مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1326|ئىنكاس: 13

ئۇ مېنىڭ سىڭلىم!... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن نېمە ئۈچۈن ي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11404
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10656
تۆھپە نۇمۇرى: 371
توردا: 3320 سائەت
تىزىم: 2010-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 03:26:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ھوللىۋودنىڭ يېڭى فىلىمىنى تۈگىتىپ ئۇخلاش ئۈچۈن ياتاق ئۆيۈمگە قاراپ ماڭغاچ تامدىكى سائەتكە قاراپ قويدۇم. سائەتنىڭ كىچىك سىترىلكىسى تۆتكە توغرىلىنىپ ئازراقلا ئاشقانىدى، ئېنىقكى، بامدات ۋاقتى ئاللىقاچان كىرىپ قالغانىدى. لېكىن ماڭا ھازىر ناماز ئوقۇش زادىلا خۇشياقمايتتى. ئاتا-ئانام ئورنىدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن غىپپىدە كىرىپ يېتىۋېلىشنى ئويلاپ ياتاق ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدىم.  
      ياتاق ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ياندىكى ئۆينىڭ چىرىقى يورۇق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇ ئۆيدە سىڭلىم تۇراتتى. ئۇنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى قارىمىساممۇ بىلەتتىم. ئۇ كېچىلىرى ناماز ئوقۇپ، قۇرئان ئوقۇپ ئۆتكۈزۈشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان ئىدى. ياتاق ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىنى ئاۋايلاپ ئېچىشىمغا ئۇ مېنى توۋلاپ قالدى:
      --ئاكا، بۇ سەنمۇ؟
      مەن ئۈنچىقمىدىم. ئاياق تىۋىشىمنىمۇ چىقارماسلىق ئۈچۈن جايىمدا جىم تۇرۇۋالدى، ئۇ ئىچىدىن چىقىپ كەلدى:
      --گەپ قىلسام جاۋاب بەرمەيسەنغۇ ئاكا؟ بامداتنى ئوقۇدۇڭمۇ؟
      --ھەئە، ئوقۇدۇم،--ئۇنىڭ چوڭ كۆزلىرىدىن كۆزۈمنى ئەپقېچىپ باشقا ياققا قارىۋالدىم. لېكىن ئۇ مېنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىمنى سېزىپ قالدى.
      --ئاكا، ياتىقىمغا كىرسەڭ، ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم بار ئىدى.
      ئىككى يىل ئىلگىرى دوختۇر سىڭلىمنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئىككى يىلدىن بېرى شۇنچە ئىزدەنگەن بولساقمۇ ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان يىلىك تاپالمىغان ئىدۇق، ئۇ دوختۇرخانىدا يېتىشنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى، ئۆزى بولسا كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاپ كېتىۋاتاتتى. ئاتا-ئاناممۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن تۈگىشىپلا كېتىۋاتاتتى. جاھاندىكى بەزى ئىشلارغا ھەيران قالىمەن، ئاتا-ئانامنىڭ قان تىپى A، مېنىڭ قان تىپىممۇ A، پەقەت سىڭلىمنىڭ قان تىپىلا O تىپلىق ئىكەن...
      ئاكا، ھازىر سېنىڭ ماڭا ئىچىڭ ئاغرىۋاتىدۇغۇ، دەيمەن؟ مېنى ئۇزۇنغا قالماي ئۆلۈپ كېتىدۇ، دەپ مەن ئۈچۈن قايغۇرۇۋاتامسەن؟ ياق ئاكا، قايغۇرمىغىن، مەن رەببىمنىڭ ئالدىغا بېرىشقا تەييار بولۇپ بولدۇم. ھازىر ھەربىر كۈنۈمنى بۇرۇنقى گۇناھلىرىم ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ، ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزىۋاتىمەن. لېكىن ئاللاھنىڭ مېنىڭ جېنىمنى قاچان ئېلىشىنى سەن قانداق بىلىسەن؟ سېنىڭ ئاغىنەڭ پەرھاتنىمۇ ماشىنا سوقۇۋېتىپ تۈگەپ كەتتىغۇ؟ شۇ چاغدىمۇ مەن ئاغرىق ئىدىم، پەرھات ئاكام تېخى ماڭا، قەيسەر بولۇڭ سىڭلىم، دېۋىدى، لېكىن ئۇ ئۆزى مېنىڭ ئالدىمدا كېتىپ قالدىغۇ؟ سەن ئاۋۋال ئۆلۈپ كېتەمسەن، ياكى مەنمۇ بۇنى پەقەت بىر ئاللاھ بىلىدۇ، لېكىن قاچانلا بولسۇن، ساڭىمۇ بىر ئۆلۈم ھامان بار، بۇ جاھاندا ئۆلمىگەن ئىنسان يوق. سەن رەببىمىزنىڭ ئالدىغا قانداق بېرىش ھەققىدە ئويلىنىپ كۆردۈڭمۇ؟ ئەگەر سەن ئەتە ئۆلۈپ كەتسەڭ ئاللاھنىڭ ئالدىغا قانداق بارىسەن؟ قەدىرلىك ئاكا، ياكى دوزاختا كۆيۈشكە تەييار بول، ياكى ئاللاھنى رازى قىلىشقا.بىز نېمىلا قىلمايلى، ئاللاھ بىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. پۈتۈن جىسمىڭ ۋە روھىڭ بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلىگىن، ئاكا...
      بۇنىڭغا ئوخشاش گەپلەرنى ئۇ بۈگۈن بىرىنچى قېتىم قىلىۋاتقىنى يوق. بەلكى كېسەل كىشى مۇشۇنداق بولۇپ قالسا كېرەك، دەپ ئويلايتتىم. ئەلۋەتتە ئۆلۈمگە يېقىنلاپ قالغان سىڭلىمغا ئازار بەرمەيتتىم.  
      ھازىر مەكتەپلەردە تەتىل مەزگىلى بولغاچ، ئۆيىمىزگە كۈندە تۇغقانلارنىڭ كىچىك بالىلىرى ئۇنىڭدىن دەرس ئۆگەنگىلى كېلەتتى. ئۇ بەزىدە ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى، بەزىدە قۇرئان ئوقۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بەزىدە ساھابىلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. ئۇ ھېكايە سۆزلىگەندە كىچىك بالىلارغا لايىق تىل بىلەن سۆزلەيتتى، ئۇنىڭ سۆزلىگەن ھېكايىلىرىگە مەنمۇ قىزىقىپ قۇلاق سېلىپ قالاتتىم.  
     دالان ئۆيگە چىقسام ئۇ بالىلارغا قۇرئان ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئىكەن. ئاخشامقى سۆھبەت تۈپەيلى سەل خىجىل بولۇپ قالغان ئىدىم، شۇڭا گەپ قىلمايلا چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم.
  --ئۇكىلىرىم، ئاكاڭلارغا سالام دەڭلار، -دېدى سىڭلىم مېنى كۆرۈپ.
     --ياق، --دېدى كىچىك بالىلاردىن بىرى،--ھەدە، سەن ئۆزەڭ ئۆگەتكەنغۇ! رەسۇلۇللاھمۇ كىچىك بالىلارغا سالام قىپتىكەنغۇ! سەن ئۆزەڭ يالغۇز ئادەم جامائەتكە سالام قىلىشى كېرەك، دېگەنتىڭغۇ؟
     كىچىك بالىلارنىڭ ئالدىدا خىجىلچىلىقتا قالغىنىمنى سەزدىم. «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېدىم-يۇ، سىرتقا ئۆزۈمنى ئېلىپ چىقىشقا ئالدىرىدىم، ئۇلارنىڭ جاۋابىمۇ قۇلىقىمغا كىرمىدى.
     كىچىكىمدىن تارتىپ ئاتا-ئانىمىز ئىككىلىمىزنى ياخشى ئىسلامى تەربىيە بىلەن تەربىيەلىگەن ئىدى. دادام بىزنىڭ ئىلىم-پەن بىلىملىرىنىمۇ ياخشى ئىگەللەپ، كېيىن مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق ئىش قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلاتتى. ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي سىڭلىم ئىككىمىزمۇ مەكتەپتە ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان ئىدۇق. سىڭلىم مەندىن پەقەت ئىككى ياشلا كىچىك ئىدى. مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ياخشى نومۇرغا ئېرىشىپ دۆلەت ئىچىدىكى بىر داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىندىم. ھەممەيلەن سىڭلىمنىمۇ ناھايىتى ياخشى نومۇر ئالىدۇ، دەپ ئۈمىد كۈتۈپ تۇراتتى. ئويلىمىغان يەردىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ قان راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغانىدى.  
     سىرتتا دوستلىرىم بىلەن بىر كۈننى ئويۇم-تاماشا ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، نامازشامغا يېقىن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئۆيدە ھېچكىم يوق ئىدى. ھەتتا ئادەتتە زادىلا سىرتقا چىقمايدىغان سىڭلىممۇ يوق ئىدى. بىر ئاز ھەيران بولدۇميۇ، تېلىۋىزورنى كۆرگەچ ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرماقچى بولدۇم. شۇ ئارىدا ئىشىك ئۇرۇلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.
     --تېز بول بالام، دوختۇرخانىغا بار، سىڭلىڭنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى،--دېدى خوشنىمىز ئامىنە ھەدە كۆزىگە ياش ئېلىپ، تولىمۇ جىددىيلەشكەن ئاۋازدا.  
     دوختۇرخانىغا كەلگىنىمدە سىڭلىم جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىدە، ئاتا-ئانام سىرتتا كۈتۈپ تۇرۇشقان ئىكەن. ئانامنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ. بۇنداق ئەھۋال ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى.  
     --بالام، ئاناڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تۇرساڭ، مەن چىقىپ شام نامىزىنى ئوقۇۋالاي،--دېدى دادام.
     --ياق، مەنمۇ بىللە چىقاي. بالام، مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇر، سىڭلىڭدىن بىرەر خەۋەر بولسا داداڭنىڭ يانفونىغا تېلىفون قىل.—دېدى ئانام كۆزلىرىدىكى ياشنى سۈرتۈۋېتىپ. مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردۈم.
     جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتتىم. جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىدىن دوختۇر ۋە سېستىرالارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. كىنولاردىكىدەك بېرىپ ئىچىدىن چىققان بىرەرىدىن «مېنىڭ سىڭلىم قانداقراق؟» دەپ سوراپ باققۇم كەلدىيۇ، نېمىشقىدۇر جۈرئەت قىلالمىدىم. ئەگەر ئۇلار سىڭلىڭ ئۆلۈپ كېتىدۇ، دېسە قانداق قىلىشىم كېرەك؟
     كۆز ئالدىمدىن سىڭلىمغا ئالاقىدار ئەسلىمىلەر بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. سىڭلىم كىچىكىدىن تارتىپلا تولىمۇ ئەقىللىق ئىدى. ئۇستازىمىز قۇرئان ئايەتلىرى ئۆگەتسە ئۇ بىرىنچى بولۇپ يادلاپ بولاتتى. مەيلى ھەدىس ياكى ئەرەب تىلى دەرسىدە بولسۇن، ھامان ھەممىمىزدىن ياخشى ئىدى. مەكتەپتە ھەم دائىم بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەيتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ئۇ بەش ياش، مەن يەتتە ياش چېغىمىزدا ئاتا-ئانام ناھىيىدىكى تۇغقانلارنى يوقلىغىلى بارماقچى بولۇپ ئىككىمىزنى خوشنىمىزنىڭ قاراپ تۇرۇشىغا تاپشۇرغاندا، ئۇ خوشنىمىزنىڭ ئۆيىدىن پۈتۈن بىر كۈن ھېچنېمە يېمىگەن ئىدى. دادام كېيىن سەۋەبىنى سورىغاندا « ھالالمۇ ئەمەسمۇ، بىلەلمىدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. ئېسىنى بىلگىنىدىن تارتىپ ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى كۈنسېرى كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى. لېكىن مەن ئالىي مەكتەپتە بارغاندىن بۇيان دوستلىرىمنىڭ «ياردىمىدە» بارا-بارا ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويماقتا ئىدىم. ئاتا- ئانام مەندىكى ئۆزگىرىشنى سېزىپ مەندىن ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىدى. ئۆزەممۇ ئۆزەمدىن زېرىكىشكە باشلىدىم. بۇرۇنقى ئىمان ئىچىدە ئۆتكەن ۋاقىتلىرىمدىكى قەلب خاتىرجەملىكىنى ھېچنەدىن تاپالمىدىم. ھەمىشە ئۆزەمنى گۇناھكار ھېس قىلاتتىم. لېكىن نېمىشقىدۇر ئۆزەمنى تارتالمايتتىم...
ھارغان جىسمىمنى كۆتۈرۈش ئېغىر كېلىۋاتقان پۇتلىرىمنى تەسلىكتە سۆرەپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئاتا-ئانام مېنى بىر ئاز دەم ئېلىۋال، دەپ قايتۇرۇۋەتتى.  دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە سىڭلىم خەتەرلىك باسقۇچتىن تېخى ئۆتۈپ كەتمەپتۇ. ئۇنىڭ ھايات قېلىش ياكى قالماسلىقىغا ئۇلار بىر نېمە دېيەلمەيدىكەن.  
      سىڭلىمنىڭ ئاخشام ئېيتقان سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىماقتا ئىدى: « جىسمىڭ ۋە روھىڭ بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگىن، ئاللاھ بىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. جىسمىڭ ۋە روھىڭ بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگىن، ئاللاھ بىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ...» ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلدىم، ئىشىك ئوچۇق ئىدى. يەردە جەيناماز سېلىقلىق، قۇرئان كارىۋىتى ئۈستىگە قويۇلغان رېھىلدا ئوچۇق پېتى تۇرۇپتۇ: { بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ اﷲ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ (مۈلكى) دۇر؛ اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ اﷲ نىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ اﷲ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار اﷲ نىڭ مەلۇماتىدىن (اﷲ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، اﷲ نىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان  زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر ، سۈرە بەقەرە  255- ئايەت}
      {ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (چوڭ) ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلاردا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم  قايغۇ بولمايدۇ.  سۈرە بەقەرە 277-ئايەت. }
      تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ تاھارەت ئالدىم. ئاندىن سىڭلىمنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ جەيناماز ئۈستىگە چىقتىم ۋە پۈتۈن زېھنېم بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگەن ھالدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدۇم. قوللىرىمنى دۇئاغا كۆتۈرگەن شۇ دەقىقىلەردە خۇددى ئاللاھ ماڭا تولىمۇ يېقىندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم.
      « ئى ئۇلۇغ رەببىم، ماڭا ئىماننى سۆيۈملۈك كۆرسەتكىن. ماڭا سېنىڭ مۇھەببىتىڭنى سۆيۈملۈك كۆرسەتكىن. سۆيۈملۈك سىڭلىمنى مۇشۇ كېسەلدىن قۇتۇلۇپ كەتكىلى نېسىپ قىلغىن...»
      جەيناماز ئۈستىدە قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن، بىر ۋاقىتتا سىرتتىن ئاڭلانغان ئەزان ئاۋازىدىن بامدات ۋاقتى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدىم ۋە بامداتنى مەسچىتتە ئوقۇش ئۈچۈن چاپىنىمنى كىيىشكە تۇتۇندۇم. شۇ ئارىدا تېلىفون جىرىڭلىدى.  
      --بالام، دوختۇرخانىغا بىر كەلسەڭ، سىڭلىڭنىڭ يۈزىنى كۆرۈۋال،--دېدى دادام بوغۇق ئاۋازدا. تېلىفوننى تۇتقىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم. يۈزىنى كۆرۈۋال؟ ئەجىبا سىڭلىم... ئەجىبا سىڭلىم... ئۇ شۇنچە يامان قىز تۇرسا، مەكتەپتە ھەتتا ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ گەپ قىلىشقا پېتىنالمايتتىغۇ، ئۇ قانداقمۇ....
      --ياق، دادا، مەن ئىشەنمەيمەن، سىز يالغان ئېيتىۋاتىسىز!
      --ئىننە لىللەھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن ( ھەممىمىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىمىز، يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز). سەۋر قىل بالام. كېلىپ سىڭلىڭنى كۆرۈۋال...
      چاپىنىمنى قانداق كىيىپ ئۆيدىن قانداق چىققىنىمنى بىلمەيمەن. باشقىلارغا ھەر قېتىم « كۆردۈڭلارمۇ، ئاۋۇ مېنىڭ سىڭلىم» دېگىنىمدە ئۆزەمنىڭ شۇنداق بىر قىزغا ئاكا بولغىنىمدىن شۇنچىلىك پەخىرلىنەتتىم. ئۇ ھامان ھەممىدىن ياخشى ئىدى. مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىدە، زېھىم سىناش مۇسابىقىلىرىدە، ۋالىبول، تىكتاپ توپ مۇسابىقىلىرىدە... ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغىنى يوق ئىدى. ئەجىبا ئاشۇ سىڭلىم كېتىپ قالغانمىدۇ؟ بىرەر قېتىم نامازنى كېچىكتۈرسەم، ياكى بىرەر قىز ساۋاقدىشىم بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالسام قاپاقلىرىنى تۈرۈپ « ئەي مۇسۇلمان، ئاللاھتىن قورق» دەيدىغان سىڭلىم كېتىپ قالدىمۇ؟ ياغلىقىنى چىڭڭىدە ئوراپ، بىرەر تال چېچىنىمۇ كۆرۈندۈرۈپ قويمايدىغان، تىلىدا ھامان ئاللاھنى زىكرى قىلىپ تۇرىدىغان سىڭلىم كېتىپ قالدىمۇ؟...
      مەسچىتتە بامدات نامىزىنى ئوقۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدىم. ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشمەكچى ئىكەن.
--سىڭلىڭ تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەندىن بۇيان شاھادەت كەلىمىسىنى تاكى تىنىقى ئۈزۈلگىچە توختىماي زىكرى قىلىپ چىقتى،--دېدى دادام تۆۋەن ئاۋازدا،--سىڭلىڭغا ئاللاھ شەھىتلەر قاتارىدىن ئورۇن بەرسۇن. بۇ ئامانەتنى ياخشى ساقلىدىم، ئاللاھنىڭ سىڭلىڭ تۈپەيلى گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتىمەن....
      سىڭلىمنىڭ چىرايىغا قارىدىم، تولىمۇ خاتىرجەم، كۈلۈمسىرەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. لەۋلىرى ئازراق ئوچۇق، خۇددى ئېيتىپ بولالمىغان سۆزلىرى باردەك. ئۇ نېمە دېمەكچىدۇر؟ شاھادەت كەلىمىسىنى يەنە داۋاملىق ئېيتقۇسى بارمىدۇر، ياكى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە قانداقتۇر گۈزەل نەرسىلەرنى كۆرۈپ بىزگە شۇنى ئېيتىپ بەرمەكچىمىدۇر؟ بىزگە « بۇ يەر بەكمۇ گۈزەل ئىكەن، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار قاتارىدا بولۇپ بۇ يەرگە كېلىڭلار» دېمەكچىمىدۇر؟...
ۋەياكى « بىز نېمىلا قىلمايلى، ئاللاھ بىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. جىسمىڭ ۋە روھىڭ بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگىن» دېمەكچىمىدۇر.....
ۋە ياكى شۇلارنىڭ ھەممىسىنى...
      ئى ئارام تاپقۇچى جان! [27]. سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن [28]. سەن مېنىڭ (ياخشى) قاتارىغا قوشۇلغىن [29]. مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن [30]. 89- سۈرە، فەجر سۈرىسى


(بىر چەت ئەللىك مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھەقىقىي ۋەقەسى ئاساسىدا يېزىپ چىقىلدى)


يۇلغۇن مۇنبىردىكى مەستۇرە يازمىسى
تور مەنبەسى؛http://bbs.merifet.net/read.php?tid=36

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
zulayha + 90 مەن كۆرگەن ئەڭ ئېسىل تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 90   باھا خاتىرىسى

دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر!

ھاياتتىن گۈزەلل

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3276
يازما سانى: 1824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18023
تۆھپە نۇمۇرى: 611
توردا: 4982 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2014-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 04:21:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما خېلى بۇرۇنلا بىر سابىق مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان ،شۇ چاغدا شۇنداق تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم

باھار چېچەكلىرى دىماقلارغا ئۇرۇلدى ،لىكىن دىلنى چەكسىز غېرىپلىق قاپلىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10178
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 64100
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 8015 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 04:27:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇنىڭدىنمۇ ئېسىل تىل بىلەن يېزىلغان تېمىنى كۆرمۈدۈم. ئاخىرغىچە يىغلاپ ئوقۇپ تۈگەتتىم. اللە بۇ قىزنىڭ ياتقان جايلىرىنى يۇقۇرى جەننەتتىن قىلسۇن..امىن!

  ئى ئۇلۇغ رەببىم، ماڭا ئىماننى سۆيۈملۈك كۆرسەتكىن. ماڭا سېنىڭ مۇھەببىتىڭنى سۆيۈملۈك كۆرسەتكىن.

ھەم بۇ دۇئانى زىكرى قىلدىم . ھەم قانداق دۇئا قىلىشنىمۇ بىلدىم. ئىمانىم بىلەن كېتىشكە نىسىپ قىلغايلا...امىن!

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ھەق گەپ ئاچچىق ب

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7770
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25659
تۆھپە نۇمۇرى: 2844
توردا: 8007 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 04:29:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يوللاپسىز . تېخىمۇ تېرىشىڭ. تېخىمۇ ياخشى مەزمۇنلارنى يوللاپ تۇرۇڭ.

يۈرەك قانېمىغىچ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18529
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7023
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2012-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 05:14:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچان ئوقىغان بولغۇيتۇم بۇ ئەسەرنى ، ئىشقىلىپ تۇنجى ئوقىغان ۋاختىمدا ، ياشلىرىم بىلەن يۈزۈمنى يۇيغىنىم ئىسىمدە .
قايتا ئوقۇشقا نىسىپ قىلغان تىما يوللىغۇچىغا رەھمەت !

ھايات يالىڭاچلىنىپ ئاياللارغا ئايلانماقتا ، ياشار ئۇندا ئەركەكلەر سەرسان !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18277
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6252
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2014-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 05:27:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنچىلىك ياخشى يىزىلىپتۇ ،ئاللا دەرد بەرمىسۇن .  [s:166]  [s:166]  [s:166]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13153
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8108
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2012-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 05:49:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ، اللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىمان بىلەن كىتىشىگە نىسىپ قىلسۇن

سەرۋەر

ئۇيغۇر بالىلىرى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15067
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10463
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3820 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 05:54:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ بىزگىمۇ ئاشۇنداق ئىمان ئاتا قىلسۇن

ئېھ ،ئاللاھ مېنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7971
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9437
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3033 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2013-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-24 10:55:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ،نىمىدىگەن تەسىرلىك ،بۇ ئەسەرنى تۇنجى كۆرىشىم ،كۆز ياشلىلىرىمنى توختىتالمايۋاتىمەنغۇ ؟  [s:162]  [s:162] ئۇلۇغ ئاللاھ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىڭ .مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەرنى كۆرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ،قىرىندىشىم .

غەيرەتلىك بولغىن ،بۇكۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كېتىدۇ .
KuRaX527 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-25 12:02:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش