قەلەم ۋە شائىر
قەلەم !
قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر ،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر .
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا ،
نومۇس بەكمۇ يامان ، زاۋالىمنى بەر .
چىلاپ سېنى تۈندەك قارا سىياغا ،
سىزاي چوغلۇق گۈلى دىللارغا .
ئېرىپ سەندە بوغدانىڭ ئاپئاق قارلىرى ،
ئەگىز بولۇپ ، شارقىراپ كىرسۇن تىللارغا .
قەلەم قەلەم ئەمەس ، مىسالى ئەلەم ،
ئۇنىڭ ھېكمىتىگە بويسۇنار ئالەم .
جاھان تەسۋىرىنى يورۇتۇپ ھەردەم ،
ئۆزىنى قايتىدىن ياراتتى ئادەم .
ھاكىم بىلەن دېھقان تەڭدۇر قەلەمدە ،
پادىچى ھەم دەنا ئوخشاش مۆجىزە .
پاشىنىڭ ئۆلۈمى تەڭداشسىز ماتەم ،
ھايات تەرىپىگە ئەگەر ئەرزىسە .
شائىر كۆرسە توڭلاپ تىترىگەنلەرنى ،
قىپقىزىل قېنىنى ئوت قىلىپ چاچار .
ئۆزگىلەرگە بېرىپ گۈزەل ئەركىنلىك ،
ئۆزى تۇتقۇنلۇقتا ئۆرتىنىپ ياتار .
قەلەم !
قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر ،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر .
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا ،
نومۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر .