مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 776|ئىنكاس: 8

ئالتۇن قەدىمىي شەھەر خارابىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەخىت ئىچىدە بەخىت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16220
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 483
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-25 01:26:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 

ئالتۇن قەدىمىي شەھەر خارابىسى





ئىبراھىم ئەلقەم




     ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسى شايار ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا بولۇپ ، ئېنىق ئورنى ھازىرقى 74 نومۇرلۇق نېفىت قۇدۇقى جايلاشقان قۇملۇق ئىچىدە. ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسىنىڭ ھازىرغىچە ساقلانغان قالدۇق سېپىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1000 مېتىرچە، ئەڭ ئېگىز جايلىرى تەخمىنەن تۆت مېتىرچە كېلىدۇ. بۇ قەدىمكى شەھەر ئۈچ قات سېپىل بىلەن قورشالغان. تاشقى سېپىل قۇم ئاستىدا قالغاچقا، ئۇنى پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ، ئارا، ئىچ سېپىل بىلەن ئوردا ئارىلىقى تەخمىنەن 200 مېتىر كېلىدۇ.
     ئالتۇن قەدىمكى شەھىرىنىڭ سېپىللىرى سېغىز توپىنى چىڭداپ قوپۇرۇلغان. ھازىرقى قالدۇق سېپىل خارابىسىنىڭ شەرقى بۆلىكى بۇزۇۋېتىلگەن، شەھەر ئىچى ئاساسەن قۇم ئاستىدا قالغان. شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇب بۆلىكىدە بىر چوڭ قەبرە بولۇپ، قەبرە ئەتراپىدىن قاشتېشى ئوق بىلەن قاشتېشى قەلەم (قەلەم ئاق قاشتاش)، چىپار تاشتىن ياسالغان بىر دانە  ئۈزۈك پارچىسى بايقالغان. بۇ بۇيۇملار ھازىر ناھىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ساقلاش ئورنىدا ساقلانماقتا. قەبرىنىڭ ئەتراپىدىن يەنە ئىككى دانە مىس تۈگمە تېپىلغان، ئۇنىڭ بېجىرىم بىرسىگە  قەدىمىي نەقىش بىلەن ئاينىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن، ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسىنىڭ سىرتقى قىسمىدا شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان چوڭ قۇملۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئارىلىقىدا ئۆي – ئىمارەتلەرنىڭ روشەن ئىزناسى بار. ئۆي ۋە ئىمارەتلەرگە قىزىل سېغىز توپا ئىشلىتىلگەن. بۇ يەردە قىزىل سېغىز توپىدا قوپۇرۇلغان ئىككى قەبرە بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنى كىشىلەر ‹‹تەتۈر قەبرە›› دەپ ئاتىشىدۇ. ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە ساپال بۇيۇملاردىن دىئامېتىرى .3 2 سانتىمېتىر، ئايلانمىسى 10 سانتىمېتىر، ئوتتۇرىسىدا تۆشۈكى بار بىر دانە  ئۇرچۇق، يەنە كوزا، ئىدىش، ئىۋرىق، تەخسە، تۇۋاق،  قەدەھ قاتارلىقلارنىڭ پارچىلىرى  بار، مىس بۇيۇملاردىن ئات ئېگىرىنىڭ مىستىن ياسالغان  ئىلغۇچى بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە  ئۇزۇنلۇقى ئىككى سانتىمېتىر، كەڭلىكى 1.9 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى 2.3 سانتىمېتىركېلىدىغان ئىككى دانە مىس تۈگمە،  يۈزىنىڭ دىئامېتىرى   .5 2 سانتىمېتىر كېلىدىغان  مىستىن ياسالغان مۆھۈر قاتارلىقلار بار.
ئالتۇن قەدىمكى شەھىرى نېمە سەۋەبتىن ئالتۇن شەھىرى، دەپ ئاتالغانلىقى ھەققىدە ئېنىق يازما ماتېرىيال يوق. بۇ ھەقتە پەقەت كىشىلەر ئارىسىدا بىر قانچە قىياسىي قاراشلا بار. بۇ ھەقتە بەزىلەر بۇ قەدىمكى شەھەردىكىلەر  بۇرۇندىن ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىق  بايلىقلاردىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلگەن، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى‹‹ئالتۇن شەھەر›› دەپ ئاتىۋالغان دېسە؛ بەزىلەر، بۇ شەھەردە بۇرۇنقى ئىنسانلار ئالتۇننى پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقارغان ئالتۇن شەھەر ئىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ نامى ‹‹ئالتۇن شەھەر›› بولغان دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر، بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بۇ شەھەرنى ئالتۇن ئىسىملىك بىر قەبىلە باشلىقى بىنا قىلىپ، شەھەر نامىنىمۇ ئالتۇننىڭ شەھىرى، دەپ  قويغان ئىكەن...دېيىشىدۇ. بۇ ئۈچ خىل قاراشنىڭ قايسىسى توغرا، قايسىسى خاتا، بۇ ھەقتە بىرنېمە دېيەلمەيمىز.
     دېمەك، ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە تاش قوراللارغا، ساپالچىلىققا ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مىس – تۆمۈر بۇيۇملار بولۇپ،  بۇ يادىكارلىقلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قەدىمكى شەھەردە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپلا ئەجدادلىرىمىز پائالىيەت ئېلىپ بارغان، دېيىشكە بولىدۇ.





 مەنبە : ئەلچى تورى


خوشاللىق بار يەردىن غەم - قايغۇ قاچىدۇ . يورۇقلۇق بار يەردىن قاراڭغۇلۇق قاچىدۇ . غەيرەت بار يەردىن قېيىنچىلىق ، جاپا- مۇشەققەت قاچىدۇ ..

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-25 03:01:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېمەك، ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە تاش قوراللارغا، ساپالچىلىققا ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مىس – تۆمۈر بۇيۇملار بولۇپ،  بۇ يادىكارلىقلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قەدىمكى شەھەردە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپلا ئەجدادلىرىمىز پائالىيەت ئېلىپ بارغان، دېيىشكە بولىدۇ.
--------------
تاش قۇراللار دەۋرىنىڭ يادىكارلىقلىرى ئاسان تېپىلمايدۇ، كونكىرىت قانداق تاش قۇراللار بايقالغانلىقنىنى بايان قىلسىڭىز، يەنە ئۇنىڭ يىل دەۋرى بىر گە بولسا ئاندىن پايدىلىنىش قىممىتىە بولاتتى!

يەنە بىر گەپ- ئەلچى تورى دېگەن ئادېرىس ئىچىلمايدىكەن، بۇنداق تېمىلارنىڭ ئىنىق مەنبەسى بولمىسا بولمايدۇ.

تېمىڭىزغا تەشەككۇر!

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12242
يازما سانى: 1159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3264
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 567 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2011-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-25 03:02:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شەھەردە ئالتۇن بەك كۆپمىدۇ  [s:149]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-25 06:51:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1-قەۋەت (matimatika) نىڭ يازمىسىغا

بەلكىم بۇ ئەلچىن تورىدۇ http://alqi.biz/

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16955
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7012
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2010-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-25 07:47:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە قاچان پالانى  سۇلالە دەۋرىدە پۇستانى جاڭ،پۇستانى كاڭ باشقۇرغان دەپ ئېلان قىلغاندۇ؟............

YALGUZ.MAN-TANHA.MAN

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14820
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9395
تۆھپە نۇمۇرى: 627
توردا: 810 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-25 07:52:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا خۇدايىم  مېنىڭ بېقىنىمدىكى ناھىيە تۇرۇپ ھەجەپ مەن
بىلمەيدىكەنمىنا .؟؟!!! توۋا قىلدىممممممممممممممم!~

مەمەتجان

ياسىنجان(سىرلىق)

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 7033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90743
تۆھپە نۇمۇرى: 1350
توردا: 6262 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-25 11:31:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋالدىم........... تىمىڭىزغا  رەھمەت  دوستۇم [s:163]

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.

بەخىت ئىچىدە بەخىت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16220
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 483
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-27 02:27:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<<  matimatika>> نىڭ يازمىسىغا :

ئېچىلىدۇ . بۇنى چىكىپ بېقىڭە .http://bbs.alqi.biz/

خوشاللىق بار يەردىن غەم - قايغۇ قاچىدۇ . يورۇقلۇق بار يەردىن قاراڭغۇلۇق قاچىدۇ . غەيرەت بار يەردىن قېيىنچىلىق ، جاپا- مۇشەققەت قاچىدۇ ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15618
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9548
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 720 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2011-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-29 10:31:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاياردا دەڭ مەنمۇ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن..رەھمەت........

يوق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش