مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1245|ئىنكاس: 15

ئۇنىۋېرستېت قوروسىدا  كېتىپ بارىمەن__ ( زى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11523
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 05:24:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]     ئۇنىۋېرستېت قوروسىدا كېتىپ بارىمەن. ...مەكتىپىمىز ياتاق دەرۋازىسىدىن مەكتەپ ئاشخانىسىغىچە بولغان يول ھەم تار ھەم ئاۋات يول. بۇ يولدا ھەركەسىپتىكى،  ھەرخىل  قىياپەتتىكى سىتودېنتلار مىغىلداپ ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. بىرلىرى سىزگە ناتۇنۇش ، بىرلىرى سىزگە تونۇش، ئۇلارنىڭ بىرلىرىنى كۆرگەندە قەلبىڭىز ھاياجانغا تولۇپ، دىلىڭىز لەرزىگە كېلىدۇ، يۈرىكىڭىز ئاغىدۇ، چۈنكى ئۇلار سىز كۆرۈشكە تەلپۈنگەن، كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ، قەلبىڭىز تىۋىنگەن كىشىلەر، يەنە بىرلىرىنى كۆرگەندە بولسا غەزەپتىن بوغۇلۇپ، يۈرىكىڭىز سىقىلىدۇ، كۆڭلىڭىز ئاينىپ، بىزارلىقتىن ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قاچىدىغان جاي تاپالماي قالىسىز...     بۇ يولدىكىلەر بىرلىرى سىزگە قىزغىن سالام، مېھرى- مۇھەببەتلىك قول بېرىدۇ. بىرلىرى قىزغىن بولالمىسىمۇ ئۆزىگە يارىشا باش لىڭشىتىش، پىسسىڭدە كۈلۈمسىرەش بىلەن سالام- سائەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ، يەنە بىرلىرى سىزنى يىراقتىن كۆرۈپ، بېشىڭىزدىن تاپىنىڭىزغىچە نەزەر ئاغدۇرۇشقا ئۈلگۈرۈپ،  يېنىڭىزدىن ئۆتكەندە بولسا خۇددى جەڭ قەھرىمانلىرىدەك خادايغان پېتى ئۆتۈپ كېتىدۇ.    سىز  يەنە بۇ يولدا ھەرخىل  مەدەنىيەت- ئېقىملارنىڭ نامايەندىلىرىنى ئۇچرىتىپ تۇرىسىز. ئالدى بىلەن مىللىي خاسلىق تىپىدىكىلەرنى تىلغا ئالساق، ئۇلارنىڭ چىرايلىق بادام ياكى چىمەن دوپپىلىرىنى پەخىرلىنىپ كېيىپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ، ئانا مەدەنىيتىمىزنىڭ 21- ئەسىردىكى ۋارىسلىرىغا قاراپ دىلىمىز سۆيۈنىدۇ ۋە ھاياجانغا تولىمىز. ئەمدى  ئارىلاشما  مەدەنىيەت تىپىدىكلەرگە كەلسەك، ئۇلار زامانىۋىي ، مودا ئېقىملارنى مىللىي پاسون بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېرىم ئۆزلۈك ھالىتىدە بولسىمۇ ياشاشنى بىلىدۇ.  ئاخىرىدا ئازبىر قىسىم شاللاق مەدەنىيەت تىپىدىكىلەرگە كەلسەك، ئەگەر ئۇلارنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسدىن ياكى تىلىدىن پەرىقلەندۈرمىسىڭىز  بەزىدە ئۇلارنىڭ قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرۈشكە ئامالسىز قالىسىز.   توبا چاچ، خاپان باش، پېتەك چاچ، يەنە چاچ- چاچ... ئۇلارغا قارىسىڭىز ھەرگىزمۇ كىرورەن ئانىمىزنى ئەمەس، بەلكى ياۋرۇپانىڭ قايسى كوچىلىرىدىكى كۆك كۆزلۈك، سېرىق چاچلىق خېنىملارنىڭ سىماسىنى كۆرىسىز. ھەي، ئۆزى ياش، روھى قېرى ئالا- يېشىل  چىراي نازىنىنلار.      ئۇلارنىڭ كېيىۋالغىنىنى دېمەمسىز، ئاندا-ساندا ئېچىلىپ قالىدىغان بەل قورساقلار ، يېرىم - يالىڭاچ تەنلەر سىزگە ئىختىيارسىز ھىندى قىزلىرىنى ئەسلىتىدۇ.  يېنىڭىزدىن ئۆتكەندىكى  بۇرنىڭىزنى غىدىقلايدىغان سەسكىنىشلىك پۇراقنى دېمەيسىز، بۇ پۇراق ھەرگىزمۇ چىيەنلۇڭ خاننى ئۆزىگە لال قىلغان، ئەقلى ھوشىنى رام قىلغان ئىپارخاندىن كېلىدىغان تەبىئىي، ئۆزلۈك پۇرىقى ئەمەس.              يەنە تېخى كوچىدا كېتىۋاتقان ئاۋۇ بىر بۆلۈك نازلىق  يېگىتلەرنى دېمەمسىز،  ئوغۇل بالا بولۇپ تۆرەلگىنىدىن پۇشايمان قىلامدۇ-تاڭەي ، بۇنى بىلمىدىم.  قۇلاقلىرىنى تېشىپ مۇنچاق ئېسىپ، بويۇنلىرىغا زەنجىر، قولىغا  ئۈزۈك تاقاپ، يولدا تولغىنىپ، ئېزىلىپ مېڭىپ، ئاياللاردىن ئۆزلۈك ۋە كىملىك تالىشىۋاتقان  نازىنىن يېگىتلەر، ئوغلانلار.....   كېتىپ بارىمەن، ئاخىرى مەكتەپ ئاشخانىسىغا كېرىپتىمەن،  رەت ( پەيدۈي ) نى  بۇزۇپ، تەرتىپسىزلىك قىلىۋاتقان، جېدەل چىقىرۋاتقان سېتودېنتلار،    ئۈستەللەردىكى يېغىشتۇرۇلمىغان قاچا- قۇچىلارنى كۆرۈپتىمەن.     مۇسۇلمانچە تاماقخانا دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان ئاشخانىغا كىرىپ تۇرۇپ،  ئالدىغا مۇسۇلمانچە تاماقنى قويۇۋېلىپ، تاماكىسىنى پۇرقىرىتىپ  ھالال-ھارام  ئېتىقادىدا ياشاۋاتقان بىچارىلەر.    شۇ ئەسنادا، قايسى قىز، قايسى يېگىت چىرايلىق دەپ    ئىشۋەتلىك كۆزلىرىنى  ئاچكۆزلۈك بىلەن تىكىۋاتقان كۆزلەر ۋە غەيۋەت سورۇنى......

    ئۇھ، ئادەم دېگەن تولىمۇ مۇرەككەپ ۋە غەلىتە مەخلۇق ئىكەن.   پۈتكۈل ھايۋانلار ئىچىدىن ئادەملەرنى ئىزدىسەم ، كۆزۈمگە ھېچ چېلىقمىدى،  ئادەملەر ئىچىدىن ھايۋانلارنى ئىزدىسەم ھەردەم ئۇچراپ تۇردى >(شاكىر.بۇغرا).

ھەي دوستلىرىم، بىز ھامان بىركۈنى بۇدۇنيادىن كېتىمىز، ئەمما نېمىشقا ھايۋاندەك كۆشەشنى بىلىپ، ئىنساندەك ياشاشنى ، قىممەت يارىتىشنى بىلمەيمىز؟    سەن كىم؟ نېمە قىلىۋاتىسەن؟ قەيەرگە قاراپ كېتىۋاتىسەن؟ كەلگۈسىدە كىمگە، قايسى قوۋمگە ۋەكىللىك قىلىسەن؟ سېنىڭ ئۆزلۈكۈڭ، كىملىكىڭ  كىملىك گۇۋاھنامىسى دۈمبىسىگە، يۈزىگە، چېكىسىگە..... پۈتۈپ قويۇلغان  خەتتە بولمىسۇن، بەلكى ھەقىقىي ئۆزلۈكۈڭ، مىللىي روھىڭ، مىللىي خاسلىقىڭ ھەمدە ئانا مەدەنىيتىڭگە بولغان سادىقلىقىڭ، پىداكارلىقىڭ،   ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇڭ ۋە گۈزەل خۇلق، ئېسىل ئەخلاقىي- پەزىلىتىڭدە بولسۇن!

     _______   زىيالىي ( ئاپتورى :غۇجىئابدۇللا ئوبۇلقاسىم. ئىلى پېداگوگىكا ئېنىستىتۇتى، 2007- يىللىق ئۇيغۇرتىل- ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى )  ئىجادىي تېمام.     


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ئۇستاز + 500 كۆڭلۈمدىكى گەپلەر
تارىم + 50 ئىسىل . . . . . . ئافىرىن ئۇشبۇ ئىسىل تى
uzturk + 50 بۇنداق ئىشلارنى ئەتراپىمزىدا دائىم كۆرۈپ

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 600   باھا خاتىرىسى

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

سۆيمىگەنگە سۈركەلمە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4598
يازما سانى: 1703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2332
تۆھپە نۇمۇرى: 855
توردا: 3148 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 06:12:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇلار مۇنۇ تىمىنى كۆرسە ئۆزىنى مەن ئۇنداق ئەمەس دىيشى تۇرغانلا گەپ.شۇڭا مەن بەزى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى پەقەتلا ياقتۇرمايمەن. [s:165]  [s:137]

مەن

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4143
يازما سانى: 1736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11725
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 06:47:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمۇ بەزى سىتودىنىتلار قەتتىي ئۆزىنى بىلەلمەي قالىدۇ، بۇنداق ئۇقۇغۇچىلار كىيىنچە قانداق بۇلاركىن؟

جەننەتتىكى ھۆر پەرىلەر بولسىمۇ گۈزەل، يېنىڭدىكى مەشۇغۇڭ ئۇنىڭدىن ئەزەل. ئادەم قادىر ھەممىگە، گەپ ئادەمنىڭ ئۆزىدە.

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7699
تۆھپە نۇمۇرى: 1234
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 06:53:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مەكتەپلەردە قانچىلىك ئوچۇق قۇيۇپ ماڭسا گەپ ، ئازراق يىپىپ ماڭسا بىشڭدىكىنى ئال دەپ  بىشدىكى ياغلىقىنى مەجبۇرى ئىلىۋىتىدىغان  ئىشلار  مەۋجۇت .

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

جېنىم قىزىم مېنىڭ بارلىقىم.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6279
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14152
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 5662 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 07:23:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىسىم قىزلارنىڭ ئەشۇنداق رەڭگارەڭ، غەلىتە كىيىنىۋېلىشى ئوغۇللارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ باشقا قىزلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرۇشتىن باشقا گەپ ئەمەس. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۇ تۇرىقىنىڭ باشقىلارنى يىرگەندۈردىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ  ياكى شۇنداق پەرىقلىنىپ ئالاھىدە يۈرگىنىگە ئىچ-ئىچىدىن سۆيۈنۈپ كېتەمدىغاندۇ؟ بوينىغا بىر نەرسە ئېسىۋالىدىغان ئوغۇللارنى كۆرسەمغۇ بوينىدىكى نەرسىسى بىلەن قوشۇپلا بوغۇپ  قويغۇم كېلىدۇ.
روھىي دۇنياسى نامرات كىشىلەر گۈزەللىكنى تاشقى قىياپەتتىن ئىزلەيدۇ شۇ بىچارىلەر!ھەرقانداق ئىش نورمال چەكتىن ئېشىپ كەتسە كىشىگە ئەكىسىچە تەسىر بېرىدۇ. شۇڭا ئۆزىمىزنى ئوبدانراق بىلىۋالايلى.

ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە مەرھەممەت ۋە مۇھەببەت نەزىرى بىلەن قاراشسا، بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشسا پۈتۈن گۇناھلىرى بارماقلىرى ئارىسىدىن تۆكۈلۈر.

بىر مىللەتتە ساپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3333
يازما سانى: 1137
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 19860
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 5347 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 07:25:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا، مەن بۇ ماقالىنى ئوقىۋىتىپ بەكلا ھاياجانلاندىم. مەزمۇنىغا ئەمەس، ماقالىنىڭ تىلىنىڭ گۈزەللىكىگە ھاياجانلاندىم. مەن خېلى بولغان بۇنداق ھەقىقىي مەنىدىكى ماقالىنى ئوقىمىغىلى.
راست گەپنى دېسەم، بۇ ماقالىنى ئوقىۋىتىپ دەسلەپتە بىرەر ماقالىدىن ئۆزگەرتىپ يېزىلغانممۇ قانداق دەپ ئويلىدىم. ئەمما ئاپتۇر ئاشخانىغا كىرگەندە بۇ ئەسەرنى ئاپتۇر ھەقىقەتەن ئۆزى يازغانلىقىنى جەزىملەشتۇردۇم.
20 يىل بورۇنقى شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىم ئېسىمگە كەلدى. شۇ زامانلار ھازىرقىدەك بولمىسىمۇ ئەمما ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.
قەلمىڭىز ھارمىغاي.

بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمىد بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 08:31:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزلۈك، مىللىي روھ ، مىللى كىملىكنى ساقلاش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز!
تىمىدا دىيىلگەندەك ئۆزلۈك، مىللىي روھ ،مەدەنىيتىمىزگە بولغان سادىقلىق، پىداكارلىق ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى، ئېسىل ئەخلاقىي- پەزىلىتىمىزدە بولسۇن!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 947
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15632
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 6163 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 08:45:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ ئالى مەكتەپتە ئۇقۇمىغان . لىكىن بىر قېتىم خىزمەت مۇناسۋېتى  بىلەن كەچراق كىرىپ قاپتىكەنمەن . ئەيھانناس  خوڭخۇ  كۇلى ئەتراپى بەئەينى ................ سېرىق فىلىمدەكلا ....  ، شۇندىن كىيىن 2- دەسسىمىدىم ،ئىش بولسىمۇ باشقىلارنى بۇيرۇپ ...

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

ھەققي ئاق خالاتل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7957
يازما سانى: 1062
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12280
تۆھپە نۇمۇرى: 581
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 10:29:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى سىتوسىنلاردا راسلا بۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت ! لىكىن ھەممىنى بۇنىڭلىق بىلەن بىر تاياقتا ھەيدىسەك بولمايدۇ !

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم ، سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم . سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا ، قەرزىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم . باشقىلارنى ئۆزۈم دەپ بىل ، ئۆزۈڭنى باشقىلار دەپ بىل . باشقىلارنى باشقىلار دەپ بىل ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈم دەپ  بىل .

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11523
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-25 12:10:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت saptilak كە 2010-11-24 07:25 PMئەۋەتىلدى :
توۋا، مەن بۇ ماقالىنى ئوقىۋىتىپ بەكلا ھاياجانلاندىم. مەزمۇنىغا ئەمەس، ماقالىنىڭ تىلىنىڭ گۈزەللىكىگە ھاياجانلاندىم. مەن خېلى بولغان بۇنداق ھەقىقىي مەنىدىكى ماقالىنى ئوقىمىغىلى.
راست گەپنى دېسەم، بۇ ماقالىنى ئوقىۋىتىپ دەسلەپتە بىرەر ماقالىدىن ئۆزگەرتىپ يېزىلغانممۇ قانداق دەپ ئويلىدىم. ئەمما ئاپتۇر ئاشخانىغا كىرگەندە بۇ ئەسەرنى ئاپتۇر ھەقىقەتەن ئۆزى يازغانلىقىنى جەزىملەشتۇردۇم.
20 يىل بورۇنقى شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىم ئېسىمگە كەلدى. شۇ زامانلار ھازىرقىدەك بولمىسىمۇ ئەمما ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.
قەلمىڭىز ھارمىغاي.

   رەخمەت سىزنىڭ بەرگەن يۇقىرى باھايىڭىزغا،  مەن ئەزەلدىن   باشقىلارنىڭ ماقالىسىغا تەقلىد قىلمايمەن، باشقىلارنىڭكىنى ئالغان تەقدىردە ئەسكەرتىپ قويىمەن.    بۇ دۇنيا ئۆزگۈچىلىك  يارىتىدىغان  جاھان،  باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يول، ئوخشىمىغان ئۇسۇل بىلەن ئۆزپىكىرىمىزنى ئىپادىلىيەلىسەك   ئاندىن كۆزگە كۆرىنەلەيمىز، تونۇلايمىز.  سىزلەرنىڭ تېخىمۇ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش