مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 12295|ئىنكاس: 33

مۇنبىرىمىزنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى شاقۇر( كۆكنۇر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12446
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32522
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4495 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 06:32:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىز تورداشلار،قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، تېنىڭلار سالامەت ، ئىشلىرىڭلار  ئوڭۇشلۇق بولسۇن.شادىلىق ۋە بەخت –ئامەت مەڭگۈ سىلەرگە يار بولسۇن....



1-          قېتىملىق  ‹‹مىسرانىم مۇنىرىدە تورداشلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ›› مۇنبىرىمىز ئالىي ئەزاسى تاڭنۇر بىلەن ئېلىپ بېرىلىپ ،تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا مۇيەسسەر بولغان ئىدى،مانا بۈگۈن  ئۇزۇندىن بۇيانقى قىزىقىشىمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مۇنبىرىمىزنىڭ ئەزاسى شاقۇر( كۆكنۇر) بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، مەن ئالدى بىلەن ماڭا سۆھبەتلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن  ،بۇ زىيارەت مەزمۇنىدىن  تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ئابابەكرى مۇختەر ( مىسران) ۋە زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغان مۇنبەردىشىم شافۇرغا مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلار نامىدىن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇنداق بولسا بۈگۈنكى 2- قېتىملىق سۆھبەت مۇنبىرىمىزنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى شافور بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ، دىققىتىڭلار سۆھبەت مەزمۇنىدا بولسۇن.......


مۇسىلىنە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنىم شاقۇر،تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ ؟قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە شادلىق ۋە ئامەت يار بولسۇن......

   شافۇر: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ھەدە،خۇداغا شۈكرى، ئوبدان تۇرىۋاتىمەن، سىزنىڭمۇ ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن.

مۇسىلىنە: رەھمەت ،بىرگە بولسۇن. سىزنىڭ يۇمۇرلۇق چاخچاقىلىرىڭىز، مۇڭغا تولغان لېرىكىلىرىڭىزنىڭ ھەۋەسكار ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇزاقتىن بۇيانقى  سىزنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىڭىزغا بولغان  قايىللىقىم ۋە قىزىقىشىم تۈپەيلىدىن سىز بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارزۇسىدا بولغان ئىدىم، بۈگۈن اللاھ بۇ ئارزۇيۇمغا يېتىشنى  نېسىپ قىپتۇ، مېنىڭ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ تەشەككۈر.

شاقۇر: ماڭا تورداشلار بىلەن تونۇشۇش،مېنى چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن سىزگىمۇ شۇنداقلا بىزگە مۇشۇنداق سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن ئابابەكرى مۇختەر( مىسران)غىمۇ كۆپ رەھمەت.مەن بۈگۈنكى سۆھبەت مۇناسىۋىتى بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرىدىن بولغان بارلىق تورداشلارغا ئايەملىك سالام يوللايمەن، ھەممىڭلارنىڭ خاسىيەتلىك قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن......

مۇسىلىنە: ئۇنداق بولسا سۆھبىتىمىزنى باشلاپ كەتسەك،ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى بىر تونۇشتۇرىۋەتسىڭىز قانداق؟

شاقۇر: ئىسىم -فامىلەم :ئۆمەرجان ئىمىن

 تۇغۇلغان ۋاقتىم:1984:-يىلى 2- ئاينىڭ 2- كۈنى

يۇرتۇم: قەشقەر،مارالبىشى.تۇمشۇق 50-تۇەن شاقۇر بازار ئىچى،  ھۆكۇمەت ئشچىسى ئائىلىسدىن

كەسپىم: يۇرتىمىزنىڭ بىردىنبىر ئالاھدىلگى بولغان  دىھقانچىلىق ۋە ئالاھىدە باقمىچىلىق يەنى مەن پەقەت ئاران تۇلۇقسىزنى پۇتتۇرگەنلىگىم ئۇچۇن پەقەت قۇلۇمدىن مۇشۇ ئىككى ئىش كىلىدۇ .

قىزىقىشىم :ئەدىبىيات سەنئەت ،كىتاب ئوقۇش، ناخشا تىڭشاش.

ئۆچ كۆرىدىغىنم: قايسى جەھەتتىن ئىيتىشنى بىلىمىدىم.سەمىمىيەتسىزلىك،يالغانچىلىقنى ئەڭ ئۆچ كۆرىمەن،

ياقتۇردىغىنىم:راستچىللىق ،ۋاپادارلىق،غۇرۇر –ۋىجدان بىلەن ياشاش

ئۆزەم ھەققىدە: ھەرقانداق ئىشتا باشقىلارغا ئىشەنچ ئاتا قىلالىسام،دۇستلىرىمنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرسەم،دەيمەن،بىراق ھەققى تۇرمۇشتا ياخشى كۆرۇش،ۋە ئۆچ كۆرۇش، بولسا شۇ چاغدىكى ۋاقىت،شارائىتقا باغلىق.

مۇسىلىنە :مۇنبەرگە دەسلەپتە قانداق سەۋەبلەر بىلەن كىرگەن؟

شاقۇر: دەسلەپتە مەن پەقەت تۇرخانىغا كىرىپ ئۇيۇن ئۇيناش بىلەن مەشغۇل بۇلاتتىم.كۇنلەر ئۆتكەنسىرى ئۆزۇمنىڭ پەقەت ئىچ پۇشغىنى چىقىرىش ئۇچۇن خاتىرەمگە يىزىپ قۇيغان شىئرلىرىمدىن ‹‹ئۇچۇر تۇرى››غا يىزىپ يۇللاپ ،كۆپلىگەن تۇرداشلارنىڭ قۇللىشى شۇنداقلا ماختىشغا ئىرىشتىم.ئەلۋەتتە بۇ مەزگىلدە تىخى مۇنبەر ئىچىلمىغان ئىدى.كۇنلەر مانا شۇنداق ئۆتۇپ بىر كۇنلەردە مەن پۇسكاملىق بىر قىز تۇرداش بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم ،شۇنداقلا يىقىن دۇستلاردىن بولۇپ قالدۇق،بىر كۇنى ئۇماڭا ‹‹ئۇچۇر تۇرى››غىلا ئەمەس،بەلكى باشقا تۇربەتلەرگىمۇ ئەسەر يۇللاشنى تەۋسىيە قىلدى،شۇنداقلا مىسرانىم  بېتىنىڭ تۇرىنىڭ تەرەققىياتى، ياخشى تەرەپلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ تور بەتنى  ئۆزى بىلەن بىر يۇرت ،بىر مەھەللىلىك  ئابابەكرى مۇختەر ئىسىملىك بىر ياش يىگىتنىڭ ئاچقانلىغىنى ئېيتتى ،مەن شۇ سەۋەپلەر بىلەن مىسرانىم تۇرىغا ئەزا بۇلۇپ كىرىپ ئەسەر يۇللاشنى باشلىدىم.ئەسەرلىرىمنىڭ كۆرۇلۇشى شۇنداقلا قۇللاش نسبىتى مىنى تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىپ بارلىققا كەلتۇرۇشكە تۇرۇتكە بولدى. ئەلۋەتتە مەن ئۆزۇمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇنداق مۇكەممەل ياخشى دەپ كىتەلمەيمەن.كىين تور بىكەت يىڭىدىن مۇنبەر سەھىپسنى ئىچپ يىزىقچىلق ئۇچۇن تىخمۇ ياخشى شارائىت ۋە رىغبەتلەندۇرۇش ئىلىپ كەلدى ،مانا يۇقارقى سەۋەبلەر مېنىڭ مىسرانىم مۇنبىرگە ئەزا بۇلۇپ كىرىشىمگە تۈرتكە بولدى دېسەممۇ بولىدۇ.

مۇسىلىنە : سىز دەسلەپتە مىسرانىم مۇنبىرىگە ‹‹كۆكنۇر››دېگەن ئىسىم بىلەن كىرىپتىكەنسىز،كېيىن ئىسمىڭىزنى ‹‹شاقۇر ››غا ئۆزگەرتىۋېتىشىڭىزدە بىرەر سەۋەب بارمۇ؟

شاقۇر: شۇنداق ئەڭ دەسلەپتە ئەسلى ‹شاقۇر ›دەپ ئۇچۇر تۇرىدا ئەسەر يازغان، كىين مىسرانىمغا ئەزا بولغاندىن كىيىن ‹‹يىڭىدىن باشلاي ››دىگەن مەقسەتتە ‹‹كۆكنۇر›› دىگەن ئىسىم بىلەن كىردىم،بىراق كىم بىلسۇن كۇنلەر ئۆتكەنسىرى بۇ ئىسىم بىلەن تورغا چىقىدىغانلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىدىم،شۇنداقلا بۇ ئىسم بىلەن بىرسى تىخى توربەت ئاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇربەت قۇرغۇچىسنىڭ نامىغا ھۆرمەت قىلىش يۇزسىدىن، شۇنداقلا بەزى تۇرداشلارنىڭ بۇ ئىسمغا ئۆچ بۇلۇپ كەتكەنلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ئسممىنى يەنى بۇرۇنقى نامىم،شۇنداقلا يۇرتۇمنىڭ نامى ‹شاقۇر›دەپ ئۆز گەرتتىم.

مۇسىلىنە :بەزى تورداشلار  سىزنىڭ ‹‹ كۆكنۇر ›› دېگەن ئىسمىڭىزغا نېمە سەۋەبتىن ئۆچمەنلىك قىلغۇدەك؟

شاقۇر: بولدىلا ،بۇ گەپلەرنى مۇنبەر يۈزىدە سۆرەپ يۈرگۈم يوق، ئىشقىلىپ ،‹‹بۇ مەۋھۇم دۇنيادا بىر –بىرىمىزنى ھۆرمەتلىشى،ئىززەتلىشىپ ئۆتسەك ››دەپ ئويلايمەن.

مۇسىلىنە:  ئۇنداق بولسا سۆھبىتىمىزنى كۆڭۈللۈك ئىشلار توغرىسىدا  ئېلىپ بارايلى، قايسى سەۋەب بىلەن يېزىقچىلىق سېپىگە قەدەم قويغىنىڭىزنى سۆزلەپ بېرەەلمسىز؟

شاقۇر: پەقەت مۇھەببەت،نەپرەت ئۈچۇن،سىغىنىش ۋە ھىجران ئۈچۇن يىزىقچىلىق سىپىگە قەدەم قويدۇم.

مۇسىلىنە :قانداق مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى يېزىشقا قىزىقىسىز؟

 شاقۇر:مىنىڭ ئاساسلىق يازىدىغان ئەسەرلىرىم مۇھەببەت ۋە نەپرەتتىن مەزمۇن قىىلنغان شېئىر، لېرىكا ،شۇنداقلا تورداشلارغا قىلنغان چاخچاق قاتارىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مۇسىلىنە : سىز يازغان لېرىكىلاردىن بىر خىل مۇڭ تۆكۈلۈپلا تۇرىدىكەن، بۇنىڭ تۇرمۇشىڭىز بىلەن بىرەر باغلىنىشى بارمۇ قانداق؟(  مۇھاببەتتە ئوڭۇشسۇزلىققا ئۇچراش ئەھۋالى دېگەندەك)

شاقۇر: مەن يازغان ئەسەرلىرىمنىڭ گەرچە ئاددى بولسىمۇ تۇرداشلارغا ئازراق بولسىمۇ مۇڭ ئاتا قىلالىغىندىن خۇرسەنمەن.ئەلۋەتتە بۇنداق مۇڭلارنىڭ تۆكۇلىشى پەقەت مۇھەببەت ۋە نەپرەتتىن كىلىدۇ.

مەيلى ئۇ سۆيۈلۈشتىن بولمىسۇن ۋەياكى سۆيۈشتىن بولمىسۇن،

تۇرمۇشتا ھەرقانداق خۇشلۇق شۇنداقلا ئوڭشسىزلىق بولۇشى بۇ بىر ئۆزگەرمەس ھەقىقەت خالاس.ئەمدى مۇھەببەتتە ئوڭشسىزلىق سەۋەبىنى بىلمەكچى بولساڭلار ،بۇ مىنىڭ ھەققى رىئال تۇرمۇشىمنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ يازغان ‹‹مەۋھۇم دۇنيادىكى كەچىمىشلەر ››دىگەن ئەسرىمنىڭ 1-قىسمىدا خىلى تۇلۇق بار.باشقا جەھەتتىكى كۆڭۇلسىزلىك ۋە خۇشاللىققلار بەلكىم ھەممىزنىڭ بىشىدا بار بىر ھەقىقەت.بۇنى دىمىسەممۇ ھەممىز قانداقلا بولمىسۇن ھەرقانداق يۇسۇندا بۇ ھەقىقەتنى باشتىن ئۆتكۇزىمىز.بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بەزىبىر كەچۈرمىشلىرىم  سەۋەبىدىن  بولسا كېرەك يازغانلىرىمدىن بىر خىل مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.

مۇسىلىنە: مىسرانىم مۇنبىرىگە قانداق قارايسىز؟مىسرانىم مۇنبىرىدىن باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ تېمىلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرامسىز؟

شاقۇر: مىسرانىم مۇنبىرى،ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى بىر بۇسۇش خاراكتىرىلىك يىتىلگەن تور بەتلەرنىڭ بىرىسى،ئەلۋەتتە كىينكى تەرەققىياتى يەنىلا مىسرانىم مۇنبىرنىڭ كىينكى تەقدىرگە باغلىق.مىنىڭچە مۇشۇ خىل يۇسۇندا تەرەققى قىلدىغانلا بولسا نۇرغۇن ئۇتۇقلار ئۇنى كۇتۇپ تۇرغان بۇلىشى مۇمكىن دەيمەن.ئەلۋەتتە باشقا مۇنبەرلەرگمۇ ئەسەر يۇللاپ باقتىم،شۇنداقلا يۇللاۋاتىمەن.چۇنكى ئۇمۇ بىر ئۇيغۇر تور بىتى دە.بۇ تور بەتلەرمۇ ئوخشاشلا قۇللاپ قۇۋەتلەشكە باغلىق.

مۇسىلىنە :مۇنبەرنىڭ سىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان تەرەپلىرى ۋە

ياقتۇرىدىغان سەھىپىلىرى قايسى؟

شاقۇر: مۇنبەرنىڭ ئەڭ ياقتۇردىغان تەرەپلىرى بەلكىم يىزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان دۇستلارغا ئۆز يوسۇندا رىغبەتلەندۇرۇش يۇزسىدىن بىرىلگەن مىدال ۋە ناملار.ياقتۇردىغان سەھىپىلىرىم يىزىقچىلىق تۇردىكى (تور ئەسەرلىرى، شېئىر –قوشاقلار، ھېكايە –رومان.....) ھەممە سەھىپىلەرگە ئېتىۋار بىلەن قارايمەن.

مۇسىلىنە: مۇنبەردىكى سىز ياقتۇرمايدىغان ئىشلار قايسى؟

شاقۇر: مۇنبەردىكى بىردىنبىر ياقتۇرمايدىغان ئىشىم بولسا.باشقىلارنىڭ ئەجىرگە ھۆرمەت قىلماي.ئۆزى قىلالماي قۇسۇر ئىزدەيدىغانلار، بەزى يىزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىندىغان ،شۇنداقلار مۇنبەر ئۇچۇن ئاز بولسمۇ ئۇن-تۇنسىز تۆھپە قۇشىۋاتقانلارىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قيۇش.‹‹سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما ››دەيدىغان گەپ بار بولسا مۇشۇنداق ئەزالارنى بولسا نەزەردىن ساقىت قىلىپ يەكلەيدىغان ئىشلار بولمسا. بۇ پەقەت شەخسى كۆز قارىشىم.  
مۇسىلىنە:مۇنبەردە سىز كىملەرنىڭ ئەسارلىرىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيسىز؟

شاقۇر:تاڭنۇر.كۆڭۈل .ھېسلىرىم،ئاشكار،مۇسلىنە.كۆكيار.سۈزۇكئاي.ھەسەل.كەپسىز قىز.....گەرچە بۇلارنىڭ يازمىلىرىنى  دىگەندەك مۇكەممەل دەپ كەتكىلى بولمىسمۇ ھەر ھالدا بوپ قويىدۇ.

مۇسىلىنە:   سىز مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان قايسى ئەسەرلەرنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

شاقۇر: كەپسىز قىز، ھېسلىرىم ،ئاشكار ...قاتارلىق بىر قىسم تورداشلارنىڭ ‹‹ئانا، كىم ئۇچۇن يىغلاۋاتىسەن››‹‹يىگىتلىك ئىپپىتىم بۇزۇلدى››‹‹ ئۇ ئەسلى ياخشى قىز ئىدى›› .....دېگەنگە ئوخشاش  نادىر ئەسەرلىرى بار. بۇلارنىڭ يازمىلىرى تۇرمۇشقا زىچ چۆككەن.شۇنداقلا كىشىگە ھەققى تەسىر بىرەلەيدۇ.مەن مانا شۇنداق ھەققى تۇرمۇش ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن ھىكايە.رومان.نەسىر ،شىئىر دىگەندەك ئەسەرلەرنى ياقتۇرمەن.

 مۇسىلىنە:  مۇنبەردىكى ئەڭ يېقىن دوستلىرىڭىز  كىملەر؟

شاقۇر :مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالار مېنىڭ  يىقىنلىرىم دەپ ئويلايمەن، ئەمدى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان يېقىن دوستلۇرۇم تاڭنۇر.كۆڭۈل.نەسىرۇللا.ھەسەل.كۈل قىز.شاتئاي...بۇلار گەرچە مەندىن كۆپ يىراق بۇولسمۇ.بۇلارنى مەۋھۇم دۇنيادىكى ‹‹ئەڭ يېقىن دوستلۇرۇم ››دەپ ھسابلايمەن.باشقىلارمۇ ھەم شۇنداق ياخشى دوستلاردىن بولسام دەپ ئويلايمەن.

  مۇسىلىنە: مۇنبەرداشلارنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن تېمىڭىز قايسى؟

شاقۇر: بۇ ھەممىگە ئايان‹‹ ئەڭ›› دەپ كەتكىلى بۇلمىسمۇ ،لىكىن ئاز بولسىمۇ شۇ قوشاق تۇردىكى چاخچاق تىمىلار بولسا كىرەك. شۇڭا دوستلىرىم مىنى‹‹ كۆكنۇر قۇشاقچى ››دەپ ماختىشدۇ.

    مۇسىلىنە:   مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قانداق تۆھپىلەرنى  قوشتۇم دەپ ئويلايسىز؟

 شاقۇر:بۇ گەپكە كەلسەك مەن بۇنىڭغا بىر نىمە دەپ بۇلالمايمەن.بۇ باھانى شۇ ئەجىركەش باشقۇرغۇچىلار.شۇنداقلا مۇنبەرداشلىرىم بەرسە ئەڭ مۇۋاپىق دەيمەن.

  مۇسىلىنە:ئىلگىرى مۇنبەرگە چاخچاق تېمىلىرىنى كۆپ يوللايتىڭىز، ھازىر ئۇنداق تېمىلارنى يوللىماس بولۇپ قالدىڭىز،باشقا مەزمۇندىكى يوللايدىغان تېمىلىرىڭزمۇ ئازلاپ كەتتى ،بۇنىڭدا بىرەر سەۋەب بارمۇ قانداق؟

شاقۇر: شۇنداق ئىلگىرى چاخچاق يۇسۇندىكى تىمىلارنى كۆپلەپ يۇللايتىم ،سەۋەبى  مۇنبەردە  بەكراق قارشى ئىلىندىغان ،شۇنداقلا قۇللاشقا ئىرىشدىغان تىمىلار كۇلكە، چاخچاق يۇسۇندىكى يۇمۇر، قۇشاقلار ،بەلكىم شۇ چاغلاردا مىسرانمىدىكى ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقىنىڭ بىراقلا يۇقىرى پەللىگە چىقىشى‹‹ مۇشۇ قۇشاق يىزىش، شۇنداقلا مۇنبەرداشلارنىڭ ئۆز ئارا نەقىل قۇشاقلارنى، يۇمۇر -لەتىپىلەرنى يازغانلىغىدىن بولغان›› دىسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە بولماس،لىكىن كىينچە بولسا سۈپەت،نام-ئاتاق دىگەندەك ئىبارىلەر مىسرانمنىڭ كىينكى چوڭ نىشانى بولۇپ قۇشاق،يۇمۇر دىگەندەك تىمىلار سەللا دىققەت قىلمىسا پۇچەك، رىتىمىسز تىمىلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدىغان بولۇپ كەتتى.ئەلۋەتتە كۇلۇپلا ئۆتكىلى بولمايدۇ- دە،كەلگۇسى تەرەققىيات ھەممىدىن مۇھىم.كىين يەنىلا بۇرۇنقىدەك مۇھەببەتلىك شئىرلارنى يىزىشقا كىرىشتىم. شئىر يىزىشتىن نەسرى ئەسەر سۇپىتىدە لىرىكىلارنى  يازغانمۇ بولدۇم،بىراق  راس گەپنى قىلسام ،مۇشۇ مەزگىلدە بەزى تۇرداشلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپمۇ قۇيدۇم.مۇشۇ سەۋەپلىك مۇنبەردە پات-پات سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغان ئىشلار كۆپىيپ قالدى.قانداق بولغىنىنى بىلمەيمەن. شۇ سەۋەپلەر شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشىدىكى  تاشقى ئىشلار سەۋەپلىك مۇنبەرگە تىما يۇللاش قىزغىنلىغم بارا-بارا سۇسلىشىپ مانا كۆرگەنسىلەر،ھەتتا يازماس بۇلۇپ قالدىم.

 مۇسىىلنە: مۇنبەر يېزىقچىلىق تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى سورۇن ،دېمەكچىمەنكى مۇنبەر ئارقىلق يېزىقچىلىق قابىلىيىتىمىزنى نامايەن قىلالايمىز، تورداشلارنىڭ باھاسى ئارقىلىق يازغانىلىرىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتەلەيمىز،مەۋھۇم دۇنيا دېگەندە ھەركىشىنىڭ يازمىلارغا بەرگەن باھاسى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىرى ‹‹ ياخشى ›› دەپ قارىشى ،بەزىلىرى ‹‹ ناچار ›› دەپ قارىشى مۈمكىن، بىز تورداشلارنى باھاسى ،پىكىر –تەكلىپلىرى ئارقىلىق  ئۆزىمىزدىكى ئارتۇقچىلقلارنى جارى قىلدۇرىشقا، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىشكە  تىرىشىشىمىز كېرەك، سىز تور دۇنياسى ۋە  تۇرمۇشتىكى ئازغىنە ئوڭۇشسىزلىقلار سەۋەبىدىن يېزىقچىلقنى تاشلاپ قويسىڭىز بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ، سىزنىڭ تولۇقسىز  مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە تۇرۇپمۇ ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تور دۇنياسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يېزىقچىلىق  قابىليىتىڭىزنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرپ ئۆزىڭىزنى  ھەم مۇنبەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېزىقچلىق ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ،تېخىمۇ ئېسل  ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىڭىزنى چىن دىلمدىن  ئۈمىد قىلىمەن ھەم شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

شاقۇر: رەھمەت ھەدە،سىزنىڭ زىيارىتىڭىز ۋە ھازىر قىلغان سۆزلىرىڭىز ماڭا نىسپەتەن بىر مەدەت بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاقىت چىقىرىپلا قالسام  ،قابىلىيىتىمگە يارىشا يازمىلارنى يېزىپ مۇنبەرگە يوللاپ تورداشلىرىم ئۈچۈن مەنىۋى ئوزۇق بېرىشكە ۋە مۇنبەر ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمەن.

مۇسىلىنە:   سىزدىن ئەڭ ئاخىردا سۇرايدىغىنىم: سىز تۇرمۇش قۇرغانمۇ؟ ؟ھازىرىقى تۇرمۇشىڭىزدا  ئۆزىڭىزنى بەختلىك دەپ ھېسابلامسىز؟

شاقۇر:شۇنداق مەن تۇرمۇش قۇرۇپ بولغان.ھازىرقى تۇرمۇشۇم شۇنداق بەختلىك.مىنىڭ  يازغان ئەسەرلىرىمدىكى ھسياتىم پەقەت بۇرۇنقى ئۆتمۇشتىكى ئەسلىملەر خالاس......شۇنداق ئاچچىق،ئازابلىق  ئەسىلىملەر مىنىڭ ھازىرىقى بەخىتلىك تۇرمۇشۇمنى قۇرۇشىمغا بىردىنبىر سەۋەب بۇلغان ئىش.ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزۈمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي....

ئاخىرىدا بىز ئۈچۈن مۇشۇنداق بىلىم سەيناسى قۇرۇپ بەرگەن <<ئابابەكىرى مۇختەر>>گە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ،شۇنداقلا بارلىق تورداشلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ،ئىشلىرىنىڭ ئوڭۈشلۇق ،ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بۇلۇشىنى ئۇلۇغ ئالاھدىن تىلەيمەن ،بەخىت- ئامەت سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن ......  

مۇسىلىنە: سىز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ مۇنبەردىكى دوستلۇق، ئۆزئارا چۈشىنىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرەلىگىنىم ئۈچۈن كۆپ خۇرسەنمەن، ئاخىرىدا سىزنىڭ ئائىلىڭىزگە شادلىق، بەخت تىلەيمەن، اللاھ ئىشلىرىڭزنى ئاسان قىلسۇن، بەخت –ئامەت مەڭگۈ سىزگە يار بولسۇن.

 

  ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن شاقۇر ( كۆكنۇر)بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، قالغان كەم قالغان تەرەپلەرنى تورداشلارنىڭ تولۇقلاپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇنبەردىكى ئەزالار بىلەن داۋاملىق ھەمسۆھبەتتە بولۇپ  ،مۇنبەرداشلار  ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش، دوستلۇق پائالىيىتىنىڭ  ئىلگىرى سۈرىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تەييارمەن.خەير -خوش.... << مۇنبەرداشلار بىلەن سۆھبەت>>نىڭ كېيىنكى سانىدا كۆرىشەيلى........ 

 
 مەنبە : زىيارەت خاتىرسى
 




ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
شاقۇر + 200 جاپا چەكتىڭىز كۇپ رەخمەت بۇندىن كىين تىر
ئۇيغۇرۇم007 + 200 ئەجرىڭىز ئۈچۈن

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 400   باھا خاتىرىسى

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

سۈكۈتنىڭ ئاچچىق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1849
يازما سانى: 2221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7869
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 2933 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 06:50:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆكنۇر نى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم ........رەھمەت مۇسلىنە ھەدە !!!
ئاخىردا ھەر ئىككىڭلارنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن !!!!

ھەركىم يازسا ئۆزتىلدا ئەسەر ، ئانا-تىل ئۈچۈن جېنىم مىڭ پىدا. يوقالسا ئانا-تىل ئەتە ئەگەر !!! بۈگۈنلا مەن بولاي جېنىمدىن جۇدا .....

ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻣﻮﺩﺍ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ،ﺋﺎﻳﻨﯩ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1594
يازما سانى: 702
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9895
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 2672 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 06:53:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇمشۇق شەھەردىن دەپ قويۇڭ `! تېخى 50-تۇەندىنكەنسىز ~! مېنىڭمۇ 49دا ئاغىنىلىرىم  خېلى  باتى~!

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 06:55:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىلەر ساندا كىمنى زىيارەت قىلىسىلەر ؟ ئاۋال ئوقتۇرۇپ قويساڭلار بولاتتى،  [s:152]

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12446
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32522
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4495 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 06:57:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلار،بولسا ما شافۇرنىڭ رەسىمىنى سەل كىچىكلىتىپ چىقىرىپ بەرگەن بولساڭلار،شۇنچە جىدەللەشسەممۇ پەقەت قاملاشتۇرالمىدىم.....پۈتۈن ئېكراننىڭ يۈزىنى ئىگىلەپ ئالغاندەكلا كۆرۈنۈپ كېتىدىكەن....رەسىم چوڭ بولغانلىقتىن خەتمۇ نورمال كۆرۈنمەيدىكەن....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

گەپ ئېغىزدىن چىق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3629
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76205
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 07:01:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسلىنە ھەدە رەھمەت سىزگە ئالدىنقى قېتىمدا تاڭنۇرنى زىيارەت قىلىپ ئۇنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەن . بۇ قېتىم شاقۇرنى زىيارەت قىلىپ بەك ياخشى قىپسىز. مەن شاقۇرنىڭ لىرىكىللىرىنى بەك ياقتۇرىمەن..........بىراق تىما يوللاشلىرى بەك ئازلاپ كەتتى....ئۇنىڭ مۇڭغا تولغان لىرىكىللىرىنى يەنە كۆرسەم دەيمەن.......قوشاقلىرىنى مۇنبەردىن ئۈزۈپ قويمىسىكەن دەيمەن. مەن شاقۇرنىڭ ئىسمىنى نىمىشقا ئۆزگەرتكىنىنى ئەمدى بىلدىم........
شاقۇر سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى، ئىشلىرىڭىزنىڭ  ئوڭۇشلۇق بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن............ئوماق موما كىيىنكى قېتىمدا نەۋرەڭنى زىيارەت قىلامسەن يا؟ ....... [s:74]   [s:110]   [s:58]   [s:121]

گەپ ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ، ئېغىزدىن چىققان گەپ ئادەمنى باشقۇرىدۇ!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12446
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32522
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4495 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 07:06:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5-قەۋەت (ھەسەل) نىڭ يازمىسىغا

ماڭقاڭنى ماشتەك چۇۋۇپ يۈرسەڭ ،سېنى زىيارەت قىلغىلى بولارمۇ تاتلىق نەۋرەم.....؟ [s:165]  [s:165]

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24233
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7293 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 07:06:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىلەركى قېتىم مەن بىلەن .......... [s:152]

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

مىنى سەي خوجايىن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12977
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8675
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 807 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2013-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 07:12:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سۆھبەت ئارقىلىق  ئۆز  -  ئارا چۈشۈنۈشنى ئىلگىرى سۇرگىلى بولىدىكەن . گەرچە مەن ئادەتتىكى ئەزا بولساممۇ  قولۇمدىن كىلىشچە يارىدەم بىرىشنى بەكمۇ خالايمەن.

دوس يۈزىدە كۈلكە-چاخچاق  قوينىدا پالتا-پىچاق.

دوستۇم سەن مەندى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14563
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14922
تۆھپە نۇمۇرى: 371
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 07:43:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداقمۇ سۆھبەتلەر بولىدىكىنا توۋا [s:151]

ئۇچقۇر شامال
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش