مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1668|ئىنكاس: 24

مۇشائىرەدىن كەلگەن نادىر ئىنكاسلار(مەيلىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەسلى بونداق بول

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 169
يازما سانى: 2198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 147860
تۆھپە نۇمۇرى: 2058
توردا: 7662 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-22 11:50:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەيلىمۇ

 

شاقۇر:

كۆيۇپ ئىشقى پىراقىڭدا كۈل بوپ ئۆچسەم مەيلىمۇ؟

گۈل ئىدىمكى ھىجرانىڭدا تۇزۇپ كەتسەم مەيلىمۇ؟

سىنىڭ ئۇچۇن ئاتاپ تۇرۇپ ياشلىغىم ھەم بارلىغىم،

ۋىسالىڭىسىز قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتسەم مەيلىمۇ؟

 

كۆكيار

ۋىسالىڭىسىز قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتسەم مەيلىمۇ؟   
سۆيگۈ ئوتى قىلسا ۋەيران، ئۆلۈپ كەتسەم مەيلىمۇ؟
  
ھىجران دەردىدا نىگار، كۆز يىشى قىلسام مەيلىمۇ؟

ۋەسلىڭ ئۈچۈن دىلدارىم تەلمۈرىسەنم مەيلىمۇ؟

 

مەجنۇنتال

ۋىسالىڭىسىز قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتسەم مەيلىمۇ؟
ئوتۇڭدا كۆيۈپ كۈل بولۇپ توزۇپ كەتسەم مەيلىمۇ ؟

قىلغىن رۇخسەت بولاي گۈلىان ئىشقىڭدا مەن مەيلىمۇ ؟
جاپالاردا  ھەم ھالاۋتتە بولۇپ ھەمرامەيلىمۇ ؟

 

گۈل بەشكەر

ۋەسلىڭ ئۈچۈن دىلدارىم تەلمۈرىسەم مەيلىمۇ،   
يىتەلمەستىن ۋەسلىڭگە ئاھلار يۇتسام مەيلىمۇ. 
  
ۋاپادارمەن بىر ساڭا  ئىشىقىڭ ئۈچۈن ۋاقىتسىز،

پاك سۈيگۈمنى سەن ئۈچۈن قۇربان قىلسام مەيلىمۇ. 


 
شاقۇر

پاك سۆيگۇمنى سەن ئۈچۈن قۇربان قىلسام مەيلىمۇ؟
سۆيەلمەستىن،سۆيۇشنى كۈتۈپ كەتسەم مەيلىمۇ؟ 

 تۇندە ھىجران دەستىدىن،ئايغا مۇڭداش،سىرداش بوپ.
پىراقىڭدا كۆزلىرىم ياشلاپ كەتسەم مەيلىمۇ؟

 

چاپلىن

تەلمۈرۈشكە تەييارمەن جانىم پىدا مەيلى ئىدى
ئاھىڭغا مەن قايتۇرۇپ قىلدىم سادا مەيلى ئىدى

پاك سۆيگۈڭگە جاۋابىم شۇ مىنىڭكى

سۆيگۈنىڭ شەرتىنى مەن قىلسام ئادا مەيلى ئىدى

 

كەپسز قىز

پىراقىڭدا  كۆزلىرىم ياشلاپ  كەتسە مەيلىمۇ   
ھېدىڭىنى پۇريالماي داۋان كەزسەم مەيلىمۇ

ئاشىق رۇمانى داستان قىپ يېزىپ كەتسەم مەيلىمۇ 
  
شوخ ئاۋازىڭىنى سېغىنىپ ئىزدەپ يۈرسەم مەيلىمۇ

 

فاتىمە

پاك سۆيگۈمنى سەن ئۈچۈن قۇربان قىلسام مەيلىمۇ،

 پىنھان مۇھەببەت دەردىنى تارتىپ ئازاپلانسام مەيلىمۇ. 

 پاك ئەقىدەم ،ئۈزۈلمەس رىشتەم، ۋاپادارلىقىم بىلەن،
سىنى كۈتۈپ بىر ئۆمۈر ئۈلۈپ كەتسەم مەيلىمۇ.


 

چاپلىن

مەيلى ئەمەس چىدىمايمەن كۆز يىشىڭغا   
يىغلىمىغىن گەر كۈلپەت كەلسە بىشىڭغا

كۈلپەتلەرنى يىڭىڭ ئۈچۈن تەيياردۇرمەن
مەن ھازىرمەن ھەر كۈلپەتنى بىللە يىڭىشقا


گۈل سەبىر

پىراقىڭدا كۆزلىرىم ياشلاپ كەتسەم مەيلىمۇ؟  
يوللىرىدا ۋاپانىڭ قۇربان بولسام مەيلىمۇ،
 
ئىشىكىڭدە تەلمۈرۈپ،ئەزىز جاننى خار قىلىپ،
  
بىر سەن ئۈچۈن جاھاندا تەنھا قالسام مەيلىمۇ؟

 

شاقۇر

شۇخ ئاۋازىڭىنى سىغىنىپ ئىزلەپ يۇرسەم مەيلىمۇ؟
مەن بولۇپ كاككۇك كەبى سايراپ يۇرسەم مەيلىمۇ؟   
سۆيگۇسىز گۈلشەن ئارا.گۈللەر ئۈزۇش تەس ئىكەن، 
 
گۈل تۇرۇپ.گۈللەر تۇرۇپ مەن ئۈزۇلسەم مەيلىمۇ؟

 

قىشلاق

پاك سۆيگۈمنى سەن ئۈچۈن قۇربان قىلسام مەيلىمۇ،
قۇربان بولسام رەقىبلەر، قەبرەمدە ناخشا ئېيتسا مەيلىمۇ. 
   
زار- زار يېغلاپ دۇنيادا لەيلى كەبى قالساڭ مەيلىمۇ،

شۇندا يارىڭ قەبرىدە روھى قورۇلۇپ قالسا مەيلىمۇ.

 

پىستە بادام  

ۋىسالىڭسىز قۇرۇپ قاخشال بۇلۇپ كەتسەم مەيلىمۇ؟

يىتىش ئۈچۈن ۋەسلىڭگە مەن پىغان چەكسەم مەيلىمۇ؟
ئالتە كۈنلۈك ئالەمدۇر بۇ  ھەممە ئىشنىڭ چېكى بار.

يىتەلمىگەچ ۋسلڭگەمەن خەقنى سويسەم مەيلىمۇ؟

 

شاقۇر  

سىنى كۈتۈپ بىر ئۆمۇر ئۆلۇپ كەتسەم مەيلىمۇ؟

باشقىلارغا رايىم يوق.سۆيۇپ ئۆتسەم مەيلىمۇ؟  
سۆيگۇلەرگە زاز بولۇپ،سۆيمىگەنگە خار بولۇپ،

خەۋىرىڭ يوق ،كارىڭ يوق.كۆيۇپ ئۆتسەم مەيلىمۇ؟


شاقۇر  
بىر سەن ئۈچۈن جاھاندا تەنھا قالسام مەيلىمۇ؟ 

 ۋەسلىڭ ئۈچۈن كۆز ياش قىپ.كۆزدىن تالسام مەيلىمۇ؟
مەشۇق ئىدىم سۆيگۇدە.ئاشىق بولدۇم سۆيگۇڭدە،

سۆيگۇڭ ئۈچۈن تۈنلەردە.يىغلاپ ھارسام مەيلىمۇ؟

 

گۈل سەبىر

مەن بولۇپ كاككۇك كەبى سايراپ يۇرسەم مەيلىمۇ؟
بىخەۋەر سەن ئۆزگىگە كۆيۈپ يۈرسەڭ مەيلىمۇ؟

  ئاجايىپ جاھان ئىكەن قاچقاننى-قوغلايدىغان،
ئاشىق گۈلگە ۋاپا قىلماي،شاخلاپ يۈرسەڭ مەيلىمۇ؟

 

قىشلاق

خەۋىرىڭ يوق ،كارىڭ يوق.كۆيۇپ ئۆتسەم مەيلىمۇ؟ 

    سۆيگۈ ئۇتۇڭدا كۈيۈپ كۈل بولۇپ تۇزىسام مەيلىمۇ.   
كۆيۈش يەنە كۆيۈش پۇچىلانماي يۈرىكىم ساق پېتى،

 كاۋاپدىڭدا تەملىك، سەن ئۈچۈن يىيىشلىك پىشسام مەيلىمۇ؟

 

شاقۇر

بىخەۋەر سەن ئۆزگىگە كۆيۈپ يۈرسەڭ مەيلىمۇ؟
كۈلۈپ باقسام مەن ساڭا قاپاق تۈرسەڭ مەيلىمۇ؟ 
  
يىغلىدىم سۆيگۇ ئۇچۇن،ئىزلىگەن سۆيگۇم ئۇچۇن،

تەلمۇرۇپ تۇرسام يىنىڭدا.باشقىنى سۆيسەڭ مەيلىمۇ؟

 

شاقۇر

سۆيگۇ ئۇتۇڭدا كۈيۈپ كۈل، بولۇپ توزىسام مەيلىمۇ؟

گۈل بىغىڭدا ،گۈل لالە  بولماي سولسام مەيلىمۇ؟  
گۈلۇم ئەمەس،ئۆزگىنىڭ گۈلى بولماق تەس ئىكەن.
 
بولماق ئۈچۈن گۈل ساڭا.قۇلۇڭ بولسام مەيلىمۇ؟

 

گۈل سەبىر

سۆيگۇڭ ئۈچۈن تۈنلەردە.يىغلاپ ھارسام مەيلىمۇ؟ 

 ئاچچىق ئازاپ ئىلكىدە ۋەيران بولسام مەيلىمۇ؟
كىملەردۇر ئىيىتقانكەن مۇھەببەت"شىرىن-ئازاپ

ھوزۇرىنى ئالالماي،ئازاپ تارىتسام مەيلىمۇ؟

 

شاقۇر

ئاچچىق ئازاپ ئىلكىدە،ۋەيران بولسام مەيلىمۇ؟   
شىرىن ھسقا قۇل بولۇپ.سەرسان بولسام مەيلىمۇ؟

راسمىدۇ مۇھەببەتنىڭ<ئازابى>شىرىن دىگەن.

كۈندۇزى چۇشلەر كۆرۇپ،ئەلەس يۈرسەم مەيلىمۇ؟


 

گۈل سەبىر

گۈلۇم ئەمەس،ئۆزگىنىڭ گۈلى بولماق تەس ئىكەن.
يۈرەكتە ئاچچىق ئازاپ،سۆيۈپ يۈرمەك تەس ئىكەن،

جاھاندا يەكتا سىمايىڭ،قەلبىمدە تەكرارلىنىپ،

ئۆزگىگە قىلماق تەبەسسۇم، بەئەينى "سەدىقە"ئىكەن.

 

شاقۇر

يۈرەكتە ئاچچىق ئازاپ، سۆيۇپ يۈرمەك تەس ئىكەن،   
زۇرىغا كۈلۈپ شۇنداق. كۆيۈپ يۈرمەك تەس ئىكەن. 
  
سۆيسەم شۇنداق مەيلىمۇ؟ كۆيسەم شۇنداق مەيلىمۇ؟

ئۆزگىگە سەنسىز كۈلۇپ. كۆنۇپ يۈرمەك تەس ئىكەن.

 

ئايسىما

ۋىسالاڭسىز قۇرۇپ قاخشال بولۇپ كەتسەم مەيلەمۇ،   
ھەر كېچىسى ئۇخلىيالماي قوشاق قاتسام مەيلىمۇ.

جانان ئۈچۈن داۋان ئېشىپ ياياق يۈرسەم مەيلىمۇ،

سەن جانىمنى مەن كۆرگىچە ئۆلۈپ كەتسەم مەيلىمۇ.

 

فاتىمە

سەن جانىمنى مەن كۆرگىچە ئۆلۈپ كەتسەم مەيلىمۇ،  
ۋەيرانە بۇلۇپ چۆل -جەزىر كىزىپ يۈرسەم مەيلىمۇ.
  
تۈن كىچىلەر ئۇخلىماي ۋىسال تىلەپ قىلىپ ئاللادىن، 

 پىنھان  قەلبىم ئازاپلىنىپ غەمكىن يۈرسەم مەيلىمۇ.

 

قاينام

كىتىپ قالدىڭ  يىنىمدىن تەنھا قالسام مەيلىمۇ،

يالغۇزلۇقتا مۇڭ بېسىپ كۆز يۇممىسام مەيلىمۇ .
كۈلۈپ تۇرغان چىرايىڭ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ، !
  
سېغىنىشتا ئىسمىڭنى «جۆيلۈپ»سالسام مەيلىمۇ. 


خوشال ئۆتكەن شۇ چاغلار ھېچ ئېسىمدىن كەتمەيدۇ،
خوشال ئۆتكەن شۇ كۈنلەر بەربات بولسا مەيلىمۇ.

ئىككىمىزگە يالداما شۇ سۈرەتلەر قولۇمدا ،

جۈپ گەۋدىدىن ئۆزەمنى ئايرىۋالسام مەيلىمۇ.

 

شاقۇر

جۇپ گەۋدىدىن ئۆزۇمنى ئايرىۋالسام مەيلىمۇ؟
بەرگەن ۋەدە .قەسەمدىن يىنىۋالسام مەيلىمۇ؟ 
 
سۆيگەن تۇرۇپ.كۆيگەن تۇرۇپ تىنىش ئاسانمۇ؟

سەندىن كىچىپ ئۆزگىلەرنىڭ يارى بولسام مەيلىمۇ؟

 

پىنھان قەلبىم ئازاپلىنىپ غەمكىن يۈرسەم مەيلىمۇ؟   
باشقىلارغا كۆڭۈل بىرىپ ئاچچىق كۈلسەم مەيلىمۇ؟

سۆيگۇ دىمەك، سۆيۇش دىمەك. سۆيۈلۇش دىمەك. 
 
سۆيۇش ئەمەس.سۆيۇشۇڭنى كۈتۈپ كەتسەم مەيلىمۇ؟

 

ئۇگەنگۇچى

كىيىن قالساممۇ دوسلار،مۇشائىر قاتسام مەيلىمۇ،
نە مۇشائىر قاملاشمىغان سۆزلەرنى يازسام مەيلىمۇ،

مۇھتاجدۇر ئوگەنگۈچى بارچە دوسلار ياردىمىگە. 
  
مۇنبەرداشلار،قەلىبداشلار،ياردىمىدە كۈلسەم مەيلىمۇ.

 

شوخ پەرىشتە1

مۇنبەرداشلار،قەلىپداشلار،ياردىمىدە  كۇلسەم  مەيلىمۇ،  
گۇلگە ئامراق شوخ بۇلبۇلدەك سايراپ كەتسەم مەيلىمۇ. 
  
تالاي كىچە ئۇخلىماي، جانىم -جانانىم  ئۇتۇڭدا،

ئۇششۇك تەككەن ياپراقتەك ،سارغىيىپ كەتسەم مەيلىمۇ.

شاقۇر

ئۇششۇك تەككەن ياپرەقتەك،سارغىيپ كەتسەم مەيلىمۇ؟

كۈز بولماستىن.باھاردا خازان بولسام مەيلىمۇ؟

تەلمۇرۇشتە مەن ساڭا. كۈندە ھىجران دەستىدىن،

ماڭا سالغان شۇ ئۇتۇڭدا ،نىمجان بولسام مەيلىمۇ؟

 

تاڭنۇر

دوسلار سورۇن قۇرۇپتۇ ، مەنمۇ كىرسەم مەيلىمۇ ؟   
ئىچىمدىكى دەردىمنى ، مىسرا قىلسام مەيلىمۇ ؟ 
  
يازالمىسام ئەگەردە ، دوسلار بىلەن ،ئەگىشىپ ،

چاۋاك چېلىپ سىرىتتىن ، ئالقىش بەرسەم مەيلىمۇ ؟


 

شاقۇر

دۇستلار سورۇن راسلىدى.سىز كىرىسڭىز مەيلىغۇ؟
ئۆز كۆرسىڭىز بىزلەرنى دەرت تۆكسىڭىز مەيلىغۇ؟ 
 
يازالمىسىڭىز ئەگىشىپ ،بىز يۇرمەسمىز تەگىشىپ.
 
جىم تۇرماستىن.ئالقىشلاپ مەدەت بەرسىڭىز مەيلىغۇ...


ئىچىمدىكى دەتلەرنى مىسرا قىلسام مەيلىمۇ؟ 
  
دەتلىرىمگە سىنىمۇ.ئەسرا قىلسام مەيلىمۇ؟ 
  
يالغۇز كەلدىم .دەتلەرگە،باشقا چۇشكەن غەملەرگە، 
  
مەن تارتىقان شۇ كۈلپەتكە ھەمراھ قىلسام مەيلىمۇ؟

تاڭنۇر

تۇرسا ياندا سۆيگۈنۈم ، سۆيسەڭ مىنى مەيلىمۇ ؟

قەدىرىڭ بولماي يېنىمدا ،تاشلانساڭمۇ مەيلىمۇ ؟
خۇشپۇراقلىق بېغىڭغا ،تىكىپ ئۆزۈڭ تىكەننى ،

يۇمران نوتا بەرگىنى ، قان - زار قىلساڭ مەيلىمۇ ؟

ئۇگەنگۇچى

چاۋاك چېلىپ سىرىتتىن ، ئالقىش بەرسەم مەيلىمۇ ؟   
قۇربىم يەتسە قانچىلىك،ياردەم قىلسام مەيلىمۇ؟   
قول سۇنسام  ياردەمگە،ئېچىلار چىھرىم ئاپتاپتەك،
ياردەملەرنى قىلالماي،ھەسىرەتتە كۈلسەم مەيلىمۇ؟

ئاق مۇشۇك

ئىشقى ئوتۇڭغا سىلىپ قويۇپ تاشلاپ كەتسەڭ مەيلىمۇ؟   
سېغىنىشتا بىر ئۆمۈر كۆز ياش قىلسام مەيلىمۇ؟  
قانداق يۈرەك سەندىكى ئاشىق يۈرەكنى سەزمىگەن.
بىر سەن ئۈچۈن بۇ يۇرۇتنى تاشلاپ كەتسەم مەيلىمۇ؟ 

ئازغۇن110

بىر سەن ئۈچۈن بۇ يۇرتنى تاشلاپ كەتسەم مەيلىمۇ؟
ئاتا- ئانام قەلبىنى خازان ئەتسەم مەيلىمۇ؟ :  
قانداق يۈرەك سەندىكى كۆز يېشىمغا تاش بولغان،
سېنىڭ ئۈچۈن جان كېچىپ، كۆيۈپ ئۆلسەم مەيلىمۇ؟

ئايسىما

ھەممىسىگە  جاۋاپ يېزىپ مەنلا قالسام مەيلىمۇ،
بۇ  ئىشلىرىڭىز ھار كېلىپ يىغلاپ كەتسەم مەيلىمۇ .

مېنى يېڭى كىردى دەپ شۇنداق چەتكە قاقامسىز.   
بۇ مۇنبەرگە ئەمدى  كىرىپ تېزىپ كەتسەم مەيلىمۇ.

شاقۇر

بۇ مۇنبەرگە يىڭى كىرىپ تېزىپ كەتسىڭىز مەيلى ئەمەس،
مەندە ئىكەن سەۋەنلىك يىغلاپ كەتسىڭىز مەيلى ئەمەس.
لىكىن مەندە گۇناھ يوق.چەتتە قالغان ئۆزىڭىز،
يەنە مىنى ئەيىبلەپ قىيداپ كەتسىڭىز مەيلى ئەمەس....

نۇرغۇن دۇستلار بار ئىدى مۇشائىرە قىلىشقا ئۇستا لىكىن شۇنچە كۈتسەممۇ ئۇلار كەلمىدى.
بولسا مۇشۇ تىمىنىڭ ئاخىرغا ئۇلارنىڭ نادىر ئىنكاسلىرىنىڭ چۇشۇشنى ئۇمىدى قىلىمەن.


مەنبە:مىسرانىمدىكى مۇنبەرداشلار


رېئالىقتا ساختىلىقىڭ ئاشكارە تۇرسا.مەۋھۇم دۇنيادا ساڭا قانداقمۇ ئىشىنەي!!!

مۇنبەردىكى ئارخ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16350
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7240
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2010-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-22 12:07:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاقۇر سىڭلىم ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ .....
    بەدىئىلىككە دىققەت قىلىڭ .     ئاندىن  ئىملاغا دىققەت قىلىڭ .

ئوتياق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13482
يازما سانى: 3785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16600
تۆھپە نۇمۇرى: 1089
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-22 12:08:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىھىن قويۇپ يېزىلغان ئىنكاسلىرىڭىزدىن سۆيۈندۇم. مانا بۇ ئۇنۋىرسال تۆھپە ...

ئەسلى بونداق بول

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 169
يازما سانى: 2198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 147860
تۆھپە نۇمۇرى: 2058
توردا: 7662 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-22 12:09:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت yalguz~piqak كە 2010-11-22 12:07 PMئەۋەتىلدى :
شاقۇر سىڭلىم ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ .....
    بەدىئىلىككە دىققەت قىلىڭ .     ئاندىن  ئىملاغا دىققەت قىلىڭ .

كۆزىڭىزگە پايپاق كىيۋالمىغانسىز.قىزمۇ ئۇغۇلمۇ دىققەت بىلەن سۆزلەڭ ھە....ئىملا بىلەن قالماي
قۇسۇرچىلىقنىمۇ.قۇسۇر چىقمىغۇدەك قىلغۇلۇق دۇستۇم....

رېئالىقتا ساختىلىقىڭ ئاشكارە تۇرسا.مەۋھۇم دۇنيادا ساڭا قانداقمۇ ئىشىنەي!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10158
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63972
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7998 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-22 12:10:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن سىلەرگە بىر بەخىت تىلەۋەرسەم مەيلىمۇ؟
گۈللەپ ياشا مىسرانىم دىسەم، يەنە مەيلىمۇ؟
پورەكلىگەن گۈللەر كەبى ھەم ئېچىلىپ كۈلگەن،
شۇ دوستلارنى تەبرىكلەپ،قىلدىم ھەمدە سەيلىمۇ.


ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ئامېرىكا بىزنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16185
يازما سانى: 499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8604
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2010-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-22 12:16:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزغۇ مۇشائىرە قىلىشنى بىلمەيمىز ...............ئەمما ھۇزۇرلىنىشنى بىلىمىز ! [s:132]

ئامېرىكا قىممەت قارىشىڭدا چىڭ تۇر !
ئوگەنگۇ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-22 12:34:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6417
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239285
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12473 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-22 01:05:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باش سۈرەتتە ئوغۇلنىڭ ،رەسىمى تۇرسا ئېسىقلىق ،
زەڭ سالماستىن ئۆزەمچە ،قىزچاق دىسەم مەيلىمۇ ؟
چىققان ھەر- بىر تېمىنى ،ئۇقۇماستىن چۈشۈنۈپ ،
تېما بىلەن كارىم يوق ، ئىنكاس يازسام مەيلىمۇ ؟

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن
ئۇدۇن ئو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-22 01:07:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەسلى بونداق بول

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 169
يازما سانى: 2198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 147860
تۆھپە نۇمۇرى: 2058
توردا: 7662 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-22 01:46:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت tagnur كە 2010-11-22 01:05 PMئەۋەتىلدى :
باش سۈرەتتە ئوغۇلنىڭ ،رەسىمى تۇرسا ئېسىقلىق ،
زەڭ سالماستىن ئۆزەمچە ،قىزچاق دىسەم مەيلىمۇ ؟
چىققان ھەر- بىر تېمىنى ،ئۇقۇماستىن چۈشۈنۈپ ،
تېما بىلەن كارىم يوق ، ئىنكاس يازسام مەيلىمۇ ؟


يىگىت تۇرۇپ.ئەر تۇرۇپ،بالا كۆرۇنسەم مەيلىتى،
شۇ ئۇماقلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالسام مەيلىتى.
ئوغا ئارلاشقان سۆزىگە.پايپاق كەيگەن كۆزىگە.
قىز ئەمەس، مەردۇ-مەردانە ئۇغۇل كۆرۇنسەم مەيلىتى.

رېئالىقتا ساختىلىقىڭ ئاشكارە تۇرسا.مەۋھۇم دۇنيادا ساڭا قانداقمۇ ئىشىنەي!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش