غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى بىر مىللەتكە خاس، ھازىر مەۋجۇت تۈرلۈك كىيىم- كېچەك، يىمەك- ئىچمەكلىرى، ناخشا سازلىرى ۋە چالغۇ ئەسۋاپلىرى، تۈرلۈك ئەل ئىچى ئويۇنلىرى، تۈرلۈك ئۆرپ- ئادەت، ئۇدۇملىرى، ھۈنەر- كەسپلەر قىسقىسى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت خەزنىسىگە تەئەللۇق نەرسە ۋە ھادىسلىلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسى بولۇش ئۈچۈن، چوقۇم ھازىر مەۋجۈت بولۇشى، مەلۇم دەرىجىدە يوقىلىش خەۋپىگە ئۇچرىغان بولۇشى كېرەك. شۇ كەسپ (تۈر) بىلەن شۇغۇللانغۇچى ياكى شۇ كەسپ (تۈر) نى پىششىق بىلىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك، ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى بىر ئادەم بولسىمۇ بولىدۇ، بىراق بۇ كەسپ ياكى تۈرنى بىلىدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىسا، بۇ كەسپ غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسى بولماي قالىدۇ دە، مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
/read.php?tid-21204-fpage-0-page-1._html