزەلدىن مۇشۇنداق«نان قېپى» يارالغاندىمەنمۇ؟ بىراۋ شۇنداق ياراتقانمىدۇ؟ سىلەر مېنى نان قېپى قاتارىغا چىقاردىڭلار. شۇ ئورنۇڭلار، شۇ ئىمتىھان نەتىجەڭلار بىلەن. سىلەر بىر بولساڭلار «ئىمتىھان ! ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ شۇ سوئال دائىرىسىدىكى بىلىمىنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ، شۇ كىشىنىڭ پۈتۈن بىلىمىنى ئۆلچىمەيدۇ؛ شۇ كىشىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ» دەيسىلەر. ئەمدى شۇ بىر «ئىمتىھان»بىلەنلا يارىماس قاتارغا چىقىرىسىلەر، زادى قايسى گېپىڭلار راست؟!
ئېيتىڭلار قېنى، مەندىن ئالغان ئاشۇ ئىمتىھاننى سىلەردىن ئالسا، سىلەر قانداق قىلارسىلەر؟
سىلەر بىزنى مۇشۇ ھالغا كەلتۈرگەن نان قېپى. سىلەرمۇ، مەنمۇ، ئۇلارمۇ «نان قېپى» بولۇۋەرسە، بۇ نان قاپلىرىغا كەلگۈسىدە قايسى ناننى سالىمىز؟
بالىلارغا شۇنى خىتاب قىلغۇم كېلىدۇ:
_ بالىلار، ئاگاھ بولۇڭلار، ئۇ نان قاپلىرى سىلەرنىمۇ مەندەك نان قېپى قىلىپ يېتىشتۈرمىسۇن. سىلەر ئۆزگىچە ئادەم بولۇڭلار!
مەن بۈگۈن شۇنى تونۇپ يەتتىم. باشقا ئىش قولۇمدىن كەلمىسىمۇ كۆڭلۈمدىكىنى دېيىش، ۋارقىراش بولسىمۇ كېلىدۇ:
_ خالايلىق ئۆيۈڭلاردىكى، ئەتراپىڭلاردىكى سەبىي بالىلارنى قۇتقۇزۇڭلار! ئوقۇش - ئوقۇتۇشنى دەۋرگە، زامانغا لايىق ئىسلاھ قىلىڭلار. ئەمدى ئىسلاھات قىلىش پەيتى يېتىپ كەلدى. ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەنسىلەر، كۈندە دېگۈدەك تۇغۇلۇپ قاتارغا قېتىلىۋاتقان ساناقسىز نان قاپلىرى قەيەرگە سىغىدۇ؟ جېنىنى قانداق باقىدۇ؟ رىقابەتكە قانداق قاتنىشىدۇ؟
(ئاپتور: چىرا ناھىيە دامكۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)
ژۇرنىلىمىز 2004.4 - سانىدىن

ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-2 03:36:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ئىسىل يازمىكەن بۇ. توۋاھازىر زامان شۇنداق نان قىپغا تۇشۇپ كەتتى.

باشقىلار ھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1854
يازما سانى: 2208
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 314254
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 5512 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-2 03:41:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مىنى تور ئەدەبىياتىغا  قىسقىسى مۇنبەرگە باشلاپ كىرگەن ئەسەرلەردىن مۇشۇ< نان قېپى> دىگەن ئەسەر بىلەن يەنە  < دادام تاپقان 10 يۈەن پۇل > مۇشۇغۇ دەيمەن تىمىسى .  بار .

     ياخشى يازمىلارنىڭ بىزگە ھەردائىم قايتا-قايتا ئۇچىرشى ھىچقانداق سەۋەنلىك ھىسابلانمايدۇ ، بۇ سۆزلىرىمنى كۆرۈپ ئاشكار نىمە دىمەكچىدۇ دەپ قالماڭ .  < نان قېپى> دىگەن بۇ يازما مىسرانىم يىڭى ئېچىلغاندىن بۇيان 3-4 قىتىم يوللاندى .

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!

ناتىرىي خىلور

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3169
يازما سانى: 1800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17255
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 6081 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-2 03:47:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپ ئىسلاھاتىنى قىلىدىغانغا نۇربەكرى ھاجىمدەك ئەمىلىڭىز بولمىسا ئەمەلىيلەشمىكى تەس .....

بۇ ئەلنى بىز قۇل قىلالمىغۇدەكمىز `  چۈكى ئۇلار قۇل قىلغۇچىلاردۇر .     - ئىسكەندەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13794
يازما سانى: 1563
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5746
تۆھپە نۇمۇرى: 1992
توردا: 849 سائەت
تىزىم: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-2 05:18:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن بىر ئوقىغاندەك ئىسىمدە بۇنى قاشتىشى ژۇرنىدائوقۇدۇممىكى تازا ئىسىمدە يوق ،

ئويلىنىشقائەرزىيدۇ ماقىما !

ئۆلۈم يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈك باشلىنىشى !

گۇل باھارنىڭ ئۆت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17019
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8155
تۆھپە نۇمۇرى: 434
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2011-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-2 05:30:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت axkar كە 2010-12-02 03:41 PMئەۋەتىلدى :
       مىنى تور ئەدەبىياتىغا  قىسقىسى مۇنبەرگە باشلاپ كىرگەن ئەسەرلەردىن مۇشۇ< نان قېپى> دىگەن ئەسەر بىلەن يەنە  < دادام تاپقان 10 يۈەن پۇل > مۇشۇغۇ دەيمەن تىمىسى .  بار .

     ياخشى يازمىلارنىڭ بىزگە ھەردائىم قايتا-قايتا ئۇچىرشى ھىچقانداق سەۋەنلىك ھىسابلانمايدۇ ، بۇ سۆزلىرىمنى كۆرۈپ ئاشكار نىمە دىمەكچىدۇ دەپ قالماڭ .  < نان قېپى> دىگەن بۇ يازما مىسرانىم يىڭى ئېچىلغاندىن بۇيان 3-4 قىتىم يوللاندى .

مەن ئىزدەپ باقتىم لىكىن چىقمىدى ،شۇڭا يوللاپ قويغان

تەكلىما بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-2 05:55:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15379
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10040
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 2352 سائەت
تىزىم: 2010-10-27
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-2 05:55:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسىت ھازىر ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن نۇرغۇن ئىختىساسلىقلار مۇشۇنداق''نان قېپى '' بۇلۇپ قالدى. ھۈكۈمەت بۇنىڭغا ئامال قىلسا بۇلاتتى.

مىسرانىمنى ياخشى كۆرىمەن

ياسىنجان(سىرلىق)

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 7034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90762
تۆھپە نۇمۇرى: 1350
توردا: 6271 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-2 06:15:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت ubul0998 كە 2010-12-02 03:36 PMئەۋەتىلدى :
ئەجەپ ئىسىل يازمىكەن بۇ. توۋاھازىر زامان شۇنداق نان قىپغا تۇشۇپ كەتتى.

ھەقىقەتەن  راس  دەيسىز  قىرىندىشىم............

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7120
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17232
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 1701 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2014-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-2 06:59:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن ، دىمسىمۇ ھازىر مۇشۇنداق ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ كىلىپ ئۈزنىڭ چىقىش يۇلنى تاپالماي ۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش