مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 544|ئىنكاس: 6

ئەڭ ئاخىرقى ماددا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈمەن ئۆركىشى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 1664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14071
تۆھپە نۇمۇرى: 1083
توردا: 9758 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 03:49:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەڭ ئاخىرقى ماددا


ئۇنىڭ خەجلەپمۇ تۈگىتەلمىگۈدەك پۇلى بار بولۇپ ، ھەقىقەتەن باي ئاياللاردىن ئىدى. بالىسى ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى بولسا ھەممە نەرسىدىن زېرىككەندەك بولۇپ قالدى. بالا ئۇنىڭ بارلىق ۋاقتىنى ئىگىلىۋالغان بولۇپ ، ئىجتىمائىي سورۇنلارغا بارالمىغىنىغا خېلى زامانلار بولۇپ قالغان ئىدى . ئۇ بالىسىنى ئېلىپ شەھەردىكى ئەڭ ياخشى بالىلار باغچىسىغا يېتىپ كەلدى. بۇ باغچىنىڭ شارائىتىدىن قۇسۇر ئىزدەپ تاپقىلى بولمايتتى . باغچا تەربىيەچىلىرىنىڭ ساپاسى يۇقىرى ، مۇكەممەل بالىلار ئوقۇشلۇق دەرسلىكلىرى بار ، يېمەك–ئىچمەكتىكى ئوزۇقلۇقمۇ نورمال تەڭشەلگەن ئىدى . بۇ يەر ئۇنىڭ بالىسىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلالايتتى .

   ئۇ باغچا باشقۇرغۇچىسىغا :

   ــــ سىلەرنىڭ شارائىتىڭلار ھەقىقەتەن ياخشىكەن ، مەن بالامنى بۇ يەرگە بېرىشنى قارار قىلدىم، - دېدى.

   باشقۇرغۇچى تولىمۇ خۇشال ھالدا ئۇنىڭ بالىسىنى ئېلىپ قالدى ۋە:

   ــــ بىز يېرىم يىلدا بىر قېتىم توختامغا قول قويۇشساق بولىدۇ ، توختامدىكى ھەر بىر ماددىغا ياخشىراق قاراپ چىققايسىز، - دېدى .

   باي ئايال توختامغا ئالدىراپ كۆز يۈگۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن:

   ــــ پۇل مۇھىم ئەمەس ، ھازىرلا ئاغدۇرۇپ بەرسەممۇ بولىدۇ . ئەمما توختامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ماددىسىنى بىر ئاز چۈشىنەلمەي قالدىم ، - دېدى.

   ــــ شۇنداق ھۆرمەتلىك خانىم ، باغچىمىز بالىڭىزنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ، چوقۇم دائىم كىيىدىغان كىيىمىڭىزدىن بىرنى بۇ يەرگە قويۇپ كېتىشىڭىز كېرەك . چاپان ، مايكا ياكى كۆينەك، قايسىسى بولسا بولىۋېرىدۇ ، بۇنىڭغا چوقۇم ماقۇل دېيىشىڭىز كېرەك ، - دېدى باشقۇرغۇچى .

   ــــ بىراق ، مەن سىلەر بېكىتكەن بارلىق ھەقلەرنى تۆلەپ بولدۇم ، يەنە نېمىشقا كىيىمىمدىن بىرنى ئېلىپ قالىسىلەر؟ - دەپ سورىدى ئايال ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەن ھالدا .

   ــــ چۈشلۈكى بالىلار ئۇخلاشقا ئۇنىمايدۇ ، بىراق ئۇلارغا ئانىسى كىيگەن كىيىمنى يېپىپ قويساق ، بالىلار تىنچلىنىپ ئۇخلاپ كېتىدۇ ، - دېدى باشقۇرغۇچى.

   باي ئايال گەپمۇ قىلالماي قالدى . ئۇ تېخىچە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىسىنى باغرىغا بېسىۋېلىپ ، شەھەردىكى شارائىتى ئەڭ ياخشى بۇ بالىلار باغچىسىدىن چىقىپ كەتتى . شۇ تاپتا ئۇ ئانىنىڭ ئورنىنى ھېچكىمنىڭ باسالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى .

 

مەنبە ـ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى

 

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11665
تۆھپە نۇمۇرى: 1634
توردا: 5655 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 04:18:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  كىچىكىمدە  ئاپامنىڭ ھىددىنى پۇرمىسام  ئۇخلىيالمايتىم ،....  بۇ  ئانا  مىھرى  شۇ بولسا  كىرەك؟

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

جىمغور ؛-مىللىتم

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5025
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12466
تۆھپە نۇمۇرى: 333
توردا: 1091 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 04:31:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شارائىتى قانچە مۇكەممەل بولسىمۇ ئەڭ ياخشى تەربىيچى يەنلا شۇ ئانادۇر ،

ئۇغۇل دىگەن ئەلگە يارالغان، ۋاختى كەلسە جەڭگە يارالغان. ئۈتۈك بىلەن سۇ كېچەر شوڭا، ئۇغۇل نامى ئەلگە تارالغان.

NUR YULTUZ YUSUF

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19144
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4096
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2011-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 04:41:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:166] ياخشى يىزىلپتۇ !ئانا مھىرى نىمىدىگەن ئۇلۇغ!!!!!!!!!!!!! [s:132]

مەن ئاللانىڭ قۇلى يۇسۇف مەن !!مەن ئاللانىڭ ياخشى كۆرگەن بەندىسى بولۇشنى تىلەيمەن.....!!!!

دۇنيادا ئېچىش ئە

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16375
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16210
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 1631 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2012-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 06:05:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا  مېھرىگە    ھىچ  نېمە   يەتمەيدۇ .....ئانىىلارنى   قەدرلەيلى .......ئاسىرايلى،،،،،،،،

ئىللەت يوقالمىسا ،مىللەت يوقىلدۇ.

كۇلۇب سەردارى```

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18842
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3558
تۆھپە نۇمۇرى: 235
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2011-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-29 12:22:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلارنى قەدىرلەش،بېقىپ چوڭ قىلغان ئەجىرىگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەربىر پەرزەنتنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچى ..

مىرئادى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-29 01:18:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش