مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1797|ئىنكاس: 32

ھەممىڭلارنى مۇنازىرىگە تەكلىپ قىلىمەن! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياردەم مەزمۇنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5380
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2598
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 2241 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 03:46:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام، مۇنبەر ئەھلى! ياخشىمۇ سىلەر~ مەشئەلدىن ھەممە مۇنبەر ئەھلىگە سالام بولسۇن!

ئەمدى تېمىغا كەلسەك:

مېنىڭ مۇنازىرىگە ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان ئاساسىي مەسلە ئىلىم ئۆگىنىش توغرىسىدا!


23 ياشقا كىرگەن بىر ئاكام بىلەن سۆھبەتلىشىپ قالدىم، ئۇ دېدى:
_ مېنىڭ شۇنداق ئوقۇغۇم بار، ھېچ بولمىغاندا تىل ئۆگىنىش توغرىسىدا ئويلىشىۋاتىمەن، لېكىن يېشىم بىر يەرگە بېرىپ قالدى، كىتاب قۇچاقلاپ يۈرسەم قانداق بولار؟
بىر دوستۇم دېدى:
_ كىتاب ئوقۇب نېمە پايدا؟ ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششا! ياشلىقىڭدا ئوينا دەپتىكەن! چوڭ بولغاندا بىرەر سودىنىڭ ئېپىگە كىرىپلا ۋالساڭ بولمىدىمۇ؟ ئوقۇغان بىلەن خىزمەت يوق!

بۇ مەنچە جەمىيەتتە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تىپتىكى كىشىلەر بولسا كېرەك! بىزنىڭ بىلىم ئېلىشتىكى، مەكتەپتە ئوقۇشتىكى مەقسىتىمىز نېمە؟ نوقۇل ھالدا دېپلوم ئۈچۈنلىمۇ؟ نام ئابروي ئۈچۈنلىمۇ؟ ياكى شەكىل ئۈچۈنلىمۇ؟ بىلىم ئېلىش شۇنچە شەرەپلىك ئىش تۇرسا، نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؟ 23 ياشلىق بىر ياش ئۆزىنىڭ ئوقۇش يېشىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەۋاتسا~ بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

مېنىڭ تىل ئۆگىنىۋاتقان سىنىپىمدا ئەرەبلەر كۆپ! بىز 15 ئوقۇغۇچى، مېنىڭ يېشىم ئەڭ كىچىك!
بىر ئېراقلىق. مەنچە 35 ياشنىڭ يوقۇرىسىدا! ئۇ ئېنگىلىزتىلىنى نېمىشقا ئۆگىنىدۇ؟ تۇرمۇش ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈنمۇ؟ ياق! ئۇنىڭ ئېغىز تىلى شۇنداق ياخشى، خىزمىتىمۇ بار، لېكىن ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ  دەرسكە قاتنىشىدۇ، يېزىق تىلى، ئېنگىلىزتىلى گىرامماتىكىسى ئۆگىنىدۇ!
بىر ئېرانلىق، ئۇمۇ ئېراقلىققا ئوخشاش~ يېشى چوڭ، خىزمىتى بار، يۇرتىدا چوڭ ئۆيى بار، ئاتا-ئانىسى باي، لېكىن ئۇ نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ؟ تېخىمۇ يوقىرى ئۆرلەپ ئوقۇماقچى ئىكەن~
ئۈچ يەمەنلىك ئەرەپ~ يېشى مەن بىلەن تەڭتۇش، ئاتىلىرى سودىگەر، ئۈچىلىسىنىڭ. سودا قىلىپ پۇل تېپىۋېرىدۇ، سۆزلەشنىمۇ ھاجىتىدىن چىقالايدۇ، يۇرتىغا قايتسا ئېسىل تۇرمۇش كەچۈرالايدۇ، نېمە ئۈچۈن يەنە داۋاملىق ئوقۇيدۇ؟
قارا تەنلىكلەر، ئېسىل كىيىملىرىگە ياراشمىغان كىچىك پېئېللىقى، ئۇلار ئۆگىنىشكە شۇنچە ھېرىسمەن، نېمە ئۈچۈن؟ ئۇلار ئۆگەنمىسە جېنىنى باقالمامدۇ؟ ئەمىسە نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ؟
بىر جۈپ ئەر ئايال، ئېرىغۇ مەيلى، جېنىنى بېقىش، ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن ئۆگەندى دەيلى، لېكىن نېمە ئۈچۈن ئۇ ئايالىنى دەرسخانىغا سۆرەپ كىرىدۇ؟ بەك ئامراقلىقى كېلىپ كېتىپمۇ؟

قىزلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى توغرىسىدىكى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم~ بىزنىڭ ئۆگىنىش، بىلىم ئىگەللەش خاھىشىمىزنىڭ نۇقسانلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم، ھەم بۇ جايدا ئۆ پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش قارارىغا كەلدىم، بۇ تېمام بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن:
مېنىڭ بىر ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان، ئەدەپلىك قىز ساۋاقدىشىم بولىدىغان، شۇنىڭ ئوقۇش توغرىسىدىكى پىكرى مېنى چوڭقۇر ئويلاندۇرغان، ھەم باشقا قىزلارغا ئۈلگە بولالايدۇ دەپ قارايمەن، ھەم مېنىڭ مەقسىتىمنى ئىپادىلەپ بېرالايدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن:

"مەن ئوقۇيمەن، مەن بىر قىز بولۇپ يارالغانلىقىم، كەلگۈسىدە بىر ئانا بولۇش مەسئولىيىتى زىممەمگە يۈكلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئوقۇيمەن! ئانىلار بىر قولىدا بۆشۈكنى يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ! مەن شۇنداق بىر ئۇلۇغ ئىنسان بولىدىغانلىقىم ئۈچۈن، ھەقىقىي بىر ئانا بولۇش ئۈچۈن ئوقۇيمەن! مەن نېمە ئۈچۈن ئوقۇيمەن؟ دېپلوم ئېلىپ خىزمەت تېپىش ئۈچۈنمۇ؟ ياق! تويۇمنى قىلسام مېنى يولدىشىم باقىدۇ، قىلمىسام ئاتا ئانام! مەن نام ئاتاق ئۈچۈن ئوقۇيمەنمۇ؟ ياق! بىر قىزنىڭ نام چىقىرىشى ياخشىلىقتىن بىشارەت بەرمەيدۇ! مەن پۇل تېپىش ئۈچۈن ئوقۇيمەنمۇ؟ ياق! مەن ئوقۇمىساممۇ ناھايىتى ئاسان پۇل تاپالايمەن! سەيپۇڭچىلىق ئۆگەنسەممۇ، راڭپىزا ساتساممۇ جېنىمنى باقالايمەن! مەن نېمە ئۈچۈن ئوقۇيمەن؟ مەن بىر قىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئانا بولۇش، لاياقەتلىك بىر ئانا بولۇش ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىمنى كەلگۈسىدە تەربىيلەش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئوقۇيمەن! مەن ئالىي مەكتەپكە بارمىساممۇ، يوقۇرى بىلىم ئورۇنلىرىدا ئۆگەنمىسەممۇ، ئۆيدە بولسىمۇ، كىتابخانىدا بولسىمۇ ئۆگىنىمەن! بىلىم ھەممە يەردە بار!" بۇ ئۇنىڭ بىر ماقالىسىدىن يادىمدا قالغان ئۈزۈندە! شۇنداق، قىزلارنىڭ ئوقۇشىغا بولغان كۆز قارىشىم شۇ!

بىزدىكى ئۆگىنىشكە بولغان پاسسىپ پوزىتسىيە نېمە سەۋەبتىن شەكىللىنىدۇ؟ ھەتتا مەكتەپ بالىلىرىدىمۇ.....
بىز نېمە ئۈچۈن ئوقۇيمىز؟ دېپلوم ئۈچۈن؟ ئابروي ئۈچۈن؟ پۇل ئۈچۈن؟ زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئوقۇشنىڭ ياش چەكلىمىسى بولامدۇ ؟ بىز نېمە ئۈچۈن كاللىمىزدا بىر چەكلىمىنى ئورنىتىۋالىمىز ؟ قېنى تورداشلار، كەڭ كۇشادە مۇنازىرە قىلىپ باقايلى ! بىزدىكى ئۆگىنىش خاھىشى نېمە ئۈچۈن شۇنداق پاسسىپ؟ ئۆگىنىش كىملەرگە خاس؟ 30 ياشلىق ئادەم ئۆگەنسە ئەيىبمۇ؟ ئۇنداقتا بۇ مەسلىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ھازىرقى ئەھۋالى، زىيىنى، قانداق قىلساق تۈزىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەركىن مۇنازىرە قىلايلى!

مەن تېمامنىڭ ئۇرۇش سورۇنىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايمەن~ ئىلمىي بولۇڭ! ئادەمگە ئەمەس، ئىنكاسقا، تېمىغا جاۋاب قايتۇرۇڭ، ئىنكاس يېزىڭ! مېنى ھۆرمەتلىسىڭىز

مەشئەل 20

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
قىزغىن + 211 داۋاملىق............ئۇكا يوللاۋەر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 211   باھا خاتىرىسى

ھاياتتىن ئاغرىنىش ئاجىزلارنىڭ ئىشى. ھاياتقا بارلىقى بىلەن يۈزلىنىش بولسا ئاقىللارنىڭ تاللىشى.

تۈمەن مەن ئۈچۈن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 19058
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 445 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 08:54:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە تىرىشماسلىق ،ئالغا ئىنتىلىش روھى كەم بولۇش ،ئاساسلىق روھىيىتىمىزدىكى چۈشكۈنلۈك .30ياشلىق ئادەم ئۈگەنسە ئەيىب ئەمەس ئاددىسى بىر كۈنى مەن قولۇمدا كىتاب كۆتۈرۈپ باراتتىم بىر كىشى مەن بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىپ ،سىز ئوقۇمىسىڭىز كىتابنى نىمە قىلىسىز؟دەپ سورىدى .بۇ ئاددى بىرئىش يەنى مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلاردىن باشقىلار كىتاب ئوقۇسا ھەممەيلەن بىرخىل سۇئال نەزىرى بىلەن قارايدۇ .بىر ئۆز كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك ....كۆپ گەپ قىلماقچىتىم بولدى گىپىم خاتا كەتمىسۇن قالغىنى باشقا تورداشلارغا قالدى .

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35955
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7102 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 10:20:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەشئەل ئىنىم ناھايىتى ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز. ھازىر مەڭگۈلۈك ئۆگىنىش چاقىرىقى ئوتتۇراغا قۇيۇلغان مەزگىىل، بىراق تەرەققى قىلغان ئەللەردە بۇنى ئۇمۇملىشىپ بولغان دىيىشكە بۇلىدۇ، بىزدىمۇ يېڭىدىن باش كۇتۇرىۋاتىدۇ.  ھازىر بىلىم ناھايىتى تىز سۇرئەتتە يېڭىلىنىۋاتقان مەزگىل. بىزنىڭ كىشلىرىمىزدە ناھايىتى ئۇزاق مەزگىل ساقلانغان بىكىنمىچىلىك ۋە ھەممنى تەقدىرىدىن كۇرۇش پىسخكىسى ، بىزنى تىرىشمايدىغان، ئەتىگە ئامراق <<ئەل نىمە بولسا بىزمۇ شۇ >>دەيدىغان كۆز قاراش ئېغىرراق، شۇنداقلا جەمئىيەتتىن، باشقىلاردىن قىيىدايدىغان پىسخكىغا ئىگە قىلىپ قويغانكەن. شۇڭىمۇ ئۇقۇساقمۇ خىزمەت يوق، دېھقان ھامان كەتمەننىڭ قۇلى دەپ قارايدىغان خاھىشلار ئېغىر. بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىگە ماسلىشالماسلىق شۇبھىسىزكى بىزنى يەنمۇ ئېغىر بولغان قىيىنچىلقلارغا دۇچ كىلىدۇ. ئۆگىنىش مەسلىسىگە كەلسەك مەنچە پۇرسەت بولسىلا ئۆ گىنىش كېرەك. يەنىلا ياشلىقتا، ئۇقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ئۆ گىنىش ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇلۇپمۇ تىل جەھەتتە. مەلۇم بېسىم بولسا رولى تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ.
ياشلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۇرۇشتە مېدىيە ۋاستىلرى رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك ئىدى، ھەدېسلا سەنئەتكارلارىنلا تۇنۇشتۇرماي، مەخسۇس سەھىپە بېكىتىپ  قەرەللىك ھالدا ئالىملىرىمىزنى، تىرىشىپ ئۇقۇۋاتقان مەلۇم نەتىنجە قازانغان ئىستودېنتلارنى، كارخانچىلارنى كۆپلەپ تۇنۇشتۇرۇشى ناھايىتى زۆرۇر دەپ قارايمەن.
ئەڭ ياخشى بولغىنى ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىلىمنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان كۆز قاراش بارغانسىرى يۇقىرلىماقتا. ئلىم-پەن ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئۆرلىمەكتە.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16867
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7196
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2010-11-8
ئاخىرقى: 2011-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 10:20:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستازلىرىمىز بىلىمنى بىر بۇلاققا ئۆچمەس چىراققا  قاتارلىق ئوخشىتىشىلىرى بار بىزنىڭ بىلىمىگە بولغان قىزىقىشىمىز بەك سۇس بىز كۇچا - كويلاردا بىكار ۋاقىت ئۆتكىزىشكە رازى بولىمىز يۇ بىرەر كىتاپ كۆرۇش خوش ياقمايدۇ مەن ھازىر 28ياشقا كىردىم تۇرمۇش قۇرغانلىق سەۋەبى بىلەن ئۇقۇشقا پۇرسەت يوق شۇ سەۋەپتىن ئائىلىدە ئۆزمنىڭ ۋاقىتى قانچىلىك يەتسە ئۆزەم ئۈگىنىشكە يىتەكچىلىك قىلىپ بىلىم ئېلىۋاتىمەن

تىمىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك چۇقۇم ياش چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن بىلىم ئېلىش كىرەك
چەت ئەللىكلەر بولسا ئالغا ئىنتىلىش رويىغا باي ھەم شۇنداق كۈچلۇك بولغانلىقى ئۈچۈن ھەرۋاقت بىلىم ئېلىشقا قاراپ داغدام يول ئالغان

كۈيچى *خان جەمەد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 1563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25504
تۆھپە نۇمۇرى: 951
توردا: 1575 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 10:20:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى 210(1780~1990)يىللىق تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىشى مومكىن

ھاز بۇ ئىشلار ئاز ساندىكى كىشىللىرىمىزدىلا قالدى .

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 2003
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 117278
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12637 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 10:32:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە بولغاندا سەۋەبنى باشقىلاردىن، جەمئىيەتتىن ئىزدەپ يۈرمەيلى، ئۇنىڭغا بىز ئامال قىلالمايمىز. شۇڭا ئۆزىمىزدىن ئىزدەيلى.  <ئۇقۇسا خىزمەت يوق> دېگەن گەپ تىلغا ئېلىندى. مەن شۇنداق قارايمەنكى، شۇ گەپنى دېگەن كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلانىڭ مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىمى قانچىلىك، ئەگەر بىر ئىمتىھان سوئالى بولسا شۇنىڭغا 100 نومۇر بولمىسىمۇ 90 نومۇردىن يۇقىرى ئالغىدەك جاۋاب بېرەلىگىدەك ئوقۇغان بولسا ، ئاندىن ئويلاشساق بولاتتى. ( ئەلۋەتتە ئىنتايىن ئاز ساندىكى جەمئىيەت چىرىكلىكى تەسىرىدە ياخشى ئوقۇپمۇ خىزمەتكە ئېرىشەلمىگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا). مېنىڭچە بولغاندا ، ئوقۇسا خىزمەت يوق دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن ، ئوقۇش، ئىنتايىن ياخشى ئوقۇش كېرەك. ئويلايدىغىنىم، زور ئۈمىد بىلەن پەرزەنتىنى مەكتەپكە ئەۋەتكەن ئاتا-ئانا، بالىسىنىڭ قانداق ئوقۇۋاتقانلىقىدىن، قانچىلىك بىلىم ئالالىغانلىقىدىن بىخەۋەر.


ھاياتتىن گۈزەلل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3276
يازما سانى: 1064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18005
تۆھپە نۇمۇرى: 611
توردا: 4979 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 10:46:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەڭ قانماي ئۈتۈۋاتقان نەرسە ئۆگىنىش، ياشلىقىمغا يانسام ئىدى، قايتىدىن ئۇقۇغان بولاتتىم ھەم شۇنداقلا زور تىرىشىپ ئۇقۇغان بولاتتىم،

باھار چېچەكلىرى دىماقلارغا ئۇرۇلدى ،لىكىن دىلنى چەكسىز غېرىپلىق قاپلىدى

ئەينەككەقارسام ئۆزۈمنى كۆرىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5550
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4758
تۆھپە نۇمۇرى: 806
توردا: 4919 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2013-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 10:59:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلىم ئېلىش ئەر-ئايال مۇسۇلمانغا پەرىز ...

ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۋالغان تىلەمچى
گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 11:23:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

بىر قوشۇق تۇز  ب

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 445
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11034
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2244 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 11:34:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئۆگىنىش كېرەك،   پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالام  ئىت- مۈشۈكلىرىڭلارغىمۇ ئىلىم ئۆگىتىڭلار،       ئىلىم چىندا بولسىمۇ ئۆگىنىش كېرەك، ئاياللار ئىلىملىك، ئەتراپلىق تەربىيلەنگەن بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئاياللار   پەرزەت بىلەن ئەڭ كۆپ ئۇچراشقۇچى ھەمدە تەربىيەنىڭ ئاساچىسى دەپتىكەن.   

    ياشلاردا ۋايساش، قېيداش ، ھورۇنلۇق پىسخكىسى ئېغىر.  كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقى تېخى سۇس. نۆۋەتتە ھەرقانچە بازارلىق كىتاپمۇ 20 مىڭ تىراژدىن ئاشالمايدۇ. 10 مىليون  ئۇيغۇرنىڭ 1 مىليونى  كىتاپ ئوقۇسىمۇ بولاتتى، ئەمما،،،،،

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش