يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى باغلاپ زاكىلاشقا بولمايدۇ
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۆگەك ياكى پاختا ئەدىيالغا ئوراپ ئۈستىدىن باغلاپ زاكىلاش بىزگە ئەنئەنە بولۇپ كەلدى. مۇنداق زاكىلىغاندا بالىنى ئىسسىق باققىلى ھەم بالىنىڭ يۈز–كۆزلىرىنى تاتىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ھەمدە بالىنىڭ پۇت–قوللىرىنى مەجبۇرىي تۈزلەپ ‹‹مايماق›› بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل زاكىلاش ئۇسۇلى ئىلمىي ئەمەس. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ياتقان چاغدا قولى تەبىئىي ھالدا W شەكلىدە، پۇتى M شەكلىدە بولىدۇ. مۇنداق ھالەت يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشى ۋە نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق. ئەنئەنىۋى زاكىلاش ئۇسۇلىمىز بويىچە زاكىلىغاندا بالا بەك چىڭ باغلىنىپ كېتىپ، نەپەسلىنىشى ۋە ھەرىكەتلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، بوۋاقنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بوۋاقنى بەك چىڭ زاكىلىغاندا ھاۋا ئۆتۈشمەي تېرىلەر پۈرۈلگەن ئورۇن تەرلەپ شەلۋەرەپ قالىدۇ، ھەتتا بوۋاق تېرىسىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بوۋاقلارنى بەك چىڭ باغلاپ زاكىلىۋالماي تەبىئىي ھالەتتە ئۇخلىتىش لازىم.
مەنبە :
http://uyghur.people.com.cn/156017/15135440.html
نېمە ئۈچۈن بالىغا قۇرۇق ئېمىزگۈ بەرمەسلىك كېرەك، دەيمىز؟

ئادەتتە بالا بەك يىغلاپ كەتكەندە ياكى ئاتا-ئانىلار ئالدىراش بولۇپ كېتىپ بالىغا قارىيالمىغاندا بالىنى گوللاش ئۈچۈن ئاغزىغا قۇرۇق ئېمىزگۈ سېلىپ قويىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ بالىغا نىسبەتەن زىيىنى بولسا بولىدۇكى، ھەرگىز پايدىسى بولمايدۇ.
1. بالىغا دائىم قۇرۇق ئېمىزگۈ شوراتقاندا، بارا- بارا بالا ئاغزىدا ئېمىزگۈ بولمىسىمۇ دائىم ئېمىزگۈ شورىغاندەك ھەرىكەت قىلىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇق ئېمىزگۈگە ئادەتلىنىپ قالسا بالىنى ئۇنىڭدىن ئايرىماقمۇ تەسكە چۈشىدۇ.
2. بالىلار قۇرۇق ئېمىزگۈ شورىغاندا ھاۋانىمۇ قوشۇپ سۈمۈرىۋالىدۇ. بۇ ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ھاۋا ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا نەپەس توختاپ قېلىش ياكى شۈمۈرۈش خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
3. بالىلاردا قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، ئۈچەي تارتىشىپ قېلىش، قورساق ئاغرىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، گەرچە ئاتا-ئانىلار بالىغا قۇرۇق ئېمىزگۈ شوراتقۇزۇپ سەل-پەل ئاراملىققا چىققاندەك بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ بالىغا نىسبەتەن قىلچىلىك پايدىسى يوق.
مەنبە : http://uyghur.people.com.cn/156017/15134914.html