مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 530|ئىنكاس: 8

نۇقسانى بار ئايالنىڭمۇ ھۆرمىتىنى جايىدا ق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

bahtimni bir alladin tilayman

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16372
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4365
تۆھپە نۇمۇرى: 272
توردا: 5028 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2012-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-27 02:32:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئەسلىدە قۇياش ئىككى! بىرى كۆكتە، بىرى بولسا <<ئايال>> نامى بىلەن زېمىندا ياشايدۇ. ئايال _ مەلھىمى دۇنيا! ئۇ_نۇر مەنبەسى! پۈتكۈل ئالەمنى قۇياش، ئادەملەر قەلبىنى بولسا ئايال ئىسىتىپ تۇرىدۇ! دېمەككى،كۆكتىكى قۇياش شۇ تۇرۇشىدا تېخى مۇكەممەل ئەمەس،ئۇنىڭ مۇكەممەللىكى ئايال بىلەندۇر! ئانىسىز،ئاچا-سىڭىلسىز،ئۆمۈر يولداش ۋە مەھبۇبەسىز،قىزىڭىزسىز.ھەدە-ھامماچىسىز ۋەياكى قوشنا مومىلارسىز قېلىشىنى بىر تەسەۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ-ھە!ئۈستىڭىزدە ئون قۇياش بولسىمۇ،باھارىڭىز قىشقا ئايلىنىپ،يازلىرىڭىز ئىزغىرىن بولغاي!
      ئەردىن ھۆرمەت سورىلىشى ئايالنىڭ باھاسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى ئۇنىڭ<< زەئىپە>> ئاتالغىنى ئۈچۈن كۆڭلىنى كۆتۈرۈش مەنىسىدە ئەمەس،بەلكى ئەركەكنىڭ ئۇنىڭدىن قەرزلىرى بىھەد كۆپلۈكى ئۈچۈندۇر.
ئەر كىشىگە ئۇدۇل بولغاندىن باشلاپ،ئايالنىڭ باسقان ھەر ئۈچ قەدىمىنىڭ ئىككىسى ئەزىيەتتۇر،ئەمما تەڭرى ئۇنى شۇ قىسمەتكە كۆندۈرۈپ قويغان، بۇ ھالەتنى ئۇ ئاددىي ياشاش تەرزى دەپ بىلىدۇ.مىننەت قىلمايدۇ،پىغان چەكمەيدۇ.ئايال ھېچقاچان ئۆزىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشىنى سورىمايدۇ! ھۆرمەت كۆرگۈدەك بولسا،ھەيرەت ۋە ھاياجان بىلەن مۇكاپات تەرزدە قارشىلايدۇ!ئۆزىنى بۇ دەرىجىگە مۇناسىپ كۆرمەي،بەزى خىجالەت چېكىپمۇ قالىدۇ.ئۇنىڭ شۇ تۇرۇشىنىڭ ئۆزى بۈيۈكلۈكقۇ، بۇرادەر!
     <<ئەرنىڭ قەرزدارلىقى>> دېگەن گەپ كىملەرگىدۇر ياقماس بەلكىم!
ئەنە ئاشۇلارغا ئىككى ئېغىز سۆز ئېيتاي!سىز ئايالغا بىپىسەنتلىك بىلەن بىلەن گۇناھقا پاتماڭ.ئەڭ كىچىك مىسالنى ئالايلى:ھەرقېتىم ئايالىڭىز قولىڭىزغا سۇ قۇيۇپ،ئىگىلىپ ئىۋرىق تۇتقان ۋاقىتلاردا بويىڭىز بىر گەز ئۆسمەمدۇ؟ سىزنى يۇقىرىغا ئۆتكۈزۈپ، ئۆزى پەگادا خىزمىتىڭىزگە تەييار تۇرغاندا ئۆزىڭىزنى پادىشاھ سەزمەمسىز؟ گۈللەپ تۇرغان بادام نوتىسىدەك بىر ئايالنىڭ ئىشىكىڭىزدىن باش ئېگىپ تۇرۇپ، كۆزىڭىزگە تەلمۈرۈپ تۇرۇپ،ھايات-ماماتىنى سىزگە بېغىشلاپ، قاتتىق بۇسۇغىڭىزغا باش قويۇپ ياشاشقا باشلىشىنىڭ ئۆزى سىزنى كۆكلەرگە كۆتۈرمەمدۇ؟! ئۆزىنىڭ نېمىلەرنىدۇر تارتىۋاتقان كۆڭلىنى قەيەرلەرگىدۇر كۆمۈپ قويۇپ،تائامنىڭ سىزگە ياقىدىغىنىنى پىشۇرسا، سىز ئامراق چاينى دەملىسە، سىزنىڭ دىتىڭىزغا ماسلىشىپ داستىخان بېزىسە! بۇ سىز ئۈچۈن ئاسمانىي مۇكاپات ئەمەسمۇ،بۇرادەر؟
<< بەرگەن خۇداغا يېقىپتۇ>> دېگەن نەقىل بار.ئايال ھۇزۇرىنى يوقىتىپ سىزگە ھۇزۇر بېرىۋاتىدۇ.سىزنىڭ بۇ خۇرسەنلىكىڭىزدىن تەڭرىمۇ خۇرسەن. ئەمما بەندىلىرىنى رازى قىلىش سىزنىڭمۇ يەلكىڭىزدىكى يۈك! ئۆزىىڭىزمۇ ئايالىڭىزدەك مېھنەتلىىرىگە يارىشا ئۇنى خۇشال قىلىشنى ھەر قېتىم يۈرىكىڭىزگە تۈگۈپ قويۇڭ، بۇرادەر!
      ئەھلى ئايالىغا ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتىدىغان ئەرلەر ئىنتايىن كۆپ.ئەمما ياخشى ئاياللارنىڭغىناھۆرمەتلىنىشى تېخى چوڭ ساۋاپ ئەمەس.<<كاسىنىڭ تېگىدە يېرىم كاسا>>دېگەندك،بىر ئىشارە،يەنى<<كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان ئايالنىمۇ ھۆرمەت قىلىشنى بىل>> دېگەن مەنە ياتىدۇ!
      تىلى يۈگۈرۈك،پېئىلى تېز ياكى تۇتۇمى يامان ئايال ئەڭ خۇنۈك ئايالدۇر.مېنىڭ ياكى باشقا كىمنىڭدۇر ئۇنى شۇنداق ئاتىشىمىز،يامان كۆرشىمىز مۇمكىندۇر.ئەمما ھۆرمەتلىك ئەر،سىز ھەگىز بۇنداق قىلالمايسىز! ئىچىڭىزدە يامان كۆرۈپ تۇرسىڭىزمۇ،ئۇنىڭغا يامانلىق كۆرسەتمەيسىز. بۇ ئىنساپتىن ئەمەس،تەڭرىمۇ رازى بولماس!سەۋەبى،خىرەلىشىپ قالغان كۆزنى ئويۇپ تاشلايمىز،ئاقساۋاتقان ئاياغنى كېسىپ تاشلايمىز،چۈنكى ئۇلار شۇ تۇرىشىدىمۇ سىزگە كېرەك.بۇ بىرىنچىسى. ئىككىنچىدىن،ئاياغلىرىڭىز گۇرسۈلدىگەن،كۆزلىرىڭىز چاراقلىغان ئىدى، ئۇلار سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە شۇنداق ھالغا كەلدى!سىزگە مەقبۇل بولماي تۇرغان ئايالىڭىزمۇ تىرىكىڭز، سىز ئۈچۈن پىدا بىر جاندۇر.ئىنچىكىلەۋەرسەك، ئۇمۇ بىكارغا بەتپېئىل بولۇپ قالمىغان!
     ئايال سىزگە ياقمىغان ئەلپازدىمۇ قازىنىڭىزنى ۋاژىلدىتىپ،چىرىقىڭىزنى يېقىپ يۈرىۋېرىدۇ. ئوتىڭىزدىن كىرىپ،سۈيىڭىزدىن چىقىۋىرىدۇ.ئېغىر ئاياق ھالىتىدىمۇ شۇنداق،تىنىمى يوق. ئىچىدىكى بالىسى ئۇنىڭ ئۆپكە-جىگىرىگە بۇدۇشقاقتەك يېپىشىپ،باغرىدىكى بار مېغىزنى شۈمۈرۈپ تۇرسىمۇ،ئاياغلىرى بوشىشىش(بىكارغا<<.ئېغىر ئاياق>>دېمەيدۇ)،بېلى ئۈزۈلەي دېسىمۇ،يېتىۋالمايدۇ.ئائىلىنىڭ،سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلىۋېرىدۇ! سىزنىڭچە،ھۆرمەت ئۇنىڭغا بولماي، كىمگە بولسۇن؟!
     <<كۆزى يورۇدى>>دەيدۇ ۋە بىكارغا ئۇنداق دېمەيدۇ. پەرزەنت كۆرۈش جەريانىدا ئايال قاراڭغۇ گۆرنى كۆرۈپ قايتىدۇ،<<يا ھايات،يا مامات>>دەپ قىلىچنىڭ بىسىدەك قىل كۆۋرۈكتىن ئۆتىدۇ.كۆزى يورۇۋاتقاندا،ئايال سۆڭەكلىرىنىڭ قىرىسلاپ سۇنۇۋاتقىنىنى ئاڭلاپ،گۆش تالالىرىنىڭ ئۈزۈلۈۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرىدۇ. جېنى كۆز چانىقىدىن چىقاي دەپ تۇرسىمۇ،<<دوختۇر،قانداق قىلىپ بولمىسۇن بالامنى تىرىك ئېلىڭ>>دەپ پەرياد ئۇرىدۇ!ئۈزۈم نېمە بولىمەن،دېيىش يوق! ئېيتىڭچۇ،بۇرادەر،ھۆرمەت پەقەت ئۇنىڭغا بولماي كىمگە بولسۇن!
     بالا ئانىنىڭ ھەممە ئەزاسىدىن ئۈزۈپ-يۈلۈپ ئېلىنىپ،شەكلگە كىرگەن ۋۇجۇدتۇر! ئۇ تۇغۇلغاندا قوللىرى مۇشت ھالەتتە بولىدۇ.قارەڭكى،بالا چۈشتىمۇ ئانا قورسىقىنىڭ ئاغرىق نەملىرىنى چاڭگاللاپ چۈشىدۇ. يەنە بىر مۆجىزىنى كۆرۈڭ، ئەگەر بالا تۇغۇلغان ھامان ئانىسىنىڭ قورسىقىغا دۈم ياتقۇزۇپ قويۇلسا،تېخى كۆزلىرى ئېچىلماي تۇرۇپ،سىلاپ-سىلاپ ئانا كۆكسىنى ئۆزى تاپىدۇ ۋە ئەممەككە تۇتۇنىدۇ!
     ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سۈت ئاق رەڭدىكى قان ئىكەن.دېمەك،بالا تۇغۇلغان ھامان ئانىنىڭ قېنىنى شوراشقا چۈشىدۇ! پەرزەنتنىڭ<<شېرىن دۈشمەن>>ئىكەنلىكنىڭ دەسلەپكى مىسالى شۇ! بالىنى ۋايىغايەتكۈزۈش دېگەن جەڭگاھ ھەر بىر ئانىدىن ئۆزىنى قۇربانلىققا ئاتىۋېتىشنى سورايدۇ.قايىل بۇلۇڭكى،بۇ يولدا ياخشى ئايالمۇ،يامان ئايالمۇ جېنىنى بىردەك تىكىدۇ!
     ھەزرىتى ئەركەك! ئايال سىزنىڭ پېلىكىڭىزنى كۆپەيتتۈرىمەن دەپ ۋەيرانىغا ئايلىنىدۇ! ئۇ سىزنىڭ نامىڭىزنى ئۆچۈرمەسلىك ئۈچۈن جېنىدىن كېچىشكە تەييار تۇرىدۇ! بۇ پىدائىي جان كەمچىلىكى ئېشىپ-تېشىپ كەتكەندىمۇ،مىڭ ئەمەس،مىليون ھۆرمەتكە لايىق ئەمەسمۇ؟!
    نۇقسانى بار ئايالنىڭمۇ ئاياللىق ھۆرمىتىنى جايىغا قويغان ئەركەك-يىگىتنىڭ ياخشىسىدۇر!تەڭرى رازىلىقى ئۈچۈنمۇ ئاسراڭ ئايالنى!بۇ خاكسار ئايالغا قاتتىق تەگمەكچى بولغان قوللىرىڭىزنى ئۆزىڭىز سوتلاڭ! ئۇنىڭغا ئازار بېرىدىغان سۆزلەرنى ئاتماقچى بولغان تىلىڭىزغا ئوتلارنى بېسىڭ!ئۇنىڭ تېنىنىڭ ساقلىقىنى ئويلىمىغان كۈنلىرىڭىزنى قارا دەپ ئاتاڭ! ئايالىڭىزنىڭ تولماي قالغان كۆڭلىنى ۋەئاغرىپ تۇرغان جېنىنى چۈشىنىشنى بىلىڭ.  ئۇلۇغلىغىنىڭىز شۇ ئەزىزىم!
مەنبە:قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر

چ چ رىم يۈتۈپ كەتتى. تېپىشىپ بەرسەڭلار سىلەردىن كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2907
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7140
تۆھپە نۇمۇرى: 325
توردا: 5086 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-27 11:55:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋازلىق ئەسىرى مەندە بار ئىدى ، ئىگىسىدىن سوراپ باقاي رۇخسەت قىلسا يوللاپ قوياي ......
!سەۋەبى،خىرەلىشىپ قالغان كۆزنى ئويۇپ تاشلايمىز،ئاقساۋاتقان ئاياغنى كېسىپ تاشلايمىز

مۇشۇ يىرى بەك قىزىقارلىق ئاڭلىنىدۇ دىسە ........

ئابى زۇلال  شەربەتلىرى توپ تارقىتىلىدۇ .

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5514
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116577
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6764 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-27 11:57:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئاۋازلىق ئەسىرىنى كۆپ قېتىم ئاڭلىغان . ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەر بۇ.

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

كۆز كۆڭۈلنىڭ دەر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16975
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4126
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2010-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-27 12:00:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي .ياخشى ئەسەرلەرنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 2267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221122
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 11513 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-27 12:13:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قانچە نوقسانى بار ئادەمنىڭمۇ ، چۇقۇم بىر ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

hijran.net

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 79488
تۆھپە نۇمۇرى: 905
توردا: 2745 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-27 01:22:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما بۇرۇن بىر قېتىم يوللانغان تىما يوللانغاندىمۇ ئاۋازلىق ئەسرى بىلەن قوشۇپ يوللانغان....

ئانا سۈتى ئاق رەڭلىك قان (ئاۋازلىق ئەسەر)
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=18025&u=2839

ياخشىلىق قىل قول

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1574673
تۆھپە نۇمۇرى: 33044
توردا: 12094 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-27 07:16:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورۇنلۇق سۆزلەر،تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر [s:166]

↓ ←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن. ‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى! ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...

بىلىمسىزلىكنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25761
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5405
تۆھپە نۇمۇرى: 1110
توردا: 3788 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 12:27:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى بىر ئاڭلاپ باقاي دىگەن ،مۇمكىن بۇلسا ماڭا يوللاپ بەرگەن بولساڭلار ،سىلەردىن خوش بۇپ كىتەي!
ئلخەت ئادرىسىم :hadiya@126.com

بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبارەت «تۆرەلمە» يېتىلىدۇ

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 1682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14792
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 3886 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 03:01:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋزلىق نۇسخىسىنى بولسا ماڭىمۇ يوللاپ بىرەلەمسىلەر ؟
asma88@163.com

http://blog.sina.com.cn/esma88
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش