چۆل - باياۋاندىكى سىرلىق مىللەت ــــ بەدەۋىلەر
مىسىرنىڭ سىناي ئۆلكىسى چېگرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي تابادىكى بىر كىچىك كەنتتىكى بالىسىنى قۇچاقلاپ تۇرغان بەدەۋى ئانا
بەدەۋىلەر (Bedouins، Beduin) چۆل–باياۋاندىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولۇپ ، ئۇرۇقداشلىق قەبىلىسىنى ئاساسىي بىرلىك قىلىپ ، بىپايان دەشت–چۆللەردە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئەرەبلەردۇر . ئۇلار ئاساسلىقى غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىنىڭ بىپايان چۆل–جەزىرىلىرىگە تارقالغان ، مىسىرنىڭ سىناي ئۆلكىسىدىمۇ تەخمىنەن 700 مىڭ بەدەۋى بار . بەدەۋىلەرنىڭ بوي–بەستى ئېگىز كېلىدۇ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ ، ‹‹بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش›› تۈزۈمىنى يولغا قويغان.
بەدەۋى ئەرلىرى ئوشۇقىغا كەلگۈدەك ئۇزۇنلۇقتىكى شارۋار ، كەڭ ئۇزۇن كۆينەك كىيىدۇ ، قىشتا سىرتىغا پىلاش ئارتىۋالىدۇ، بېلىگە تۇلۋار (ئەگمەچ قىلىچ) ياكى تاپانچا ئېسىۋالىدۇ . ئاياللارنىڭ ئۇزۇن كۆڭلىكى ، پۈركەنچىسى ، پىلاشلىرىغا گۈل كەشتىلىنىدۇ ، ئۇلار تۈرلۈك بېزەكلەرنى ئېسىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەنئەنىۋى بەدەۋىلەر ئادەتتە چۆل–جەزىرە ، باياۋان، تۆپىلىك (ئېدىرلىق) ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ چەت بەلباغلىرىدا ياشايدۇ ، تۆگە ، قوي بېقىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ، ئۇلار پەسىل ۋە مۇقىم يول بويىچە قانۇنىيەتلىك ھالدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ، دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ چەت بەلباغلىرىدا ئەڭ ئىسسىق ، قۇرغاق پەسىلنى ئۆتكۈزىدۇ . بازارغا بېرىپ ، چارۋا ماللىرى ياكى يىغقان دورا–دەرمەكلىرى (پۇراقلىق ماتېرىياللىرى) نى سېتىپ ، خورما ، ئاشلىق ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالىدۇ.
يامغۇر پەسلى يېتىپ كېلىپ ، چۆلدىكى ئوت–چۆپلەر ئۆسكەندە ، ئۇلار قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە يول ئالىدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بېرى ، كۆپلىگەن بەدەۋىلەر مۇقىم ئولتۇراقلىشىدىغان شەھەر تۇرمۇشىنى تاللىدى ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قۇملۇققا بولغان چۈشەنچىسى ۋە رايون مەنزىرىسىنى پىششىق بىلىدىغانلىقىغا تايىنىپ ، شەھەر چېتىدىكى بوز يەرلەرگە چېدىر تىكىپ ياكى ئاددىيلا ئۆي سېلىپ ، بۇ جايغا ساياھەتكە كەلگەن ياۋروپالىق ساياھەتچىلەرگە يول باشلىدى ياكى دېڭىز بويىغا كىچىك تىپتىكى قەھۋەخانا ، چايخانا ، ئىستىراھەت كەنتلىرىنى ئاچتى . ئۇلار يەنە خالىغان چاغدا قۇملۇققا قايتىپ كېلىپ ، ئوت–چۆپ قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان تۇرمۇشىنى باشلايدۇ . بەدەۋىلەر جاپاغا چىداملىق ، قىزغىن ۋە مېھماندوست ، ئەركىن–بىمالال، قورۇنماس خەلق بولۇپ ، قەبىلە ئەنئەن–تۈزۈملىرىدىن باشقا ھەرقانداق قانۇننى ئېتىراپ قىلمايدۇ ھەمدە ئۆز قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلىدىن باشقا ھېچقانداق ھۆكۈمەتكە بويسۇنمايدۇ ، شۇڭلاشقا مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدىكى بەزى بەدەۋىلەر ھۆكۈمەت ياكى يەرلىكتىكى ئارمىيە بىلەن پات–پات كىچىك دائىرىدە توقۇنۇشۇپ قالىدۇ.
بەدەۋىلەر چېدىردا تۇرۇپ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۆزگەرمىگەن تۇرمۇشنى كەچۈرمەكتە ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەر ياۋروپا–ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەر بىلەن راۋان چەت ئەل تىلىدا بىمالال سۆزلىشەلەيدۇ . ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى بەدەۋى قەھۋەسىگە ئالاھىدە مېھرى بار، ئەمما مۇزدەك ، شېرىن كولانىمۇ رەت قىلمايدۇ . ئۇلار ئىنتېرنېتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ ، ئەمما جۇڭگولۇق چولپان چىڭلۇڭنى ئوبدان تونۇيدۇ . ئۇلار قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىيلىق ئارىسىدا ئەركىن مېڭىپ يۈرگەن كۆچمەن چارۋىچى مىللەتتۇر.
مىسىرنىڭ سىناي ئۆلكىسى چېگرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي تابادىكى بىر كىچىك كەنتتىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇل (دۈم قىلىنغان تۆمۈر قازان) دا قازان نېنى سېلىۋاتقان بەدەۋى ئانا
مىسىرنىڭ سىناي ئۆلكىسى چېگرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي تابادىكى بىر كىچىك كەنتتىكى قوزىچاقنى قۇچاقلاپ كېتىۋاتقان بەدەۋى ئايال
مىسىرنىڭ سىناي ئۆلكىسى چېگرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي تابادىكى بىر كىچىك كەنتتىكى قوي پادىسى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋاتقان بەدەۋى ئەرلەر
مىسىرنىڭ سىناي ئۆلكىسى چېگرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي تابادىكى بىر كىچىك كەنتتىكى تۆگە
يېتىلىۋالغان 15 ياشلىق ئەلى
مىسىرنىڭ سىناي ئۆلكىسى چېگرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي تابادىكى بىر كىچىك كەنتتىكى ئېلېكتىرونلۇق سائەت تاقىۋالغان بەدەۋى قىز
مىسىرنىڭ سىناي ئۆلكىسى چېگرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي تابادىكى بىر كىچىك كەنتتىكى گۇگۇمدا قوي پادىسىنى قوتانغا ھەيدەپ ماڭغان ئايال
مىسىرنىڭ سىناي ئۆلكىسىنىڭ داخاب دېگەن يېرىدىكى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ناچارلىقىدىن زارلىنىۋاتقان بەدەۋى بوۋاي
مىسىرنىڭ سىناي ئۆلكىسىنىڭ داخاب دېگەن يېرىدىكى بىر بەدەۋىلەر چايخانىسىدا مېھمانلارغا چاي توشۇۋاتقان قىزچاق
مىسىرنىڭ سىناي ئۆلكىسى چېگرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي تابادىكى بىر كىچىك كەنتتە سۇ توشۇۋاتقان بەدەۋى ئەر
مەنبە:
http://www.xjtsnews.com