ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىسرانىم تورىنىڭ بارلىق ئىشتىراكچىلىرى، قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.
مۇشائىرە، ئادەمنى كۈلدۈرىدىغان ۋە ھاياجانغا سالىدىغان، ئىخچام شېىرى شەكىل بولۇپ، ئۇ ھاياتىمىزنى مەنىدارلىققا ۋە رەڭدارلىققا ئېگە قىلىدۇ.
مىسرانىم تورىدىكى شائىرلارنىڭ مۇشائىرە قىلىش ھەۋىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن، قوشاق شەكلىدە يەنى ھەربىر مىسراسى 11بوغۇمدىن ئاشمىغان ئاساستا مۇشائىرە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ خىل مۇشائىرە شەكلىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى كۆپ سالماقنى ئېگەللەپ، ئاممىۋىلىقنى ھەسسلەپ ئاشۇرسىمۇ، بۇ شەكىلنىڭ ئۇنتۇلۇشچانلىقى تىز، تەسىرچانلىقى كۈچلۈك ئەمەس. ئەمما، ئارۇز ۋەزنىدە كىلاسسىك شېىرىيەت ئەندىزىسىنىڭ ئىككىلىك شەكلى(ئىككى مىسرا) بويىچە مۇشائىرە قىلىش ئاجايىپ قىزىقارلىق ۋە ئاھاڭدارلىققا تولغان بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە نازۇك تۇيغۇلارنى ھەدىيە قىلىدۇ. بۇ خىل مۇشائىرە شەكلىنى بىرنەچچە ھەپتە مەشىق قىلسىڭىزلا ئۆزلەشتۈرىۋالالايسىز.
بۇ ھەقتە <<يېڭى قاشتېشى مۇنبىرى>>دىكى بەزى مۇشائىرىلەر سىزگە تىپىك ئولگە بولالايدۇ:
بارمىدۇ ؟
تەبەسسۇم:
ئاھ ئۇرۇپ يىغلار تەبەسسۇم، ئۇندا دەرمان بارمىدۇ ؟
ئېيت جانان ئاشىق يۈرەككە ۋەسلى ئىمكان بارمىدۇ ؟
كىن:
ۋەسلى ئىمكان بار پېقىردا ئىچمىكىم رەيھان شاراپ،
ئول شاراپ ئابىسى لەۋ سۆيگۈڭدە پەرمان بارمىدۇ ؟
تەبەسسۇم:
بىر تىلەك بىرلە ئۆتەرمەن كۈنى-تۈن يادىمدا سەن،
بىلمىدىم قەلىپ خانەڭدە ئۆزگە مېھمان بارمىدۇ ؟
كىن:
مېھمىنىم بىرلا پەقەت مۇڭداشقۇ تۈن نىسبى خىيال،
چىرمىشىپ چۈشلەر ئارا مەندەكمۇ تالغان بارمىدۇ ؟
تەبەسسۇم:
گەر بىراۋ ئالغان كۆڭۈلنى ماڭا راۋا كۆرمىسەڭ،
مەن كەبى ھەسرەت يۇتۇپ ئارماندا قالغان بارمىدۇ ؟
كىن:
بىر قارارنى تاپمىغان ئاشىقتىمۇ نۇقسان تولا،
چىن ۋاپادار كەلگۈچە ئەھدىدە چانغان بارمىدۇ ؟
تەبەسسۇم:
مەن ساڭا بەخت تىلەپ كەتمەككە رازى ئەي جانان!
بىر يۈرەكنى تىلغىغان مۇنداقمۇ ھىجران بارمىدۇ ؟
كىن:
ئوت سېلىپ قەلبىم ئارا كەتمەك تەرەددۇت قىلمىغىن،
دەۋزىخىڭدە بۇنچە قىيناپ جاننى ئالغان بارمىدۇ ؟
تەبەسسۇم:
كۆز يۇمۇپ قەلبىڭ ئارا دەپنە بولۇشنى ئىستىسەم،
مەن غېرىپ سىغدالغۇدەك روھى گۆرستان بارمىدۇ ؟
كىن:
كۆز يۇمۇپ باغرىمغا باش قوي كەچمىشىڭ سەكرات ئەمەس،
سەيلىگاھىڭ مەن پېقىرچە گۈل-گۈلىستان بارمىدۇ ؟
تەبەسسۇم:
كۆڭلىدە بار يارنى ياندا دېگىلى بولمايدىكەن،
ئەھلى بىر جۈپلەر قاتار مەندەكمۇ چانغان بارمىدۇ ؟
كىن:
چانغىنى جىسمىڭ پەقەت، روھىڭدا زور خىسلەت ئەجەپ،
سۆھبىتى ئاشىق كەبى ھال-مۇڭغا قانغان بارمىدۇ ؟
تەبەسسۇم:
سەن بىلەن راھەت،جاپادا بىر بولاي دەپ ئويلىسام،
دەرىخا! بەرمەي كۆڭۈل سەۋداغا سالغان بارمىدۇ ؟
كىن:
بىر بولۇش تەندىن دېمە روھىڭغا ھەمدەم ئەۋزىلى،
شۇنچە تاتلىقكى شىۋىرلاش، خالى-پىنھان بارمىدۇ ؟
سېنى
تەبەسسۇم:
غەزىلىم مىسرالىغا قېتىۋالغۇم بار سېنى،
تىلتۇمارىم دەپ بويۇمغا ئېسىۋالغۇم بار سېنى.
كىن:
تىلتۇمارنىڭ خالى ئورنى جۈپ ئانار سەيناسىدا،
ئول ئورۇندا قانغىچىلىك ھىدلىۋالغۇم بار سېنى.
تەبەسسۇم:
ئۇخلىسام ئىزدەپ چۈشۈمدىن ھارمىدىم، كۈندۈزلىرى،
لالىزار چاھار بېغىمدىن تېپىۋالغۇم بار سېنى.
كىن:
بىر قۇلى«يۈسۈپ» ئۈچۈن كۆيدى«زۇلەيخا» كۈل بولۇپ،
نەرقى قۇلدىن ھەسسە ئارتۇق سېتىۋالغۇم بار سېنى.
تەبەسسۇم:
پەخرىسەن يازغان مۇھەببەت غەزىلىمنىڭ ئامرىقىم،
ئەڭ بۈيۈك داستان قىلىپلا يېزىلۋالغۇم بار سېنى.
كىن:
گەر خۇرۇچ بولسام غەزەلگە، مەنمۇ ئىشقىڭدا يېنىپ،
قەلبىخانەم سالۇنىغا تىزىۋالغۇم بار سېنى،
تەبەسسۇم:
ئۇھسىنىپ، مۇڭغا پېتىپ، غەملەرگە بولسام مۇپتىلا،
دەرت-ئەلەملەرگە تەسەللى قىلىۋالغۇم بارسېنى.
كىن:
مەن ئۈچۈن سەۋدا سۈپەت جۇل-جۇل كىيىنسەڭ ئاھ ئۇرۇپ،
شايى-ئەتلەستىن تويۇڭدا بېزىۋالغۇم بار سېنى.
تەبەسسۇم:
رەنجىمە گاھى سېنىڭدىن ئاغرىنىپ قالدىم دېسەم،
بەك ئۇزۇن ھىجرانغا قويدۇڭ تىللىۋالغۇم بار سېنى.
كىن:
ئەل ئۈچۈن شىردەك قاۋاپ تۇلپارنى مىندىم جەڭ ئارا،
غەلبىدە قايتىپلا كەلسەم يۇلۇۋالغۇم بار سېنى.
تەبەسسۇم:
جىمغىنا يۈرسەم «ماڭا يوق مەيلى» دەپ قالدىڭ چوقۇم،
قىلمىسام ھايا يۈرەككە تېڭىۋالغۇم بارسېنى.
كىن:
قوش مېغىزنى كىممۇ بىلسۇن ئول شاكال ئۆچەك ئىچى،
ئايرىماي لەۋنى ئەبەتكە سۆيىۋالغۇم بار سېنى.
تەبەسسۇم:
ئالجىدىڭ دەپ كايىما يار، شۇنچە ئاشىقلار ئارا،
گۈل تۇتۇپ، كۆڭلۈڭ ئۇتۇپ ھەم خىللىۋالغۇم بار سېنى.
كىن:
بىر سۈكۈت، بىرلە ئەدەپتىن تەقۋىدارلىق بولمىسا،
خۇلقى سەت ھايۋان كەبىكى سۈرۈۋالغۇم بار سېنى.
تەبەسسۇم:
نەزمىنى قىلدىم تامام، قالدىم جاۋاپ تەشناسىدا،
خالىساڭ ۋىسال بېغىمغا چىللىۋالغۇم بار سېنى.
كىن:
بىر ۋىسال تەشنالىقىدا نۆۋىتى مېھمان دېمە،
نەسلى-زات تانابىغا چىڭ ئۇلىۋالغۇم بار سېنى.
ئارۇز ۋەزنلىك غەزەللەرنى كۆپرەك مەشىق قىلىپ بەرسىڭىز،يۇقارقى مۇشائىرە شەكلىنى تىزلا ئۆگىنىۋالالايسىز. قېنى ئەمىسە، مەشىقنى بۈگۈنلا باشلىۋېتىڭ.