100 سوم پۇلنىڭ ئىھتىياجى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، نەسرۇللا مىنى قۇشۇپ يازغىنىڭىزغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ،بايام ئازراق سىلگە قۇشاق تۇقۇپ چاقچاق قىلىپ قويدۇم ھەرگىز ئەيىپكە بۇيرىماڭ بۇلامدۇ ؟ بىردەم چاقچاق بولسۇن دەپ يازغان .
تېمىڭىزغا كۆپتىن - كۆپ رەھمەت
ئەمدى سىز سورىغان 100 پۇلنىڭ ئىشىغا كەلسەك مەن ئۆينىڭ پۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىنى كەچتە ئاختۇرۇپ باقاي ،چۇنكى مەن ئەزەلدىن كۈندۈزدە پۇل ئىزدەپ ئۆيدىن پۇل تاپالىغان ئەمەس ..بەزىدە چاچقانمۇ يامانلاپ چىقىپ كىتىدۇ ......ماۋۇ مۇنبەر پۇلۇمنى ھەرگىز بەرمەيمەن بۇ مىنىڭ تېمىلىرىمنىڭ رىسقى ...ھەمىسى چاقچاق
بولدى ھازىرلا يولغا چىقىڭ مىنىڭ يېنىمغا كىلىڭ بىر ئامال تېپىپ قويدۇم ئاسانلا باي بۇلۇپ كىتىمىز .
كەلسىڭىز گەر يېنىمغا ،
بانكىغا باشلاپ كىرىمەن .
يۈز سوم پۇلنىڭ دەردىدە ،
مىليونۇرنى بۇلايمەن .
ئاندىن ساقچى كىلىدۇ ،
قولغا كويزا سالىدۇ .
ماشىنىغا ئەپ چىقىپ .
پەيچۇسوغا ماڭىدۇ .
سۇئال سۇراق باشلىنار ،
تاياق - توقماق قېشىدا.
ئالداش ئۈچۈن مىنىمۇ،
سىلىق تىگەر بېشىدا .
گۇنايىمغۇ بەك ئاددى .
نەسرۇللانىڭ دەردىغۇ .
مۇشلاپ ئۈزۈم مەيدەمگە ،
زەي تۈرمىگە چۈشتىمغۇ .
پۇل سورىغان نەسرۇللا،
بەدەر قاچتى غىپپىدە .
قورقۇنۇشنىڭ دەردىدە ،
تەرلەپ كەتتىم چىپپىدە.
مەن پۇل بۇلغاندا ،
نەسرۇللامۇ بار ئىدى.
گۇۋاھ بۇلۇپ ئاقلاشقا .
نىمە ئۈچۈن ؟يالتايدى.
ساقلاپ كەتتىم سوتخاندا،
نەسرۇللانى كۆپ كۈتۈپ .
لىكىن كەلمەي بۇ ئاداش ،
بىر سائەت كەتتى ئۈتۈپ.
ئۈتۈپ كەتكەچ بىر مەھەل،
كەتتى سوتچى ئاچىقلاپ .
ساقچى كىلىپ قۇلۇمدىن،
ئېلىپ ماڭدى كويزىلاپ.
مانا دوسنىڭ شەپقىتى ،
بالا بولدى بېشىمغا .
ئەمدى يەنە پۇل سۇراپ،
قايتا كەلمە قېشىمغا .
ياردەم قىلغان ئاقىۋەت،
ھەمرا قىلدى تۈرمىگە.
مەندىن ئىبرەت بولسۇن،
ياردەم قىلماڭ بىرسىگە.....چاقچاق ھە
جىنايىتىم بەدىلىگە ،
ئالتە يىللىق كىسىلدىم .
پۇشايماننىڭ دەردىدە ،
تام تۇرۇسقا ئېسىلدىم .
كىچىللىرى چاچقانلار ،
ماڭا ھەمرا ياتىدۇ.
تاماق بەرمەي كەچتىمۇ،
موما بىلەن باقىدۇ .
ياردەم قىلىپ نەسرۇللاغا،
تېپىۋالدىم چوڭ بالا .
ئەركىنلىكىم بۇغۇلۇپ ،
نىسىپ بولمىدى تالا.
مۇنبەردىكى جان دوسلار ،
مەندىن ئىرەت ئېلىڭلار .
نەسرۇللا قۇرغان قىلتاققا ،
سىلەر ئىلىنىپ قالماڭلار.
ئۈزۈم تاپقان بالاغا ،
نەگە باراي داۋاغا ،
ئالتا يىل توشقاندا ،
مەن چىقىمەن تالاغا.
دەپ ناخشامنى ئېيتىپ قالدىم مەن،
كىلەر قېتىم سىلەردىن نەسرۇللا پۇل سورىسا مەندەك ئەخمەقلىق قىلىپ ئۇنىڭغا ئالدىنىپ قالماڭلار ھە ........ چاقچاق ھە باللار قاملاشمىسىمۇ نەسرۇللانىڭ 100 سوم پۇل دىگەن تېمىسىغا قارتا يېزىپ قويدۇم تورداشلار توغرا چۈشۈنۈڭلار ،
مەنبە--- 100 پۇلنىڭ ئىھتىياجى (تاڭنۇر)