 |
 |
 |
 |
تەربىيىنىڭ قىممىتى ۋە قىسمىتى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. Y. F& r- r' sبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% p) p2 y1 ^4 V& L6 ~3 i
مۇھەممەت ئىمىن
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. T! s5 ^- c( n' d/ B, @/ Bبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) l0 v3 n/ s% k) N% k+ }
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 b6 K5 b9 z) m& J6 ?* f/ v( k
كېچىلىك بەزمىخانىنىڭ خوجايىنلىرى بالىلارنى قارشى ئالسا، دۇكانلاردا بالىلارغا ھاراق - تاماكا سېتىپ بېرىلسە؛ بالىلارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئاتا - ئانىلارنىڭ سۈرۈشتۈرۈشكە ۋاقتى يەتمىسە؛ يەنە بىرقىسىم كىشىلەر سەبىي بالىلارنى ئالداپ، ياقا يۇرتلاردا ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىققا ئوخشاش «تىجارەت»لەرگە ئۆگىتىپ قويسا؛ بۇلارنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئورۇننىڭ تايىنى بولمىسا... بۇنداق ئەھۋالدا قانداقمۇ بالىلار ئاسرالغان بولىدۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; Q* J9 Z& u7 _7 L# E3 v7 Dبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ u5 i% ?. L% i8 T- o( K% n
20 - ئەسىردە دۇنيا مىسلىسىز دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى: ئادەملەرنىڭ بىلىمى ئاشتى، ئاڭ - ئىدىيە ئېقىملىرىدا ئاجايىپ جەزبدار سەھىپىلەر يارىتىلدى؛ كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. بىراق، ماددىي تەرەققىياتنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ بەختسىزلىكى ۋە مالامەتلىرى ھەرقانداق بىر دەۋردىكىدىن ئېشىپ كەتتى. تەرەققىياتنىڭ پۇختا شوتىسىدا مەزمۇت قەدەم بىلەن ئۆرلەۋاتقان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىدە، مەنپەئەتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئىقتىسادىي قىممەت سىستېمىسى كىشىلەرنى ماددىي جەھەتتىن تويۇندۇرغان بولسىمۇ، مەنىۋى جەھەتتە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز جاراھەتلەرگە گىرىپتار قىلدى. پۇل، بايلىق، شەخسىي مەنپەئەت كۈرىشىدە ئادەم ئورگانىزملىرى، يېقىملىق چىراي، نازۇك بەدەن، ئىللىق تەبەسسۇم، ساختا كۈلكىلەر ئىش يۈرۈشتۈرۈشتىكى بازىرى ئىتتىك ۋاسىتىلەرگە ئايلىنىپ قالدى. ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتى مەنپەئەت قانۇنىيىتى بويىچە چۈشەندۈرۈلدى. ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر - مۇھەببەت مەنپەئەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى. بالىلار ۋە ياشلارنىڭ زەھەرگە زىيادە بېرىلىپ كېتىشى، ئۇيەر - بۇيەردە بولۇپ تۇرىدىغان نامايىشلار، پارتلىتىش ۋەقەلىرى؛ دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىمۇ ئەندىشىگە سېلىپ قويۇۋاتقان تېررورىزىمچىلار؛ ئەيدىز، سارسقا ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئىنسان بەختىگە قول سوزۇشى _ مەنىۋى ئېكولوگىيىسى بۇزۇلغان بىر جەمئىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق مەنىۋى بۇلغىنىش غەرب جەمئىيىتىدىن ھەرخىل ۋاسىتە، شەكىللەر ئارقىلىق دىيارىمىزغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، يامان سۈپەتلىك «ئۆسمە»دەك كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى چىرىتىشكە باشلىدى. ناۋادا ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن، ئاپەت يامراپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنمىغاندا، «غورا غورىنى كۆرسە ئالا بوپتۇ» دېگەندەك، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر شالغۇت مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان ئادەملەرگە ئۆزگىرىپ، جەمئىيىتىمىز تېخىمۇ ئېغىر كرىزىسقا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن. «ئۆسمە»نىڭ شىپاسى قانداقتۇر ئامېرىكا ياكى ياپونىيىدە ئەمەس، بەلكى جاھان خەلقى ئىنتىلىۋاتقان، مەنىۋى مىراسلارغا باي زېمىنىمىزدا. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزگە خاس رىسالىلەر بىلەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك، قۇۋۋەتلىك «دورا»لارنى ياساپ ئۆزىمىزنى داۋالىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە »دورا« بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنى قانداق ئىستېمال قىلىشمۇ بىر خىل ماھارەت. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ J v0 S6 Y+ r, V0 o. F+ ~
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 \( R& b- B# G9 v! i. B6 C* c (1)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' C* T6 U, ], y8 ]پەن - تېخنىكا كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئالىملار، دوكتورلار، پروفېسسورلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ياشلار - ئۆسمۈرلەرنى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە بىلىملىك، ئىقتىدارلىق قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگىلى بولسىمۇ، ھەقىقىي ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ناتايىن. ئىنسان ئەخلاق، غايە، ئېتىقادتىن ئايرىلىپ قالغاندا، ئۇ قانچىلىك بىلىملىك، ئىقتىدارلىق بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسان بەختىنىڭ قارا كۆلەڭگىلىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىنسانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئىگىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەدەپ - ئەخلاق تەربىيىسى، مېھىر - مۇھەببەت تەربىيىسى، ئىنسانىي پەزىلەت تەربىيىسىگە ئىگە بولۇش، گۈزەل خاراكتېر يېتىلدۈرۈش بەك مۇھىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 h% e0 q$ q2 I2 M, Q; {4 pبىر ئادەم ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت تەربىيىسىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى ئاساسىدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە ئايرىم ئاتا - ئانىلار «بالىلارنى تەربىيىلەش نوقۇل ھالدا مەكتەپنىڭلا ۋەزىپىسى» دەپ قاراپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىنىڭ تەڭداشسىز ئورنىغا سەل قارايدۇ. ئەلۋەتتە، بىر بالا مەكتەپتە قانچىلىك ياخشى ئوقۇسىمۇ، ئائىلىدە ئەدەپ - ئەخلاق، مېھىر - مۇھەببەت تەربىيىسىدىن مەھرۇم قالسا، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى چۈشەنمىسە، ئۆزى بىلەن ئۆزگىلەر ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىسا، جەمئىيەتنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئۆگەنگەنلىرى بىلەنلا جەمئىيەتنىڭ ياخشى ئەزاسى بولالمايدۇ. بىزدە نۇرغۇن پاجىئەلەر دەل ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. ئاتا - ئانىلارنىڭ ئىتتىپاقسىزلىقى، ساداقەتسىزلىكى، ئەيش - ئىشرەت، كەيپ - ساپاغا بېرىلىشى _ ئائىلىنىڭ مەنىۋى ھاۋاسىنى تۇمانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بالىلار دۇنيانى ئائىلە ئارقىلىق كۆزىتىدۇ، چۈشىنىدۇ. گۈزەل ئەخلاق تۇنجۇققان، ئەر - ئايال، ئاتا - ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت يىگىلەپ كەتكەن ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ قانداقراق ئادەم بولىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلەر قىياسلىيالايدۇ. چۈنكى _ ئائىلە بالىلارنىڭ تۇنجى مەكتىپى. ئاتا - ئانىلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى، گەپ - سۆزى، ئائىلە ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرگە قايتۇرغان ئىنكاسى، قېرىنداشلىرى، قولۇم - قوشنىلار بىلەن مۇناسىۋىتى ... قىسقىسى، ئائىلە ھاياتى ئارقىلىق بالىلار تەبىئىي تەربىيىگە ئىگە بولىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# ^0 r* K- P* g. @, c7 [
ياش جەمئىيەتشۇناس ئابدۇرېھىم دۆلەت ئېيتقاندەك: «پەرزەنتلەر بايلىققا ئېرىشەلمىسە ئۇنى ئۆزى تاپالىشى مۇمكىن، ئەمما كەم بولۇپ قالسا ۋارىسلىق قىلىپ ئېرىشمەك مۇمكىن ئەمەس نەرسە_ مۇھەببەت. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئائىلىدە سۆيۈش - سۆيۈلۈش، كۆيۈنۈش - كۆيۈنۈلۈش سەرگۈزەشتىسى بولمىسا، ئۇنداق كىشىلەرنىڭ كېيىن يوچۇن كىشىلەر بىلەن قىزغىن مۇھەببەتلىك كەيپىياتتا ياشىيالىشى بەك قىيىن، ئائىلە _ ھېچقانداق بىر ئورگان ئورنىنى ئالالمايدىغان مۇھەببەت تەربىيىسى مەكتىپى». ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان يېرى شۇكى، جەمئىيىتىمىزدە ئۆزى تۈزۈك بالا بولالماي تۇرۇپ بالىلىق بولۇپ قېلىۋاتقان، ئۆزىنى تۈزۈك تەربىيىلىمەي تۇرۇپ تەربىيىچى بولۇپ قېلىۋاتقان ئادەملەر تالاي. نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىدىكى، پەرزەنتلىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قېلىشقان: شەھەرلەردىكى ئاتا - ئانىلار ئايىغى چىقماس توي - تۆكۈن، بەزمە - مەشرەپلەرنىڭ، يېڭىدىن ئىجاد قىلىنىۋاتقان تۈگىمەس چايلارنىڭ ھەلەكچىلىكىدە بالىلارغا ھەمراھ بولالمايۋاتىدۇ؛ يېزا - قىشلاقلاردىكى ئاتا - ئانىلار بولسا ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىدىن بوشىنىپ بولالماي، بالىلار تەربىيىسىز قېلىۋاتىدۇ. بالىلارنىڭ تەربىيىسىز قېلىشى بالىلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىكتۇر. ئائىلىدە ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولالمىغان بالىلار مەكتەپتە ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولالىشى ناتايىن. ئايرىم ئاتا - ئانىلار مەكتەپتىن، ئوقۇتقۇچىلاردىن قاقشايدۇ، بالىلار يامان يولغا كىرىپ، ئۆزگىرىپ كەتسە، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيالمىسا، سەۋەبىنى مەكتەپكىلا ئارتىپ قويىدۇ. دەرۋەقە نۆۋەتتە مەكتەپ تەربىيىسىمۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ كۈتكىنىدەك ئۈنۈم بەرمەيدىغان بولۇپ قالدى. شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، رايونىمىزدىكى مەكتەپلەر دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ ئۈلگۈرەلمىدى. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ھەقلىق ئوقۇيدۇ - يۇ، ئوقۇتقۇچىلارنى تاللىۋېلىشقا قادىر ئەمەس (پۇلى بار ئادەمدە ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىنى تاللاپ سېتىۋېلىش ھوقۇقى بولاتتى). ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىنى جەمئىيەتتە ئىشلىتەلمىسە، ئۆزلىرىگە كېرەكلىك نەرسىنى مەكتەپتىن تاپالمىسا، بۇنداق مەكتەپلەرنى نېمە دېگۈلۈك؟ بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( M. ]! l1 ~' R0 u' M+ {$ u O( |, o
مائارىپ سېپىدىكى بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئۇستازلار، كاللىسى سەگەك تەتقىقاتچىلار، ئەدىبلەر مائارىپىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى كرىزىسلىرى، ئۆتمۈشى، بۈگۈنى، كېلەچىكى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ بىرمۇنچە ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. بۇ ماھىيەتتە كرىزىستا تۇرۇۋاتقان مىللىي مائارىپقا قويۇلغان دىئاگنوز ئىدى. ئەپسۇس دىئاگنوز دىئاگنوز پېتى قېلىۋەردى؛ ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى ھېچبولمىغاندا ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا بولسىمۇ مۇھاكىمە ئوبيېكتى بولۇش كېرەك ئىدى. بىراق، ئاز ساندىكى مەنىۋىيىتى ئويغاق ئوقۇتقۇچىلاردىن باشقا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىن باش كۆتۈرەلمەيۋاتقانلار ئۇلارنىڭ نېمە ئادەم ئىكەنلىكىدىن تېخىچە خەۋەرسىز ياشىماقتا. مەكتەپلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالمايۋاتقانلىقى، بالىلارنى ئاتا - ئانىلارنىڭ ئويلىغىنىدەك تەربىيىگە ئىگە قىلالماسلىقى يالغۇز مەكتەپنىڭلا سەۋەنلىكى ئەمەس. مەكتەپ دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى، ئوقۇتۇش پىلانىنى، تەلىم - تەربىيە ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزى تۇرۇۋاتقان رايوندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. باشقۇرۇش ۋە يېتەكلەش قانچىلىك ئىلمىي ۋە توغرا بولسا، مەكتەپلەرمۇ ئۆزىگە خاس رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. مەكتەپ قانداقتۇر جەمئىيەتتىكى كان - كارخانا، ئىدارە - ئورگانلار ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنىڭ قاتارىدا باشقۇرۇلسا، يېتەكچىلىك توغرا بولمىسا مەكتەپلەرنىڭلا ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ خىزمەت ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەپ، ھەممە ئادەم بۇيرىغاننى قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدا مەكتەپلەر بىر ئوقۇش مەۋسۇمى ئىچىدە يۇقىرى ئورۇنلاشتۇرغان بۇيرۇقلاردىن نەچچە ئوننى تاپشۇرۇۋالىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە قايسىسىنى ئاۋۋال قىلىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالىدۇ. ئەگەر سەن ئۇ چاغدا سېنى ساقلاپ تۇرغان بالىلارنى دەپ سىنىپقا كېتىپ قالساڭ، «بويۇنتاۋلىق» قىلغان بولىسەن. سىنىپقا بارمىساڭ، بىلىم تەشنالىقىدا تۇرغان ئوماق بالىلارنىڭ سائەت - سائەتلەپ بىكار قالغىنى قالغان. قىلىدىغانلىرىڭ بولسا ئوقۇتۇشقا قىلچە ئالاقىسى بولمىغان ساختا ئارخىپ ياساش. ئوقۇتقۇچى بولغانىكەنسەن، مەكتەپ سېنى قايسى ئىشقا قويسا، ئىدىيەڭدىن ئۆتسۇن - ئۆتمىسۇن، توغرا - خاتاسى، ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرمەي ۋاقتىدا قىلىشىڭ كېرەك، بولمىسا «ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنمىغان» بولىسەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& G: |! f* ]. [8 [5 ^; H' Kمەكتەپلەرنىڭ خىزمىتىنى باھالاش ئۇسۇلى ئىلمىي ۋە ئادىل ئەمەس؛ بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىنى باھالاشقا چېتىلىدۇ. مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپلەرنى بىر تۇتاش باشقۇرۇپ، بىر تۇتاش باھالايدۇ. مۇپەتتىش كېلىدىغان كۈنلەردە تەكشۈرۈش ئۆلچەملىرىنى بىلىۋېلىش ۋە شۇ بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇش، كۈتۈۋېلىشنىڭ تەييارلىقلىرىنى ئىشلەش _ مەكتەپلەرنىڭ مۇھىم خىزمىتى. قىزىق يېرى شۇكى، تەكشۈرۈشتە تەكشۈرگۈچىلەر ياكى تەكشۈرتكۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنىۋاتقانلىقىنى ياكى ئالداۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تەكشۈرۈش ياكى تەكشۈرتۈشكە ئادەتلەنگەن. بىرقانچە قېتىملىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر مەكتەپنىڭ خىزمىتىگە باھا بېرىلىدۇ. مەكتەپ مۇدىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «يۇقىرىنىڭ باھاسى»، ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «مەكتەپ مۇدىرىنىڭ باھاسى» بەكمۇ مۇھىم. شۇڭا ھەركىمنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئۆزىگە خاس قارىشى ۋە يېتەرلىك چارە - تەدبىرلىرى بار. «چارە - تەدبىر» بولمىسا زىيان تارتىدىغان گەپ. ئەمەلىيەتتە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تارتقان زىيىنى ھېچ گەپ ئەمەس، بالىلىرىمىز مەكتەپلەردىكى نامۇۋاپىق تۈزۈملەر، ئىلمىي بولمىغان باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى، ساختا شان - شۆھرەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 k; C5 p; O5 j; Q
يەنە شۇنداق ئوقۇتقۇچىلارمۇ باركى، ئۇلار دەرسلىك كىتابنى چالا - بۇلا يادلاپ بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنى زېرىكتۈرۈۋېتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشىمايدۇ؛ دەرسلىكنى تۇرمۇشقا، ھاياتقا باغلاپ ئۇنىڭغا جان كىرگۈزۈۋېتىدۇ؛ ھەر جۈملىسىدىن ھېكمەت پۇراپ تۇرىدىغان لېكسىيىلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ماگىنىتتەك رام قىلىۋالىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ؛ ئوقۇتۇش پروگراممىسىدا، مەكتەپ پىلانىدا تىلغا ئېلىنمىغان نازۇك ھالقىلارنى، قىزىقارلىق، ئەھمىيەتلىك مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا سىڭىپ كىرەلەيدۇ. تەربىيە _ روھىي ھادىسە، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا تەسىر كۆرسەتكەندىلا ئاندىن ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا يىلتىزلىنالمىغان تەربىيىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. تەربىيىنىڭ بۇنداق نازۇك جەريانىنى قانداقتۇر بىر «ئۆلچەم»، «نومۇر» بىلەن باھالىغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭغا بىزنىڭ مۇپەتتىشلىرىمىزمۇ ئۆلچەم تۈزۈپ بېرەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، مەكتەپلەردىكى «باھالاش ئۆلچەم»لىرىنى ئىسلاھ قىلمىغاندا، تەلىم - تەربىيىنىڭ يوشۇرۇن كۈچلىرىنى قېزىپ چىققىلى بولمايدۇ. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ھازىرقى تەربىيىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن دورىدەك، بالىلارغا تەسىر كۆرسىتەلمەيۋاتقانلىقى، بىرنەچچە يىللار ئىلگىرىكى ئۆزلىرى تەربىيىلىگەن بالىلارغا سېلىشتۇرۇپ، بۈگۈنكى بالىلاردىن دادلاپ، تەربىيىلەشكە ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى دېيىشىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ قالىمەن. بالىلارنى تەربىيىلەشكە ئامالسىز قېلىش، ئوقۇتقۇچىدا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەتنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق دېسەم، ئۇلار تۆمۈر تاۋاق ئورنىدا ئېلىپ قويغان «ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت» گۇۋاھنامىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن، ۋىجدانلىق بىر ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ھازىرلاشقا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەلەپ قىلغان شەرتلەردىن باشقا، يەنە نۇرغۇن شەرتلەرنى ھازىرلىشى؛ بالىلارنىڭ قايغۇسى، ئازابىغا يىغلىيالايدىغان، بالىلارنىڭ تەنتەنىسىگە كۈلەلەيدىغان، ۋەتەن، مىللەتنىڭ كېلەچىكىگە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسىدا ئۆز خىزمىتىدىن پەخىرلىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 a3 y) Q& J4 xبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# C9 m( ^+ I6 y- L4 I
(2)بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 U- F3 r W. @
بۈگۈنكى بالىلارنىڭ بۇرۇنقىلارغا ئوخشىماي قېلىشى ئەقىلغە مۇۋاپىق ئەمەلىيەت. سەۋەبىنى ئىككى دەۋرنى سېلىشتۇرساقلا ھېس قىلالايمىز. دەۋر ئۆزگەردى، جەمئىيەت ئۆزگەردى، بالىلار ئۆزگەردى، بىراق ئوقۇتقۇچى ئۆزگەرمىدى. جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماس ھالدا ئوقۇتقۇچىلار تەربىيە ئۇسۇللىرىنى، تەپەككۇرىنى، روھىي دۇنياسىنى يېڭىلاپ ئۈلگۈرەلمىدى. قېلىپلىشىپ قالغان، ۋاقتى ئۆتكەن نەزەرىيىلەر، بەش - ئون ھەتتا 15 _ 20 يىلنىڭ ئالدىدا ئۆگىنىۋالغان بىلىملىرى بىلەن بۈگۈنكى بالىلار ئالدىدا «ئامالسىز» قالدى. بىز تەپەككۇر كۆزىمىز بىلەن بۈگۈنكى دۇنياغا قاراپ باقايلى: جەمئىيەتنىڭ ئادەملەردىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ باقايلى؛ پەن - مەدەنىيەت يۈكسەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن ئەللەرنىڭ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن ئۆزىمىزنىڭكىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى؛ ئەنە شۇ چاغدىلا مەسىلىنىڭ تۈگۈنى ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 {- Z+ x8 }2 S6 Z4 Gمەكتەپ تەربىيىسىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئىگە بولالمايۋاتقانلىقىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئائىلە تەربىيىسىدىن باشقا يەنە جەمئىيەت تەربىيىسىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇ مەكتەپ تەربىيىسىدەك سىستېمىلىق، تەرتىپلىك، تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلمىسىمۇ، مەكتەپ تەربىيىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق، ئەمەلىي، ئىستىخىيلىك ۋە تېز تەسىر كۆرسىتىشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، بالىلارغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان شەيئىلەرنى تولىمۇ ئاز ئۇچرىتىمىز. چوڭلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى بالىلار ئۈچۈن ئۈلگە. بىراق، بالىلار ئۆزلىرىگە ئېھتىياجلىق ئۈلگىلەرنى تاپالمىسا قانداق قىلىدۇ؟ جەمئىيەتنىڭ ھەرقانداق بىر ئورگىنىنىڭ، ھەربىر شەخسنىڭ بالىلارنى ئاسرىشى، بالىلارغا كۆيۈنۈشى ئەقەللىي تەلەپ. بىراق، جەمئىيىتىمىز بالىلارغا كۆيۈنۈش ۋە تەربىيىلەش ئەمەس، بەلكى بىلىپ - بىلمەي ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. بالىلارنىڭ چۈشكۈن ئەخلاقنى يۇقتۇرۇۋېلىشى، بالىلارنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدىن كېلەلمەس بولۇپ قېلىشى، ئىچىملىك، زەھەرگە بېرىلىشى _ جەمئىيەتنىڭ بالىلارنىڭ بۇزۇلۇشىغا، ئۆز تەبىئىيىتىدىن ياتلىشىشىغا يېتەرلىك شارائىت ھازىرلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كېچىلىك بەزمىخانىنىڭ خوجايىنى بالىلارنى قارشى ئالسا، دۇكانلاردا بالىلارغا ھاراق، تاماكا سېتىپ بېرىلسە؛ بالىلارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئاتا - ئانىلارنىڭ سۈرۈشتۈرۈشكە ۋاقتى يەتمىسە؛ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر سەبىي بالىلارنى ئالداپ، ياقا يۇرتلاردا مەجبۇرىي ھالدا ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىققا ئوخشاش »تىجارەت«لەرگە ئۆگىتىپ قويسا؛ بۇلارنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئورۇننىڭ تايىنى بولمىسا ... بۇنداق ئەھۋالدا قانداقمۇ بالىلار ئاسرالغان بولىدۇ؟ ئەخلاق، ۋىجدان، غۇرۇر، ھوقۇق، پۇل، شەخسىي مەنپەئەتنىڭ دېدەكلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئاچچىق رېئاللىق بالىلارنى زەھەرلىمەي قالارمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ U" X! |9 N- F, kبالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىغا قاراپ باقايلى: ئۇلار ھازىر دۇنيادىكى ئىلغار قوراللارنىڭ مودىللىرىنى بىمالال ئوينىيالايدۇ؛ ئۇلار چامباشچىلىق، رازۋېدكا فىلىملىرىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ؛ فىلىمدىكى قەھرىمانلارنىڭ رەھىمسىزلەرچە بىر - بىرىگە قول سېلىۋاتقان، باشقىلارنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىۋاتقان، ئادەمنىڭ يۈرەك باغرىنى ئېزىپ تاشلايدىغان ئېچىنىشلىق، تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى مىختەك قادىلىپ ئولتۇرۇپ كۆرىدۇ. شەك - شۈبھىسىزكى، بۇ خىل مۇھىت بالىلارنى رەھىمسىز، باغرى قاتتىق، مۇھەببەتكە گاداي قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىدۇ. بىر ئائىلە ئەزالىرى مىللىي ئەخلاقىمىزغا، مەدەنىيىتىمىزگە يات بولغان كۆرۈنۈشلەرنى بىر يەردە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزورلاردىن كۆرىدىغان بولدى. تەمرەتكىنىڭ دورىسىنى تولا ماختاپ كىشىلەرنى بىزار قىلىۋاتقان تېلېۋىزورلىرىمىز ئەدەپ - ئەخلاق ۋە بالىلار ھەققىدە تەربىيە ئېلىپ بېرىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ. ئاخبارات، نەشرىيات، مەنىۋى مەدەنىيلىك ئورۇنلىرىمۇ پۇل چىقمايدىغان بالىلاردىن يىراقلاپ كەتتى. چەت ئەللەرنىڭ بالىلارغا بېغىشلانغان نەشرى - ئەپكارلىرىنىڭ كۆپلۈكى، بالىلار فوندى، بالىلار جەمئىيەتلىرى ۋە بالىلار پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ كۆپلۈكى، پائالىيەت مەزمۇنلىرىنىڭ موللىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. جەمئىيەت بالىلارغا كۆڭۈل بۆلمىسە، بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە پايدىلىق شارائىتلار بىلەن تەمىنلىيەلمىسە، كەلگۈسىدىكى ھاياتىي كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، بالىلار تەربىيىسىز قالغان مۇھىتتا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ بەختسىزلىكلىرىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ. شۇڭا بىز بالىلارنى سۆيەيلى، ئۇلارغا كۆيۈنەيلى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 Y6 V, \9 V3 Z5 y, aتەربىيە ئەلۋەتتە بالىلار تەربىيىسى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ھاياتلىقتا ياشاۋاتقان ھەربىر ئىنسان ئاخىرقى نەپەسلىرىگىچە ھەرقايسى جەھەتتىن ئۆزىنى تەربىيىلىگەندىلا تاكامۇللۇققا يۈزلىنىدۇ. ماقالىمىزدە جەمئىيىتىمىزدىكى بالىلار تەربىيىسىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردۇق. كەلگۈسىمىزنىڭ ئىگىلىرى بولغان بالىلار يېقىن كەلگۈسىدە رىقابەت تېخىمۇ كەسكىن بىر جەمئىيەتتە ياشايدۇ. رىقابەتتە ھامان كۈچلۈكلەر يېڭىپ چىقىدۇ. ئالىملار ئېيتقاندەك: «21 - ئەسىردە ئۆگىنىش كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئېھتىياجىغا ئايلىنىدۇ». قېرىنداشلىرىم، بالىلىرىمىزغا بۇ رېئاللىقنى چۈشەندۈرەيلى، ئۇلارغا زامانىۋى پەن - تېخنىكا بىلىملىرىمۇ ئۆگىتەلمەيدىغان ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ئۆگىتىپ قويايلى. ئەنە شۇ چاغدىلا بالىلار «كۈلكىسىدە كۈلەلەيدۇ». خەلقىمىز تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى كۈتۈۋالىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 P" u3 L$ K8 Z: o: \5 }" {8 A" L
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ A Y$ R) w: s
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ u5 S% Z# `- n" O7 R4 q- t" O(ئاپتور: كۇچا ناھىيە دۆڭقوتان بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, R% H" i$ L* |جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلى 2004.4 - سانىدىن
|
 |
 |
 |
 |
|