مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10337|ئىنكاس: 24

ئىنكاسلار زارى- تېمىلار ئاھى(زىيالىي) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11523
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 07:30:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        _ ھەي   ئىنكاس ، سەن نىمانچە كۆرۈمسىز ھەم سۈپەتسىز ، ئاندا - مۇندا قىلىنغان قاشلىق ، ئۇپا- ئەڭلىكلىرىڭنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، سېنى ئوقۇغۇسى كەلمەيدۇ . قۇرۇق پاراڭ ، خوشياقمىغان سۆز بوپ قالدىڭغۇ ، سۈپىتىمنى چۈشۈرۈپ-دىدى تېما ئىنكاسقا قارشىلىق بىلدۈرۈپ .
       _ تېما ئاكا ، چېچىلمىڭا ، مەن قانداق بولسام كۆرۈملۈك ، سۈپەتلىك بولىمەن ؟  قانداق بولسام سىزگە قاشلىق ، تاج بولالايمەن ؟ ! _ دىدى ئىنكاسمۇ ئۆزىدىن ئازراق خىجىللىق ھېس قىلىپ .
       _ ماڭا قارا ئىنكاسجان ، سېنى < ئىنكاس > يازدىم دەپ يازغان ئىگەڭگە دەپ قوي، ئىنكاس دىگەن گەپ _ تېمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان ، تېمىغا باھا- مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ،  ئارتۇقچىلىق ، كەمچىلىكلەرنى  كۆرسىتىپ بېرىدىغان نەرسە .  ئىنكاس چۇقۇم شەخىس يوللىغان  تېمىغا باھا بېرىش بىلەن بىرگە، ئاخىرىغا ئۆزىنىڭ شۇ تېما ھەققىدىكى چۈشەنچىسى، مۇلاھىزىسىنى ئىلمىي ، يىغىنچاق ئىپادىلەپ بېرىشى كېرەك . ئەگەر يوللانغان تېمىغا قارىتا ئالاھىدە مۇلاھىزە تۇغۇلمىغان بولسا  ياكى مۇنداقلا ئوقۇپ قويغان بولسا ‹‹ ياخشى يېزىپسىز ! ›› ، ‹‹ داۋاملىق تىرىشىڭ ! ›› ، ‹‹ خۇدايىم قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن ! ›› ، ‹‹ يوقالسۇن! ›› ، ‹‹ ياشىسۇن ! ››  دىگەندەك  پۇت باسماس ، يەر تۇتماس گەپلەرنى ئاز قىلىپ، مۇنبەر سىغىمچانلىقى ( بوشلۇقى ) غا بېسىم ، مۇنبەر سۈپىتىگە زىيان ئەكەلمەي ئىنكاس يازماي بىتەرەپ ھالىتىدە تۇرسىمۇ بولىدۇ . پىكىر قىلمىسا گاچا دىمەيدۇ . پىكىر قىلغاندا ، شۇ مۇنبەرگە ، شۇ تېمىغا ھۆسۈن قوشىدىغان ، سۈپەتلىك ،  ئىلمىي مۇلاھىزىسىنى قوشۇپ يوللىشى كېرەك . ھەرگىزمۇ  مۇنبەر سىغىمچانلىقىغا ئەخلەت سۈپىتىدە مۇلازىمەت قىلماسلىقى ، سۈپەت ، ئوبراز قۇرۇلىشى سۈپىتىدە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك _ دىدى تېمىجان ئىنكاسقا تەپىسلى چۈشەندۈرۈپ .   
       _ ئەمما تېما ئاكا ، بەزى تېمىلارمۇ بەك سۈپەتسىز ، ئۇزاق مەزگىللىك ئەھمىيتى يوق ، يوللىسىمۇ-يوللىمىسمۇ بولىدىغان ، ئالاھىدە قىممىتى بولمىغان تېمىلارنىمۇ يوللاۋېرىدىكەنغۇ ؟ ئىنكاسمۇ تېمىغا قاراپ بولا-دىدى ئىنكاسجان ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ .
       _ قارا، ئىنكاس  ئۇكام ، تېما ئالاھىدە ئەھمىيتى بولمىسا ، سۈپەتسىز بولسا  مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى تەستىقلىماسلىقى ياكى  ئۆزگەرتىپ يېزىشقا تەكلىپ بېرىشى كېرەك . ئەگەردە كەمتۈك بولسا، مەسىلەن : مەلۇم بىرەيلەن مەلۇم بىر تارىخي ۋەقە توغرىسىدا تېما يوللاپ بەزى جايلار چۈشۈپ قالغان ( كەم قالغان ) بولسا ، ئۇنى سەن ئىنكاسجان   بىلسەڭ تولۇقلا، بىلمىسەڭ، جىم تۇر . پىكىر بايان قىلمىساڭ سېنى بىرى گاچا دىمەيدۇ . ئەلۋەتتە ئىنكاسلارنىڭمۇ  ياخشىسى ، ناچىرى بولىدۇ . تېمىنىڭمۇ شۇنداق . بۇ باشقۇرۇش، يوللاشتىكى مەسىلىلەر، سەۋىرچانلىق بىلەن تۈزەتسەك ياخشى بولۇپ كېتىدۇ .   
       _ تېما  ئاكا،   مەن مۇنداق  ئويلايمەن،  ئنكاس يازغانلارغا قارىتا مۇكاپاتلاش تۈزىمىنى قوللانساق قانداق؟ قانداق دەيسەن، ئىنكاس ئىنىم ؟
       _ يازغان ئىنكاسى  تېمىغا مۇۋاپىق، تېمىغا ياخشى باھا- مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ، ئەستايىدىل  پىكىرىنى بايان قىلىپ،  تېمىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن بولسا ، نومۇر قوشايلى، ئاقچا  سوۋغا قىلايلى قانداق ؟
       _ بولىدۇ  ئىنكاسجان ئىنىم ، مەن پىكىرىڭنى مىسرانىم ئاكامغا يەتكۈزەي ، ئامباردىكى نومۇر ۋە پۇللارنىڭ پېچىتىنى ئاچسۇن ! ئورۇنسىز خەجلىگەن پۇللارنى ئورۇنلۇق خەجلەشنى خالامدىكىن ؟ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىسرانىم ئاكامغا مەلۇمات سۇنۇپ مۇنۇ مەزمۇننىمۇ قوشۇپ قوياي :  
        ھۆرمەتلىك مىسرانىم  ئاكا، سىزنىڭ  كۈچلۈك سىياسى، ئىددىيىۋى، ئەدەبىي، بەدىئىي،  تېخنىكىي  بىلىمىڭىز بىلەن ‹‹ مىسرانىم ›› ئىسىملىك داڭلىق بىر دۆلەت قۇرۇلدى . شۆھرىتىڭىز ئېشىپ، نۇرغۇن  شاۋقۇن -سۈرەن، دەۋىر بورانلىرىدىن بىر كۆزىنى قىسىپلا ئامان قېلىپ، مانا بۈگۈنگە ئۇلاشتى . نۆۋەتتە مۇنبەردە كەلتۈرگەن نەتىجە ھەم يېڭىلىق ئاز ئەمەس، مۇھىمى ئۆزلۈك( مىسرانىمچە ئالاھىدىلىك ) بىلەن سۈپەتنى  يارىتىش كېرەك .
       مىسرانىم ئاكا، يوللانغان تېمىلارنى تەستىقلاش ، باشقۇرۇش ، ئىنكاسلارنى نازارەت قىلىش ، مۇكاپاتلاش- جازالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرسىڭىز .
       دۆلەت مەجلىسى ئېچىپ ، تىل- يېزىق كومىتېتىدىكلەرنى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا بۇيرسىڭىز . مىسرانىم دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى  تېما ۋە ئىنكاسلىرىدىكى  زىيادە جىق بولغان ئىملا خاتالىقى تۈزۈتۈلسە !
       مەدەنىيەت- تارىخ كومىتىتى ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ پىتنە-پاسات تېرىيدىغان مەدەنىيەت- تارىخ ئويدۇرمىچىلىرى،  قىزىققان سۇبىيكتىۋىزىمچىلارنى پىپەن قىلىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە ئەۋەتسە ! تەپتىش - سوت كومىتىتىدىكىلەر قانۇننى ياخشى ئىجرا قىلىپ،  پارىخورلۇقنى تۈزىسە ،  مىسرانىم دۆلىتىمىزنىڭ پۇلى ياخشى تېمىجان ۋە سۈپەتلىك ئىنكاسجانلارغا جىق  بېرىلسە ،  شۇنداق بولغاندا ئىلھام بولىدۇ ، باشقىلارغا ساۋاق، ئۈلگە بولىدۇ .
       مىسرانىم ئاكا، دۆلەت مەجلىسگە تەكلىپ بەرسىڭىز : مىسرانىم دۆلىتىنىڭ ئابرويى، تەرەققىياتى ئۈچۈن مەبلەغ چىقىرىپ مىسرانىم تور رادىئو-تېلىۋىزىيە-ئاۋازغا ئېلىش كومىتىتىنى قۇرۇپ دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسىگە مۇھىم ئۇلتاش ئورناتسا !

               مەلۇمات تامام .
                                     ھۆرمەت بىلەن : زىيالىي 

ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
HANJAR + 30 ياخشى يېزىلغان تېمىڭىز باھالاندى!
Kurxad + 50 كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىپسىز  .....
قىزغىن + 200 ئېسىل ئەسەر
menggutax + 20
ئۇستاز + 222
musilina + 100 ئېسىل تېما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 622   باھا خاتىرىسى

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

ئامېرىكا بىزنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16185
يازما سانى: 499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8604
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2010-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 11:31:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنى مۇنبەردە بۈگۈن كۆرگەن بولساممۇ ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ تۇلىمۇ جانلىق ئىكەنلىكىنى سەزدىم،ئىنكاسلىرىڭىزنى ئىز قوغلاپ ئۇقۇدۇم.نادىر تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.......

ئامېرىكا قىممەت قارىشىڭدا چىڭ تۇر !

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12391
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32439
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 11:45:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىىڭز پاخال ئىنكاس، سۈپەتسىز تېمىلارغا نەق جايىدا تەككەن ئېسىل قامچا بوپتۇ.....   مۇنبەردىكى بىر قىسىم تېما ۋە ئىنكاس پاخاللىقىنى تەنقىتلەش ئۆتكۈر تىللار بىلەن جايىدا ئىپادىلەنگەن،قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە قايىل بولدۇم..... [s:166]  [s:166]

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24613
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 11:47:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ ياخشى يىزىلىپتۇ !
------
خۇددى مەسەلدەك.

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

قەدىرلە.قەدرىڭن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2976
يازما سانى: 1687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11667
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 3385 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 11:50:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ياخشى پىكىرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز،بىراق ئوقۇپلا قۇيۇپ ئىنكاس يازمىغاندىن ئانچە مۇنچە يازغاننىڭ ئانچە زىيىنى يوق،ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى ئىنكاسلارنى يازالىشى ناتايىن،بۇ ھەركىمنىڭ پىكىر قىلىش ئىقتىدارى ۋە تىل-ئەدەبىيات جەھەتتىكى سەۋىيەسى،ۋە ئىقتىدارىغا باغلىق.

قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4051
يازما سانى: 604
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10058
تۆھپە نۇمۇرى: 368
توردا: 5408 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2014-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 11:50:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
__  ئەمما تېما ئاكا،  بەزى تېمىلارمۇ بەك سۈپەتسىز،  ئۇزاق مەزگىللىك ئەھمىيتى يوق،  يوللىسىمۇ، يوللىمىسمۇ ئالاھىدە قىممىتى بولمىغان تېمىلارنى يوللاۋېرىدىغۇ؟    ئىنكاسمۇ تېمىغا قاراپ بولا__  دېدى، ئىنكاسجان ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ. !-[e$?-      <  بەك ياخشى چىقىپتۇ>

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 12:24:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىيالى ئەپەندىنى مىسرانىمدا كۆرىگىنىمدىن خوشالمان ، سىز مۇنبەرلەردىكى كۆزىگە كۆرۇنگەن ئەزالارنىڭ بىرسى قەدەم مۇبارەك !
ھازىر شۇندا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم ، قانداق تېمىغا ئىنكاس يېزىش ؟ نىمە دەپ يېزىش ؟ قانچىلىك يېزىش دېگەننى ، ئىنكاس ئۇزۇن بولسىمۇ خەق ئوقىمايدىكەن ، ھازىر راسنى دېسەم مۇنبەردە 30 تېما چىقىدۇ دېسە كۇندە مەن تاللاپ كۆرىۋاتقان تېما پەقەت 10 غىمۇ يەتمەيدۇ ، شۇڭا بۇرۇنقىدەك قىزىقىشمۇ قالمىدى ، ئادەمنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى باسىدىغان تېمىلار ئىنتايىن ئاز ، ئاۋات قىزىق تېمىلار بولسا شۇ بىر بىرىنى سۆكىدىغان ، غەيۋەت قىلدىغان ، قاندادۇ شەھۋانى تۇس ئالغان مەزموندىكى تېمىلار بولۇپ قالدىمىكىن دەيمەن !

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!
ئۇدۇن ئو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 12:53:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كۆڭۈللەر ئاللاھ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4314
يازما سانى: 1179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14310
تۆھپە نۇمۇرى: 503
توردا: 1509 سائەت
تىزىم: 2010-7-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 02:54:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئىنكاسجاننىڭ  گېپىنىڭ  جېنى بار .
مۇنبەردىكى ئەزالار مۇنبەر پۇلىغا نىمانچە ئامراقتۇ ؟ بىلمىدىم . يا ھەجىگە بارامدۇ ، زورلاپ ئىنكاس يېزىپ .

غەم قىلما بەندەم غەمخانەڭ مەن دەپتىكەن ئاللا ،تەۋەككۈل دەرياسىغا سالغىن كىمە ،گاھ لەيلە گاھ چۆكە غەم يىمە !

كۆسەن ئوغلى _  د

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17326
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10212
تۆھپە نۇمۇرى: 491
توردا: 864 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2014-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-19 03:06:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىيالى دەپ ئۆتكەندەك تېمىلارغا يىزىلغان ئىنكاسلار ئىنكاستەك بولۇشى كېرەك. شۇندىلا ، قەلەم ئېگىلىرىنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ- شۇنداقمۇ، تورداشلار؟

كۆسەن ئوغلى( قىشلاق ) نىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغىچە، ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش