مۇشائىرەدىن كەلگەن نادىر ئىنكاسلار(كەلگىنە)
شاقۇر
خۇش دىمەستىن كەتتىڭ يىراق.يۈرۈكۈمدە ئوتلۇق پىراق،
يۇللىرىڭغا قاراپ تالدىم.دەرمان نىگارىم كەلىگىنە.
ئۇشبۇ سۆزۈم يالغان ئەمەس،مەن <ئەقلىمدىن >ئازغان ئەمەس.
ساڭا كۆيگەن زار ئاشىقمەن،كارۋان نىگارىم كەلگىنە.
ئوتياق
تاغدا سايراپ يۇرۇيسەن،ئىشقى ئوتۇڭ بەك يامان،
سېنى ئىزدەپ يۇرۇيمەن، كۆيگەن نىگارىم كەلگىنە .
لاچىن
ساڭا كۆيگەن زار ئاشىقمەن،كارۋان نىگارىم كەلگىنە،
لەۋلىرىڭدىن شەربەت ئىچەي ، قىزل گۈلدەك كۈلگىنە ،
شۇڭقار520
ئىشقى ئوتۇڭدا بولۇپ پەرۋانە، سىنى ئىزدەپ بولدۇم دىۋانە
چۆللەرئارا ئىزلەي سىنى. پىنھان نىگارىم كەلگىنە
ئوتياق
سەن نەلەردە يۇرۇيسەن، سەرسان بولۇپ گۈل ئاشىق،
مەن قارايمەن يولۇڭغا، سۆيگەن نىگارىم كەلگىنە.
شاقۇر
سىنى ئىزدەپ سەرسانىمەن،كۆيگەن نىگارىم كەلگىنە. :
ساڭا ئاشىق پەرۋانىمەن،سۆيگەن نىگارىم كەلگىنە.
ھىجرانىڭدا تۆكۇلدى ياش.غەملىرىڭدا قاتتى باش،
دەتلىرىڭدە ھەريانىمەن،بىلگىن نىگارىم كەلگىنە.
شۇڭقار520
سىنى ئىزلەپ كەلسەم يىراقتىن،قۇتىلالماي دەردۇ پىراقتىن ،
يۇرەكلىرىم زەرداب مىنىڭ، سۆيگەن نىگارىم كەلگىنە .
شاقۇر
لەۋلىرىڭدە شەربەت ئىچەي،رەيھان نىگارىم كەلگىنە،
ئىشقى ئوتۇڭدا جاندىن كىچەي،جانان نىگارىم كەلگىنە.
سىنىڭ ئۈچۈن كۈلەر بەختىم.بۇزۇلماستۇر ۋەدە،ئەھدىم،
ۋىسالىڭغا مەن بىر يىتەي، پىنھان نىگارىم كەلگىنە.
ئاي يامغۇرى
مۇھاببەتتىن ئوق ئۈزۈپ ،مۇز يۈرەككە گۈلخان بۇلۇپ،
كۈل قىلامسەن كۆيدۈرۈپ ،يېراقتا تۇرۇپ سۆيدۈرۈپ
شاقۇر
يۇرەكلىرىم زەرداپ مىنىڭ،سۆيگەن نىگارىم كەلگىنە.
ئاھلىرىم ھەم پەرياد بۇگۇن،كۆيگەن نىگارىم كەلگىنە،
غەملىرىڭ يوق.خەۋەر يوق.قۇياش پاتار،تاڭ ئاتار،
مىنىڭ ئۈچۈن شىرىن چۇشسەن.كۆنگەن نىگارىم كەلگىنە.
ئېشقىم8
ۋىسال ئىزدەپ باغلاردىن سەرسانىمەن كەلگىنە،
گۈل چىھرىڭگە تەشنامەن گۈزەلىم سەن كەلگىنە.
ھىجرانلارغا تاشلىما ئاجىز بولدۇم سۆيگۈ ئالدىدا،
مەن سۆيگۈڭدىن تىرىلەي سۆيمىسەڭمۇ كەلگىنە.
شاقۇر
مۇھاببەتتىن ئوق ئۈزۈپ ،مۇز يۈرەككە گۈلخان بۇلۇپ،
كۈل قىلامسەن كۆيدۈرۈپ ،يېراقتا تۇرۇپ سۆيدۈرۈپ. `
ئىشقى ئوتۇڭدا مەس بولۇپ،ساق كۆڭۇللەر غەش بۇلۇپ،
گول قىلامسەن كەلتۇرۇپ.قىچىۋىلىپ كۆيدۇرۇپ.
شاقۇر
مەن سۆيگۇڭدىن تىرىلەي سۆيمىسەڭمۇ كەلگىنە.
كۆرۇپ تۇرسام كۇپايە.كۆيمىسەڭمۇ كەلگىنە.
منىڭ ئۈچۈن ياخشى سەن.تۇگمەيدىغان ناخشى سەن.
مىنى ئۆزۇڭ سايسى.كۆرمىسەڭمۇ كەلگىنە.
فاتىمە
گۈل قىلامسەن كەلتۈرۈپ -قېچىۋېلىپ كۆيدۈرۈپ،
دىدارىڭنى كۆرسەتمەي بۇ يۈرەكنى مەس قىلىپ.
سۈيىمەن دەپ قۇيۇپ ئېغىزىڭغا لاپ ئۇرۇپ،
پىنھان يۈرەكنى قىينىغان ۋاپاسىز يار كەلگىنە.
شاقۇر
پىنھان يۈرەكنى قىينىغان ۋاپاسىز يار كەلگىنە،
مىنى كۈن-تۈن ساقلاتقان نىداسىز يار كەلگىنە.
سىنىڭ ئۈچۈن قۇرباندۇر ياشلىغىم ھەم بارلىغىم،
ماڭا بارى پۇتۇلمەس.پىداسىز يار كەلگىنە.
ئاي يامغۇرى
ئىشىق سالغاچ يۇرەككە ،ساڭا قىلدىم كۆڭۈلنى ئىزھار،
كۈل قىلىپ كۆيدىرەمسەن ،دەردىمگە يوقتۇر ھىچ ئامال.
شاقۇر
نىگار ئۈچۈن كۈل بولۇش.گول بولغاندىن كۆپ ياخشى،
تىخىچە قىچىپ يۈرەمسەن.كۆرسەتمەي ھىچبىر جامال.
ئاي يامغۇرى
ھۆسنۈم گۈل،مىھرىم ئىللىق ئاتەش چىراي ،
سەن بېغىڭغا چىللىدىڭ ،سايراپ تۇرغىن مەن باراي.
شاقۇر
كۈتۇش راھەت مەن ئۈچۈن،كۈتەي قاراپ يۇلۇڭغا،
كەلمەك بولساڭ بىغىمغا.كۈي قىلىپ سازلار چالاي.
ئۇچقۇر شامال
تاغ داۋانلار ئېشىپ كەلدىم سىنى ئىزلەپ گۈزەل يارىم
سىغىندۇرماي مىنى بۇنداق قىشىمغا بىر كەلگىنە
ئاي يامغۇرى
ۋېسالنىڭ مەنزىلى يىراق ،ھىجران چۆللىرىنى كەزمىسەڭ،
ھەققىقى ئاشىق بولساڭ ،دەردىڭگە داۋا تېپىلغاي.
لەرزان
ھەمىرا بولدى مۇسىبەت،دىلنى غەشلىك قاپلىدى،
غەم-قايغۇنى يوقىتىپ،شاتلىق ئېلىپ كەلگىنە.
ۋۇجۇدۇمدا شۇم قايغۇ،دەردكە دەرمان بولغىنە،
ئازاپ ئىچىدە تولغاندىم،ياردەم بېرىپ كەلگىنە.
شاقۇر
ۋۇجۇدۇمدا شۇم قايغۇ،دەرتكە دەرمان بولغىنە.
ماڭا مۇڭداش،ھەم سىرداش،غەمگە-غەمخان بولغىنە.
كۆيدۇم دىسەم بىلمەيسەن.سۆيگۇنۇمنى خارلايسەن.
چۈش بولسىمۇ مەيلىتى.قۇچاق ئىچىپ كەلگىنە.
لەرزان
چۈش بولسىمۇ مەيلىتى.قۇچاق ئىچىپ كەلگىنە،
غەم-قايغۇمغا شېرىك بۇپ،خەس كوڭلۇمنى بىلگىنە.
كوڭلۇم تارتتى مۇنبەرنى،قەدىناس شۇ دوسلارنى،
بۇ تېماڭدىن بىر كىشلىك ئالى ئورۇن بەرگىنە.
شاقۇر
غەم قايغۇمغا شاد ئەيلەپ،كۈلكەم نىگارىم كەلىگىنە.
سەن بىغىدا بىر گۈلسەن،غۇنچەم نىگارىم كەلگىنە.
بولمىغاي ھىچبىر ئازاپ.سەنسىز يالغۇز ياشاشتىن.
مەن غىرىپ ساقلاي سىنى.سەنەم نىگارىم كەلگىنە.
ئۇچقۇر شامال
ئاشىقمەن دەپ پىشانەمگە يىزىۋالمىغان بىلگىنە
يۈرەكتىكى بۇ ئوتلارنى ئۆچۈرگىلى كەلگىنە
كەزسەم تۈگمەس تاغۇ-دەشت باياۋانلار
ۋىسالىڭغا يىتەلىسەم ئارمانىم يوق بىلگىنە
شاقۇر
ۋىسالىڭغا گەر يەتسەم.ئارمانىم يوق بىلگىنە،
سەندىن باشقا ھىچ كىشىم ،دىلكىشم يوق كەلگىنە.
باغ ئارىلاپ گۈل كۆردۇم،لىكىن سىنى كۆرمىدىم،
ئوتلىرىڭدا كۈل بولدۇم،گۈلۇم بولۇپ كەلگىنە.
جۇشقۇن-28
مىھىر بىرىپ مۇزلىغان ۋۇجۇدۇمغا ، يۈرەككە ،
زىمىستاننى باھار بوپ ئىللىتقىلى كەلگىنە .
لەرزان
غەم-قايغۇغا چومگەندە نىگارىم سەن دىلدارىم،
ئاشۇ مىسكىن يۇرەگىمگە شاتلىق ئاتا قىلغىنە. !
سەن غېرىپ كەبى دىلىمدىن ئوز ئورنىڭنى تاپقىنە،
مەن سەنەم گۇلۇڭ كەبى، ھېس-تۇيغۇغا چومگىنە.
شاقۇر
غىرىپ بولۇپ چۆلدە يۈرسەم.سەنەم بولۇپ كۇتەمسەن،
گۈلۇم نەدۇر باغدا يۇرسەم،گۈلۇم بۇلۇپ كىلەمسەن.
سەنسىز يالغۇز يۇرەلمەسمەن،ئىچىلىپ ھەم كۇلەلمەسمەن
ماڭا يانداش،موڭداشقا،كۈلكەم بولۇپ كىلەمسەن،
زۇلەيخا
پەرھات بولۇپ شۇ تاغدىن سۇنى باشلاپ كەلگىنە،
شېرىنىڭ بوپ بىر ئۆمۈر ، باتۇرۇم، دەي، كەلگىنە.
شاقۇر
غىرىپ بولۇپ سەن ئۈچۈن،كەزدىم دەشتى -باياۋان،
چاڭقاق دىلىمغا دەرمانىم،سەنەم بولۇپ كەلگىنە،
ئاي يامغۇرى
ئاي بۇلۇپ ساڭا قاراي ،شوخلۇقۇمغا كۈلگىنە ،
دەرىتلىرىڭگە داۋا بۇلاي سەن يانىمغا كەلگىنە.
تاغلارنىمۇ تالقان قىل سەن پەرھاتىم بولغىنە ،
باھاردەك چۈشلىرىڭدەئاي يامغۇرىنى كۆرگىنە.
شاقۇر
چۈشۇم ئەمەس ئوڭۇمدا بەكلا كۆرگۇم بارسىنى،
غىرىبىڭ غەمزار بۇگۇن،يوقلاپ قۇيۇشقا كەلگىنە،
سىنىڭسز كۆرگەن چۇشۇممۇ،قارا باسار ھەرۋاقىت.
ئەندىشكە چۇشكەن كۆڭۇلنى توقلاپ قۇيۇشقا كەلگىنە،
جۇشقۇن-28
ۋىسالىڭغا يىتىشچۈن كېرەي دەريا دىڭىزغا ،
تاپسام سىنى ئوكياندىن كېمەڭ بولاي كەلگىنە .
قالساق ئەگەر يىگانە بۇلۇپ بېرەر ئارالدا ،
قۇيۇنلاردىن مەن قوغداي تېمىڭ بولاي كەلگىنە .
لەرزان
ماڭا يانداش،موڭداشقا،كۈلكەم بولۇپ كىلەمسەن،
جۇدۇن قشنى ئېلىپ كىتىپ،ئىللىق باھار بىرەلەمسەن.
غەم-قايغۇنى يىراق قىلىپ،سويگۇ گۇلى بېرەلەمسەن،
شات-خوراملىق ئاتا قىلىپ،نۇرۇم بۇلۇپ كىلەلەمسەن.
جۇشقۇن-28
بىر گۈل ئۈچۈن مەن ساڭا بەرپا قىلاي گۈلىستان ،
بۇلبۇل بۇلۇپ سايرىغىن مەن جۆر بولاي كەلگىنە .
شاقۇر
سىنىڭ ئۈچۈن سەرسانمەن.ئۆزگىلەرگە قۇل بولدۇم،
بۇ دەتلەردىن ئايرىغىن، مەن ھۆر بولاي كەلگىنە.
ئاي يامغۇرى
باشلىرىڭنى كۆتۇرۇپ ئايغا قاراپ باققىنە،
مۇگدنمىگنن باغلىرىڭدا ،گۈلنى پۇراپ باققىنە.
دېرىزەڭدىن چۈشتىمۇ شولام كۆزلىرىڭنى ئاچقىنە،
سەندىن باشقا يوق كىشىم،ۋاپادارىم بولغىنە.
شاقۇر
كۈتسەڭ مەندىن ۋاپالار،كۆرسەتمىگىن جاپالار،
زىمىستاندىن يىراق ئەت،باھارىم بوپ كەلگىنە.
سىنىڭسز نىمجان يۈرەك،يۈرەككە دەرمان كىرەك.
ئاشۇ نىمجان يۈرەككە.دەرمانىم بوپ كەلگىنە.
لەرزان
جاھان رەنالىرى ئىچىرە،بىلىمدەك بىر گۇزەل يار يوق،
كۇڭۇل دەشتى باياۋاننى چولدە بوستان قىلغىنە
كۇڭۇل كۇڭۇلدىن سۇيىنەر،كوڭلىڭنى بىر بەرگىنە،
دىل -خەستە بۇ يۇرەگىمگە گۇللەر تۇتۇپ كەلگىنە.
شاقۇر
سەن بىغىمدا بىر گۈلسەن،گۈللەر تۇتۇش نە ھاجەت،
خەستە قىلما يۈرەكنى.ئىچىل گۈل بوپ كۈلگىنە،
تەئەللىقتۇر بۇ كۆڭۇل.پەقەت ساڭا گۈل يارىم،
چۆللىرىڭدە غىرىپمەن.سەنەم بولۇپ كەلگىنە.
تاڭنۇر
خۇشپۇراقلىق بېغىمدا ،تەنھا قالدىم- يىگانە ،
ھىدلىرىمدىن مەس بۇلۇپ بۇلبۇل بۇلۇپ كەلگىنە .
يۇمران نوتا شېخىمغا ،شەبنەم چۈشسە يالتىراپ .
,سۈيۈپ ئويناپ بەرگىمنى ،شامال بۇلۇپ كەلگىنە
شاقۇر
سۆيۇپ ئويناپ بەرگىمنى،شامال بولۇپ كەلگىنە،
تاڭ سەھەردە تامچىغان،شەبنەم بولۇپ كەلگىنە.
شامال ئەمەس سۆيگۇمىز،شەبنەم ئەمەس تامچىغان،
ئۇسسۇزلىغىم قانغۇدەك بۇلاق بولۇپ كەلگىنە.
ئۇچقۇر شامال
ئىللىق باھار شاماللىردا لەرزان ئۇچۇپ يۈرەمسەن
راس گىپىڭنى ئېيتىپ باققىن مىنى ياخشى كۆرەمسەن
ئۇزاق يىللار كۆرەلمىدىم سىنىڭ ئۇشبۇ جامالىڭنى
نىسىپ قىلغىن كۆرۈشكە سىغىندىم بەك بىلەمسەن
قارا ئوت
سىنى سۆيدۈ م دۇنيادا يايرىم بۇنى بىلگىنە
مەجنۇن بولدۇم ئىشقىڭدا يايرىم تىزراق كەلگىنە
كۆكيار
ئۇز جامالىڭغا تەشنا، بولدۇم نىگار نەچچە رەت،
تاشلا ھىجراننى بۈگۈن، ۋىسال بىلەن كەلگىنە...
شاقۇر
كۈتۇشلەردىن ،شۇخ كۆزلەرياشلاندىغۇ قانچە رەت
سۈرتكىن ياشلىرىم بۇگۇن.سۆيگۇڭ بىلەن كەلگىنە.
تاڭنۇر
مۇھەببەتنىڭ يولىدا ، چاڭقاپ كەتتى يۈرۈگۈم ،
زەمزەم بۇلۇپ دىلىمغا ، بۇلاق بۇلۇپ كەلگىنە ،
ھاجەت ئەمەس ئۆزگىدىن ، تەلەپ قىلىش سۆيگۈنى ،
سىنى ساقلاپ زار بولدۇم ، سۆيگۈ ئېلىپ كەلگىنە .
لەرزان
خازان بولدى بۇ دىلىم،مۇسىبەتتىن ئورتەندى،
غەم-قايغۇللار چىرمىدى،بۇ كۇڭۇلنى بىلگىنە.
قېرىندىشىم جۇداسى باغرېىمنى بەك ئورتىدى،
ئۇزاتتىم،يېغلىدىم،سەۋرى تىلەپ كەلگىنە.
شاقۇر
غەم-قايغۇڭدىن ئۆرتەندى يۈرەكلىرىم ئەجەپمۇ،
باراي دىسەم يىنىڭغا ئارلىق يىراق بىلگىنە.
ئازاپلانما سەۋرى قىل.ئازاپ قىلما ئۆزگىگە،
پەقەت ئىنكاس ،سۆزلەردىن سەۋرى تىلەي بىلگىنە.
لەرزان
مۇنبەر دىگەن ئىللىق ماكان ،يوللىرى راۋان
قول تۇتۇشۇپ ماڭمىز قېنى دوستۇم كەلگىنە.
سوزلىرىڭدىن ئورگىلەي،پەزىلىتىڭ بەك دۇرۇس،
ئاشۇ سوزىڭ راس بولسا زەپەر قۇچۇپ كەلگىنە.
شاقۇر
شاتلاندىمۇ كۆڭلىڭىز قىلغان بۇغداي سۆزلەردىن،
يۇرۇۋەرمەڭ ھەسرەتتە. ئەيىپ كۆرۇپ ئۆزلەردىن،
سىز بىلەن تەڭ ياش تۆكەر.باغىرى يۇمشاق كۆزلەردىن.
قاياشىڭ، ياشىڭ بولاي.تۆكمەي يىشىڭ كەلگىنە.
مۇسلىنە
ئۇسسۇزلىغىم قانغۇدەك بۇلاق بولۇپ كەلگىنە.
چاڭقاق دىللار ھوزۇرىغا شەربەت بولۇپ كەلگىنە.
يايرىسۇن جانۇ-تېنىم بۇ ۋىسال شەربەتىدىن،
ساڭا ئاشق بۇ دىلمغا سۆيگۈ بېرىپ كەلگىنە.
شاقۇر
سۆيگۇسىز.سۆيگەنلەرسىز گۈللىمىگەي بۇ ھايات،
سۆيۇپ كەلدىم.سۆيگۇڭنى ئايىۋالماي كەلگىنە.
سۆيگۇم بىرىپ باشقىغا،سۆيگۇ تىلەي كىملەردىن،
سەدىىقە قىپ سۆيگۇڭنى ،ئايرىۋالماي كەلگىنە.
تاڭنۇر
دىل ئازابى بەك يامان ، كۆيدى دىلىم ئوتۇڭدا ،
يالغۇز قالسام تۈنلەردە ، پەرۋانە بۇلۇپ كەلگىنە .
يۇلتۇز تولغان ئاسمانغا ، تىكىلەر كۆزۈم ھەسرەتتە ،
دەرىت -ئەلەمنى يۈيۈشقا ، يامغۇر بۇلۇپ كەلگىنە
شاقۇر
يامغۇر بولسام مەيلىتى.كۆزياش بۇلۇپلا قالمىسام.
دەردىڭگە-دەرمان،مەن تەييار ھسلىرىمدىن بىلگىنە.
پەرۋانىمەن يىنڭدا.يۇلتۇزغا مۇڭداش نە ھاجەت،
يالغۇز قالساڭ يانداشمەن.دىلكىشىم بوپ كەلگىنە.
ئاي يامغۇرى
چىن ئەقەدە ،پاك ۋېجداننى قىلغىن سەن ھەمرا ،
شۇندىلا پۇرالايسنەن شاماللاردىن باھارنىڭ ھىددىنى
دەشھەت بىر ئېقىم سېڭىپ كېرەر نىمجان قەلبىڭگە،
قىلساڭ سەن ئۇنىڭ ھەر مەرتىدە قەدرىنى.
شاقۇر
قىلىپ ھەرچاغ قەدىرىنى،قەدىرىم بىلىپ كۇلىسىكەن،
ئىيتسام ھەرچاغ دەردىمنى،دەرتكە-دەرمان بولسىكەن،
سۆيگۇ دىمەك سۆي دىمەك.ئاڭا دىلىدىن كۆي دىمەك.
بولۇپ ھەرچاغ ئىچىل گۈل. تىكەن كۆكى سۇلسىكەن.
ئاي يامغۇرى
قىزىل گۈلنىڭ ئۈنگىسى بار باسقان يۇلۇڭغا ،
كۆرۈپ سېنى چۈشىدە شېئېرلىرىنى يادلىغۇسى با،
باغلىرىڭدا توختىماي شاتلىقىدا سايرىغىسى بار
باغلىرىڭدا توختىماي شاتلىقىدا سايرىغىسى بار
تاڭنۇر
كەتتى مەندىن خۇشاللىق، شوخ شامالغا ئەگىشىپ ،
چىن - سۆيگۈنى بەرمىسەڭ ، دوستۇم بۇلۇپ كەلگىنە ،
سەنمۇ تاپقىن بەختىڭنى ،بىرىپ دىلدىن ئەھدىڭنى ،
چاۋاك چالاي سەن ئۈچۈن ،ئالقىش بۇلۇپ كەلگىنە .
شاقۇر
خۇشلۇق ئىزلەپ ئۆزلەردىن.ئۇچساق شامال مەيلىگە، .
چىن-سۆيگۇنى بىلمەستىن.كىرسەك كۆڭۇل كەينىگە.
قۇلدىن بىرىپ بەخىتنى.قۇيۇپ بەرسەك سەيلىگە،
ياش بىلەن چاۋاك چىقار.دۇستۇم بۇنى بىلگىنە.
تاڭنۇر
كۆزدىن ئاقتى ياشلىرىم ،يامغۇر بۇلۇپ تامچىلاپ ،
ئازاپ چەكسەم مۇڭلۇنۇپ ،ناخشا بۇلۇپ كەلگىنە .
تىترەك باسسا تىنىمنى ، سۆيگۈ تىلەپ بىراۋدىن ،
بىرىپ ماڭا خۇشاللىق ، كۈلكە بۇلۇپ كەلگىنە .
شاقۇر
سۆيگۇڭ تۇرۇڭ، سۆيگەندىن ،سۆيگۇ تىلەش نەھاجەت،
سۆيگەنلەرگە سۆيۇلۇپ، سۆيگەن بولۇپ كەلگىنە،
سۆيگەنلەردىن ۋاز كەچسەڭ،سۆيۇلۇشتىن كىچەرسەن،
سۆيۇلۇشتە ئۇلگە بوپ، ئۆرنەك بولۇپ كەلگىنە.
ئۇستاز
سۆيۇلۇشتە ئۇلگە بوپ، ئۆرنەك بولۇپ كەلگىنە،
چىن ، ئەقىدە - ئىخلاستا، سۆيمەك بولۇپ كەلگىنە.
چىن سۆيگۈنىڭ سۆيىدە چۆمۈلۈپ پاك ھىسلارغا،
دەرياسىدا ۋىجداننىڭ ئۈزمەك بولۇپ كەلگىنە.
تاڭنۇر
چوڭ بىلىمەن ئەزەلدىن چىن دوسلۇقنى سۆيگۈدىن ،
مەندىن ئۆتسە خاتالىق، قايتا كۈلۈپ كەلگىنە .
خېلى بولدى دىلىمنى ، چىرماپ ئالدى غەشلىكلەر ،
ئۇنتۇپ قايغۇ- ئەلەمنى ، قۇچاق ئېچىپ كەلگىنە .
فاتىمە
ئۇنتۇپ قايغۇ- ئەلەمنى قۇچاق، ئېچىپ كەلگىنە،
خۇشاللىق ھەم خاپىلىقتا مەن بىلەن بىللە بولغىنە.
پىنھان يۈرەكنى قىينىما ۋىسال تاپسۇن بۇ كۆڭۈل ،
بارلىغىڭنى بېغىشلاپ مەن بىر ئۆمۈر ئۆتكىنە.
شۇنداق قىلىپ مۇشائىرە ئولتۇرشىنىڭ ئىشىكىنى فاتىمە ياپتى،سۇرۇن مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىپ ھەممە ئۆيگە قايتىشتى، |
مەنبە:مۇنبەردىكى تالانتىلىق دۇستلىرىم |