مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 810|ئىنكاس: 9

غەربى ئاسىيا رايۇن خەلىقلىرىنىڭ قۇربانلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3966
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10201
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2011-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 06:17:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەربىي ئاسيا رايۇن خەلىقلىرىنىڭ قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا


مېھرىبان نىياز چوغلۇق
پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي باسقۇچىدا ئورتاق تەبىئەت ئىتقادچىلىقى شەكىللەنگەن ،ئۇلارغا نىسبەتەن تەبىئەت شۇنداق سىرلىق ،ئۆزى چۈشىنىپ يىتەلمىگەن ياكى سىرلىق تۇيغۇسى بەرگەن ،قۇرىققان شەيئىلەرگە چۇقۇنغان .مەسلەن قۇياشقا ،ئايغا ،كۆككە ،تاغلارغا،دەل-دەرەخلەرگە ،شۇنداقلا بۇلارغا ئاتاپ نەزىر-چىراق بىرىپ تۇرغان ،بۇ ئەمىليەتتە قۇربانلىقنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ ،كىيىن بۇ قۇربانلىق قىلىش ھادىسىسى ھەرخىل دىن ۋە ھەر خىل مەدەنىيەتتە داۋاملىشىپ كەلگەن . مەن بۇ يەردە پەقەت غەربىي ئاسىيا رايۇنىدىكى ئۈچ دىن ئىچىدىكى قۇربانلىق قىلىش ھادىسىسى ئۈستىدە توختالماقچى بولغانلىقىم ئۈچۈن باشقىلار ئۈستىدە سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن .
قۇربانلىق قىلىش قۇربان ھېيىت مۇراسىمى  بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ،ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىۋاتقان مۇسۇلمان مىللەرتلەردە قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ تارىخى بولغانغا ئوخشاش بۇ قۇربانلىق قىلىش ئادىتىنىڭمۇ تارىخى بولغان بۇلىدۇ.غەربىي ئاسىيا رايۇنىدا بارلىققا كەلگەن يەھۇدىي دىنى،خىرستئان دىنى ۋە ئىسلام دىنىدا قۇربانلىق قىلىشقا دائىر مەزمۇنلار بار بۇلۇپ،ئۇلار غەربىي ئاسىيا رايۇن خەلىقلىرىنىڭ قۇربانلىق قىلىش مەدەنيىتى ھېسابلىنىدۇ . بۇ قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرى ھازىرمۇ غەربىي ئاسىيا رايۇن خەلىقلىرىدە ساقلىنىپ كىلىۋاتقان بۇلۇپ،(ئاساسەن ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىۋاتقان ئەللەردە)ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ باشقا رايۇنلارغا تارقالغان ھەمدە تەبئي يۇسۇندائۆرپ ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان .ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ھەرگىزمۇ تۇغما ،تەبئى ۋە ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس .بەلكى شۇ مىللەتنىڭ بالىلىق دەۋىردىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغان  ئىجتىمائي ھادىسە .ئىدىۋارد تەيلور "بىز بىر ئۆمۈر ئاشۇ مۇھىتنىڭ قۇچىغىدا ياشىغانلىقىمىز ئۈچۈن ،بۇ خىل پاكىتلارغا ناھايتى ئاز دىققەت قىلىمز " دەپ يازغان ،خۇددى قۇربانلىق قىلىشمۇ  تەبئي شۇنداق بۇلىدىغاندەك كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئانچە ئايدىڭ ئەمەس .
ئۇنداق بولسا"غەربىي ئاسىيا رايۇن خەلىقلىرنىڭ قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا " دىگەن  بۇ تىما ئاستىدا قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرىنىڭ تارىىى مەنبەسى ئۈستىدە توختىلىپ ئۈتىمەن ،بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال قۇربانلىق توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىشكە توغرا كىلىدۇ .
1. قۇربانلىق توغرىسىدا چۈشەنچە
"قۇربانلىق قىلىش قەدىمكى مىللەتلەردىكى ناھايتى ئۇمۇملاشقان دىنى ئادەت بۇلۇپ،بۇ ئىلاھقا مۇراسىملارنى تەغدىم قىلىدىغان مۇراسىم بۇلۇپ، دىنى مۇراسىم ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسى ئەڭ مۇھىم قىسىمى ھسابلىنىدۇ "1
"قۇربان " سۆزىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى لۇغەت مەنىسى "يېقىنلاشماق" دىگەنلىك بۇلىدۇ.ئىسلام دىنىدىكى ئستېلا مەنىسى "ھېجىرىيە بۇيىچە زۇلھەججەم (12-ئاينىڭ) 10-كۈنى چارۋا ئۆلتۈرۈش ئىبادىتى بۇيىچە  ئاللاھقا يېقىنلىشىش "دىگەنلىك بۇلىدۇ .2
ئىنگىلىز تىلىدا "           "دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى 'قۇربان قىلىش " دىگەنلىك بۇلىدۇ .ئومۇمەن قەدىمقى بەزى مىللەتلەردە  قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرى بۇلۇپ ،ئۇلار زىرائەتلەرنى ،ھايۋانلارنى دىگەندەك نەرسىلەرنى ئىلاھقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى، بۇ كىيىنكى ۋاقىتلاردا رەسمىي مۇراسىم تۈسىنى ئالغان ئىدى.
2.غەربىي ئاسىيا رايۇنىنىڭ جۇغراپىيىلىك چىگرىسى ۋە ئۇ يەردە پەيدا بولغان  يەھۇدىي دىنى،خىرىستىئان دىنى ۋە ئىسلام دىنى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە .
غەربىي ئاسىيا قەدىمكى،مەدەنيىتى مول بولغان رايۇن بۇلۇپ ،ئۇنىڭ تەۋەسىگە پەلەستىن رايۇنى،ئىراق ،ئىران ،تۈركىيە ،ئاففىغانىستان رايۇنى ،ئەرەب يېرىم ئارىلى كىرىدىغان بۇلۇپ ،بۇ يەردە دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىپ كىلىۋاتقان دىنلار-يەھۇدى،خىرستىئان دىنى ۋە ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن .يەھۇدىي دىنى سىناي قۇملۇقىدا ،خىرستىئان دىنى پەلەستىن قۇملۇقىدا،ئىسلام دىنى ئەرەپ قۇملۇقىدا بارلىققا كەلگەن .
بۇ دىنلار ئىچىدە يەھۇدى دىنى ئەڭ دەسلەپ بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ،بۇ دىنغا ئىتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ پەيغەمبىرى "موسا" پەيغەمبەر ئىدى،ئۇ مىسىردا دۇنياغا كەلگەن بەنى ئىسرائىل بۇلۇپ،فىرئەۋىن ئوغۇل بالىلارنى قىرىپ تاشلاشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ،ئۇنىڭ ئانىسى ئاللاھنىڭ بىشارىتى بىلەن بوۋاق موسانى ساندۇققا سېلىپ دەرياغا تاشلىۋىتىدۇ،فىرئەۋىننىڭ خۇتۇنى ئۇنى بېقىۋېلىپ چوڭ قىلىدۇ، موسا كىيىن مىسىردىن قېچىپ كىتىدۇ.  ئۇنىڭغا ئاللاھتىن ۋەھىي كىلىپ"ئاللاھنىڭ جارچىسى " بۇلىدۇ،ئاكىسى ھارۇن بىلەن مىسىرغا كىلىپ ،فىرئەۋىننىڭ ئوردىسىدا ئىلاھلىىق ئەقىدىسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ،"ئىلانغا ئايلانغان ھاسا " بىلەن جادوگەرلەرنى لەت قىلىدۇ،موسا بەنى ئىسرائىلنى باشلاپ مىسىردىن كىتىدۇ ،فىرئەۋىن لەشكەرلىرى قوغلاپ يىتىشىۋالاي دىگەندە ئىلاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن دېڭىزدىن ئۈتۈپ كىتىدۇ ،كىيىن مۇسا ئەلەيھىسالام سىنا تېغىدا 40 كۈن تۇرۇپ ،ئاللاھنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ قايتىدۇ،تاشقا ئۇيۇلغان پۈتۈك سۈپىتىدە "10 پەرىز" نازىل بۇلىدۇ دىيىلىدۇ .
يەھۇدى دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى تەۋرات بۇلۇپ،" يۇدازىم ئاللاھ تەۋراتنى مۇسا پەيغەمبەرگە ۋەھىي قىلغان دەپ تەرغىپ قىلىدۇ ،شۇنىڭ ئۈچۈن تەۋرات كۆپىنچە "موسا قانۇنلىرى " دەپمۇ ئاتىلىدۇ.تەۋراتتا دۇنيانىڭ يارىتىلىشى ،يەھۇدىلارنىڭ مىسىردىن قايتىشى ،ئۇلارغا پەلەستىننىڭ مۇقەددەس يەر سۈپىتىدە  بىرىلىشى،ئۇلارنىڭ خۇدا يەھۋا تەرىپىدىن  مۇستەسنا خەلق سۈپىتىدە تاللاپ  ئېلىنغانلىقى قاتارلىق ئەپسانە ،رىۋايەتلەر بايان قىلىنغان .3
يەھۇدىي دىنىدىن كىيىن خىرىستىئان دىنى بارلىققا كەلگەن ،" خىرىستىئان دىنىنىڭ ئاساسى غايىسى خىرىستۇس (ئىسا مەسھ) ھەققىدىكى ئەپسانە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،ئۇنىڭ ئەقىدىلىرى،،ئىتىقاد تەلەپلىرى ھۇقۇق ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرى ،تەقىقلىرى بېبىلىيا ۋە باشقا " مۇقەددەس كىتابلارنى ئاساس قىلىدۇ ،بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا  رىم ئىمپىريىسىنىىڭ شەرقى قىسىمىدا ياشايدىغان يەھۇدىلار ئارىسىدا پەيدا بولغان "4
بۇ دىننىڭ پەيغەمبىرى ئىسا ئەلەيھىسالام بۇلۇپ،ئۇ يەھۇدىيلىك ئىپپەتلىك قىز بۈۋىي مەرىيەمنىڭ ئوغلى بۇلۇپ،ئاللانىڭ" ۋۇجۇتقا كەل" دىيىشى بىلەن دۇنياغا كەلگەن ،روھىلمۇقەددەستىن ۋۇجۇتقا كەلگەن دەپ قارىلىدۇ،موسا ئەلەيھىسالامدىن كىيىن ئىيسا ئەلەيھىسالام ۋەھىي بىلەن "ئىنجىل"غا ئىگە بۇلۇپخىرىستىئان دىنىنى بارلىققا كەلتۈردى دىيىلگەن ،ئەمانىڭ كۆزىنى ئاچتى،ماخاۋنىڭ كۆزىنى ساقايىتتى،ئاخىرى بەزى يەھۇدىلارنىڭ جاھىللىق قىلىپ چىڭ تۇرىۋېلىشى بىلەن كىرىسقا مىخلاپ ئۆلتۈرۈلدى دىيىلگەن.ئۇنى ئىلاھنىڭ ئوغلى ،ئۈچ بىر گەۋدىنىڭ ئىسىدىكى بىرسى دەيدىغان قاراش مەۋجۇت .
خىرىستىئان دىنىنىڭ دەستۇرى ئىنجىل بۇلۇپ،،ئۇنىڭدا بۈۋى مەرىيەم ،ئىيسا خىرىستىئوس ،ئىيسانىڭ شاگىرتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ...توغرىسىدىكى مەزمۇنلار سۆزلەنگەن .
    غەربىي ئاسىيا رايۇنىدا ئاخىرىدا پەيدا بولغان دىن ئىسلام دىنى بۇلۇپ ،بۇ ئەرەپچە ئىسلام سۆزىنىڭ مەنىسى "بويسۇنۇش " ۋە تىنىچلىق دىگەنلىك بۇلۇپ ،يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇشنى ۋە ئالالھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنغۇچىلار تىنىچلىققا ئىگە بۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.ئىسلام دىنى ئىتىقاد قىلىش ،دىنى مەجبۇرىيەت ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپتى،ئاساسىي ئىمان ئالتە ،پەرھىز بەش بۇلۇپ،ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم تەرەپلىرى ھېسابلىنىدۇ .
ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام بۇلۇپ،مەدىنىدىكى قۇرەيتىش قەبىلىسىنىڭ ھاشىم جەمەتىدىن . مىلادى570-يىلى دۇنياغا كەلگەن . ھىرا تېغىدا  مۇھاممەت ئەلەيھىسالامغا ئاللاھتىن ۋەھىي كىلىپ"قۇرئان كەرىم " نازىل بولدى ،"قۇرئان كەرىم " ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابىدۇر ،قۇرئان دىەەن بۇ ئەرەپچە سۆزنىڭ مەنىسى " قىرائەت قىلىش " دىەەنلىك بۇلىدۇ .ئۇ 30 پارە،114 سۈرە ،6200دىن ئارتۇق ئايەتتىن تەركىب تاپقان .
سۆزلەپ ئۆتكەن بۇ ئۈچ دىندا قۇربانلىق قىلىش توغرىلىق مەزمۇنلار بار بۇلۇپ ،قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرىنىڭ مەنبەسى ئۈچۈن ،بۇ ئۈچ دىندىكى  قۇربانلىق قىلىش ئئادەتلىرى توغرىلىق بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويماي بولمايدۇ .
3.يەھۇدىي ۋە خىرىستىئان دىنىدىكى قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرى
ئىنجىل كونا ئەھدە يېڭى ئەھدە دەپ ئىككى قىسىمگە بۆلۈنگەن ،كونا ئەھدە "تەۋرات" ،يېڭى ئەھدە "ئىنجل" ئىدى ،بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ خىرىستىئان دىنىنىڭ دىنى دەستۇرىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى ،شۇڭا بۇ يەردە تەۋرات ۋە ئىنجىلغا ئائىت قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئوتتۇرىغا قۇيىمەن .
1>. ئادەم قۇربانلىق قىلىش .
بۇ ئەڭ ئىپتىدائىي ،ئەڭ ئېچىنىشلىق دىنى مۇراسىم بۇلۇپ ،تىرىك ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ،قۇربانلىق بۇيۇمى قىلىش بۇلۇپ، ئۆلتۈرۈشنىڭ ئوبىتكى جەڭدە ئەسىرگە ئېلىنغانلار ياكى قۇللار بۇلۇپ ،ئادەتتكى ئۇرۇق ئەزالىرى ۋە قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى  بولسىمۇ بۇلىدۇ . ئىنسانلار جەميىئىتى تەرەققى قىلىۋاتقان دەسلەپكى دەۋىردە ئادەمنى قۇربانلىق قىلىدىغان ئىشلار داۋاملىق يۈز بىرەتتى ،ئومۇمەن ئاپەت ،خەتەرگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا
ئاتا -ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل قىزلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ ،ئاپەتنىڭ ئاقىۋىتىدىن ساقلىنىشنى ئۆتۈنەتتى .ئادەم قۇربانلىق قىلىش ئەمىلىيلىشىپ ،بۇ خىل ئېچىنىشلىق مۇراسىم خان جەمەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ،خەلىق ئارىسىدا ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى. ئىرۇسالىم  ئەتراپىدا ئىلگىرى مەخسۇس قۇربانلىق سۇپىسى بار ئىدى ."ئىنجىل ،ئالەمنى يارىتىش خاتىرلىرى "دە   ئىبراھىم خۇداغا بولغان مۇتلەق بويسۇنۇشىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ،ئامراق ئوغلى ئىسمائىلنى ئۆلتۈرۈپ،قۇربانلىق قىلماقچى بولغانلىقىدەك ھىكايىسى خاتىرلەنگەن بۇلۇپ ،ئىسرائىللارنىڭ قەدىمكى دەۋىردىكى قۇربانلىق قىلىشنىڭ بىر خىل شەكلىنى ئىپادىلەپ بىرەتتى. خىرىستىئان دىنىدىكى ئەسلى  گۇناھ نەزىريىسىگە ئاساسەن  ،گۇناھى بار ئادەملەر ئىلاھقا بۇيۇملارنى تەغدىم قىلىشنى خالايتى،گۇناھىنى تىلەيتى . كىيىن ئادەم قۇربانلىق قىلىش بارا-بارا ھايۋانلارنى ياكى ئۈسۈملۈكلەرنى  قۇربانلىق قىلىشقا ئۆزگەردى
2>. ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىش
ئىبراھىمنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلماقچى بولغانلىقىنى ئىلاھ دەسلەپتە ساداقەتمەنلىك دەپ چۈشەندى ،نەتىنجىدە تەڭرى ئۇنىڭ  ئوغلىنى ئۆلتۈرۈشىگە يول قويمىدى ،كىيىن ئىبراھىم  بىر قوچقارنى قۇربانلىق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئاللاھقا بولغان ساداقىتىنى  ئىپادىلىدى .
ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىش  قەدىمكى دەۋىردىكى بىر ئومۇمىي ھادىسە. قۇربانلىق قىلىش جەريانىدا كىشىلەر ھايۋانلارنى تاللايدۇ ،ھەرگىز ھەمملا ھايۋان نەزىر بۇيۇمى بۇلىۋەرمەيدۇ ،پەقەت ئىلاھ ياخشى كۆرىدسىغان نەرسىلەرلا قۇربانلىق  بۇلىدۇ.
3>. ئۆسۈملۈك ،دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى قۇربانلىق قىلىش (نەزىر قىلىش)
بۇ دېھقان مىللەتلىرىدىن قېپقالغان بىر خىل دىنى ئادەت بۇلۇپ ،ئۇنىڭدا ھەر قايسى قەبىلە ئۇرۇقىنىڭ تەبئى ئۆسۈملۈكلەرنى قۇربانلىق قىلىشىغا بولغان مۇئەييەن تاللاشچانلىق مەۋجۇت.دېھقانچىقى زىرائەتلىرى ۋە مىۋىلەرنىمۇ  قۇربانلىق قىلىشقا بۇلىدۇ ،پەقەت نەزىر قىلىنىدىغان < قۇربانلىق قىلىنىدىغان > ئىلاھقا ماس كىلىشى لازىم .مەسلەن ،دانلىق زىرائەت پەقەت دانلىق زىرائەت ئىلاھىغا نەزىر قىلىنىدۇ .5
قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرى
خىرىستىئان دىنىدا <كاھىن > دەيدىغان  بىر ۋەزىپە ئورنى  بۇلۇپ ،كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئالغان كىشى قۇربانلىق قىلىش مۇراسىمى بىلەن  ئىسرائىللارنى پاكىزلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ،قۇربانلىق  مۇراسىمىنى قوغداشقا مەسئۇل بۇلىدۇ " گۇناھىنى يۇيۇش مۇراسىمىدا پۇقرالار ئۆزىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ،ئىلاھقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىدۇ .كاھىن  ئىسرائىللارنىڭ تەڭزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىېىنى ساقلاپ قىلىپ ،ئۇلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن تەڭرىگە توغرا بولغان ئۇسۇلدا  قۇربانلىق قىلىشقا مەسئۇل بۇلىدۇ" 6 كونا ئەھىدىدە مۇھىم بولغان بىر خىل ئادەت بۇلۇپ ،گۇناھىنى يۇيۇش كۈنى ئادىتى دىيىلىدۇ ،گۇناھىنى يۇيۇش كۈنىنىڭ پۈتۈن مۇراسىمى مۇرەككەپ بۇلۇپ ،چوڭ كاھىم مۇراسىم بۇيىچە ئىش قىلىدۇ ،ئىككى قوچقارنى تاللاپ گۇناھىنى يۇيۇش قۇربانلىقى قىلىدۇ .
بىرىنچى قوچقارنى پۇقرالارنىڭ گۇناھىنى يۇيۇش قۇربانلىقى قىلىدۇ ن،كىيىن ئاللىقاچان ئۆلتۈرۈلۈپ بولغان قوچقارنى ۋە بۇقىنى سىرىتقا ئاچىقىپ كۆيدۈرىدۇ .چوڭ كاھىن قۇلىنى باشقا بىر قوچقارنىڭ بېشىغا قۇيۇپ ئىسرائىللارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھىنىڭ ھەممىسىنى بەخىتسىز بۇ ھايۋاننىڭ ئۈسىتىگە يۆتكەيدۇ،كىيىن بۇ گۇناھقا ۋەكىللىك قىلىدىغان  قوچقار چۆل -دەشىتكە ئەچىقىۋىتىلىدۇ.يەنە بىر قۇربانلىق قىلىش ئەڭ مۇھىم بۇلۇپ ،ئۇ "لىۋنامە" دە مۇنداق بەلگىلەنگەن" مۇراسىمدىن ئىلگىرى قۇربانلىق قىلىنىدىغان بۇقا مۇقەددەس قەسىرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىلىنىش ،قۇربانلىق قىلغۇچى قول بارمىقىنى بۇقىنىڭ قېنىغا چىلاپ ،مۇقەددەس قەسىرنىڭ ئالدىغا قاراپ يەتتە قېتىم شىلتىشى ،ئاندىن قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا تۈكۈشى كېرەك .ئۇنىڭدىن كىيىن قۇربانلىقنىڭ تېرىسى سۇيۇلۇپ ،گۆشى پارچە قىلىنىپ پىشۇرۇلىدۇ. كىشىلەر تىلەكلىرىنى ئېيتىشىپ ،ئىنجىلنى ئۇقۇپ ،مەدىيە ناخشىسى ئېيتىدۇ .گۆش پىشۇرۇلغاندىن كىيىن بىر قىسىمى ئاللاھقا ،بىر قىسىمى كاھىنغا تەۋە بۇلۇپ ،بىر قىسىمى باشقا كىشىلەر ۋە پىشۇرغۇچىلار بىلەن يىيىلىدۇ . بۇ خىل قۇربانلىق پائاليىتى مىللى دىننىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ . بۇ ھەم ئاللاھقا نەزىر قىلىش ھەم شۇ مىللەتنىڭ كوللىكتىپ غىزالىنىش تۈزۈمى بۇلۇپ ،بۇ خىل تۈزۈم ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئۇيۇشچانلىقىنى ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ "7
گۆشسىز قۇربانلىق قىلش يەنى يىمەكلىكنى قۇربانلىق قىلىش دىيىلىدۇ ، قۇربانلىق قىلدىغىنى پەقەت زىمىندا ئەڭ بالدۇر پىشقان يېزا ئىەلىك مەھسۇلات بۇلىدۇ ،بۇ چۇقۇم پىششىقلاپ ئىشلەتكەندىن ئۆتكەندىن كىيىن  ئاندىن نەزىر قىلىنىدۇ
تىنىچ قۇربانلىق قىلىش گۈشسىز قۇربانلىق قىلىش ،كۆيدۈرۈپ  قۇربانلىق قىلىش ،مىننەتدار  نەزىر چىراقلارغا ئوخشاش بۇلۇپ ،موسادىن بۇرۇن باشلانغان . بۇنىڭدا قۇربانلىق قىلىنىدىغان  بۇيۇم كالا ،قوي ياكى ئۆچكە بۇلۇپ ئالتە خىل مۇراسىم : ئېلىپ چىقىش ،قۇلىنى قۇيۇش ،ئۆلتۈرۈش ،قان چېچىش ،پىشۇرۇش ۋە قۇربانلىق غىزاسى  قاتارلىق تەرتىپ بۇيىچە ئېلىپ بىرىلىدۇ .بۇلار قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرى بۇلۇپ ،تۆۋەندە يەنە ئاخىرنى داۋاملاشتۇرىمەن .

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 06:37:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى بىر بىلىمگە ئەگە بولۇپ قالدىم.رەھمەت! [s:166]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10971
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10606 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 07:50:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام بۇلۇپ،مەدىنىدىكى قۇرەيتىش قەبىلىسىنىڭ ھاشىم جەمەتىدىن

مەدىنىدە ئەمەس مەككىدە دۇنياغا كەلگەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13215
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8082 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 09:08:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تارىخى بىلىملەركەن .نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم .رەھمەت سىزگە

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئۈلۈم ئەڭ ياخشى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7870
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10655
تۆھپە نۇمۇرى: 598
توردا: 3246 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 10:48:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا ئۆتكەن پەيغەمبەرلەردىن يەھۇدى پەيغەمبەرلەر ئەڭ كۆپ.لىكىن ئۇلارنىڭ قەۋمى كىيىن خاتالىق يولغا ماڭغان.
زەبۇر،تەۋرات،ئنجىل،قۇرئان كەرىم  ھەرقايسى دەۋىرلەردە ئاللا تەرپىدىن نازىل بولغان كىتاپلار ..

قىزلانى چىرايلىق كۆرسىتىدغان نەرسە ھايا ۋە نۇمۇس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17680
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9076
تۆھپە نۇمۇرى: 703
توردا: 2269 سائەت
تىزىم: 2010-11-15
ئاخىرقى: 2013-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 11:15:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھرىبان ياخشىمۇسىز !
سىزنىڭ بۇ ئەسىرڭىز مول-مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ! مەن ھەم سىزنىڭ دوستىڭىز ھەم خىز مەتتىشىڭز بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە تېخمۇ چوڭ ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن! مەن سىزگە بىر سۇئال قويسام! مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلىرمىزنىڭ كاللىسىغا «ئۇيغۇر» دىگەن ئۇقۇم ئاۋال كېلەمدۇ؟ ياكى «مۇسۇلمان» دىگەن ئۇقۇممۇ؟

كۇلۇب سەردارى```

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18842
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6558
تۆھپە نۇمۇرى: 325
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2011-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-29 01:22:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىرمۇ بىر ئوقۇپ چىقتىم ھەم ساقلىۋالدىم ، ھەجەپ ياخشى يوللاپسىز بۇ تارىخي تېمىنى ، يەنە بامۇ ، بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3966
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10201
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2011-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-29 09:31:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇربانلىق قىلىش جەريانىدا كۆيدۈرۈپ قۇربانلىق قىلىش ،مىننەتدار نەزىر چىراغ <قۇربانلىق قىلىش>گۇناھىنى يۇيۇش قۇربانلىق ...تۆت چوڭ قان ئاققۇزىدىغان قۇربانلىق قىلىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ ."قان ئاققۇزۇپ قۇربانلىق قىلغاندا ،قۇربانلىق قىلىدىغان ھايۋان چۇقۇم كالا ،قوي ،تۇخۇ ،كەپتەر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بۇلۇپ،گۆشخۇر ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ،قان ئاققۇزۇپ قۇربانلىق قىلىش گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈندۇر ."8
تۆۋۈندە (لىۋنامە) نىڭ 23-بابىدىن  بىر بۆلەك ئۈزۈپ ئېلىنغان بۇلۇپ،ئۇنىڭدىن قەدىمكى يەھۇدىلارنىڭ ئاللاغا بولغان ساداقەتمەنلىگى بىلەن چۇقۇنۇش پىسخىكىسىنى چۈشۈنۈۋالغىلى بۇلىدۇ .
"يەھۋا مۇساغا دىدى: سەن ئىسرائىللارنى يىغىپ مۇنداق دىگىن ،مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زىمىنغا كىلىپ ،زىرائەتلەرنى يىغققان ۋاختىڭلاردا ئەڭ بالدۇر پىشقان زىرائەتنىڭ بىر باغلىمىنى قۇربانلىق قىلىڭلار ،سىلەر شۇ كۈندە بىر ياش بولغان ،جاراھەتلەنمىگەن قوپقارنى يەھۋاغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىڭلار دىدى . قۇربانلىق قىلغاندا تەڭشەلگەن ماينىڭ 10 دەن 2 قىسمىنى ئوت نەزىرسى قىلىپ يەھۋغا تەغدىم قىلىشىڭلار كېرەك ،مەيلى پىچىنە بولسۇن  ياكى كۆيدۈرۈلگەن ئۇرۇق بولسۇن ھېچ قايسىسىنى يىمەسلىگىڭلار كېرەك ."
    "ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىچىدىن بالدۇر پىشقانلىرىنى ،ھايۋانلاردىن بىر تال ئەركەك ئۆچكىنى گۇناھىنى يۇيۇش قۇربانلىقىغا بىرىشىڭلار ،ئىككى بىر ياشلىق قوچقارنى تىنىچ قۇربانلىق قىلىشقا بىرىشىڭلا ركېرەك ،كاھىن بۇ ئەڭ دەسلەپ پىشقان بۇغدايدىن پىچىنە ياساپ،تەۋرىتىش قۇربانلىغى قىلىپ،،يەھۋانىڭ ئالدىدا  تەۋرىتىش كېرەك"9
  ئىنجىلنىڭ" لوقا بايان خۇش خەۋەر ۋە ھەزرىتى ئىسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى " دىگەن  بۇ قىسىمىدا يەنە  تۆۋەندىكىلەر ئۇچرايدۇ ." خۇدانىڭ تەۋراتتىكى ئەمرى بۇيىچە،بىر ئايالنىڭ تۇغۇتتىن كىيىن تازلىنىشى ئۈچۈن ،بىر جۈپ پاختەك ۋە ئىككى كەپتەر باجكىسىنى ئىبادەتخانىغا ئاپىرىپ  روھانىيلارغا قۇربانلىقققا بىرىشى كېرەك ئىدى .تەۋراتتا ئېيتىلىشىچە بىر ئايال بالا تۇغقاندىن كىيىن ،دىنى جەھەتتە ناپاك دەپ قارىلىدۇ ،تۇغۇتىغا 40 كۈن توشقاندا قۇربانلىق قىلىپ پاك ھالەتكە كىلەتتى .يەھۇدىلارنىڭ مىسىردىكى قۇللۇق قۇتۇلغان كۈنىنى خاتىرلەيدىغان بىر ھېيىت-ئكتۈپ كىتىش  ھېيتى بۇلۇپ ،بۇ ھېيىتتا ھەر بىر ئائىلە قۇربانلىق قىلاتتى .يەھۇدىلار ئۆيلىرىدە قوزا سۇيۇپ پىتى نان بىلەن يەيتى "10
    يۇقارقىلار تەۋرات ۋە ئىنجىلغا ئائىت قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىىرى بۇلۇپ،خىرىستوسنىڭ ئۆلۈمى ئۇنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بىرىدۇ .
"ئىسا ئەلەيھىسالام  بىر پارچە ناننى قۇلىغا ئېلىپ ،خۇداغا شۈكرى ئېيىتتى ۋە ئۇنى ئۇشتۇپ ئۇلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بىرىپ: - بۇ مىنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا قىلىدىغان قېنىمنىڭ نامايەندىسىدۇر ،مىنى خاتىرلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنى يەڭلار دىدى .
تاماقتىن كىيىن ئۇ يەنە جامنى قۇلىغا ئېلىپ :- بۇ جامدىكى شاراپ سىلەر ئۈچۈن تۈكۈلىدىغان قېنىمنىڭ نامايەندىسى ،خۇدانىڭ نىجاتلىق بىرىدىغان يېڭى ئەھدىسى بۇ قېنىمنىڭ بەدىلىگە تۈزۈلىدۇ دىدى"11
  بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى ئىيسا ئەلەيھىسالام بارلىق كىشىلەرنىڭ گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان .يېڭى ئەھدە خىرىستوسنىڭ كىرىستا ئۆلگەنلىكىنى بىر خىل قۇربانلىق دەپ ئاتىدى ھەم بۇ خىل قۇربانلىقنى مۇكەممەل  دەپ قارىدى.ئاۋگۇستىن  قۇربانلىق بۇيۇمنىڭ مەنىسى ئۈستىدە "خىرىستوس گۇناھىنى يۇيۇش قۇربانلىجى قىلىنىپ،ئۆزىنى كىرىستا تەغدىم قىلدى ،ئازاپقا ئۇچراپ ئكلدى " دىدى 12
     خىرىستوس ئۆلۈمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشۈنۈشتە گۇناھىنى يۇيۇش كۈنى ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدا خىرىستوس مۇكەممەل بىر كاھىن سۈپىتىدە قارىلىدۇ،ئۇ بىر قېتىم بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ئۇلۇغ بولغان قۇربانلىقنى بەردى ،ئۇ تەغدىم قىلغان قۇربانلىق مال بولسا ئۇنىڭ ئۆزى ئىدى.ئۇنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن ،كىشىلەرنىڭ گۇناھى خىرىستوسنىڭ جىسمىغان يۆتكەلدى .شۇنىڭدىن باشلاپ خىرىستوسنىڭ گۇناھى يۇيۇلدى .
   "ئىنسانىيەتنىڭ ئىلاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ قۇتقۇزغۇچى ئۆزىنى تەغدىم قىلىشى كېرەك ،ئەگەر بۇ قۇربانلىق بولمىسا ئادەم ۋە ئىلاھنىڭ مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلمەيدۈ،خىرىستوسنىڭ كىرىستا قۇربانلىق قىلىنىشى  بىلەن ئىلاھنىڭ ۋەھىسىنى جاكارلىشى ،گۇناھىنى يۇيۇش قۇربانلىقى قىلىنىشى  ۋە خەلىققە ھۆكۈمران بۇلۇش مۇناسىۋەتكە ئىگە"13. خىرىستوسنىڭ كىرىستا ئۆلتۈرۈلىشىمۇ بىر خىل قۇربانلىق دەپ قارىلىدۇ .
بۇلار يەھۇدى دىنى ۋە خىرىستئان دىنىغا ئائىت قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرى دەپ ھېسابلىنىدۇ .
تۆۋەندە ئىسلام دىنىغا ئائىت قۇربانلىق قىلىش  ئادەتلىرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۈتىمەن .
4. ئىسلام دىنىغا ئائىت قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرى
قۇربانلىق قىلىش ھەج قىلىش قائىدىلىرىدىن بىرى،ھەج تاۋاب قىلىش ئاخىرلاشقاندا ئۆتكۈزىلىدىغان دىنى قائىدە .
   ئىسلام دىنىدا قۇربانلىق قىلىشقا ئائىت بىر ھىكايە بۇلۇپ ،تۆۋەندە ئۇنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.
ئىبراھىم ئەلەيھىسالام ياشىنىپ قالغان ئايالى سارەدىن بالا يۈزى كۆرمەي ،ئاللا تائاللادىن :" رەببىم ،ماڭا بىر ياخشى پەرزەنىت بەرگىن " ( قۇرئان كەرىم 37-سۈرە "
ساففات" 100-ئايەت) دەپ تىلىىگەندىن كىيىن ئاللا ئۇنىڭغا ھەجەر دىگەن ئايالدىن بىر پەرزەنىت بەرگەن ،بۇ ئىسمائىل ئەلەيھىسالام ئىدى ،ئوغلى ئىشقا يارىغۇدەك بولغاندا  ئاللاھدىن " بۇ بالاڭنى قۇربانلىق قىلغىن " دەپ ۋەھىي چۈشكەن ،ئىبراھىم ئەلەيھىسالام ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسالامنى قۇربانلىق قىلماقچى بولغاندا،ئاللاھ جەننەتتىن بىر كۆك قوچقار ئەۋەتىپ ئىسمايىل ئەلەيھىسالامنىڭ ئورنىدا قۇربانلىق قىلىشنى بۇيرۇغان،ئاندىن كىيىن ئاللاھ تائاللا قۇرئان كەرىمدە سۈرە كەۋسەرنىڭ ئىككىنچى ئايىتى ئارقىلىق قۇربانلىق قىلىشنى بۇيرۇغان .شۇنىڭدىن باشلاپ قۇربانلىق قىلىش ئىبراھىم ئەلەيھىسالامدىن قالغان 14 دىگەن بايان ئۇچرايدۇ .
   قۇرئان كەرىمنىڭ 29-،30-پارىلىرىنىڭ 108-سۈرىسىدە مۇنداق يەرلەر ئۇچرايدۇ ."پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئۇقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن " ئاللا تائاللا
پەيغەمبىرىگە كەۋسەرنى ئاتا قىلىش بىلەن باشقىغا ئەمەس ،يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇدى .15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3966
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10201
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2011-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-2 04:03:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنىڭ بىلەن قۇربانلىق قىلىش ئۇمۇملاشقان بۇلۇپ،ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئادەتلىرى بار .
قۇربانلىق قىلىشتا چوڭ چارۋا (كالا ،تۆگە) بولسا ئىككى ياشقا تۇشقان بۇلۇشى ،ساغلام بۇلۇشى شەرت. بۇلار قۇربانلىق قىلىنسا بىردىن يەتتىگىچە كىشىنىڭ قۇربانلق ئىبادىتى ئادا بۇلىدۇ ،لىكىن يەتتە كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇسۇلمان بۇلۇشى ھەمدە ئۇلار قۇربانلىق ئارقىلىق ئالالھقا يېقىنلىشىشىنى نىيەت قىلىشى شەرت. يەتتە كىشىنىڭ بىرى مۇسۇلمان بولمىسا ياكى پەقەت گۈش يىيىشنى مەخسەت قىلسا ،يەتتە كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇربانلىق ئىبادىتى بىكار بۇلىدۇ .قوي ،ئۆچكىنىڭ ئەركەك ،چىشى بۇلۇشىدىن قەيئىنەزەر ساغلام بولغانلىرى بىرسى بىر كىشىگە دۇرۇس بۇلىدۇ ،مال بەك ئۇرۇق ،بىر پۇتى ياكى بىر كۆزى ،قۇلىغىنىڭ ئۈچدەن بىر قىسىمىدىن كۆپرەكى  ناكا بولسا قۇربانلىق قىلىش دۇرۇس ئەمەس.ھەج تاۋاب قىلىش ئاخىرلاشقاندا ،مال زەبھى قىلىپ نەزىر قىلىنىدۇ ،قۇربانلىق مالنىڭ گۆشى يوڭسۇللارغا بۆلۈپ بىرىلىدۇ ياكى بۇ گۆشنى ئۆزى يىسىمۇ ،ئۇرۇق تۇغقان،خۇلۇم خوشنىلارغا بەرسىمۇ بۇلىدۇ،باشقا جايلاردا ئادەتتە قۇربان ھېيىت نامىزىدىن كىيىن قۇربانلىق قىلىدۇ .
ھەر بىر ئائىلە قۇربانلىق قىلىدۇ ،قۇربانلىقنىڭ گۈشىنى ئۈچ ئۈلۈشكە بۈلۈپ،بىر ئۈلۈش سەدىقە قىلىنىدۇ ،بىر ئۈلۈشى ئۇرۇق تۇغقانلارغا بىرىلىدۇ ،يەنە بىر ئۈلۈشىنى ئۆزى يەيدۇ .
بۇلار ئىسلام دىنىغا ئائىت قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرى بۇلۇپ،بۇلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بولغاچقا ،تەپسىلىي ھالدا ھەممىنى يىزىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن .
خۇلاسە
قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرى غەربىي ئاسىيا رايۇنىدىكى ئۈچ دىن ئىچىدىكى يەھۇدىي دىنىدە يەنى كونا ئەھدىدە ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان بۇلۇپ ،قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئوبىكتى قۇشلار ،ھايۋانلار ،دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى قاتارلىقلار ئىدى.يەھۇدىي دىندا كەلگۈسىدىكى مەسھىدىن خەۋەر بىرىلگەن بولسىمۇ ،لىكىن ئۇ خىرسىتىئان دەۋىرگە كەلگەندە ئاندىن بۇ دۇنياغا ھەقىقىي بارلىققا كەلگەن ،قۇربانلىق قىلىشمۇ ئىيسا مەسھى قۇربانلىق قىلىنغاندىن كىيىن  ئاندىن ھەقىقىي مەنىگە ئىگە بولغان . قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرى يەھۇدىي دىنىدن خىرستىئان دىنىغا كىرگەن."
دىنى مۇراسىم ۋە بايرام جەھەتتە خىرىستئان دىنى يەھۇدىي دىنىدن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى ئۆرنەك قىلغان ،قۇبۇل قىلغان "16 چۈنكى " كونا ئەھدە يېڭى ئەھدىنىڭ ئاساسى ،يېڭى ئەھدە بولسا كونا ئەھدىنىڭ مەخسىدى "17 مۇشۇ نوختىدىن قارىغاندا  خىرىستىئان دىنىدىكى قۇربانلىق قىلىش ئاەتلىرى يەھۇدىي دىنىدىكى قۇربانلىق قىلى شئادەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان .
   " ئىسلام دىنى بارلىققا كىلىشتىن ئىلەىرى ئەرەبلەرنىڭ دىنى ئىتقادى ھەر ىىل ئىدى ،بەدىۋىيلەر قەبىلىسى ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىپتىدائىي تەبىئەتكە ئىتقاد قىلاتتى،بەزىلىرى يەھۇدىي ۋە خىرىستىئان دىنىغا ئىتىقاد قىلاتتى ،يەھۇدىي ۋە خىرىستىئان دىنى خېلى بۇرۇنلا ئەرەب يېرىم ئارىلىغا تارقالغان ئىدى،يەھۇدىي ۋە خىرىستىئان دىنىنىڭ تارقىلىشى ئىسلام دىننىڭ بارلىققا كىلىشىدە ئىدئىولوگىيە جەھەتتە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى"18
"يەھۇدىي دىنىدىكى ئادەم ئەلەيھىسالام ،نوھ ئەلەيھىسالام ،ئىبراھىم ئەلەيھىسالام ،ياقۇب ئەلەيھىسالام قاتارلىق پەيغەمبەرلەر توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر كۆپ ئىلاھقا ۋە بۇتقا چۇقۇنىدىغان ئەرەبلەرگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى".19
  ئىسلام دىنىدىكى قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرىنىڭ تەسىرىنى يەنىلا يەھۇدىي  ۋە خىرىستىئان دىنىدىن ئىزلەشكە توغرا كېلىدۇ ،باشتا دەپ ئۆتكەندەك  ئەربلەر ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى بەزىلىرى يەھۇدى ۋە خىرىستىئان دىنىغا ئىتىقاد قىلاتتى ،ئىسلام دىنى بۇ ئىككى دىندىن كىيىن بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ ،ئىنجىلنىڭ ئىدىئولوگىيە جەھەتتە جەھەتتە  تەسىرىگە ئۇچرىغان ، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرىمۇ خىرىستىئان دىنىدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن .
  ئۇنداق بولسا يەھۇدىي دىنى ،خىرىستى.ان دىنى ۋە ئىسلام دىنىدا مەيلى ئىلگىرى ياكى ھازىر بولسۇن مەۋجۇت بۇلۇپ كىلىۋاتقان  قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرىنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە توختىلىپ ئۈتىمەن ،قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئاساسلىق مەجسىتى بولسا " ئىلاھ بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىق  كېسەللىكتىن ،ئاپەتلەردىن ،ئاچلىقتىن ،تەبئى ئاپەتتىن ۋە گۇناھى كەبىرلەردىن  ساقلاشنى ئۈمۈد قىلىش" 20 بۇلۇپ بۇنىڭدا ئىلاھقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىدۇ،يەنى خۇداغا بولغان ئىتقادى ۋە ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ،قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرى خۇداغا بولغان ئىتىقاد يۈزىسىدىن كىلىپ چىققان بۇلۇپ،ئۇنىڭ مەنبەسىنى دىن دىيىشكە بۇلىدۇ ،دىنى جەھەتتكى ئىتىقاد قۇربانلىق قىلش ئادەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .
        غەربى ئاسىيا رايۇنىدا پەيدا بولغان يەھۇدى دىنى ،خىرىستىئان دىنى ۋە ئىسلام دىنىدىكى قۇربانلىق ئادەتلىرى مەيلى ئىلگىرى بولسۇن ياكى ھازىر بولسۇن شۇ رايۇن خەلىقلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن بۇلۇپ،خىرىستىئان دىنىدىكى قۇربانلىق ئادەتلىرىنىڭ مەنبەسىنى يەھۇدى دىنى دىيىشكە بۇلىدۇ ،ئىسلام دىنىدىكى قۇربنالىق قىلىش ئادەتلىرى خىرىستىئان دىنىنىڭ بىرىكمىسى (يېڭى  ئەھدە ۋە كونا ئەھدە) نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دىيىشكە بۇلىدۇ،بۇ ئۈچ دىندىكى قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرىنىڭ مەنبەسىنى دىن دەپ خۇلاسىلەشكە بۇلىدۇ .دىن بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان بۇ قۇربانلىق قىلىش ئادەتلىرى ھازىرمۇ غەربىي ئاسىيا رايۇنىدىكى بەزى مىللەتلەردە يەنىلا ساقلىنىپ كەلمەكتە .
1>.كاڭ جى جيى.خىرىستىئان دىنىنىڭ مۇراسىم بايراملىرى .2000-يىلى 12-ئاي 1-نەشىرى. بېيجىڭ دىن مەدەنىيەت نەشىرياتى  4-بەت .
2>ئابدۇراخمان ئىسرائىل.جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى 2000-يىللىق 1-سان " قۇربانلىق قىلىش ھەققىدە " دىگەن ماقالىدىن .
3>.قىسقىچە ئىسلام قۇغىتى .شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى .1994-يىلى 3-ئاي 1-نەشىرى   492-بەت . ئۇيغۇرچە كىتاب
4>.
قىسقىچە ئىسلام لۇغىتى 70-بەت
5>. خىرىستىئان دىنىنىڭ مۇراسىم بايراملىىرى  4-،5-بەتلەر
6>. خىرستىئان دىنىدن ئومۇمىي بايان مەي گې لاسى  2003- يىلى 8-ئاي 1-نەشىرى ،بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى 41-بەت
7>. خىرىستىئان دىنىنىڭ مۇراسىم بايراملىرى 5- ،6-بەتلەر
8>. خىرىستىئان دىنىنىڭ  مۇراسىم بايراملىرى 5.بەت
9>. خىرىستىئان دىنىنىڭ مۇراسىم بايراملىرى 6 بەت .
10>. ئىنجىل (لوقا بايان ۋە ھەزرىتى ئىسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ بايانى ) دىگەن قىسىمىدىن
11>.ئىنجىل (لوقا بايان ۋە ھەزرىتى ئىسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ بايانى دىگەن قىسىمىدىن
12>. خىرىستىئان دىنىدىن ئومۇمىي بايان
13>. خىرىستىئان دىنىدىن ئومۇمىي بايان
14>. جۇڭگۇ مۇسۇممانلىرى ژورنىلى قۇربانلىق قىلىش ھەققىدە دىگەن ماقالىدىن ئېلىندى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3966
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10201
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2011-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-5 08:16:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  turgun2005 كە 2010-11-28 11:15 PMئەۋەتىلدى  :
مىھرىبان ياخشىمۇسىز !
سىزنىڭ بۇ ئەسىرڭىز مول-مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ! مەن ھەم سىزنىڭ دوستىڭىز ھەم خىز مەتتىشىڭز بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە تېخمۇ چوڭ ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن! مەن سىزگە بىر سۇئال قويسام! مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلىرمىزنىڭ كاللىسىغا «ئۇيغۇر» دىگەن ئۇقۇم ئاۋال كېلەمدۇ؟ ياكى «مۇسۇلمان» دىگەن ئۇقۇممۇ؟
ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ ھەممە ئىشلىرىڭىز ياخشى بولسۇن!
مىنىڭچە ھازىرقى ۋاقىتتا كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ كاللىسىغا ئۇيغۇر دىگەن ئوي ئاۋال كىلىدۇ دەپ ئويلايمەن ، دىنىي تۇيغۇ مىنىڭچە ئەتراپىمىزدا بەك كۈچلۈك ئەمەس...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش