مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1217|ئىنكاس: 7

ئامرىكىنىڭ ئاپتۇنۇمىيە رايونلىرى(1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24613
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-1 02:16:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئامرىكىنىڭ ئاپتۇنۇمىيە رايونلىرى(1)


[align=justify]

ئامرىكىدا
دۇنيانىڭ باشقا يىرىدە، بولۇپمۇ ياۋرۇپادا يوق بولغان بىر بايرام كۈنى

[align=justify]بار. بۇ كۈن رەھمەت ئېيتىش بايرىمى (Thanksgiving day)كۈنىدۇر. 1620-يىلى
100 دىن ئارتۇق ئادەمنى باسقان بىر كىمە ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۈتۈپ يىڭى
دۇنياغا كەلگەن. بۇ بىر گۇرۇپپا دىنى ئادەملەر ئەنگىلىيە باش چىركاۋىنىڭ
دىننى يولغا قويۇش ۋە چەكلىمىسىگە چىدىماي قېچىپ يىڭى چىقىش يولى ئىزدەپ
كەلگەنلەر بولۇپ بۇلار ماسساچۇستىس شىتاتىدا قىرغاققا چىقىپ شۇ يەرلەردە
ئولتۇراقلاشقان. بۇلار كەلگەن ۋاقىت كۈز ئۆتۈپ كىتىپ قىش كەلگەن ۋاقىت
بولۇپ بۇلار ئېلىپ كەلگەن يىمەكلىك تىزلا تۈگەپ قالغان. بىر نەرسە تېرىپ
يەي دىسە قىش كىرىپ بولغان بولۇپ بۇ ئۇزاق قىشنى ئۆتكۈزۈش ئۇلارغا بەكمۇ
تەس كەلگەن. ئاچلىق، سوغۇق ۋە ئۇنىڭدىن كىلىپ چىققان ھەر خىل كىسەللىك
تۈپەيلىدىن بۇ قىشىنى ئۆتكۇزۇپ بۇلالماي كەلگەنلەرنىڭ يېرىمى ئۈلۈپ
كەتكەن. باھار كەلگەندە شۇ يەردىكى يەرلىك ھىندىيانلار بۇلارغا يىڭى بىر
خىل زىرائەت قۇناق تېرىشنى ئۈگەتكەن. ھىندىيانلار بۇلارغا يەنە شۇ يەردىكى
توپراقتا ئۈسىدىغان باشقا زىرائەتلەرنىمۇ تېرىشنى ھەم قانداق بىلىق
تۇتۇشنى ئۈگەتكەن. 1621-يىلى كۈزدە بۇ يىڭىدن كەلگەنلەر قۇناق، ئارپا،
كاۋا، پۇرچاقتىن چوڭ مول ھۇسۇل ئېلىپ بىر يىللىق ئاچ قورساق ئۈتكەن ھاياتى
ئاخىرلاشقان ھەم بۇ مول ھوسۇلنى تەبرىكلەشنى پىلانلاپ يەرلىك
ھىندىيانلارنىڭ ئاقساقىلى ۋە ئاھالىلىرى بولۇپ 90 دەك ئادەمنى چاقىرىپ
يىغىلىش قىلىپ تەبرىكلىگەن. يەرلىك ھىندىيانلار ئوۋلىغان بۇغا ۋە كاۋاپ
قىلىنغان گوش توخىسى(Tuekey) ئېلىپ كىلىپ بىللە ئوسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتىپ
كۈڭۈل ئاچقان. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ مول-ھوسۇل بايرىمى بارا بارا ئومۇملىشىپ
لىنكولىن زوڭتۇڭغا كەلگەندە پارلامىنىت قارار چىقىرىپ بۇ كۈننى ئامرىكىنىڭ
دۈلەت بىكىتكەن بايرام كۈنى قىلىپ بىكىتكەن. بۇ ھازىرمۇ داۋاملىشىدۇ. ھەر
يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرقى پەيشەنبىسى پۈتۈن ئامرىكىدا ئىككى كۈن بايرام
بولۇپ قويۇپ بىرىلىدۇ. مەن بۇ تارىخنى ئامرىكىغا كىلىپ 2-3 ئايدىن كىيىن
بۇ بايرامغا قويۇپ بىرىلگەندە ئەجەپلىنىپ سوراپ يۈرۈپ بىلگەنىدىم.

ئامرىكا
دۆلىتىنىڭ تارىخىغا ئەمدى تېخى 300 يىلدىن ئارتۇقراق بولدى. لېكىن بۇ
زىمىندا ئادەم ياشاۋاتقىلى ئوزۇن زامانلار بولدى. 1492-يىلى ھىندىستانغا
بېرىپ ئالتۇن ئىزدىمەكچى بولغان كولۇمبۇ ئامرىكا قۇرۇقلىقىغا كىلىپ قېلىپ
بۇ قۇرۇقلۇقنى خاتا ھالدا ھىندىستان دەپ ئىشىنىپ قالغان ۋە بۇ زىمىندىكى
ئادەملەرنىمۇ ھىندىستانلىق (Indian) دەپ ئاتىغان. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ
ئادەملەر خاتا ھالدا ھىندىيان ( ھىندىيان دىگەن گەپ بىزنىڭ تىلىمىزدا
ھىندىستانلىق دىگەن بولىدۇ). ھىندىستانلىق دىگەن گەپ بىلەن ئارلاشتۇرۇپ
قويماسلىق ئۈچۈن ھازىر بۇلارنى يەرلىك ئامرىكىلىق(Native American), ياكى
يەرلىق ھىندىيان(Native Indian) دەپ ئاتايدۇ. ئامرىكىغا كىلىپ ئوزۇن
ئۈتمەي خوشنامنىڭ ئۈيىدە چوڭ بىر Party(ئولتۇرۇش) بولۇپ شۇ يەردە پاكار
بىر قىز بىلە پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ مەندىن نەدىن كەلدىڭ دەپ سوراپ مەن
مەركىزى ئاسىيادىن كەلگەن دىسەم ئۇ دەرھال ماڭا ئېسىلىپ بىرنى
قۇچاقلىۋېتىپ، ئەكە قولۇڭنى بىز قانداش كىلىدىكەنمىز دىسە ھەيران
قاپتىكەنمەن. بىز قاندا قانداش بۇلىمىز دىسەم ئۇ « مەن سىلەر دەۋاتقان
ھىندىيان بۇلىمەن، ئاتا ئانامنىڭ دەپ بىرىشى ۋە تارىخ كىتاپلاردىن
ئوقۇشۇمچە بىزمۇ شۇ مەركىزى ئاسىيادىن كەپتىكەنمىز» دىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن
ئۇ قىزغا قىززىقىپ ياخشىراق گەپكە سېلىپ باقاي دىسەم ئولتۇرۇش تۈگىگۇچە ئۇ
غەرىق مەس بولۇپ بىر بۇلۇڭنى تېپىپ ئۇيقۇغا كىتىپتۇ. كىيىن ئۇ قىزنى
ئۇچراتمىدىم. لېكىن ئەتىسى توردىن ئاختۇرۇپ باقسام مەنبەلەردە راستلا
شۇنداق يېزىپتۇ. ئۇندىن كىيىن ھىندىيانلار توغرىلىق ئىزدىنىپ بىقىشنى
ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

ئۈتكەن يىلى كۈزدە مەن تۇرۇۋاتقان شەھەردىكى
خىزمەتچى تۇنۇشىمىزنىڭ باشچىلىقىدا 10 نەچچەيلەن ئويناپ كىلىمىز دەپ 3-4
ماشىنىغا بۈلۈشۇپ چىقىپ بىزدىن بىر سائەتلىك يىراقلىقتىكى Coeur D’Alene
دەپ بىر كۆلگە ماڭدۇق. يولدا ماڭغاچ مەن Coeur D’Alene دىگەن بۇ غەلىتە
ئوقۇغىلى بولمايدىغان گەپكەن بۇ نەچە سۈز دەپ ئۇ خىزمەتچىنى گەپكە سالدىم.
سوراپ بىلدىمكى Coeur D’Alene دىگەن مۇشۇ يەردە ياشاۋاتقان ھىندىيانلار
قەبىلىسىنىڭ نامىكەن. بىز بارماقچى بولغان جاي شۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا
ئىكەن. بىز شۇ رايۇنغا كىرگەندىن كىيىن شۇ يەرنىڭ قانۇنى ۋە بەلگىلىمىسگە
بوي سونۇش لازىمكەن. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قىززىقىپ قالدىم. ئامرىكىدا
شىتاتلارنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى ۋە قانۇنى بارلىقىنى بىلىمەن لېكىن
ھىنىدىيانلار تۇرىدىغان جايلارنىڭ ئۇنداق ئىكەنلىگىنى ئاڭلىمىغانىدىم.
شۇنىڭ بىلەن گەپ باشلىنىپ كەتتى، بارغۇچە كەلگۈچە ئاساسەن ھىندىيانلار
توغرىلىق پاراڭلىشپ كەپتۇق. ئاندىن مىنىڭ تەلىۋىم بويىچە شۇ يەرنىڭ
بازىرىدا توختاپ شۇ يەرنىڭ ھۈكۈمىتى، بازىرى، سوت مەھكىمىسى، ساقچىخانىسى
دىگەندەكلەرنى كۈرۈپ كەلدۇق. تېخى بىر يەردە توختاپ بىر ساقچىنى گەپكە
سالدۇق. بارا بارا ئامرىكىدىكى ھىندىيانلارنىڭ ساقلاپ قېلىنغان رايۇنلىرى
توغرىلىق بىر قەدەر چوڭقۇر تۇنۇشقا ئىگە بولدۇم ھەم ھەيران قالدىم. ئەسلى
ئامرىكىدىمۇ ئاپتۇنۇم رايۇنلار باركەن. لېكىن ئامرىكا ھۈكۈمىتى ئۇ
يەرلەرنى ئاپتۇنۇم رايۇن دىمەي reservation
يەنى قوغداش رايۇنى( ياكى ساقلاپ قېلىش رايۇنى) دەپ ئاتايدىكەن. بۈگۈن
توردا ھىندىيانلارغا ئائىت بىر كىنونىڭ تۇنۇشتۇرۇشىنى كۈرۈپ بۇ ئىشلار
ئىسىمگە كىلىپ يېزىپ قويماقچى بولدۇم.

ئامرىكا چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى
ھىنىدىيانلارنىڭ يىقىنقى زامان تارىخى ئىنتايىن قانلىق بولغان ئېچىنىشلىق
تارىخ. ياۋرۇپالىق مۇستەملىكىچىلەر بۇ يەرگە كىلىشتىن بۇرۇن يەرلىك خەلىق
بۇ زىمىندا ياشاپ، گۈللىنىپ ئۈز مەدىنىيتى ۋە تارىخىنى ياراتقان. ھازىرمۇ
ئامرىكىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھىندىيانلارنىڭ بەلگىسىنى ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ.
ئامرىكىدىكى نۇرغۇنلىغان جايلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ نامى يەرلىك
ھىندىيانلارنىڭ تىلىدا ئاتالغان. چوڭلىرى شىتات ناملىرىدىن تارتىپ
كىچىكلىرى كوچا ناملىرىغىچە. لېكىن جېنىدىن تويغان بىرىنچى تۈركۈم
ياۋرۇپالىقلار بۇ زىمىنغا قەدەم باسقاندىن كىيىن يەرلىق خەلىقلەرنىڭ
تىنىچ، خاتىرجەم تۇرمۇشى بۇزۇلغان. ئامرىكا مۇستەقىللىق ئورۇشى داۋامىدا
ھىندىيانلار ئەنگىلىيە تەرەپتە تۇرۇپ مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى قارشى
ئورۇشقان ياكى قارشى تەرەپكە ياردەم بەرگەن. بۇنداق قىلىشتىكى مەخسىتىمۇ
ئۈز زىمىنىنى ۋە مەنپەئەتىنى، ياشاش تىرىتورىيسىنى قوغداپ قېلىش بولغان.
لېكىن ئۇلارنىڭ تەلىيگە قارشى مۇستەقىلچى تەرەپلەر ئورۇشتا غەلىبە قىلىپ
ئامرىكا دۈلىتىنى قۇرغان. كۆپ قىسىم ھىندىيانلارنىڭ ئورۇش جەريانىدا
ئۈزىگە قارشى تەرەپتە تۇرغانلىغى يىڭى دۈلەت باشلىقلىرى ۋە بولۇپمۇ
ئارمىيەنىڭ كاللىسىدا بىر داغ قالدۇرۇپ قويغان.تۈزۈلگەن ئاساسى قانۇندىمۇ
ئامرىكىقلار يەرلىق ھىندىيانلارنى ئۈزىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى دەپ
قارىمىغان. توختىماي كىلىپ چىقىۋاتقان زىمىن، سۇ، ۋە باشقا تالاش
تارتىشلار نەتىجىسىدە ئامرىكىلىقلار بىلەن ھىندىيانلار ئوتتۇرىسىدا
تۇقۇنۇش ۋە ئورۇشلار بېسىقمىغان، نۇرغۇن قېتىملىق قىرغىن قىلىنىش، قۇرشاپ
يۇقىتىش، قۇغلاپ چىقىرىلىش نەتىجىسىدە ھىنىدىيانلار جىق نۇپۇسىنى
يۇقاتقان. ئامرىكىقلارمۇ كىلىشم ھاسىل قىلالىسا كىلىشم ھاسىل قىلىپ،
قىلالمىسا ئۈلتۈرۈپ يۇقىتىپ ھىنىدىيانلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. ئوقۇغان
ماتىرىياللاردا دىيىلىشىچە گەرچە ئامرىكا ئارمىيسى ياكى ھۈكۈمىتىنىڭ پىلان
قىلىپ قىرغىن قىلغان ھىندىيانلار كۆپ بولمىسىمۇ يەرلىك خەلىقنىڭ بىرلىشىپ
ئۈلتۈرگەنلىرى خېلى كۈپ بولغان. بولۇپمۇ دەسلەپكى مەزگىللىك تارىختا
ۋاستىلىق ھالدا ئۈلۈپ كەتكەنلەر جەمئى ئۈلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئىچىدە زور
سالماقنى ئىگەللىگەن. سىتاتىسكىلاردا دىيلىشىچە يىڭى قۇرۇقلۇققا كەلگەن
ياۋرۇپالىقلار ئۈزى بىلەن بىللە يەنە ئامرىكىدىن ھەرخىل يۇقۇملۇق
كىسەللەرنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ بۇ يىڭى كىسەللىكلەرگە نىسبەتەن
ھىنىدىيانلارنىڭ بەدىنىدە ھىچقانداق ئىممونىت كۈچى بولمىغاچقا ئەمەلىيەتتە
شۇ كىسەللىكلەر ئارقىلىق ئۈلگەنلەرنىڭ سانىمۇ ئورۇشتا ئۈلگەنلەرنىڭ
سانىدىن خېلى كۆپ بولغان. بۇ جەرياندىكى تارىخقا قىززىققانلار تەپسىلى
كىتاپ ئاختۇرۇپ باققاي. شۇ ۋاقىتلاردا ھىندىيانلار بىلەن ئىمزالانغان ھەر
خىل كىلىشملەردە ھۈكۈمەت تەرەپ ئۈزىنى ئامرىكىقلار دەپ ئالغان. يەنى بۇ
كىلىشمدىكى قارشى تەرەپ ئامرىكىلىق دەپ قارالمىغان.

يىڭى
كۆچمەنلەر ئامرىكىدا مۇستەقىل دۈلەت قۇرۇپ بارا-بارا كۈچىيىشىيىگە ئەگىشىپ
ئۇلارنىڭ يەرلىق خەلىق بىلەن بولغان مەنپەئەت تۇقۇنۇشىمۇ بارغانسىرى
كۈچىيىپ بارغان. 1830-يىلى ئامرىكا پارلامىنىتى قانۇن ماقۇللاپ زوڭتۇڭغا
مىسسىپى دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى بارلىق ھىندىيانلارنى دەريانىڭ غەربى
قىرغىقىغا يۈتكەش پىلانىنى يۈرگۈزۇش ھوقۇقى بەرگەن. گەرچە قانۇندا
ھىندىيانلار بىلەن كىلىشم ۋە ئالماشتۇرۇش ئىمزالىنىشى، بۇ كۆچۈش
ھىندىيانلارنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن بولۇشى كىرەك دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ
ئەمىلىىيەتتە ئاساسەن مەجبۇرى ھالدا كۆچۈرۈلگەن. 1832-يىلى ئالى سوتى
ھىندىيانلار ئۆز تىرىتورىىيسىدە ئامرىكا قانونىنى كۈچكە ئىگە قىلمىسىمۇ
بۇلىدۇ دەپ قارار چىقارغان. كىيىنچە يەنە شەرىقتىكى نۇپۇسنىڭ يەنە
بارغانسىرى ئېشىپ ئاق تەنلىكلەرنىڭمۇ غەرىپكە كۆچۈشىگە ئەگىشىپ دەريانىڭ
غەربىدىكى كەڭرى بىپايان زىمىنلاردىمۇ زىمىن تالاش تارتىشىشى باشلانغان.
1851-يىلى پارلامىنىت Indian Appropriations Act
نى ماقۇللاپ ھىندىيانلارنىڭ زىمىنىنى ئايرىپ ئۇلارنىڭ زىمىنى ۋە ھۇقۇقىنى
ساقلاپ قېلىشنى بەلگىلىگەن. ھەتتا يەنە ئامرىكىدىكى پۈتۈن ھىنىدىيانلارنى
بىر زىمىنغا يىغىپ ئۇلارنى بىر شىتات قىلىپ قۇرۇپ بىرىپ بۇ جىدەلدىن
مەڭگۈلۈك قۇتۇلماقچىمۇ بولغان ۋە ئوكلاخۇمانى شۇنداق قىلىشقا پىلانلىغان
ۋە باشتا ئۇ يەردىكى ھىندىيانلار بىلەن زىمىن ئايرىم بەرگەن ۋە بۇنى
reservation يەنى قوغداش رايۇنى دەپ ئاتىغان. بۇ زىمىن ئۇ ۋاقىتلاردا
ئىنتايىن چوڭ بولغان. لېكىن كىين ئوكلاخۇمادا نىفىت ۋە باشقا كان
مەنبەلىرىنىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ شىتات قۇرۇش پىلاننى تاشلىۋەتكەن. ئەمما
ھىندىيانلار بار رايوننى قوغداش رايونى دەپ ئاتاپ ياكى ئۇنى كىلىشىم
ھاسىل قىلىپ قۇرۇپ ئاقلار بىلەن ھىندىيانلارنىڭ زىمىنىنى ئايرىش
داۋاملاشقان. 1887-يىلى پارلامىنىت يەنە داۋىس لاھىيسىنى ماقۇللىغان. بۇ
لاھىيە بويىچە ھىندىيان قەبىلىلىرىگە بىر بۆلەك بىر بۆلەك بويىچە بىراقلا
بىرىۋەتمەي قەبىلە ئەزالىرىغا بىر بىرلەپ ئايرىم ئايرىم يەر بۈلۈپ
بىرىشنى بەلگىلىگەن. بۇ بويىچە بەزى يەرلەردە بىر ئادەمگە 150 مودىن، بەزى
يەرلەردە 30 مودىن يەر بۈلۈپ بەرگەن. لېكىن بۇ ئارقىلىق ھىندىيان
قەبىلىرىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى بۇزغان ۋە ئېشىپ قالغان يەرلەرنى ئاقلار
بۆلۈشكەن. بۇ لاھىيە 1934-يىلى ماقۇللانغان ھىندىيانلارنى قايتا تەشكىللەش لاھىيەسى
ماقۇللانغان. بۇ يىڭى لاھىيەدە قەبىلە ئەزالىرىغا ئايرىم ئايرىم يەر بۈلۈپ
بىرىش توختىلىپ قەبىلىنى ئاساس قىلىپ يەر تەقسىملەش بەلگىلەنگەن. ئۇندىن
باشقا يەنە ھىندىيانلارغا نۇرغۇن ھۇقۇقلار بىرىلگەن. يەرلىرى
تارتىۋىلىنغان ھىندىيانلارغا تۈلەم بىرىلىدىغان بولغان. 20 مىليون مو يەر
يەرلىك قەبىلىلەرگە قايتۇرۇپ بىرىلگەن. ئۇندىن باشقا يەنە ساقلاپ قېلىش
رايۇنلىرىدا قەبىلىلەر ئۈز ئالدىغا ھۈكۈمەت قۇرۇشى كىرەكلىگى بەلگىلەنگەن.
ئامرىكىنىڭ ھىندىيانلارغا قاراتقان سىياسىتى شۇنىڭدىن كىيىن ئاساسەن مۇشۇ
رامكا ئىچىدە تەرەققى قىلىىپ كەپتۇ. بۇلار ناھايتى ئوزۇن ۋە مۇرەككەپ
تارىخ ئىكەن. ھىندىيانلارنىڭ ئامرىكا پۇقراسى ئىكەنلىگى 1924-يىلى ئاندىن
ئاساسى قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بىلەت تاشلاش ۋە سايلاش، سايلىنىش،
ئامرىكا سىياسى ئىشلىرىغا قاتنىشىش ھوقۇقى شۇ ۋاقىتتا ئاندىن بولغان.
قىززىققانلار كىتاپ ئاختۇرغايسىلەر

شۇنداق قىلىپ ھازىر ئامرىكىدا
560 تىن ئارتۇق ھۈكۈمەت تىزىملىغان ھىندىيان قەبلىسى بار بولۇپ، بۇلار 310
ئەتراپىدىكى قوغدىلىىش رايونلىرىدا ياشايدۇ. قوغدىلىش رايونلىرى
ئامرىكىنىڭ ئوخشىمىغان شىتاتلىرىغا ناھايتى تەكشىسىز ھالەتتە جايلاشقان.
مۇتلەق كۈپ ساندىكىسى غەربى قىسىم رايۇنلاردا. بەزى قەبىلىلەرنىڭ بىردىن
ئارتۇق قوغدىلىش رايونلىرى بار. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئوخشىمىغان
سىياسەت تۈپەيلى ئۇندىن باشقا بەزى رايونلاردا يەككە ھىندىيانلار
ئىگىدارچىلىقىدىكى نەچچە مىڭ مو كىلدىغان زىمىنلارمۇ باركەن. ئامرىكىدىكى
ھىندىيانلارغا تەۋە قوغدىلىش رايونلىرىنىڭ ئومۇمى يەر كۈلىمى 55 مىليون
مو، يەنى 225مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتېر بولۇپ ئامرىكا يەر مەيدانىنىڭ 2.3%
تىنى ئىگەللەيدۇ. توققۇز قوغدىلىش رايونىنىڭ زىمىنى دىلاۋىر شىتاتىدىن
چوڭ. ئەسلى بۇ قوغدىلىش رايونلىرى ئۈز ۋاختىدا ئىنتايىن چوڭ زىمىنلەر
بولۇپ يۈز نەچچە يىللىق تارىخ جەريانىدا كىچىكلەپ ھازىرقىچىلىك قالغان.
ئامرىكىدا ھازىر 2مىليۇندىن كۆپراق ھىندىيانلار بار. ئوخشىمىغان
شىتاتلارغا جايلاشقان ھىندىيانلارنىڭ مىللىتى، تىلى ۋە ئۆرپ ئادىتى
ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى تۈزۈملىرىمۇ ئوخشىمايدىكەن. ئۇندىن ئۈز ۋاختىدا
ھۈكۈمەت ياكى ئارمىيە بىلەن كىلىشكەن كىلشىمنامىسى ئوخشىمىغاچقا
ھۈكۈمەتتىن ئالىدىغان ياردەم پۇللىرى ۋە سوممىسىمۇ ئوخشىمايدىكەن. يەنە بۇ
قوغدىلىش رايونلىرى ئىچىدە فىدىراتسىيە ھۈكۈمەت بەلگىلىگەن قوغدىلىش
رايونلىرىمۇ، شىتاتلار ئۈزى بەلگىلىگەن قوغدىلىش رايونلىرىمۇ بار ئىكەن.
غەرىپتىكى قوغدىلىش رايونلىرى ئاساسەن فىدىراتسىيە ھۈكۈمەت بەلگىلىگەن
ئىكەن. شەرىقتە شىتاتلىق ھۈكۈمەت بەلگىلىگەنلىرى جىقراق ئىكەن.

ھىندىيان قوغدىلىش رايونلىرى تۈزۈمىنىڭ رامكىسى.
ئۈستىدە
دىيىلگەندەك ئامرىكىنىڭ ھىندىيانلار قوغدىلىش رايونلىرى تۈزۈمى (American
Indian Reservation System) نەچچە يۈز يىللىق تارىختىكى سىياسەت بىلەن
ئاستا ئاستا ئۈزگىرىپ كەلگەن تۈزۈم بولۇپ باشتىلا ئامرىكا ئاساسى قانۇنىغا
ئوخشاش ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن يېزىپ چىقىلغان ئەمەس. گەرچە يىقىنقى
زامانلاردا شىتاتلىق بەزى شىتاتلىىق ھۈكەمەت ھىندىيان رايونلىرىنىڭ بەزى
ئىشلىرىغا نىسبەتەن ئارلىشىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن ھوقۇق جەھەتتىن ھىندىيان
رايۇنىلىرىغا بولغان سىياسەتنىڭ بەلگىلىگۇچىسى ئامرىكا پارلامنىتى.
قوغدىلىش رايونلىرى تۈزۈمى ئامرىكا پارلامنىتى ماقللىغان تۈزۈم. بۇ
تۈزۈمنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى مۇنداق:
1. فىدىراتسيە ھۈكۈمەت بىلەن
بولغان مۇناسىۋەتتە، ھەر بىر ھىندىيان قەبىلىسى بىر مۇستەقىل ھوقۇققا ئىگە
بولغان گەۋدە. قوغدىلىش رايونلىرى ھىندىيانلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى
يۈرگۈزىشكە روخسەت قىلىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ. 2002-يىلى فىدىراتسىيە سوت
مەھكىمىسى بىر كىسىمدە ھىندىيانلارنىڭ ئامرىكا جەميىتىدىكى ئورنىغا
نىسبەتەن مۇنداق چۈشەندۈرۈش بەرگەن: «ھىندىيان قەبلىلىرى ئامرىكىنىڭ بىر
شىتاتى ئەمەس، شۇنداقلا فىدىراتسىيە تۈزۈمىنىڭ بىر قىسمىمۇ ئەمەس، بەلكى
ئۈز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بىر سىياسى گەۋدە. بۇ ھوقۇق
.بىرلەشمە ھۈكۈمەت تەرەپتىن بىرىلگەن ئەمەس بەلكى قەدىمدىن تارتىپ بار
بولغان ھوقۇقتۇر [1]. يەنە ئامرىكا ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ مەزۇرى
قەبىلىسىگە بولغان بىر قېتىملىك كىسىمىگە بولغان چۈشەندۈرۈشتە
«ھىندىيانلار يېرىم ئاساسى ھوقۇق، يېرىم مۇستەقىل بولغان سىياسى گەۋدە
بولۇپ ئۈز تىرېتورىيسى ۋە ئەزالىرىغا نىسبەتەن ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ» دەپ
يېزىلغان[2]. ئۇندىن باشقا يەنە سوتنىڭ ھىندىيانلار بىلەن بولغان كىسىمدە
رىئايە قىلىدىغان ئۈچ بەلگىلىمىسى بار بولۇپ بۇلار، بىرىنچى، كىلىشىمدىكى
ماددىلار ئوچۇق، چۈشىنىشلىك يېزىلمىغانلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان تالاش
تارتىشتا چوقۇم ھىندىيانلارغا پايدىلىق بولغان تەرەپتە تۇرۇپ كىسىم
چىقىرىش، ئىككىنچىدىن، كىلىشىمنى چۈشەندۈرگەندە چوقۇم ھىندىيانلارغا
چۈشىنىشلىك بولغان قىلىپ چۈشەندۈرۈش. ئۈچىنچىدىن، كىلىشىمدىكى ماددىلارنى
چۈشەندۈرگەندە چوقۇم يېزىق جەھەتتىن ھىندىيانلارغا پايدىلىق بولغان
تەرەپتە تۇرۇپ چۈشەندۈرۈش[3].
2. قەبىلىنىڭ ھوقۇقى مۇتلەق ئەمەس. پارلامىنىت قەبىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا قارا چىقىرىش ۋە تەڭشەش ئالى ھوقۇقىغا ئىگە.
3.
ئامرىكا پارلامىنىتى ھىندىيان قەبلىلىرىنىڭ ھۇقۇقى ۋە مال مۈلۈكىنىڭ
باشقىلار تەرىپىدىن زىيانغا ئۇچرىمايسلىقنى قوغداش مەسئۇلىيتى بار. بۇلار
ھىندىيان قەبىلىسى ۋە قوغدىلىش رايونلىرىنىڭ زىمىن قۈغدىلىشى، ئاپتونۇمىيە
ھوقۇقىنى قوغداش ۋە يۇقىرى كۆتىرىش، ھىندىيانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسىنى
يۇقىرى كۆتىرىش، پاراۋانلىقىنى ياخشىلاش، شۇنداقلا تەرەققىياتقا زۈرۈر
بولغان ئىشلاردا قوللاش ۋە ياردەم بىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ[4]
تەپتىش
ۋە سوت توغرىلىق يەنە ھىندىيانلارغا قارىتا مۇنداق ھۈكۈملەر باركەن.
ئامرىكا پارلامنىتى قانۇن چىقىرىپ ئاشكارا جاكارلاپ ھىندىيانلارنىڭ قەبىلە
ھۆكۈمىتى ئىگىلىك ھوقۇقىنى (Tribal Sovereignty Immunity) قوغداشنى بىكار
قىلمىسا ياكى شۇ قەبىلە ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچمىسە، ئۇ باشقا ھۈكۈمەت، شىتات،
قەبىلە ۋە شەخىسلەرنىڭ دەۋاسىدىن بىكار قىلىنىدۇ.

بۇ قانۇنلار بەك جىق ھەم مۇرەككەپكەن، قىززىققانلار ماتىرىيال ئىزدەپ كۆرۈپ باققاي

ئامرىكىنىڭ ئاپتۇنۇمىيە رايونلىرى(2)


[align=justify]
ئالدىنقى تىمىدا دىيىلگەندەك، قوغدىلىش رايونلىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ ئۇلار ئۈزىنى ئۈزى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن. ھەر قايسى قەبىلە رايونلىرىدا چوقۇم بىر ھۈكۈمەت بولۇشى كىرەك ئىكەن. بۇنى قەبىلە ھۈكۈمىتى ياكى قەبىلى كىڭىشى دەپ ئاتاپ بۇنى فىدىراتسىيە ھۈكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرىدىكەن ۋە ئۈز ئەزالىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.  ھۈكۈمەتنىڭ چوڭلۇقى ئەزا ۋە زىمىنىغا قاراپ چوڭ كىچىك بولىدىكەن. بۇلار يەرنى قانداق تەقسىم قىلىش، قانداق تۈزۈم قوللىنىپ باشقۇرۇش دىگەندەك بىر قاتار ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەن. بۇلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتى، سوت مەھكىمىسى، ساقچىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، مەكتەپ، پاراۋانلىق، داۋالاش قاتارلىق بىر قاتار فونكىسىيەلىك ئورۇنلىرى بولۇپ ئۈزىنىڭ قانۇنى بۇلىدىكەن. ھەر قايسى قوغدىلىش رايونلىرىنىڭ ئۈز ئەنئەنىسى ۋە تارىخىغا ئاساسەن چىقارغان قانۇنلىرى بۇلىدىكەن. بەزى رايونلاردا ھۈكۈمىتىنى ئومۇمى سايلام ئارقىلىق سايلايدىكەن، بەزى رايۇنلاردا ئاقساقاللار بىۋاستە باشقۇرىدىكەن. ھەر بىر قوغدىلىش رايونىغا فىدىراتسىيە ھۆكۈمەت بىر ۋەكىل ئەۋەتىپ قەبىلە ئىشلىرىنى كۈزىتىش ۋە فىدىراتسىيە تەرەپتىن يۈرگۈزگەن ھەر خىل پاراۋانلىق سىياسەتلىرىنى ئەمىلىلەشتۈرىدىكەن. مەن بارغان Coeur D'Alene رايونىنىڭ ساقچىلىرى باشقىچە فورما كىىيىدىكەن. ئەگەر مەسىلەن سىز موشۇ رايوندا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولسىڭىز چوقۇم مۇشۇ رايوندىكى سوتقا چىقىدىكەنسىز ھەم بۇنىڭ قارارىغا بويسۇنىدىكەنسىز.  ئەگەر بۇ رايۇننىڭ ھىندىيان ئەزالىرى باشقا يەرلەردە قانۇنغا خىلاپلىق قىلسىمۇ مۇشۇ رايۇننىڭ ھۈكۈمىتى ئارلىشىپ ئەزالىرىنى قوغدايدىكەن. ھۈكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى چوقۇم ھىندىيانلار بولۇشى كىرەك ئىكەن. يەنى رايۇن ئىچىدە ھىندىيانلارنىڭ ۋە ھىندىيان ئەمەسلەرنىڭ ھوقۇقى ئىنىق بەلگىلەنگەن ئىكەن. مەسىلەن رايۇن ئىچىدە پەقەت ھىندىيانلارنىڭلا يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بار بولۇپ ھىندىيان ئەمەسلەر بۇ رايۇندىن يەر زىمىن سېتىۋالالمايدىكەن ياكى ئىگىدارچىلىق قىلالمايدىكەن. ئۈز ئىچىدە ئېلىپ سېتىشسا بولىدىكەن ھەم بۇنى سوتتىن تەستىقلايدىكەن. لېكىن ئىجارە بەرسە بۇلىدىكەن. ماشىنا نۇمۇرىمۇ ئايرىم بۇلىدىكەن. كىم ھىندىيان ياكى ئەمەس دەپ تىزىملىغاندا قېنىدا تۆتتىن بىر ئۈلۈش ھىندىيان قەبىلىسى بولسا ھىندىيان ھىساپلىنىپ شۇ ھوقۇقلارغا ئىگە بۇلىدىكەن. ئۇندىن باشقا بۇندىن بىرەر يۈز يىل بۇرۇن رايۇن بىلەن فىدىراتسىيە ھۈكۈمەت كىلىشىم ئىمزالىغاندا  ھىندىيانلارغا مەڭگۈلۈك تۈلەم تۈلەيدىغان بولۇپ بۇ تۆلەم ھازىرمۇ داۋاملىشىپ كىلىۋېتىپتۇ. ئۈز ۋاختىدىكى تۆلەمنى ھازىرقى پۇلغا سۇندۇرغاندا  ھەر بىر ھىندىيانغا يىلىغا 12000 دوللار توغرا كىلىدىغان بولۇپ بۇنى شۇ قەبىلىگە تىزىملىتىلغان ئەزالار مەيلى قەيەردە ياشىسۇن بۇنى ئالىدىكەن. شۇڭا بەزى ھىندىيان ئەمەسلەرمۇ بۇ پۇلنى ئېلىش ئۈچۈن بەزىدە يالغاندىن ھىندىيان بولۇۋېلىشنى ئىستەيدىكەن.  ئۇندىن باشقا بۇلار يەنە ئالاھىدە تۈرلەردىن باشقا فىدىراتسىيە ۋە شىتاتلىق باج تاپشۇرمايدىكەن. يەرلىك باجنى قانچىلىك ئېلىشنى ئۈزلىرى بىكىتىدىكەن ھەم بۇ كىرىم ئۈزلىرىگە ئىشلىتىلىدىكەن. لېكىن ھىندىيانلار ئۈز رايۇنىنىڭ سىرتىدا قىلغان سودا ۋە تىجارەت ئىشلىرىدا شۇ رايۇننىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە باج تاپشۇرۇدىكەن. دىمەك ئامرىكىنىڭ ھىندىيانلار قوغدىلىش رايونى تۈزۈمىدە رايۇنغا ھوقۇق بەرگەندىن سىرت زىمىننىڭ ھۇقۇقىمۇ مىللەتكە بىرىلگەنىكەن. لېكىن يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن قانداق پايدىلىنىدۇ قانداق يوسۇندا تەقسىم قىلنىدۇ بۇلارنى ئىنىق ئۇخمىدىم.

ھىندىيانلارنىڭ رايۇنىنىڭ كۆپىنچىسى نامرات رايونلار بولغاچقا ئۈز رايۇنىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۈزىنىڭ ئالاھىدە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئورنىدىن پايدىلىنىپ ئۈزى جايلاشقان شىتات ياكى ھۈكۈمەت يول قويمايدىغان تۈرلەردە ئايرىم قانۇن چىقىرىپ كىرىم ئەكىرىدىكەن. مەسىلەن، ئامرىكىنىڭ نۇرغۇن شىتاتلىرىدا تاماكىدىن بەك يۇقىرى باج ۋە قوشۇمچە ھەق ئالىدۇ. بولۇپمۇ مەن تۇرۇۋاتقان ۋاشىڭتون شىتاتىدا شۇنداق. مەسىلەن ھېلىقى خىزمەتداش چىكىدىغان بىر قاپ مارىلبورو تاماكا 5.80 دوللار بولۇپ Coeur D'Alene رايونىدا بۇ تاماكىنى 2.80 دوللار ساتىدىكەن. شۇنداقمۇ باھا پەرقى بارمۇ دەپ ھەيران قالدىم. تاماكا چىكىدىغانلار كارتونلاپ ئېلىۋالدى. ئۇندىن باشقا ئامرىكىدا نېۋادا شىتاتىدىن باشقا  شىتاتلاردا قىمارخانا ئېچىشقا يول قويۇلمايدۇ. لېكىن ھىنىدىيان رايونلىرى ئۈز رايونىدا قىمارخانا ئاچسا بۇلىدۇ دەپ ئايرىم قارار ماقۇللاپ ئامرىكىنىڭ ھىندىيانلار قوغدىلىش رايونى بار بولغان ئاساسەن ھەممە رايوندا قىمارخانا بار. باشقىلار ئېچىشقا يول قويۇلمىغاچقا بۇ قىمارخانىلارنىڭ تىجارىتى ئالاھىدە ياخشى. شۇنداقلا بۇ قىمارخانىنى ئاچقۇچىمۇ چوقۇم ھىندىيان بولۇشى كىرەك ئىكەن ياكى قەبىلى ھۈكۈمىتى ئۈزى ئاچىدىكەن ۋە كىرىمنى بۈلەپ بىرىدىكەن. ھازىر ئامرىكىنىڭ 28 شىتاتىدا ھىندىيانلار تەرىپىدىن باشقۇرلۇۋاتقان 290 دىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى قىمارخانا بولۇپ 2002-يىلدىكى كىرىمى 12 مىليارد دوللار بولغان. بۇ ھىندىيانلارنىڭ ئومۇمى كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگەللىگەن. 90-يىللاردا فىدىراتسىيە ھۈكۈمەت قانۇن چىقىرىپ بۇ قىمارخانىلاردېن باج ئېلىشنى بەلگىلىگەن. ئۇندىن باشقا بەزى ھىندىيان رايونلىرى مەنزىرىسى گۈزەل رايونلارغا جايلاشقانلىغى ئۈچۈن ئۇلار ساياھەتچىلىكنى تەرەققى قىلدۇرغان.

تارىختىن بۇيانقى چەتكە قېقىلىش ۋە باشقا سەۋەپلەردىن ئامرىكىدىكى ھىندىيانلارنىڭ تەرەققىىياتى يەنىلا ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن كۆپ تۆۋەن تۇرىدىكەن. ئۇندىن باشقا ھىندىيانلار ئۈزىگە قوشنا بولغان رايۇنلارغا يىقىن بولغاچقا مەدىنىيەت جەھەتتە كۈچلۈك ئاسسىمىلاتسىيەگە ئۇچرىغان. بىز بارغان Coeur D'Alene رايونىدا مەيلى ساقچىلار ياكى باشقا ھىندىيانلار بولسۇن چىرايىدىن باشقا جەھەتتە ھىندىيان پۇرىقىنى بايقىمىدۇق. ئىنگىلىسچىنى ئامرىكا تەلەپپۇزىدا ئۆلچەملىك سۈزلەيدېكەن. ئۇندىن باشقا كىچىك بالىلار ۋە ياشلار ئۈز رايونىنى قالاق كۆرۈپ بۇرۇنلا ئۆيدىن چىقىپ كىتىدىكەن. ئۇندىن باشقا نەچچە ئون يىل ھىندىيانلارنىڭ مائارىپىغا ياردەم بىرىش ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسى ئېقىمغا كىرىشىگە ياردەم قىلىش مەقسىتى بىلەن نۇرغۇن ھىندىيان رايونلىرىدا يەرلىك قەبىلە ھۈكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ ھىندىيانلارنىڭ ئۆز مەكتەپلىرىنى پۈتۈنلەي تاقاپ ئىنگىلىسچە سۈزلەيدىغان رايونغا مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرگەن ۋە بۇلارنى ئائىلە تەربىيسىدىن ئايرىۋەتكەن. ئاخىرى بۇ بېرىپ بۇ ياشلار پۈتۈن ئۈز مەدىنىيتىنى ئۇنتۇپ پۈتۈنلەي ئامرىكىلىق بولۇپ چوڭ بۇلغان. ئاخىرى ئاقساقاللارنىڭ ۋە يەرلىكنىڭ كۈچلىك تەلىۋى بىلەن نۇرغۇن رايونلاردا بۇ پىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 

ئامرىكىدىكى ھىندىيانلارنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى، ھازىرقى ھالىتى بىر قىززىق تىما. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ سىياسى تۈزۈلمىسى ئاز سانلىق مىللەت بار دۈلەت ۋە رايونلارنىڭ تەتقىق قىلىپ بېقىشىغا ئەرزىيدىغان مەزمۇن ئىكەن.

ھىندىيان قوغدىلىش رايونلىرىنىڭ جايلىشىش خەرىتىسى

[align=justify]

[align=justify]



يەنە 1990-يىلى ئىشلىنىىپ ئوسكار مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن بۈرە بىلەن ئۇسۇل ( dance with volves, 与狼共舞) دىگەن كىنودا ئامرىكا ئارمىيسىنىڭ غەرىپكە كىڭىيىش جەريانىدىكى ھىندىيانلارغا ئائىت مەزمۇنلار تەسۋىرلىنىدۇ


[align=justify]تۈگىدى.


[align=justify]مەنبە 

[align=justify]جېك بلوگ. ئادىرىست :

[align=justify]http://jeck.blogbus.com/logs/37969004.html




بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24613
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-1 12:52:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ   تېمىنى كىچىدە يوللىغان !
ئەمدى چىقتى، يەنە كېلىپ تەستىقلىنىپلا ئوتتىرىسىغا كېلىپ قاپتۇ !
كۆرىلىشى 10 دىن ئاشقىچە تەستىقلانمىدى. ! چۈشەنچە بېرىڭلار !

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

مەن باشقىلار ئۈچ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10800
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8221
تۆھپە نۇمۇرى: 368
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2010-9-18
ئاخىرقى: 2011-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-1 01:22:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىندىيانلار توغرىسىدا ئانچە توغرا چۈشەنچىدە ئەمەس ئىدىم بۈگۈن بولسا ئازتولا بىلىۋالدىم .

تىمىنى تەستىقلايدىغان باشقۇرغۇچىلار يىتىشمەيدىغان ئوخشايدۇ.

مەن باشقىلار ئۈچۈن ئەينەك ، باشقىلار مەن ئۈچۈن ئەينەك .

ئەي ئويغۇرلار قې

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3102
يازما سانى: 1257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 115584
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 4371 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-1 01:54:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
30-يىللادىن باشلاپ  ئاندىن  بۇلار ئانچە -مۇنچە ئىتىبارغا ئېلىنىشقا باشلاپتىكەندە...

پايدىلىق  ئۇچۇرلاركەن....ھىندىئانلارنىڭ ھەم شۇنداقلا ئامرىكىنىڭ  يېقىنقى زامان تارىخدىن ئانچە مۇنچە بىرنەرسە بىلىۋالدۇق..رەھمەت......

مەشرەپ ئويناپ ئاتالدۇق يىگىت، ئاھ! ئەجداتلار جەڭلەردە شەھىد.

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13101
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-1 04:22:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يازمىنى ئوقۇپ، ئىندىيانلار توغرىسىدىلا ئەمەس، ئاپتۇنۇمىيەنىڭمۇ نىمىلىكىنى بىلىۋالدىم، رەھمەت!!!!!!!!!  [s:154]  [s:154]  [s:166]  [s:166]

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئۈلۈم ئەڭ ياخشى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7870
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10655
تۆھپە نۇمۇرى: 598
توردا: 3246 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-1 08:43:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kor bhlhmlgrnh bhlwfldhm drs otux dimu kol lan sa buldikan .

قىزلانى چىرايلىق كۆرسىتىدغان نەرسە ھايا ۋە نۇمۇس!

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24613
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-2 03:57:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  maykol0998 كە 2010-12-01 08:43 PMئەۋەتىلدى  :
kor bhlhmlgrnh bhlwfldhm drs otux dimu kol lan sa buldikan .
قەيەرنىڭ يېزىقى بۇ ؟
ئىنكاس يېزىش خوش ياقمىغان بولسا يازمىسىڭىزمۇ بولۇپتىكەن !
مەن زورلىمغاندىن كىيىن !

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36679
يازما سانى: 1041
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6896
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 4391 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-7 02:11:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]

تاغ سۈپەت قەددى بار ئىگىلمەيدىغان،
شىرسۈپەت روھى بار يىڭىلمەيدىغان .
ھەق ئۈچۈن ئۆلگەن بار تىرىلمەيدىغان.
شۇنداق بىر ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم مەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش