مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1659|ئىنكاس: 31

ۋىسال تاپمىغان تۇنجى مۇھەببەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سۈكۈتنىڭ ئاچچىق

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1849
يازما سانى: 1187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4843
تۆھپە نۇمۇرى: 443
توردا: 2931 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 05:26:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋىسال تاپمىغان تۇنجى مۇھەببەت




جىرىڭ ..... جىرىڭ......
- ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم !!!
- ۋەلەيكۇم ئەسسالام ....دىلئارە ما ....مەن ئەسئەت .....قانداق ئەھۋال ..ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟؟؟
- ياخشىغۇ ، سىزچۇ ....بىرەر ئىش بارمىتى ؟؟؟
- ۋاي، ياق ....شۇ سىزگە تېلفون قىلمىغىلى بىر كۈن بوپتۇ ئەمەسمۇ ...شۇڭا ......كەچتە ۋاختىڭىز بارمۇ ؟؟؟
- كەچتە دوستۇمنىڭ ئۆيىگە باراتتىم ......كەچۈرۈڭ .....
- ھېچقىسى يوق .....ئەتىلەتىن كۆرىشەمىز ......ئامان بولۇڭ ....
- سىزمۇ شۇ ......خەير - خوش ......
تېلفون قويۇلدى ....دىلئارە يالغان سۆزلىگەن ئىدى ...چۈنكى ئەسئەت بىلەن ئانچە خۇشى يوق ئىدى ....مۇشۇنداق تۇرۇپ يەنە 3 ئايدىن كېيىن مۇشۇ بالا بىلەن ئۆي تۇتىدىغىننى ئويلىسا ئىچى ئېچىشاتتى ....ھېچقانداق مۇھەببەت يوق تۇرۇپ قانداق تۇرمۇش قۇرغىلى بولىدۇ ...... ئۇ ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىدى ..............كۆز ئالدىغا نىجاد كىلىشكە باشلىدى .....
  دىلئارە بىلەن نىجاد ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا يۈرگەن مۇھەببەتلەر بولۇپ ئىجدىمائىي پەننى بىللە ئوقۇدى ....ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇلار ساۋاقداش بولسىمۇ پاراڭلىشىپ باقمىغانلار ئىدى ......تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ئۇلارغا ئوخشاشلا  شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىدىن ئۇختۇرۇش كەلدى .....نىجادغا ئىنگىلىس تىلىدىن ، دىلئارەگە بولسا قانۇندىن كەلدى ......ئۇلار ئالىي مەكتەپكە بېرىپ ئاندىن پاراڭلىشىشقا باشلىغان ...ئىككىلىسىنىڭ مىجەزى ئېغىر بولغاچقا دەسلەپتە بىر يەرلەردە ئۇچرىشىپ قالسا كۈلۈمسىرەپ قوياتتى ...ئاستا ئاستا بۇخىل مۇناسىۋەت دوسلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويدى...كېيىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ مۇھەببەتكە ئۆزگەردى .....شۇنداق ئۇلار مۇھەببەتلەشتى ... .ئۇلارغا قارىغانلا ئادەمنىڭ مەسلىكى كىلەتتى .....بۇ بەش يىل ئوقۇش جەريانىدا ئۇلار نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتى ، بىر - بىرىگە مەدەت بېرىپ بۇ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى .......بۇ ئۇلارنىڭ مۇھەببەت بىخىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ، شاخلاشتۇردى .......ئوقۇشمۇ پۈتتۈردى ...لىكىن نىجاد ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە 2 ئاي قالغاندا ئاۋىستىرالىيەگە ئوقۇشقا چىكەتتى . بۇنى نىجادنىڭ ئاۋىستىرالىيەدىكى ئاچىسى نىجادقا ھەل قىلىپ بەرگەن ئوقۇشقا چىقىش پۇرسىتى ئىدى ....ئەينى چاغدا  چەتكە چىقىش ئۇختۇرشىنى قولغا ئالغان چاغدا ئۇ بىرىنچى بولۇپ دىلئارەنى ئويلىدى ....بۇ ئىشقا شۇنداق بېشى قاتتى ، لىكىن دىلئارە  ئاسان كەلمەيدىغان پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە  ئۇنى قوللىدى ۋە مەدەت بەردى ، ئۆزى بولسا ئىچىدە ياش تۆكتى ...شۇنداق قىلىپ نىجاد چەتكە ، دىلئارە بولسا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەمۇرىيلىق ئىمتىھانى بېرىپ ئۆتۈپ خەلىق سوت مەھكىمىسىگە ئورۇنلاشتى ...
    دەسلەپكى مەزگىللەردە دىلئارە بىلەن نىجاد ھەپتىدە بىر تېلفوندا پاراڭلىشاتتى ....ئۇلارنىڭ پاراڭلىشىش ۋاختى 10 مىنۇتتىن ئاشمايتتى ، چۈنكى ھەر قېتىم نىجاد دىلئارەگە ئۇرغاچقا ، دىلئارە نىجادتتىن  كۆپ پۇل چىقىشىدىن ئەنسىرە پ نۇرغۇن گەپلىرىنى ئىچىگە يۈتەتتى ...كېيىنكى كۈنلەردە بۇ ئىككى مۇھەببەت خەت ئارقىلىق سىردىشىدىغان بولۇشتى ...ئۇلار ھەپتىدە بىر خەت يېزىشاتتى ۋە خەت ئارقىلىق مۇھەببىتىنى بىر - بىرىگە يەتكۈزىشەتتى ...مۇشۇ تەرىقىدە بىر يېرىم يىل ئۆتتى ...دىلئارەنىڭ دوسلىرىمۇ توي قىلىشقا باشلىدى، دىلئارە ئۆيدە ئارزۇلۇق بىر تال قىز بولغاچقا  ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلاتتى .... لىكىن دىلئارەنىڭ دادىسى دىلئارەنى يېقىن دوستىنىڭ ئوغلى ئەسئەتكە ئېلىپ بېرىشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتى ....ئەسئەت دىلئارەدىن بىر يىللىق يۇقىرى ئوقۇيتتى ...ئىككىسى ھەم مەكتەپداش ئىدى ....ئەسئەت دىلئارە ئىككىسى كىچىكىدىن باشلاپ بىر - بىرىنى تونۇيتتى .... ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت پەقەت دوسلۇق مۇناسىۋى ئىدى خالاس .... دىلئارەنىڭ دادىسى دىلئارەنىڭ مۇھەببىتى بار لىقىنى ئوقۇپ قىزىغا ئۆز پىكىرىنى دىيىشتىن ۋاز  كەچتى...چۈنكى ئۇ ئامراق قىزىنىڭ پىكىرىنى ھۆرمەتلەيتتى ... لىكىن كېيىنكى كۈنلەردە دىلئارەنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ قىزىنى ئالدىرتىشقا باشلىدى ...چۈنكى دىلئارەنىڭ چوڭ ئاپىسنىڭ ئۆزى قولى بىلەن باققان نەۋرىسىنىڭ تويىنى كۆرۈشكە تەشنا ئىدى ....شۇ سەۋەبتىن ئاتا - ئانىسى ئۇنى ئالدىرتىشقا مەجبۇر بولدى ... دىلئارە بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئاجىز ئىدى ...نىجادنىڭ ئوقۇش پۈتۈشكە يەنە 2 يىل بار ئىدى .....ئۇ بۇ ئىشلارنى نىجادقا ئېيتاي دىدىيۇ لىكىن ئۇنىڭ دېققىتىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن ئىچىدە بىلدى .....قانداق قىلىش كېرەك ......مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە دىلئارەنىڭ چوڭ ئاپىسى يۈرەك كىسىلى قوزغىلىش سەۋەبى بىلەن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى ....دىلئارە بولسا ئىدارىسىدىن رۇخسەت سوراپ چوڭ ئاپىسىنى ئۆزى باختى ...چۈنكى چوڭ ئاپىسى ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشىنىڭ بىرى ئىدى ....لىكىن دوختۇرنىڭ كىلەر قېتىم يەنە قاچان قوزغىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ، ئەگەر يەنە قوزغالسا بىمار بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ .....دىگەن گېپى دىلئارەنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇشقا باشلىغان ئىدى ... بېسىم بارغانسىرى دىلئارەنى ھاردۇرۋاتاتتى .....چوڭ ئاپىسى دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئىككى كۈندىن كېيىن دادىسى دىلئارە بىلەن مۇڭداشتى ...دادىسىنىڭ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى دېدى .....لىكىن دىلئارە مۇھەببىتىنىڭ بارلىقىنى ، يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كىلدىغانلىقىنى دىگەندە دادىسى چوڭ ئاپىسىنى ئويلاپ قويۇشىنى ، چوڭ ئاپىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى دەپ چىقىپ كەتتى ...... بۇ گەپ دىلئارەنى ئازابلاشقا باشلىدى ....ئۇ قانداقمۇ نىجادقا ۋاپاسىزلىق قىلالىسۇن ......ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىنىڭ مۇنداقلا توختىشىنى ، ھەمدە ۋاپاسىزلىق قىلىشنى قەتئىي خاللىمايتتى ....چۈنكى ئۇ ئۆز مۇھەببىتىنى پەرھاد - شېرىندەك ، تاھىر - زۆھرەنىڭكىدەك غۇرباسىز مۇھەببەت دەپ ئويلايتتى .....لىكىن ھازىر ئۇنىڭ زېممىسىدىكى بېسىم ئۇنى ھاردۇرۇشقا باشلىغان ئىدى .........شۇ كۈنلەردە ئەسئەت ئۇنىڭغا تېلفون قىلىشقا باشلىدى ...چۈنكى دادىسى بۇ قېتىم قىزىدىن پىكىر ئالمايلا ئەسئەتنىڭ دادىسى بىلەن بۇ ئىككىسىنى قوشۇپ قويۇش ئۈچۈن پالاقشىۋاتاتتى ....ھەي قانداق قىلغۇلۇڭ ...........ئەسئەت ھەقىقەتەن ياخشى بالا ، كۆيۈمچان . ئۆزى بولسا قاتناش ساقچىسى ...ۋاپادار ئوغۇل .....لىكىن شۇ ھېسيات دىگەن نەرسىگە ئادەمنى تاڭغىلى بولمايدۇدە ......... ئۇ كېچە - كۈندۈز نىجادنى ئويلايتتى ...نىجاد بىلەن يۈرگەن ۋاقىتتىكى خاتىرلەر تا ھازىرغىچە ئۇنىڭغا ھەمراھ ئىدى ...شۇ كۈنلەردە چوڭ ئاپىسى يەنە دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى ....بۇ قېتىم ئاشقازاندىن چاتاق چىققان ئىدى ......قۇتقۇزۇش ئۆيىدە ئىككى ھەپتە يېتىپ داۋالىنىپ كىسىلى خېلى مۇقىم بولغان چاغدا ئاندىن ئادەتتىكى ياتاققا  يۆتكەلدى ..... ئەينى چاغدىكى كەيپىياتتا دىلئارە ھوشۇدىن كەتكەن ئىدى ....چۈنكى دوختۇرنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويۇڭلار بەلكى قۇتقۇزالماسلىقىمىز مۈمكىن ....ئوپراسىيە جەريانىدا يۈرەك كىسىلىنىڭ قوزغىلىپ قىلىش خەتىرى 30% دىگەن گېپى  ئىدى ....لىكىن خۇدا غا شۈكرى قۇتقۇزۇېىلىندى ......بۇ قېتىم دىلئارەنىڭ دادىسى چوڭ ئاپىسىنىڭ ئارزۇسىنى دىلئارەگە يەنە بىر قېتىم دىگەن چاغدا دىلئارە يىغلاپ رازىلىقىنى بىلدۈردى ... چۈنكى چوڭ ئاپىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماسلىققا ھېچقانداق سەۋەبى يوق ئىدى ..... شۇ كۈنى دادىسى خۇشال ھالدا بۇ ئىشنى چوڭ ئاپىسىغا ھەمدە ئەسئەتنىڭ دادىسىغا دېدى ....چوڭ ئاپىسى ئەلۋەتتە خۇشال بولىدۇ ..دە ....دىلئارە شۇ كۈنى كىسەل كارۋىتىدا ياتقان چوڭ ئاپىسىنىڭ كۈلكىسىنى كۆردى ھەمدە ئۆزىنى يىنىك ھېس قىلدى ....لىكىن ئۆيگە قايتىپ كىلىپلا ئۆزىنى كارۋاتقا ئېتىپ ئۇزاق - ئۇزاق يىغلىدى .....چۈنكى ئۆزى نىجادنىڭ مۇھەببىتىگە خائىنلىق ، ۋاپاسىزلىق قىلغان ئىدى ......بۇ ئازاب ئۇنى بەكلا قىنىغان ئىدى .......يەنە بىر تەرەپتىن ئەسئەت خۇش بولغان ئىدى ....چۈنكى راس گەپنى ئېتقاندا ئۇمۇ دىلئارەگە كۆيەتتى .....ئەينى چاغدا دىلئارەگە مۇھەببەت ئىزھار قىلاي دىگەن چاغدا نىجاد ئۇنىڭدىن بۇرۇن چىكەتكەن .....شۇڭا ئۇ بۇ مۇھەببىتىنى كۆڭلىگە ساقلاپ قويغىلى خېلى يىللار بولغان ئىدى .....مانا ئەمدى دىلئارە بىلەن توي قىلدىغانلىقىنى ئويلىسا ئۆزىنى شۇنداق بەخىتلك ھېس قىلغان ئىدى ..................................
   دىلئارە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشكابىدىن ئەلبۇمنى ئېلىپ ۋاراقلاشقا باشلىدى .......ئەلبومدىكى نىجادنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ يەنە ياش تۈكۈشكە باشلىدى ......دىلئارە شۇ توي ئىشىغا قۇشۇلغان ياقى چىرايىدىن كۈلكە ئازلاپ كەتكەن ئىدى .....ئەسئەت دىلئارەدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنىلا كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى خېلى چوڭ ئىدى ....چۈنكى ئۇ بىر كۈنلەر بولمىسۇن بىر كۈنى ئۇ دىلئارەنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىغا ئىشەنچىسى بار ئىدى ......لىكىن دىلئارە بۇ بالىغا نىسبەتەن پەقەت دوسلۇقلا بار ئىدى خالاس ... ئەسئەت كۈندە دىلئارەگە تېلفون قىلاتتى ....دىلئارەنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا نۇرغۇن قىزقارلىق گەپلەرنى قىلىپ بېرەتتى ...... دەم ئالغان كۈنلىرى دىلئارە بىلەن سىرتلارنى مېڭىپ ئايلىناتتى .....چۈنكى دىلئارەنىڭ  ئاستا مېڭىپ ئايلىنىشىقا ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى ....دىلئارە بەزىدە ئۇنىڭ بەزى قىلىقلىرىغا قاراپ كۈلۈپ كېتەتتى ....لىكىن شۇ ھامان كۆز ئالدىغا نىجاد كىلىۋىلىپ يۈرىكىنى ئېچىشتۇراتتى .....كۈنلەر شۇ تەرىقىسىدا ئۆتىۋەردى ....مانا توي قىلىشقا 2 ھەپتىلا قالدى ......دىلئارە ۋاقىتنىڭ ئاستا ئۆتىشىنى تىلەيتتى ...لىكىن ۋاقىت دىگەن ئاتقا ئوق ئەمەسمۇ ......... دىلئارە ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى نىجادقا   خەت يېزىشنى مۇۋاپىق تاپتى ...... دىلئارە خەتنى يىغلاپ تۇرۇپ يازدى ، يازغانسىرى يىغىدىن تىلىقىپ كېتەتتى .....چۈنكى يۈز بېرۋاتقان ئىشلارغا ئۆزى رازى ئەمەستە ......شۇنداق قىلىپ خەتنىمۇ يېزىپ بولدى ....لىكىن يىشىنى پەقەت توختىتالمايتتى ....تەغدىر نى قوشمىسا نىمە ئامال .....ھەي .......شۇندىن كېيىن ئۇ تېلفون نۇمۇرىنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتتى ........
   بۈگۈن توي .....توي كۈنى دىلئارە خۇدىنى بىلمەيلا يۈردى ، ئادەملەر ئارىسىدىن بىرىنىڭ سىماسىنى ئىزدەيتتى .... كۆڭلىدە پەقەت نىجادنىڭ سىماسىلا نامايان بولاتتى ، نىجاد خېتىمنى ئوقۇپ قانداق بولۇپ كەتكەندۇ .......ئارلىق يىراق ....بەلكى مېنى ۋاپاسىز ...دەپ تىللاۋاتقاندۇ ..... خەيرى خوش نىجاد ...خەيرى - خوش مېنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم ، مېنى ۋاپاسىز دەپ ئويلا .....ئۆز بەختىڭنى تاپقىن ...مېنى ئۇنتۇپ كەت ..... دىلئارە مۇشۇلارنى ئويلىغاچ كۆزىدىن بىر تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى .................................


     
  مەنبە ...ئۆزۈم  
  تەپسىلاتى بىر ئاز قالايمىقان بولۇپ قالدى ...كەچۈرۈڭلار ....

  

ھەركىم يازسا ئۆزتىلدا ئەسەر ، ئانا-تىل ئۈچۈن جېنىم مىڭ پىدا. يوقالسا ئانا-تىل ئەتە ئەگەر !!! بۈگۈنلا مەن بولاي جېنىمدىن جۇدا .....

ئۆلۈپ كەتكەندە ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2449
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6343
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 3388 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 05:55:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىجىل بولۇشمايدۇ مۇشۇ قىزلار تۇنجى مۇھەببەت ئاخىرقى مۇھەببەت دىگىلى ئىنساندا مۇھەببەت شۇنچە كۆپمۇ      .   ئەمىلىيەتتە مۇھەببەت دىگەن ،كۆۇڭۈل دىگەن پەقەت بىرلا چىندىلدىن بىرنىلا سۆيۈپ ئۆتۈشتەك ئىسىللىق يوقىلىش گىرداۋىغا بىرىپ قالدىغۇ بەزى دوسلىرمىزدا .............. بولدى جىق سۆزلىمەي مۇنبەر داشلىرىمدىن دەشنەم ئىشتىپ قالماي يەنە [s:151]  [s:151]  [s:151]  [s:151]

پۇلغا نامرات غور

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7907
تۆھپە نۇمۇرى: 317
توردا: 689 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 05:56:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ~~قانداق قىلىغۇلۇق ~~تەقدىر ئادەمگە ئەنە شۇنداق رەھىمسىز چاقچاقلارنى قىلىشقا ئامىراق ~~~ بەزى ئىشلارغا ئادەمنىڭ يۇرىكى ئېچىشىدۇ ~~~نىمە ئامال بار دەيسىز بۇنىڭغا ~~~

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 1455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15611
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 4708 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 05:58:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببىتىمنىڭ بىردىن بىر ياكى ئەڭ ئاخىرقىسى بۇلىشىىنى ئۈمىد قىلىمەن بىرى بىلەن بىر ئۈمىر بىللە ئۈتۈشتىنمۇ بەخىت بارمۇ ؟

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

تۈمەن مەن ئۈچۈن

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 15555
تۆھپە نۇمۇرى: 880
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 06:12:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇللارقىزلارغا نىسپەتەن تۇنجى يۈرگىنى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ ،قىزلار بولسا ئوغۇللارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ .

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

ئەل غىزا قۇۋەت م

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11615
تۆھپە نۇمۇرى: 992
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 06:31:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىرماڭ ۋىسال تېپىپمۇ قالا بۇندىن كىيىن ۋاقىت تېى باغۇ

ھاياتقا بەزدە كۈلگۈم كىلدۇ خاتالىق ئوتكۈزسەم تۈزگۈم كىلىدۇ نە ئامال ھېچ كىشى مەندەك ئەمەسكەن شۇڭلاشقا ئۇن تۈنسىز يۈرگۈم كىلىدۇ

گەپ ئېغىزدىن چىق

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3629
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73203
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 06:35:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى مۇھەببەتنىڭ كۆپىنچىسى ۋىسال تاپالمايدۇ.....................

گەپ ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ، ئېغىزدىن چىققان گەپ ئادەمنى باشقۇرىدۇ!

شۇنداقمۇ...؟؟؟!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17352
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 272
توردا: 2184 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 06:44:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجىسى بولغان بولسا ياخشى چىقىپتۇ. كىيىنچە تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن. لىكىن مىنىڭ "تىراگىدىيە" بىلەن پەقەت خوشۇم يوق.! [s:151]

ئادەم كۈلسىلا خۇشال بولغان بولامدۇ؟؟؟؟!!!

ھايات مەن ئۈچۈن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6091
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28078
تۆھپە نۇمۇرى: 328
توردا: 4368 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2011-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 06:48:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمانچە كۆپ كۆپ چېكىت بۇ . ئەسەرنى ئوقۇشۇم بىلەنلا مۇشۇ كۆپ چېكىت ئورۇنسىز ئىشلىتىلگەن باشقا  تىنىش بەلگىلەر سەۋەبىدىن تۇزسىز  تاماق يېگەندەك بولۇپ قالدى.  بۇرۇنمۇ «تۇنجى مۇھاببەت »ناملىق ئەسەر ھەققىدە مۇشۇ توغرىسىدا توختالغان ئىدىم. ھەيران قالدىم «مۇھاببەتكە ئائىت تېمىلار»دا ياكى كۆپ چېكىت كۆپرەك بولامدۇ قانداق ؟ ھازىرمۇ ئۇ ئەسەرنادىرتېمىلار قاتارىدا تۇرىدۇ.
ماۋۇ ئەسەرگە قاراپ باقايلى :
جىرىڭ ..... جىرىڭ......
- ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم !!!
- ۋەلەيكۇم ئەسسالام ....دىلئارە ما ....مەن ئەسئەت .....قانداق ئەھۋال ..ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟؟؟
- ياخشىغۇ ، سىزچۇ ....بىرەر ئىش بارمىتى ؟؟؟
- ۋاي، ياق ....شۇ سىزگە تېلفون قىلمىغىلى بىر كۈن بوپتۇ ئەمەسمۇ ...شۇڭا ......كەچتە ۋاختىڭىز بارمۇ ؟؟؟
- كەچتە دوستۇمنىڭ ئۆيىگە باراتتىم ......كەچۈرۈڭ .....
- ھېچقىسى يوق .....ئەتىلەتىن كۆرىشەمىز ......ئامان بولۇڭ ....
- سىزمۇ شۇ ......خەير - خوش ......
تېلفون قويۇلدى ....دىلئارە يالغان سۆزلىگەن ئىدى ...چۈنكى ئەسئەت بىلەن ئانچە خۇشى يوق ئىدى ....مۇشۇنداق تۇرۇپ يەنە 3 ئايدىن كېيىن مۇشۇ بالا بىلەن ئۆي تۇتىدىغىننى ئويلىسا ئىچى ئېچىشاتتى ....ھېچقانداق مۇھەببەت يوق تۇرۇپ قانداق تۇرمۇش قۇرغىلى بولىدۇ ...... ئۇ ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىدى ..............كۆز ئالدىغا نىجاد كىلىشكە باشلىدى .....
بۈگۈن توي .....توي كۈنى دىلئارە خۇدىنى بىلمەيلا يۈردى ، ئادەملەر ئارىسىدىن بىرىنىڭ سىماسىنى ئىزدەيتتى .... كۆڭلىدە پەقەت نىجادنىڭ سىماسىلا نامايان بولاتتى ، نىجاد خېتىمنى ئوقۇپ قانداق بولۇپ كەتكەندۇ .......ئارلىق يىراق ....بەلكى مېنى ۋاپاسىز ...دەپ تىللاۋاتقاندۇ ..... خەيرى خوش نىجاد ...خەيرى - خوش مېنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم ، مېنى ۋاپاسىز دەپ ئويلا .....ئۆز بەختىڭنى تاپقىن ...مېنى ئۇنتۇپ كەت ..... دىلئارە مۇشۇلارنى ئويلىغاچ كۆزىدىن بىر تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى .................................
---
ئەسەرنى كۆپ چېكىتنىڭ ئۇۋىسى دەپ ئېيتسام خاتا بولماس .

خاتا ئىشلىتىلگەن تىنىش بەلگىلەر كۆپرەك .
مەسىلەن : ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم !!!
-ياخشىغۇ ، سىزچۇ ....بىرەر ئىش بارمىتى ؟؟؟


دەيدىغىنىم بىر ئەسەرنى يېزىپ بولۇپلا يوللىماي ئازراق بولسىمۇ قاش -كىرپىكلىرىنى تۈزەپ قويايلى . باشقىلار كۆرىدۇ ئەمەسمۇ؟

دۇنياداچېكىلىۋەرسە ئېچىلمايدىغان ئىشىك يوق.گەپ  ئىشىك چەككۈچىنىڭ سەۋىرچانلىقىدا!

مىنى سەي خوجايىن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12977
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5605
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 785 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-18 06:51:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر  كۆپ ئىش كۆرمەيلا مۇھەببەتلىشىدىغان ئىشلار كۆپ   .  ھەم ئۇلاردا مۇھەببەت بىلىملىرى كەمچىل بولغاچقا مەڭگۇلۇك بولىشى بىر قەدەر تەس.

دوس يۈزىدە كۈلكە-چاخچاق  قوينىدا پالتا-پىچاق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش