مېيىپ بولغان روھ
21-ئەسىردىن ئىبارەت ئۇچقاندەك تەرققىي قىلىۋاتقان رىقابەت ۋە ئۇچۇر دەۋرى بىزدىن توختىماي يېڭىلىق يارىتىشىمىزنى ھەم يەنە ئۆزى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ئالتۇندەك ياشلىقىنڭ ھەر بىىر تىنقىنىمۇ قەدىرلەپ ،ئىلىم-پەن ئاسمىندا تېنىمسز قانات قېقىپ جەمئىيىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۈن-تىنسز تۆھپە قوشىۋاتقان ياشلىرىمىزغا ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز ئەلۋەتتە.
روھىي جەھەتتە ناھايىتى ساغلام بولۇپ ھەرقانداق ئەمگەك قىلىش ئقتىدارىغا ئىگە بولسمۇ ،ئۇلارنىڭ جسمىدىكى ھورۇنلۇق،بوشاڭلىق ،نادانىلق... قاتارلىق ناچار ئىللەتلەر ئۇلارنىڭ روھىنى مېيىپ قىلۋەتمەكتە.
يېقىندا مەن شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلغان جاڭ جىچىڭنڭ"زاماندىن ھالقىغان خوكىڭ"نامىلق كىتابىنى ئوقۇپ ناھايتتى تەسىرلەندىم.
كىتابتا تەسۋرلىنشچەخوكىڭ گەرچە جسمانىىي مېيپ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ پولاتتەك جاسارىتى ۋە ھاياتقا بولغان ئىنتىلشىگە تاينىپ نۇرغۇنلغان يېڭلىقلارنىڭ شاھىدى بولۇپ دۇنيانى زىل-زىلگە سالغان ئالەمشۇناسلىق ئىلىمي ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان مەشھۇر شەخس ئىكەن.
بەلكىم بەزى كىشلەر خوكىڭنڭ مەشھۇر ئالىم ئىكەنىلكىنى بىلشى مۈمكىن ،يەنە نۇغۇن كىشلەر بىلمەسلىكىمۇ مۈمكىن .ئەمما، مەن ئشىنمەنكى نۇرغۇنلغان نەتىجىلەرنى قازانغان مەشھۇر ئالىمىنڭ رەھمسزلەرچە چاقلىق ئورۇندۇققا بەند قىلنغان كىشى ئىكەنلكىنى بىلمەسلىككى مۈمكىن.ئەپسۇس، ھەقىقەت شۇنى ئسپاتلايدۇكى ،مەشھۇر ئالىم خوكىڭ بۇ غايەت زور تەتقىقات ۋە بايقاشلىرىنى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تاماملىغان.
ئۇ ئەسلىدە ئاز ئۇچرايدىغان روگارى كېسلىگە گىرىپتار بولغان ئىكەن.بۇنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى پۇت-قولى قولاشماسلق ،تىلى كالۋالىشش بولۇپ،دەل مۇشۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىكەن.خوكىڭ ئەنە شۇنداق رەھمسز كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسىمۇ،رەھمسز تەقدىر ئالدىدا قىلچە باش ئەگمەي قەيسىرانىلىك بىلەن ياشاپ،ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قاراپ،ئۇلۇغۋار پىلانلىرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھاياتقا پۇختا ئاساس سالغان.
ئۇ 1965-يىلى ئالەمدىككى مىكرو دولقۇنىنڭ ئارقسدىكى رادىئاسيە نۇرنىڭ بايقىلشى بولغان(گامودا)نى بايقىغان ئارقىدىنلا خوكىڭ خىزمەتدىشى پىتىروس بىلەن بىرلىكتتە نىسپىيلىك نەزىريىسىنڭ ئاجايىپ نوقتا تىئورمىسى ھەققىدە نوقتا تىئورمىسىنڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ئىدىيسى ئىكەنلىكىنى بايقاپ،شۇنىڭ ئىلھامى بىلەن ئېينىشتىيىننڭ نەزىرىيىۋى ئالەمشۇناسلىقىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈزلۈكسز تىرىشىش ئارقىلىق قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنڭ پارغا ئايلىنىشنى ئسپاتلاپ ھەم شۇنىڭ تۈرتكىسىدە رادىئاكسيە مېخانىزىمىنى ئېچىپ بەرگەن ئىكەن.
80 -يىلاردىن باشلاپ ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى كۋانىت ئالەم نەزىيىسىگە قارتىپ خاركو بىلەن بىرلىكتە تۇنجى قېتىم چەكسز ئالەم مودىلىنى ياساپ چىقىپ دۇنيانى زىل-زىلىگە كەلتۈرگەن ئىكەن.
دېمەك، يۇقارقىدەك پولاتتەك پاكىتلار بىزگە شۇنى ئسپاتلاپ بەردىكى ئادەم پەقەت تىرىشقاندىلا ھەرقانداق قىينچىلىقلار ئۈستىدىن غالىپ كىلەلەيدۇ،شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى بىزنى روھىي جەھەتتىن نامراتلاشتۇرۋاتقان تۈپكى سەۋەپ روھىي جەھەتتىكى مېيپلىق.
ئاپتورى:مىرئادىل(ئۆزۈم)