مەن بۇ تىمىنى يوللىغاندىدن كىيىن نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئوخشاش بولىمغان ئىنكاسلىرىنى قالدۇرۇپ، ھەتتا ئۇچۇر ئارقىلىق ھاقارەت سۆزلىرىنى ياغدۇرۇپ ،مىنىڭ بەزى مەسىلىلەرگە بولغان قارىشىمنى تىخىمۇ چوڭقۇر تەپەككۇر سەيناسىغا ئېلىپ چىقتى . شۇنداقلا سوغۇققان تەپەككۇر دۇنياسىدا ئەقىل بىلەن ئىش كۆرۇشنىڭ موھىملىقىنى تونۇتتى .
مەن ئىككى بالىغا دادا بولغان بىر كۆيۇمچان دادىمەن .چۇنكى باللىرىم مەن كەلگەندە قولىدىكى بارلىق نەرسىنى تاشلىۋىتىم ماڭا ئېسىلىشىدۇ . مەن ئۇلارنى سىرىتقا ئېلىپ چىقىپ ، ئوغلۇم ۋە قىزىمنىڭ تاشقى دۇنيادىكى بارلىق قىزىقىش ۋە ھەۋەسلىرىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۇزىتىمەن . كۆپ نەرسىلەرنى مەن ئۇلاردىن ئۇگىنىمەن يەنى بالىلىق دۇنيانىڭ خوشاللىقلىرىنى قايتىۋالغاندەك ھەۋەستە كۈلىمەن ... مەن بالىلىرىمنى باشقىلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەرمىدىم .ئايالىم ئۆزىنىڭ ئامراق كەسپى - دوختۇرلۇقنى تاشلاپ بالىلارنى تەربىلەۋاتىدۇ . مەن خىزمەت سەۋەبىدىن - دەم ئىلىشتىكى 10مىنۇت ۋاقتىمنى بولسىمۇ شۇلارغا ئاتا قىلىشقا تىرىشىتىم . مىنىڭ شەنبە يەكشەنبە ۋاقتىم بالىلىرىمنى باغچىغا ئاپىرىش بىلەن ئۆتىدۇ ، ئورۇنسىز سورۇنلارغا سەرىپ قىلغان پۇللارنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقلارغا سېلىپ ،خوش قىلىدىم ... ھازىر مىنىڭ تۇرمۇشۇم بەخىت ئىچىدە ... باياشات دۇنيا ئىچىدە ئەمەس . ئايالىم ئىككىمىز باشقىلارنىڭ ئۆيىدە بىر ئۆمۇر ئىجارىگە ئولتۇرۇشقا رازىكى بۇ بەخىتنى يوقاتمايمىز ....
مۇشۇ سەۋەپلىك مەن بۇ تىمىنى يوللىغان . مىنىڭ ئوغلۇم بەكمۇ قەيسەر ، قىزىم پىكىر قىلىشقا بەك ماھىر ... بۇ مىنىڭ ئۇتۇغۇم ... چۇنكى مەن ئۇلارنىڭ يىنىدا دائىم بار ... مىنىڭ كىلىشىمنى ئۇلار كۇتىدۇ .. تەلپۇنۇشتە كۇتىدۇ ....چۇنكى مەن دادا ... ئائىلىسىنى سۆيىدىغان ئەر ... مەن ھەرگىزمۇ ئەرلىكى ماكچايغان ، مازلىق سەيناسىنىڭ چولپىنى بولۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى << تەرەققىياتچى >>ئەمەس . مىنىڭ بۇ تىمام بۇنىڭ دەلىلى :
ئەر ! بەركىتى ئۆينىڭ
دۇنيانىڭ
ئەلنىڭ ...
ئەرلىكىنى دۇنياغا ساتقان ،
پەرزەنتىنى دوكاغا تىكىپ
گۇل جۇپتىنى خازانغا ساتقان
ئۆزى نىسى جىسمى نەق
ھىچنىمىگە ئەرزىمەس
ئەرلىكىنى يوقاتقان ئەلدە ...
تۆۋەندە يەنە بىر قىسىم تورداشلارنىڭ تىرەن پىكىرلىك ئىنكاسلىرنى سۇندۇم . مۇلاھىزە بىزنى ھەقىقەتكە ئېرىشتۇرىدۇ ...
xabnam0903نىڭ ئىنكاسى :
دوستلار ،تۈزۈك پىكىر قاتناشتۇرۇڭلار . مىنىڭ بىر دوستۇم <<ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا 100بالىنى ئۆزەم بىر قوللۇق تەربىيلەپ چىقالىغان بولسام بەك ياخشى بولاتتى >> دىگەنتى .ئۇنىڭ دېگىنىمۇ مۇشۇ زامانىمىزدىكى ئوغۇللىرىمىزنىڭ خاراكتىر مەسىلىسىگە قارىتىلغان . نۇرغۇن ئىنكاس يازغان دوستلىرىمىز مىنى بەكلا ئەپسۇسلاندۇرىۋەتتى ،ئەلۋەتتە ئىلگىردىن تارتىپ ئەر بالا باققۇچى بولغان ئەمەس ،بۇندىن كېيىنمۇ ھەم بولمايدۇ ،ئەنسىرىگەنلەر خاتىرىنى جەم قىلغاي ، بىراق دوستلىرىمىز تېما ئىگىسىنىڭ پىكرىنى خاتا چۈشەندىمۇ بىلمىدىم بەكلا تەشۋىشكە چۈشۈپ كىتىپتۇ ،مۇنداق كاللىمىزنى سىلكىپراق ئويلانساق مەسىلە باشقىچە ، مەيلى ئوغۇل مەيلى قىز بولسۇن ئاتا تەربىيىسى بەكلا مۇھىم . يەسلىدىمۇ ئەر ئوقۇتقۇچى بولسا باللارنىڭ مىجەز خاراكتىرىگە خېلىلا تەسىر بولاتتى . گەپ مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ئەگەر قايىل بولمىساڭلار ئابدۇرېھىم دۆلەتنىڭ <مەدىنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز>>دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ بېقىڭلار .
881didarنىڭ ئىنكاسى :
ئەنئەنە دىگەن نىمە؟؟؟
شىماللىق جەنوپلوق دىگەن نىمە؟
مەن سىزگە دەي. ياخشى ئىشنى بىز ئەنئەنە دەيمىز. چۇنكى بىز ئۇنى ئۆزىمىز ياختۇرۇپ قوبول قىلغان.
شىمال ۋە جەنوپنى ئاللاھ بىزگە ياراتقان. سىزدىن سوراپ باقاي،سىز ئەنئەنىدىن ئىغىز ئاشتىڭىز، ئۇنداقتا ئولتارغان يىرىڭىزدىن قوپماي تۇرۇپ شىمال قايسى جەنوپ قايسى دەپ بىرەلەمسىز؟ سىز بىلگەن بىلەن يەنە نۇرغۇن ئادەم بىلمەيدۇ. يۇرت توغورلوق گەپ قىلىسىزيو شۇ يۇرتنىڭ مەدىنىيىتىنى چۇشەنمەيسىز.
مەن شۇنداق دەيمەن ئەگەر مىنىڭ قولومدىن كەلسە مەن بىرىنچى بولوپ بالا باققۇچىلىققا تىزىملىتىمەن،شۇنداق بولغاندا گەپنىڭ مەنىسىنى چۇشەنمەي گەپ قىلىدىغان بەزىلەرگە دەرىس بىرىپ قويالايمەن. بۇ ئاپتۇرنىڭ گەپ ئورامىدىن شۇنى چۇشەندىمكىن، نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار خىزمەت سەۋەبىدىن بالىلىرىنى باشلانغۇچنىمۇ پۇتتەرمىگەن بالىلارغا قارىتىشقا مەجبور بولىۋاتىدۇ.ھەتتا بەزىلەر 12-13ياشلىق بالىلارغا بالا باققۇزىۋاتىدۇ، ،سىزچە شۇلارنىڭ قولىدىن چىققان بالىلار قانداق چوڭ بولا؟سىزچە سىزنىڭ ئەرلىك "ۋىجدانىڭىز"ئۇستۇنمۇ سىز دىمەكچى بولغان مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىسى بىلەن تۇغۇلغان بالىلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۇستۇنمۇ.
aysimanنىڭ ئىنكاسى :
ئەر -ئايال ھەر ئىكىلىسى ئورتاق تەربىيەلىگەنگە يەتمەيدۇ ئانا باقىدۇ ئاتا ئۇنىڭغا ھەر بىر ئىشتا ئۈلگە بولىدۇ . بۇنىڭدا بىقىلىش ۋە تەربىيەلەش ئىكىلىسى ئىككى ئىش ، ئەرلەر شۇ پادىلىرىنى ياخشى باقالىسا ۋە شۇ ئۈلگە بولۇش ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلالىسا ھەمدە ئايالارمۇ شۇ بىقىش مەجبۇريىتىنى ياخشى قىلسا ، تەربىيەلەشنى بۇ ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى دىمەستىن ئاتا بولغۇچى چوڭ مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالسا ياخىشى،
مەسئۇليەتنى ئادا قىلشتىن قورققان شۇ قۇرقۇنچاق غۇرۇرلۇق يىگىتلرىمىز تەربىيەلىگەن باللار شۇنداق مەسئۇلىيەتسىز چىقماي قانداق چىقاتتى ،ئەرلەرنى ئۇلۇغ ئاللاھ چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا ياراتقان ئاياللار پەقەت ئەرلەرنىڭ بىر تال قۇۋۇغىسى بولغىنىدەك كىچىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بۇلسا بولىدۇ . كۆپ گەپ قىلماي .
zaparنىڭ ئىنكاسى :
ھاھاھاھا شۇنى دەيمەن، بىراق بالا باققۇچىلىقنى كەسپلەشتۇرۇش بەكمۇ زۆرۇر. مەدەنيەت سەۋىيەسى ياخشى بولسا ئىش ھەققمۇ يۇقىرى بولسا بۇلدىغۇ. تۇغۇپ6ھيدىن كېيىن ئىشقا چىقىدۇ ئاياللار بىچارە بوۋاقلارنى باقىدىغان ئادەم بولمىغاندىن كېتىن ئامال يوق يېزىلاردىن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىغان قىزلارنى ئەكىرىۋاتىمىز ،بىراق بۇلارمۇ يوق تېخى، ئىشقىلىپ بالىنى3ياشقا كىرگۈزمەك شۇنچىلىك تەس. بۇلۇپمۇ ئەر-ئايال ئىككلىسى خىزمەتچى بولغانلارغا. بىراق بۇكەسىپ بىزدە پەس دەپ قارىلىپ كۆزگە ئىلنمايدۇ. قىزلىرغا مەستلەر رېستۇراندا چاقچاق قىلسا رازى بۇلدۇكى، بىرەرسىنىڭ بالىسىنى بېقىپ بەرسە ئۇنىمايدۇ، تېخى بەزى يازغۇچىلار مۇشۇ توغرسىدا قاخشاپ ئۇنداق ئەزدى، بۇنداق بوزەك قىلدى دەپ شالۋىقىنى ئېقىتىدۇ. ئەلۋەتتە مۇشۇنداق ئەخلاقسىز مۇستەبىت ھارامتاماقلارمۇ باردۇ. بىراقزە بۇ بەك مۇھىم مەسلە بۇلۇپ قالدى جۇمۇ. باللىق بۇلۇشتىن ئەمەس بالا باققۇچى تاپالماسلىقتىن ئەنسىرەيمىز ھازىر.
dahanنىڭ ئىنكاسى :
ئىنكاسلارنى ئوقىمايلا ئىنكاس يىزۋاتىمەن ،بەلكىم بەزىڭلار ئەرلەر قالغانمۇ مۇشۇ ئىشنى قىلمىغىلى دىيىشىڭلار مومكىن بىراق ئەلەر ئۆزىدىكى قەيسەرلىكى ،سىرتقى دۇنيا بىلەن ئاياللارغا قارىغاندا بىۋاستە ئۈچىرىىشىشچانلىقى كۈچىلۈك بولۇشى ،قىز-ئاياللارغا قارىغاندا گەپنى ئاز.ئىشنى جىق قىلىدىغان نۇرغۈن خىسلەتلىىرى بىلەن قىز-ئايال بالا باققۇچىلىرىدىن يۇقرى ئورۇندا تۇرىدۇ .
مىنىڭچە ئەرلەر كىچىك بالا بىلەن قانداق ئويناشنى بىلىدۇ ،ئۇلارنى تۇرمۇشتىن ھوزۇرلاندۇرالايدۇ ،كىيمىنىڭ مەينەپ بولۇپ كىتىشى ،يىىنىك يارلىنىشى بىلەن ھىسابلاشماي يەنە ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ئاتلىنالايدىغان بىر تۇپ خۇشال -خۇرام چەبدەس باللارنى يىتىلىدۇرۇپ چىقالايدۇ .
پەرزەنىت تەربىيسى يالغۈز ئانىڭلا زىممىسىدە بولمىسا كىرەك ،باللار دادىدىن غەزەپنى ، قەھىرنى ،جاسارەت ۋە غەيرەتنى ھىس قىلىشى لازىم.
gulum0991نىڭ ئىنكاسى :
دوسلار بۇ تېمىنى سوغۇق قانلىق بىلەن مۇنازىرىشەيلى.دىمەكچىمەنكى ھازىر بولۇپمۇ خىزمەتتىكى ئاياللار بالىلارنى بالا باققۇچى قىز-ئاياللارغا تاشلاپ بەرىپ خىزمەت ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش ئۇلار شۇ بالا باققۇچىنىڭ چىققىنىغا خوش.ساپاسى بىلەن ھەرگىز ھىساپلاشمايدۇ .2 يىل ئىلگىرى خوشنىمىز 2 ياشقا كىرگەن ئوغلىنى بالا باققۇچىغا تاشلاپ بېرىپ خىزمىتى بىلەن بولۇپ كېتىپ ،بالىسىدىن ئايرىلىپ قالدى.چۇنكى ھېلىقى بالا باققۇچى قىز كوچا ئايلىنىشقا بەك ئامراقكەن بالىغا تاماقنى چالا -پۇلا يىگۈزۇپلا قىشنىڭ قاتتىق سوغىقىدا كوچا ئايلىنىپ يۈرۇپ بالىنىڭ ئۆپكىسىگە سوغاق ئۆتكۈزۇپ قويۇپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى.ئەرلەر بولسا يەسلىلەردە تەربىيىچى بولسا بولىدۇ،بالىلار كىچىگىدىن ئەرلەرگە خاس سالاپەت بىلەن تەربىلىنەمدىكىن دەيمەن.ھازىر قىزلاردەك نازۇك مىجەز ئوغۇللار كۆپەيگىلى تۇردى.ئاىلىدە كۆپۈنچە ئانىلار بىلەن بىللە،يەسلىدە ئايال تەربىيىچىلەر بىلەن ،مەكتەپكە بارغاندا يەنىلا شۇ ئايال ئوقۇتقىچىلارنىڭ تەربىيىسىدە بولغان ئوغۇللارنىڭ ئەر تەربىيىچىلەر بىلەن ئۇچۇرشىشىش نىسبىتىنىڭ توۋەنلىكىدىن مۇشۇنداق بولىۋاتامدىكىن دەپ ئويلايمەن.
باشقۇرغۇچى قىزغىننىڭ ئىنكاسى :
قايسى تەرەپ تەربىيلەشكە كەلسەك، مەيلى ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن دادا ئەڭ مۇۋاپىق، ئانا قوشۇمچە بولغىنى ياخشى.
ئايال كىشى دىگەن بالىغا ھەددىدىن زىيادە كۆيگەنلىكىمۇ ئىشقىلىپ بالىلارنىڭ بەزى خاتالىقلىرىنى يۇشۇرۇپ بالىسىغا بۇلۇشىدۇ،زىياردە ئەركە ئۆگۈتىپ قويىدۇ، يىقىلسا يۆلەيدۇ، چىرايلىق ياساپ قويىمەن دەپ قىممەت باھالىق كىيىملەرنى ئېلىپ بىردۇ، ئاقىۋەت ئۇ بالا يىقىلسا يۆلەشكە مۇھتاج، زىيادە كەپسىز ، بەڭباش، ئەقىلى تەرەققى قىلمىغان، بەتخەجى، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ياشىيالمايدىغان سۈنئىيلىكى يۇقىرى بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.
جەڭگە ماڭسا جەڭگە يارىغانلىقتىن خۇشال بولۇپ يىغلىماي ئۆلۈپ كىتىشىدىن قورقۇپ يىغلايدۇ. شۇڭا بالا تەربىيلەشتە دادا باش بولغىنى مۇۋاپىق.
پوۋسىتنىڭ ئىنكاسى :
قىسقا ھەجىملىك بۇ يازمىنىڭ مەناسىنى قايتا - قايتا تەھلىل قىلدىم. تەرەققىياتنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز تېزلىكتە كىتىۋاتقان قەدىمى، ئېڭىمىزغا يۇشۇرۇن خىرىس قىلىۋاتقان تۈرلۈك كىرىزىس، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى بىلەن قىممەتلىك بايلىقلىرىدىن ئايرىلىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە يالغۇز پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەش ئىنتايىن مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. }qv-lO
مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى ناھايىتى سەگەكلىك بىلەن بۇ نۇقتىنى چالا - پۇلا بولسىمۇ تونۇپ يېتىپ قولىغا قەلەم ئالغان. شۇنداق بىر ياخشى پىكىرنى ئويلىغان - يۇ، ئەمما ئىپادىلەشتە كەتكۈزۈپ قويغان. ئاقىۋەت ئاپتورنىڭ كىچىككىنە ئالدىراڭغۇلۇقى ئاۋۋال ماۋزۇدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. كەينىدىن مەزمۇننىڭ چېچىلاڭغۇلۇقى ئاپتورنىڭ يۈرىكىدىكى پىكىرلەرنى تېرىقتەك چېچىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن دىلدىكىنى تىل ئۇرۇندىيالمىغان.
خۇلاسە كالامىم شۇكى، ئاپتورنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەپەككۇرلىرى بىلەن مىسرانىم ئەھلىنىڭ ئالدىغا سوئال تاشلاپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئومۇمەن خۇلاسە شۇكى :
1) بالىلار بىزنىڭ كەلگۇسىمىز ، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ كىملىك بەلگىمىزنى داۋاملاشتۇرغۇچىلار شۇڭا ئۇلارغا بولغان تەربىيە بەك موھىم .
2) 4ياشقىچە بالىلارنىڭ مىجەز ۋە خارەكتىرى 85پىرسەنىڭ يىتىلىپ بولىدۇ . ئۇندىن كىيىنكى تىرىشچانلىقنىڭ ئۇنىمىنى ئويلاپ كۆرۇڭ .
3) تۇترۇقسىز سورۇنغا بارغاندىن كۆرە ، بالىڭىزنى يۆتلەپ ، باغچەغا ياكى كەچنىڭ گۇزەل مەنزىرىسىدىن تەڭ بەھىرلىنىڭ .
4)ئائىلىگە بولغان مەسئولىيەتچانلىقىىڭىز ، بالىغا بولغان ئۇنۇملۈك كۆڭۈل بۆلىشىڭىزدا بولسۇن !
5) بالىڭىز بىلەن بولغان پىسخىك جەڭدە يىڭىلىپ قالماڭ ! ( ئايرىم ماقالە يوللايمەن )
يەنە گەپ بولسا مۇنبەر كەڭرى ئەركىن مۇنازىرىلىشەرمىز .