كەلگۈسىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيتى
[align=justify]كۈندىلىك خىزمىتىمنى تۈگىتىپ قايتىم كېلىپ،ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ گۈلتاجى ھىساپلىنىدىغان پۇلۇ ئەتتىم ،ئۆزۈم يەپ بۇلۇپ قىزىمنىڭ كېلىشنى ساقلاپ ئولتۇرغاچ تىلىۋىزورنى ئاچتىم،قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر سانىلىدىغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئۆزھال مۇقامى بېرىلىۋاتقانىكەن، ئون ئىككى مۇقام ،مۇقامچى ئوسمان ئەمەتنىڭ ئېغىزىدا تېخىمۇ ياڭراق بىر ھالەتكە كىرگەنىدى، تىلىۋىزورغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ قالدىم ،كەسپىم ئەدەبىيات بولغاچقىمىكىىن، ،ھەم مۇقامنىڭ تىلىنى ئالاھىدە تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەنگچكىمىكىن، مۇقامغا ئالاھىدە ئىشقىم بارئىدى، تىلى شۇنچىلىك گۈزەل سۆزلەر-ھە،بۇشىئىرلارنى قايسى ئۇقچۇپ تۇرغان يۈرەك يازغان بولغىيتتى،دۇردانىدەك پاساھەتلىك سۆزلەر شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان مۇھەببەت لىرىكىلىرى، مۇڭلۇق كۈيلەر،شۇنچىلىك ساپ تەبىئىي، لەرزان،ساختىلىقتىن رەزىللىك،سۈنئىيلىكتىن خالىي دۇنيا،،،،،مۇقامنى ھەربىر ئاڭلىغىنىمدا شۇنچىلىك ئويلاپ كېتەتتىم،مۇشۇ شېئىرلارنى يازغان كىشنىڭ مۇھەببىتى قانداق مۇھەببەت بولغىيتتى،نىمىشقا ھازىر بۇنداق مۇھەببەت يوق، شۇ دۇنياغا بېرىپ ياشىسامچۇ؟نىمىشقا بۇرۇنراق تۇغۇلمىغان بولغۇيتتۇم،كىيىۋالغان كىيىملىرىچۇ،شۇنچىلىك راھەت ھەم نەپىس،مۇقامنى ھەر بىر قېتىم ئاڭلىسام ئەجدادلىرىمىزنى كۆرگەندەك شۇلار بىلەن مۇڭدىشىۋاتقاندەك تۇيغۇغا چۆمۆپ قالاتتىم. شۇ گۈزەل خىياللار ئىلكىدە مەسىت بۇلۇپ كېتىپتىمەن،تاراق-تۇرۇق قىلغان ئاۋازدىن قىزىمنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدىم،ئۇ يوغان سومكىنى ئېسۋالغان قاپاقلىرى ساڭگىلىغان ھالدا قايتىپ ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى.
،ھە نېمە بولدىڭىز قىزىم ؟مەن خۇش تەبەسسۇم بىلەن ئۇنىڭدىن سورىدىم،ئۇ قاپىقىنىمۇ ئاچمىغان ھالدا جاۋاپ بەردى،نېمە بولاتتىم،شۇ ھېرىپ كەتتى،بۈگۈن يەنە ئىمتىھان ئالدى،يا سىز ئۆيدە خەنزۇچە گەپ قىلغىلى قويمىغان،يۇقۇرى نۇمۇر ئالالمايمەن شۇ، ئەمدى ئۆزىڭىزدىن كۆرۈڭ.
قىزىمنى ئۆيدە خەنزۇچە گەپ قىلغىلى قويمايتتۇق،چۈنكى ئۇ ئۆيدە ئۇيغۇرچە سۆزلىمىسە،ئۇنىڭغا باشقا ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە سۆزلەش ئىمكانىيتى ئاساسەن يوقتى،ئۇنىڭغا ئامال بار ئۇيغۇر مەدىنيىتى،تارىخنى سۆزلەپ بېرەتتۇق،ئۆزنىڭ كىملىكنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ئۆز مەدىنيىتىمىز ئىچىدە چوڭ بۇلۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلاتتۇق،ھەم بىز ئۆيدە سۆزلەپ بەرمىسەك ئۇنىڭغا سۆزلەپ بىرىدىغان مۇھىت يوق ئىدى.لېكىن ئۇ بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزغا بەك نارازى ئىدى.دائىم ۋايسايتتى.
ۋاي ئاپپاق قىزىم شۇنىڭغا چېچىلىپ كەتتىڭىزما،ھېچنىمە بولمايدۇ ،مەن سىزگە يۇقىرى نۇمۇر ئالالمىدىڭ دەپ بەك بېسىم قىلىپ كەتمەيمەن،پەقەت تىرىشسىڭىز،ئازادە خۇشال مۇھىتتا ،ياخشى پىسخىكا ئىچىدە چوڭ بولسىڭىز بولدى،مېنىڭ سىزدىن كۈتدىغان ئۈمىدىم شۇ قىزىم،
بولدى،بولدى،تاماق ئەكىلىڭە ،قورسۇقۇم ئېچىپ كەتتى.
بىز ياشىغان دەۋىر ئوخشىمامدۇ،ياكى بىز ئالغان تەلىم-تەربىيمۇ ئەيتاۋۋۇر قىزىم بىلەن مېنىڭ مىجەزىم ئوخشىمايدىغان ئىككى دۇنيا ئىدى،مەن شوخ ھەرقانداق ئىشتا خۇشاللىقنى ئۆزۈمگە يار قىلغان ئاسانلىقچە خۇيلىنىپ ئاچچىقلاپ كەتمەيمەن،لېكىن قىزىمچۇ؟قاپىغىنىڭ ئېچىلغىننى كۆرگىلى بولمايدۇ،ھەر ۋاقىىت ساڭگىلاق ھالەتتە تۇرىدۇ.يا خاپا بولغىننى ياكى خۇشال بولغىننى ئاسانلىقچە بىلگىلى بولمايدۇ،
مەن يەنە مىيىقىمدا كۈلۈپ قۇيۇپ،تەييار قىلىپ قويغان تاماقنى ئەكەلدىم،
قىزىم تاماقنى كۆرۈپ يەنە ئەرۋاھى ئۇچتى،«يەنە پولۇ ئەتتىڭىز؟» ، ئۇنىڭ گىپى تۈگىمەستىنلا ،بولدى ئەمدى گەپ قىلما دېگەن مەنىدە ، ، مەن كۆزۈمنى قىسىپ قويدۇم،مېنڭمۇ ئەمدى ئاچچىقىم كەلگەنىدى.ئۇ غۇدۇرغان پېتى ساپاغا كىلىپ ئولتۇردى،مۇقامنىڭ مەشرەپ قىسمى شۇنچىلىك ئەۋىج ئالغان ھالدا چىقىۋاتاتتى،
يەنە كۆرەمدۇق بۇ مۇقامنى ،قىزىم يەنە غۇدۇڭشۇپ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدى،يا ھىچنىمىنى چۈشەنگىلى بولمىغان،ئالدىنقى قېتم كۆرۈپ بولغانتۇققۇ،،،،،،،،
كۆزلۈرۈم ئۈنسىز ياشقا تولدى،زادى نېمە ئۈچۈن؟قىزىم مېنىڭ ئۈمىدىم ،ئارزۇيۇم ئەمەسمۇ ، قايتا تۇغۇلۇشۇم،قايتا تىرىلىشم ئەمەسمۇ،نىمىشقا ماڭا قىلچىلىكمۇ ئوخىشمايدۇ،مەن ئائىلە تەربىيىسدە يىڭىلدىممۇ قانداق؟نىمىشقا مەندەك بىر مەدىنيەت سۆيەر،مەدىنيەتنى، تىلنى، قانداق قوغدىسام ئۈنۈملۈك قوغدارمەن دەپ بېشى قېتىۋاتقان مۇقام،خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى دېسە خۇشاللىقتىن بېشى كۆككە يىتىدىغان مەن ئۈچۈن بۇ بىر مەغلۇپ بۇلۇش ئەمەسمۇ،ئۇ مېنڭ ۋارىسىم ئىدىغۇ؟مەن قىلىپ بولالمىغانلىرىمنى ئۇ قىلىدۇ دەپ ئۈمىد كۈتمىگەنمىدىم،ئەمدىلىكتە ئۇمېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمنىمۇ چۈشەنمىسۇ بۇ قانداق بولغىنى يېشىمنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم،
ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم،زادى نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشلار بۇلىدۇ،قىزىم ئەسلى بۇنداق دىمەسلىكى كېرەك ئىدى،ئەجدادلىرىمىز شۇنچىلىك تەستە بىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەن مىراسقا بۇنداق مۇئامىلە قىلساق بولمايتتى،مۇقامنى بىز ئاڭلىمىساق كىم ئاڭلايدۇ،تىلنى بىز سۆزلىمىسەك كىم سۆزلەيدۇ،مىللى مەدىنيىتىمىزنى بىز قوغدىمىساق كىم قوغدايدۇ،پولۇنى بىز يىمىسەك كىم يەيدۇ(چۈشەنسە بۇنىڭ ئۇزۇقلىق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى)،،،،،،،،بۇنىڭ مۇھىملىقنى مەن قىزىمغا چۈشەندۈرمىسەم كىم چۈشەندۈرىدۇ.
يەنە قايتا يېنىپ چىقتىم ، قىزىم تېخى كىچىك ئۇنىڭغا ئالدىرماي چۈشەندۈرۈشۈم،بىلدۇرشۈم كېرەك چۈنكى، بۇ ياكى ئۇنىڭ خاتالىقى ئەمەس ،ئاچچىقلاپ ئۇنىڭغا قېيداپ يۈرسەم تېخىمۇ چوڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولىمەن،
ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا باردىم،ئۇ خىيالىدا يوق خەنزۇ تىياتىرى كۆرۈپ ئولتۇراتتى،قىزىم قانداق بۇنى كۆرۈشكە سىز ئامراقمۇ؟چۈشىنىۋاتامسىز؟دەپ سورىدىم،ئىشقىلپ مۇقامغا سېلىشتۇرغاندا ياخشى دېدى ئۇ،نىمىشقا بۇنداق دەيسىز؟قىزىم دېدىم سەمىيمىلىك بىلەن،
ئانا سەنمۇ ئويلاپ باقمامسەن،مەن مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملەر،مۇئەللىم سۆزلەيدىغانلىرى،كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچرىغانلىرى ھەممىسى مۇقامدا بىرەرىمۇ ئۇچرىمىسا مەن ياشاۋاتقان دۇنيا بىلەن بۇ ئىككى خىل دۇنيا تۇرسا بۇ مەن كۆرىۋاتقان تىياتىردا بولسا ھەممىسى شۇ تۇرسا ،مەنمۇ قىزىقىشىم بويىچە شۇنى تاللىمامدىم.گېپىنى تۈگىتىپ يەنە داۋامىلىق كۆرىۋەردى،مەن بىلەن قىلچىلكمۇ كارى يوق.
ھېلىمۇ ئىسىمدە،چوڭلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە يامان بۇلىدۇ دەپ ئالدىدىنمۇ ئۆتمەيتتۇق،بىرەر ئېغىز گەپ ياندۇرۇشقۇ يوق گەپ ئىدى،
ئاتا-ئانىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاۋايلاپ خاتا گەپ قىلسىمۇ ئەستايىدىل ئولتۇرۇپ ئاڭلايتتۇق دەردىگە دەرمان بۇلاتتۇق،قۇلىغا-قول،پۇتىغا-پۇت بولاتتۇق،لېكىن ھازىر،ئەھۋال پۈتۈن ئەكسىچە،،،،
شۇنداقمۇ ،نېمىشقا بۇنداق دەيسىز قىزىم،مۇقام بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان مەڭگۈلۈك ئابىدە،ئۆلمەس ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسىرى،مۇقامنى بىز ئاڭلىمىساق كىم ئاڭلايدۇ؟مۇقام دېگەن جاننىڭ راھىتى، پاك مۇھەببەنىڭ سىموۋلى،ئەجدادلرىمىزنىڭ شانلىق تارىخىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان ئۆلمەس پاكىت قىزىم،قاراڭ ئۇنىڭدا ئەكىس ئەتكەن،ئەخلاق-پەزىلەتنى،ۋاپادارلىقنى،ئىسىل مەدىنيەتنى،ئەڭ ئاددىيسى قىزلارنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق ئۆلچىمى دېگەندەكلەر،،،،، ھەممىسى بار ،بىز باشقىلاردىن پەرقلەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن بىز قىزىم ، ئويلاپ بېقىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز ئەجىبا ئەۋلدلىرنىڭ ئۆزى قالدۇرغان مىراسلارنى مۇشۇنداق خار قىلغانلىقىنى كۆرسە قانچىۋىلا كۆڭلى يېرىم بۇلا-ھە! سۆزلەۋېتىپ يىغلاپ تاشلىدىم.
ئۇنىڭغىمۇ بۇرۇن بۇ ھەقتە خېلى تەربىيە بىرەتتىم،ئۇ گىپىمنى ئاڭلاپ ئازراق بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك ئاستا ئورنىدىن تۇردى،ۋە ياتاق ئۆيىگە قاراپ ماڭدى،يەنىلا بالا دىگەن بالىدە،ئۇ ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيلىشىگە،ئاسرىشىغا كۆيۈنىشىگە مۇھتاجدە،قىزىمدىن سۆيىنىپ خۇشاللىق ئىچىدە قاراپ قالدىم.
يەنە بىر قېتىم شۇنى ھىس قىلدىمكى بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈستىدىكى يۈكنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىقىنى،باشقىلاردىن،باللىرىمىزىدىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا مەجبۇرىيتىمىزنى سەگەكلىك بىلەن تۇنۇپ يىتىپ بالىلارنىڭ بىرىنجى مەكتىپى بولغان ئائىلىدىن باللىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن ياخشى ئۇل سالايلى.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم