تەنھا يۈرەك
نۇرمۇھەممەت يىمىت
سىنىڭسىز كۈنلىرىم ئۈتىدۇ تەنھا،
مىھرىمنى سىنىڭدىن ئۈزمىدىم ئەمما.
سۆيگۈمنى ئاتىغان پەقەت ساڭىلا،
سەن ئۈچۈن ئازاپتا يۈرىمەن تەنھا.
يۈرگەنتىم كۆڭلۈمنى قىلالماي ئىزھار ،
يۈرۈگۈم قېتىدىن ئۆچمىدىڭ زىنھار .
قەتئىيلىك ئۈستۈمدىن كەلگەندە غالىپ،
قىلماقچى بولدۇممەن كۆڭلۈمنى ئىزھار .
ھەمراھتۇر ھەرۋاقىت ئازاپ - ئوقىبەت ،
مەن ئۈچۈن بۇئازاپ چوڭ ئەمەس پەقەت.
مىھرىڭنى بەرسەڭلا تەنھا يۈرەككە ،
كۇپايە مەن ئۈچۈن مۇشۇلا پەقەت.
سۆيگۈگە ئەسىر بوپ تەنھا يۈرۈگۈم،
ئازاپتا ئۆرتەندى مىنىڭ شۇ قەلبىم.
خىياللار ئۈستىگە خىياللار قۇشۇپ،
سىغمىدى ئىچىمگە ئازاپلىق دەردىم.
خىيالىم كۈزىدىن كەتمىدىڭ يىراق،
ئامانلىق تىلەيمەن چەكمىگىن پىراق.
تىكلىپ قارىدىم كۈزۈڭگە ھەتتا ،
مۇھەببەت سۆيگۈمنى بىلمىدىڭ بىراق.
كۈرىمەن چۈشۈمدە سىنىلا پەقەت،
سەن ئۈچۈن سوقماقتا بۇتەنھا يۈرەك
بىراق سەن يۈرىسەن بىخەۋەر قايدا.
شۇ سەۋپ ئازاپقا تولدى بۇ يۈرەك.
سۆيگۈمنى قۇبۇل ئەت قىلاي مەن بايان،
سىنىلا ئەسلەرمەن مەڭگۈگە ھامان .
سۆيگۈگە تەشنادۇر بۇ تەنھا يۈرەك،
كەل سۆيگۈ باغىدا كىزەيلى جاھان .
( ئۆز قەلىمىم)
بۇ يازمىنى ئەلشاھ دا 2013-1-26 07:03 PM تەھرىرلىگەن