ئەسسالام ئەلەيكۇم مىسرانىم ئەھلى مەن ئەل بالسىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام،رەخمەت مىنى ئەپۇ قىلغىنىڭلارغا،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىڭلارنى ئاددى بولسىمۇ مۇشائىرگە تەكلىپ قىلدىم،
يوقسۇزلارنى بايلارغا زار قىلما خۇدا،
قىسمەتلەرنى ئادەمدن يىراق قىل خۇدا،
خوشال كۈلسۈن بەندەڭمۇ ئۈمۈدلۈك بىلەن،
بىزنى ئاپەت،كۈلپەتتىن،ساقلىغىن خۇدا،
قاراپ قالدىم دۇنياغا چوڭ كۆزلەر بىلەن،
ھەممە ماڭار ئۆز يولى ھەسرىتى بىلەن،
كاھى چالار ئۆلۈمدە،مۇڭلۇق كۈيلەرنى،
تولسا كۆزگە ياشلارمۇ،يالغانلىق بىلەن،
مۇشائىرە مۇشۇ ئىككى كۈبلىتنىڭ ئاخىرى بىلەن داۋاملىشىدۇ،قايسىسىغا كەلتۈرۈش ئىختىيارىڭلار،
مەنبە ئەل بالسى