مەيلى مۇڭلانغان
يىـڭى ئــەزا
بەربات بولغان خىيال جامالىڭنى كۆرۈپ يىراقتىن، تەنلىرىمگە يامرىدى تىترەك. كەلگىنىڭدە قېشىمغا يېقىن ، گۈپۈلدەپ كەتتىغۇ بۇ يۈرەك. نە ئۈچۈن بۇ ئەي گۈزەل دىلدار، سىنىڭ بىلەن بولغاندا دىدار. گال بولىدۇ تىلممۇ شۇ ئان، قىلالمايمەن كۆڭلۈمنى ئىزھار. ئەيمىنىپ ئېيتالماي سىرىمنى، قاچانغىچە يۈرۈيمەن نىگار. شاتلىناتتىم ئىشقىم تارىغا ، ئېسىپ قويساڭ سۆيگۈدىن تۇمار. ۋىسال ئىزدەپ ھەر ئەككىمىز يار، كېتەلمىدۇق دەرتتىن قۇتۇلۇپ. پۈتەتتى قەلىب ئارمانلىرىم ، باشلىرىمىز كەتسە قۇشۇلۇپ. بىراق، ئاڭلاپ قالدىم قەلىب سىرىڭنى، باركەن كۆڭلۈڭدە ئۆزگە كىشى. قەلبىىمنى زورلىسام كۈلكىگە، ھىجراندا كۈلكىنىڭ نە ئىشى. تۈنلىرى تەنھا كۆككە بېقىپ، خىيال ئەيلەپ يۈروتتىم سىنى. بوران كەبى ئەشۇ سىرلىرىڭ، توزۇتتى شىرىن خىيالىمنى. سىنى ئەسلەپ تۈنلىرى ئەركەم، خىيال ئىچرە قۇچىمەن ۋىسال. كۆرۈپ بۈگۈن تەكلىپنامەڭنى، بەربات بولدى شىرىن خىيال. مەنبەسى :ئۆزۈم
پاش قىلىش
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ