مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 929|ئىنكاس: 6

بالىلارغا نەسىھەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۈيۈمچان مەلىكە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5323
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9031
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 12:43:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                 بالىلارغا نەسىھەت 

سۈيۈملۈك پەرزەنتلەر!

سىلەر مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولۇڭلا ئوخشاشلا بىزنىڭ يۈرەك پارىلىرىمىز، پەخرىمىز، بارلىقىمىز، تەۋەرۈكىمىز ۋە كەلگۈسى ئۈمىدىمىز.

سىلەرنى توغرا يولغا سېلىپ، يامان يولدىن ساقلاپ دەۋرنىڭ كۈلپەت، ئازاپ- ئوقۇبەتلىرىگە، خەلقنىڭ قارغىش- نەپرەتلىرىگە ۋە غېرىپ- نامراتلىققا دۇچار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەقىل- پاراسەتلىك، ئەخلاقى- پەزىلەتلىك، ساغلام، ئۆزىگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ بەخت يارىتالايدىغان ھەقىقى ياراملىق ئادەم قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىش ـــــ بىز ئاتا- ئانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى، مىھرى- شەپقىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. شوڭا، سىز بۇ چەكلىك ھايات سەپىرىڭىزدە ئەقىل- پاراسىتىڭىزنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، نىمە ئىشلارنى قىلىش، نىمە ئىشلارنى قىلماسلىق ۋە قانداق ياشاش توغرىسىدىكى بۇ نەسىھەتلىرىمنى ئوبدان ئاڭلاپ، ئەستە چىڭ تۇتۇڭ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز بۇ دۇنيادا خار- زارلىق ۋە ھالاكەتتىن ساقلىنىپ، بەخت يۇلىنى تاپالايسىز.

1. ئاتا- ئانىنى قەدىرلەڭ.

بۇ دۇنيادا بالىلار ئۈچۈن ئاتىدىن ھۆرمەتلىك، ئانىدىن ئۇلۇغ ئىنسان يوق. ئاتا تۈۋرۈك، قەدىردان. ئانا باغۋەن، مىھرىبان. سىز ئاشۇ ئاتا- ئانىنىڭ سەۋەبى بىلەن ھاياتلىققا ئىرىشكەن، ئاشۇ ئاتا- ئانىنىڭ نۇرغۇن جەۋرى- جاپا- مۇشەققەتلىك ئەجرىسى ئارقىلىق ئۆسۈپ يىتىلىپ قاتارغا قوشۇلغان. ئاتا- ئانا بۇ دۇنيادىن كەچكىچە ھەمىشە غېمىڭىزنى يەپ، سۈيىڭىزدە ئاقىدۇ، ئوتىڭىزدا كۆيىدۇ. شوڭا سىز، ئاتا- ئانىنىڭ بۇ مىھرى- شەپقەتلىك ئەجرىسىگە ئۆمۈرۋايەت قەرزدار، ئۇنى قايتۇرۇپ بولالىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. بولۇپمۇ، ئانىنىڭ ئەجرىسىگە ھىچقانداق مال- دۇنيامۇ چىقىش قىلمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا- ئانىنى مەڭگۈ ئۇلۇغلاپ قەدىرلەش كېرەككى، ئۇلارنى ئۇنتۇش، قوپاللىق قىلىپ دىلىغا ئازار بىرىش، ئۆلىمەن- كېتىمەن دەپ تەھدىت سېلىش، گىپىگە كىرمەسلىك، خارلاش، ھالىدىن خەۋەر ئالماسلىق.............. قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كەچۈرگىسىز ئېغىر گۇناھ. ئاتا- ئانىنى قەدىرلەپ چەكسىز ھۆرمەتلىگەن، تۇرمۇشىغا تۇلۇق كۆڭۈل بۆلگەن ۋاپادار بالا ئۆز نۆۋىتىدە پەرزەنتلىرى ۋە ئەل- جامائەتتىن ياخشىلىق كۆرىدۇ. ئىززەت- ھۆرمەتلىك بولۇپ بەختكە ئىرىشىدۇ. ئەگەر، ئاتا- ئانىنى قەدىرلىمەي، قاخشاتقان بالا بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىمۇ ھەرگىز ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدۇ.

2. بىلىم ۋە ھۈنەر (تېخنىكا) ئېگەللەشنى ھەر ۋاقىت بوشاشتۇرماڭ.

بۇ دۇنيادا بىلىم ۋە ھۈنەر (تېخنىكا) دىن قىممەتلىك بايلىق يوق. ئۇنى پۇختا ئېگەللىۋالسىڭىز، ئۇ يوقۇلۇپ ياكى ئوغرى ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. قانچە ئىشلەتسىڭىز ئۇپراپ ياكى داتلىشىپ كەتمەيدۇ. بەلكى ئۇ، ئىشلەتكەنسىرى سىزگە شۇنچە نۇرغۇن بايلىق، ئىززەت- ھۆرمەت، ئابروي، ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ- قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ.

3. توغرا نىيەت ۋە پاك قەلبىڭىز بىلەن مۇسۇلمانلار ئادا قىلىشقا تىگىشلىك پەرىز ۋە سۈننەتلەرنى ئۆز ۋاقتىدا جان دىلىڭىز بىلەن تۇلۇق ئادا قىلىڭ.

بۇنىڭغا سۇسلۇق، بىپەرۋالىق، دورامچىلىق ۋە بېخۇتلۇق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

4. ئەدەپ- ئەخلاقلىق بولۇپ، ئىززەت- ھۆرمەت تېپىڭ.

سۆز- ھەرىكىتىڭىز سىلىق- سىپايە بولسۇن. باشقىلار بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۆيگە ۋە جامائەت سۇرۇنىغا كىرگەندە سالام قىلىڭ. ئاتا- ئانا، قېيناتا- قېينانا، ئۇستاز ۋە باشقا ھۆرمەتلىك كىشىلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا كىسىپ ئۆتمەڭ، ئۆيگە ۋە داستىخانغا ئالدىدا ماڭماڭ. چوڭلار گەپ قىلىۋاتقاندا گىپىنى بۆلمەڭ، چوڭلارغا ئىش ئۆگەتمەڭ، ئىشقا بۇيرىماڭ، سەپەرگە چىققاندا قېرىلار، كېسەللەر ۋە مېيىپلارغا ئولتۇرغان ئورنىڭىزنى بوشىتىپ بىرىڭ. باشقىلارنى كەمسىتمەڭ. مانا بۇلار سىزگە ئىززەت- ھۆرمەت ئاتا قىلىدۇ. ئەدەپ- ئەخلاقنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ ھايۋاندىن پەرقى قالمايدۇ.

5. قۇدرەت تاپاي دىسىڭىز ئىناۋەتلىك ياشاڭ.

ئىناۋەت ــــ ئادەمنى ھەر ۋاقىت سىھرى كۈچكە ئىگە قىلىپ، گىپى ئۆتىدىغان، ئىشلىرى راۋان يۈرۈشۈپ تۇرىدىغان، بەخت ئامەتكە ۋە ھۆرمەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئەگەر، سىز ئىناۋەتلىك بولۇپ، يۈز- ئابروي بىلەن ياشاي دىسىڭىز لەۋزىڭىزدە تۇرۇڭ، ئەخلاقى- پەزىلىتىڭىز ياخشى بولسۇن. گۇناھ بولىدىغان يامان ئىشلارنى قىلماڭ. پۇل تېپىڭ، خەيرى- ساخاۋەتلىك بولۇڭ. ئاز گەپ قىلىڭ، يالغانچىلىق قىلماڭ. دوستلۇق ۋە ئىناقلىقنى سۆيۈڭ. ماختانچىلىق، ھاكاۋۇرلۇقتىن ساخلىنىڭ.

6. ۋاقىتنى قەدىرلەڭ.

ۋاقىت ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك بايلىق. ۋاقىت پۇرسەت، ۋاقىت بەخت، ۋاقىتنى بىھۇدە بىكارغا ئۆتكۈزۈپ ئىسراپ قىلىش ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك. شوڭا، ھەر بىر مىنۇت، ھەربىر دەقىقە ۋاقىتنىمۇ قولدىن بىرىپ قويماسلىق كېرەك. چۈنكى، ۋاقىت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، قولدىن كەتكەن ۋاقىتتىن كىلىپ چىققان زىياننىڭ ئۆزىنى تولدۇرىۋېلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شوڭا، پەيتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەڭ.

7. ئىناقلىقنى بىباھا گۆھەر دەپ بىلىڭ.

ئەگەر سىز ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن ئۇرۇق- تۇققان، خولۇم- خوشنىلار بىلەن ئەل- جامائەت ۋە ھەر قايسى مىللەتلەر بىلەن ئۆز- ئارا ئىشىنىش، ئۆز- ئارا يول قويۇش، ئۆز- ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆز- ئارا ياردەم بىرىش ئاساسىدا ھەر ۋاقىت ئىناق، ئىجىل ئۆتەلىسىڭىز بۇ سىزگە ھەر ۋاقىت بەخت ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ.

ئەكسىچە گۇمانخورلۇق، ئالدىراڭغۇلۇق، ھەسەتخورلۇق، ئىچى تارلىق ۋە غەيۋەتخورلۇقتىن ھەزەر ئەيلىمىسىڭىز، بۇ ئىناقلىقنى بۇزۇپ ئاپەت پەيدا قىلىدۇ.

8. دوستلۇقنى سۆيۈڭ ۋە ئۇنى قەدىرلەڭ.

ئادەم ھايات مۇساپىسىدە بىر- بىرىگە، بولۇپمۇ دوستلۇققا موھتاج. دوستلۇقنىڭ يۇرت، باشقا جەمەت ۋە مىللەت ئايرىمىسى بولمايدۇ. دوستلۇق ئۈچ خىل بولىدۇ:

بىرىنچىسى: تۈرلۈك سىناقلاردىن ئۆتكەن، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولالايدىغان، سەمىمىي، ئىشەنچىلىك ھەقىقىي دوست. بۇنى قەدىرلەڭ.

ئىككىنچىسى: ئۆز- ئارا ھەمكارلىشىپ، بىر- بىرىگە ياردەم بېرەلەيدىغان ئادەتتىكى دوست. بۇنىڭغا ئەھمىيەت بىرىڭ.

ئۈچىنچىسى: دوستىڭىز قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، پۇل- مېلىڭىزنى ۋە ئائىلىڭىزنى خەسلەيدىغان، كۆڭلى قارا، ساختا دوست. بۇ، ئاشكارە دۈشمىنىڭىزدىنمۇ خەتەرلىك. بۇنداقلاردىن ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنى تارتىڭ. يەنە شۇنىمۇ سەمىڭىزگە سالايكى، دوستلۇقنى بۇزىدىغان دۈشمەن، قىزىق قانلىق، ئالدىراڭغۇلۇق ۋە گۇمانخورلۇقتۇر. بۇنىڭدىن پەخەس بولۇڭ.
9. ھەر ۋاقىت دۈشمەندىن پەخەس بولۇڭ.

ئادەمنىڭ دۈشمىنى ئىككى بولىدۇ. بىرى: ئۆزىگە- ئۆزى دۈشمەن. يەنە بىرى: سىز بىلەن قارشىلىشىپ زىيانكەشلىك قىلىش غەرىزىدە بولۇۋاتقان تاشقى دۈشمەن.

ئۆزىگە- ئۆزى دۈشمەن دىگەنلىك ــــ بىرىنچىدىن: بىلىمسىزلىك ئۆزىگە دۈشمەن. ئىككىنچىدىن: ئاچچىقىنى بېسىۋالالماسلىق ئۆزىگە دۈشمەن. ئۈچىنچىدىن: باشقىلارغا ئۆچ- ئاداۋەت ساقلاش ئۆزىگە دۈشمەن. ئەگەر سىز، بىر ئەقىل ئىگىسى بولسىڭىز ئۆزىگە- ئۆزى دۈشمەن بولىدىغان بۇ خىل ھالەتلەرنى يېڭىشقا جۈرئەت قىلىشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلالىسىڭىز تۈرلۈك يامان ئاقىۋەت ۋە بالا- قازالاردىن خالىي بولالايسىز.

سىز بىلەن قارشىلىشىپ زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان تاشقى دۈشمەن دىگەنلىك ــــــ سىزگە ئۆچمەنلىك قىلىپ، ھاياتىڭىز ۋە مال- مۈلكىڭىزنى ۋەيران قىلماقچى بولغان قارا نىيەت ئادەم ۋە يىرتقۇچ ھايۋان. بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماي، ھەر ۋاقىت پەخەس بولۇڭ. ئەمما، ئۇ سىزگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنمىسىلا، سىز ئالدىراپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆچەكەشمەي، ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ئۇنى تەسىرلەندۈرۈڭ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ سىز بىلەن دوست بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

10. ئوغرى ۋە ئالدامچىلاردىن پەخەس بولۇڭ.

ئوغرى ۋە ئالدامچىلارنىڭ سىز تۇنۇيدىغان بەلگىسى يوق، ھىيلە- مىكرى تولا، كىم بىخەستەلىك قىلسا، شۇنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلايدۇ ياكى شۇنى ئالدايدۇ. شوڭا، پۇل ۋە قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى قويغان جاينىڭ مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلاڭ ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ھەر ۋاقىت قىلىڭ. نەرسە- كېرەك سېتىۋالغاندا ساختا نەرسىدىن، سودا- تىجارەت قىلغاندا ياكى پۇل پارچىلىغاندا ساختا پۇلدىن ئىھتىيات قىلىڭ.

11. ھەسەتخورلۇقتىن ساقلىنىڭ.

ھەسەتخورلۇق ــــ بىر ئوت. ئۇ ئىچى تار، چىدىماس، ئاشكۆزنىڭ ئىشى. ھەسەتخورلۇق قىلىپ باشقىلارنى ئوتقا ئىتتۈرمەكچى بولغان ھەسەتخورلار ئاخىرىدا ئۆزى شۇ ئوتتا كۆيۈپ ھالاك بولىدۇ. شوڭا سىز كەڭ قورساق، سەۋر- تاقەتلىك بولۇپ، باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆرەلمەيدىغان ھەسەتخورلاردىن بولماڭ.

12. غەيۋەت- شىكايەتكە ئارىلاشماڭ.

مەيلى ھۆكۈمەتنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ كەينىدىن قالايمىقان يامان گىپىنى قىلماڭ، باشقىلار شۇنداق غەيۋەت- شىكايەت قىلىۋاتقان يەردە ھەم تۇرماڭ، چۈنكى غەيۋەت- شىكايەت ئىنقىلاپ ۋە زىددىيەت پەيدا قىلىپلا قالماستىن يەنە خەتەرلىك يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

13. چېقىمچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ.

چېقىمچىلىق بىر ئاپەت. ئۇ، ئاسىي مۇناپىقلارنىڭ قىلمىش ھەركىتى بولۇپ، ئاقىۋىتى ئىنتايىن يامان. شوڭا، باشقىلارنىڭ ئەيىپ- نۇقسانلىرىنى كۆرسىڭىز، باشقىلارغا دەپ يۈرمەي ئامال بار ئۆزىڭىز تۈزىتىش بىرىپ چەكلەڭ. باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارتۇقچە ئارىلاشماڭ. بىرسىنىڭ ئورۇنسىز گىپى ياكى قىلمىش ھەرىكىتىنى يەنە بىرسىگە دەپ يۈرمەڭ. ئۆز غۇرۇرىڭىز ۋە پاك ۋىجدانىڭىز بىلەن ياشاڭ.

14. ھەققانىي ئادىل ياشاڭ.

يۇۋاشلار، ئاجىزلار ۋە ئاياللارغا ئۇۋال قىلماڭ. دەرتمەنلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇڭ. سودا- سېتىقتا راستچىل بولۇڭ. ھەر قانچە نامرات بولسىڭىزمۇ كىشىنىڭ ھەققىگە چېقىلماڭ. كىشىدىن تاما قىلماڭ. جېدەل- ماجرالارغا ئارىلاشماڭ. دۆلەت قانۇنلىرىنى پۇختا ئىگەللەپ يولدىن ئازماڭ ھەم ئۆزىڭىزنى قوغداشنى بىلىڭ. ھەق- ناھەق مەسىلىسىدە راست سۆزلەڭ، يالغان گۇۋاھلىق بەرمەڭ. تۆھمەت ۋە ناھەقچىلىققا ئۇچراپ قالسىڭىز ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىپ، دەلىل- ئىسپات بىلەن ئۆزىڭىزنى پاكلاڭ. غېرىپ- مىسكىنلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭ. يول، كۆۋرۈك قاتارلىقلارغا ياردەم قىلىڭ.

15. ئەقىل- پاراسىتىڭىزنى جارى قىلدۇرۇشقا ماھىر بولۇڭ.

بۇ دۇنيادا ھەر بىر ئىنسانغا ئەقىل- پاراسەت ئاتا قىلىنغان. ئەمما، بۇ ئەقىلنى ئىشلىتىش- ئىشلىتەلمەسلىك ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە باغلىق. ئەگەر سىز، بۇ چەكلىك ھاياتىمنى بەختلىك ئۆتكۈزەي دىسىڭىز، ئەقىل- پاراسىتىڭىزنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇڭ. ئەقىل ئىشلىتىشتە بىرىنچىدىن: ئەقىل ئىقتىدارنى ئىشقا سېلىڭ. ئىككىنچىدىن: باشقىلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىڭ. ئۈچىنچىدىن: باشقىلارنىڭ تەجرىبە- ساۋاقلىرىنى قۇبۇل قىلىڭ. تۆتىنچىدىن: ئۆزىڭىز يولۇققان ئوڭۇشسىزلىقلاردىن ساۋاق ئېلىڭ. شۇنداق قىلغاندا، ئەقىل- پاراسىتىڭىزنى جارى قىلدۇرالايسىز. مۇشۇ ئاساستا قەتئىي ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن تىرىشىپ ئىزدەنسىڭىزلا ئاجايىپ زور بەخت، بايلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئىرىشەلەيسىز.

16. پىلانلىق ۋە ئىرادىلىك بولۇڭ.

ئادەمنىڭ ھەر قانداق ئىشتا ئالدىدىن پىلانى بولمىسا قارغۇدەك تىمسىقىلاپ يول تاپالمايدۇ. يەنە پىلان بولۇپ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ئىشەنچ ۋە ئىرادە بولمىسا ھەر قانچە ياخشى پىلانمۇ قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شوڭا، ئەقىل ئىگىسى بولغان ھەر قانداق ئادەم بۈگۈن ئەتىنىڭ، بۇ ئايدا كېلەر ئاينىڭ، بۇ يىل كېلەر يىلنىڭ، ياش ۋاقتىدا قېرىغاننىڭ، سالامەت ۋاقتىدا كېسەل بولغاننىڭ، ھايات ۋاقتىدا بولۇشنىڭ ئىشلىرىنى ئالدىدىن ئوبدان پىلانلاپ، تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، بۇ قىسقىغىنە ھاياتىنى مەنىلىك، بەختلىك ئۆتكۈزۈپ، كىيىنكى پۇشايمان ۋە ھەسرەتتىن خالىي بولغىلى بولىدۇ.

17. تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچانلىق بىلەن يول تېپىپ ئىگىلىك يارىتىڭ.

ئادەم بۇ دۇنياغا جاپالىق ئەجرىسى ئارقىلىق ئۆز بەختىنى تېپىپ ياشاشقا يارىتىلغان. ئادەم ياشاش ئۈچۈن يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك ۋە ئۆي- مۈلۈككە مۇھتاج. بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەقىل ئىشلىتىپ جاپالىق ئەجىر قىلىشتىن كېلىدۇ. شوڭا، ئەقىل- پاراسىتىڭىزنى تۇلۇق ئىشقا سېلىپ، جاپادىن قورقماي تىرىشىپ پۇل تېپىڭ، ئىگىلىك يارىتىڭ، تېجەشلىك تىرىشچانلىق، ئىختىسادچانلىق بىلەن ئىختىساد باشقۇرۇڭ.

18. ئېلىم- بېرىم مۇئامىلىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇڭ.

گىپىدە تۇرمايدىغان نامەرت ياكى قويمىچى ئادەم بىلەن ئېلىم- بېرىم مۇئامىلە قىلماڭ. ئامالسىزلىقتىن قەرز ئالسىڭىز ئۆز قەرەلدە قايتۇرۇڭ. ئىشەنچىلىك ھاجەتمەنلەر قەرز سورىسا بىرىڭ، ئەمما سىلىق- سىپايىلىق بىلەن ۋاقتىدا ئېلىڭ. سودا تىجارەت قىلسىڭىز، نەق ئېلىپ نىسى ساتىدىغان، قىممەت ئېلىپ ئەرزان ساتىدىغان ۋەيرانە يولدىن قاتتىق ئىھتىيات قىلىڭ.

19. ھەر قانداق ئىشىڭىز نورمال بولسۇن، ھەرگىز چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەڭ.

ھەر قانداق ئىشنىڭ چېكى بولىدۇ، چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئىش بۇزۇلىدۇ ياكى يامان ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ.

20. سىر (مەخپىيەتلىك) ساقلاشقا قاتتىق ئەمەل قىلىڭ.

سىر دىگەنلىك ـــــ باشقىلار بىلىشكە بولمايدىغان مەخپىيەتلىك دىگەنلىك بولىدۇ. باشقىلار بىلىشكە بولمايدىغان پىلان، بىرەر قارار، ئەيىپ- نۇخسانلىرىڭىز، پۇل ۋە قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ساخلايدىغان جاي قاتارلىق سىرلىرىڭىزنى ھەرگىز ئاشكارلىماڭ. ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ سىرىنىمۇ بىلگۈچى بولماڭ. ئەگەر، بىلىپ قالسىڭىز ئۇنىمۇ ھەرگىز ئاشكارلىماڭ.

21. ئەخلاقى- پەزىلىتىڭىزنى ياخشىلاپ، گۇناھ بولىدىغان مۇنداق بىر قانچە تۈرلۈك يامان ئىشلارنى قىلماڭ.

(1) قىمار ئوينىماڭ. قىمار، پۇل ۋە مال- مۈلكىڭىزدىن ئايرىپ خانىۋەيران قىلىدۇ.

(2) زەھەرلىك چىكىملىكلەردىن ھەزەر ئەيلەپ، ئۇنىڭغا ھەرگىز يېقىنلاشقۇچى بولماڭ. ئۇ ئائىلە ئىقتىسادىڭىزدىن ئايرىۋېتىپلا قالماي، يەنە ھاياتىڭىزنى نابۇت قىلىدىغان ئەشەددىي قاتىل.

(3) ھارام زىنا قىلماڭ. بۇ، جۆرىڭىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان كەچۈرگىسىز گۇناھ بولۇپلا قالماي، يەنە ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرىۋالىسىز.

(4) تاماكا چەكمەڭ. بۇ، پۇلنى ئەخلەت- چاۋاغا تىگىشىپ كۆيدۈرگەنلىك بولۇپلا قالماي، يەنە سىز شورىغان ئۇنىڭ ئىسى ئىچكى ئورگانىزىملىرىڭىزنى زەھەرلەپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئەجەلگە ھۆكۈم قىلىدىغان جان ئالغۇچى ئەزرائىلدۇر.

(5) ھاراق ئىچمەڭ. ئۇنىڭ مۇنداق تۆت تۈرلۈك زىيىنى بار:

بىرىنچىدىن: ئىچكەن ھاراق سىزگە ئۇزۇق ياكى قۇۋۋەت ئەمەس بەلكى ئۇ بىر بەدخەجلىك.

ئىككىنچىدىن: مەسلىكتە ھادىسىگە ئۇچراپ، مېيىپ ياكى ئۆلۈم ۋەقەسىگە گىرىپتار قىلىدۇ.

ئۈچىنچىدىن: مەسلىكتە قاتىل قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.

تۆتىنچىدىن: مەسلىكتە يوللاردا يېتىپ ياكى قالايمىقان سۆزلەپ ئەل- جامائەت ئالدىدا يۈز- ئابروينى تۆكىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىمىزدا كۈرۈلۈۋاتقان ئىشلار.

22. سەۋر- تاقەتلىك ۋە غەيرەتلىك بولۇڭ.

بۇ دۇنيادا، ھەققانىيەت بىلەن ئادالەتسىزلىك، بەخت- ئامەت بىلەن كىلىشمەسلىك، خوشاللىق بىلەن قايغۇ- ھەسرەت بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. دىمەك، ھەممە ئىش سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز ۋە ئىرادىڭىز بويىچە بولىۋەرمەيدۇ. شوڭا، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولۇپ، بەخت- ئامەت ۋە خوشاللىق ئىچىدە ياشاۋاتقان بولسىڭىز ئۇنى ئۇلۇغلاپ قەدىرلەڭ. ھەرگىزمۇ مەغرۇرلىنىپ ئۆزىڭىزگە تەمەننا قويماڭ. ناۋادا بىرەر ئادالەتسىزلىك، كىلىشمەسلىك ياكى بىرەر خاپىلىق ۋە ھەسرەتكە ئۇچراپ قالسىڭىز جىددىيلەشمەي سەۋر- تاقەتلىك بولۇپ، تۇلۇق ئىشەنچ ۋە قەتئىي ئىرادىڭىز بىلەن بۇ ئۆتكەللەرنى بۈسۈپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالىسىڭىز ھەممە ئىشلار ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.

23. ياخشىلىق قىلىشنى شەرەپ، يامانلىق قىلىشنى نومۇس دەپ بىلىڭ.

ياخشىلىق ئەڭ گۈزەل ئەخلاقى- پەزىلەتنىڭ نامايەندىسى. بۇ چەكلىك ھاياتىڭىزنى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش، ساۋاپلىق (ياخشى ئىش) نى قانچە كۆپ قىلسىڭىز، بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىززەت- ھۆرمەت ۋە شان- شەرەپكە ئىرىشىسىز. نامىڭىز ئۆچمەيدۇ. ئەگەر، باشقىلارغا يامانلىق قىلسىڭىز ھەم گۇناھ بولىدىغان يامان ئىشلارنى قىلسىڭىز بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىسىز.

24. كەمتەر، ئىھتىياتچان بولۇڭ.

سىز ھەر قانچە بىلىملىك، مەرتىۋىلىك ياكى پۇلدار باي بولسىڭىزمۇ ئۇنىڭدىن مەغرۇرلىنىپ ئۆزىڭىزنى چوڭ تۇتماڭ. يەنىلا كەمتەر بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىڭ. كەمتەرلىك كىشىنى ئالغا باستۇرىدۇ، مەغرۇرلۇق ئارقىدا قالدۇرىدۇ.

ھەر قانداق گەپ- سۆز، ئىش- ھەرىكەتتە ۋە يول يۈرگەندە ئىھتىياتچان بولۇڭ، كىچىككىنە ئىھتىياتسىزلىقتىن ھادىسە كىلىپ چىقىپ، يامان ئاقىۋەت پەيدا بولىدۇ.

25. مىھماندارچىلىقنىڭ قائىدە- يۇسۇنلىرىغا تۇلۇق ھۆرمەت قىلىڭ.

ھەر قايسى يۇرت ۋە مىللەتلەرنىڭ مىھماندارچىلىق قائىدە- يۇسۇنلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. سىز قايسى يۇرت ۋە قايسى مىللەتنىڭ ھۇزۇرىغا مىھماندارچىلىققا بارسىڭىز، شۇ سۇرۇننىڭ قائىدە- يۇسۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىڭ. چاقىرغان يەردىن قالماي ۋاقتىدا بېرىڭ. چاقىرمىغان يەرگە بارماڭ. داستىخاندىكى يېمەكلىكنى تەكلىپ قىلغاندا ئەدەپ بىلەن يەڭ. كىشىنىڭ ئالدىدىكى تاماققا قول ئۇزارتماڭ.

ئەگەر سىز مىھمان چاقىرسىڭىز، مىھماننى خۇشچىراي ياخشى كۈتۈڭ، ساخلاتماڭ. تاماققا بەك قاتتىق زورلىماڭ. مىھمان چوڭ- كىچىك، باي- نامرات بولسىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىڭ. چاقىرمىغان مىھمان كىلىپ قالسىمۇ ئوخشاشلا ياخشى كۈتۈڭ. ھەرگىز مىھماننىڭ دىلى ئاغرىيدىغان ئىشنى قىلماڭ.

26. كېسەل يوقلاڭ، مۇسىبەت بولغان يەرگە قەتئىي بېرىڭ.

كېسەل يوقلاش ـــــــ كىشىلەرگە كۆيۈنۈش ۋە مىھرىبانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. سىز يوقلىغان كېسەل ـــــ  سىز ئاپارغان نەرسىڭىزدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ سىز ئەھۋال سوراپ ياخشى تىلەك تىلەپ قويغانلىقىڭىزدىن مىننەتدار بولۇپ، روھىي جەھەتتىن تەسەللىي تاپىدۇ.

بىر كىشى ۋاپات بولسا ئۇ يەرگە بېرىپ، دەپنە قىلىشقا قاتنىشىڭ ھەم ئۇلارنىڭ يېقىن جەمەتلىرىگە تەسەللىي بىرىڭ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىمۇ مۇسىبەت بولۇپ قالسا، ئەل- جامائەتمۇ سىزگە شۇنداق قىلىدۇ. مۇسىبەت بولغان يەردە كۈلۈشۈپ چاقچاق قىلىشتىن يىراق تۇرۇڭ. ئۇرۇق- تۇغقان، خولۇم- خوشنىڭىزمۇ مۇسىبەتلىك بولۇپ قالسا ياردەم قىلىڭ.

27. كۈيئوغۇل- كىلىن بولغاندا ئادا قىلىشقا تىگىشلىك مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئۇنۇتماڭ.

قېيناتا- قېينانىڭىزنى ئۆز ئاتا- ئانىڭىزدىنمۇ بەكرەك ھۆرمەتلەڭ. ئۇلارغا ئەدەپسىز سۆز- ھەرىكەتتە بولماڭ. جۆرىڭىزنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا ئۆز ئۇرۇق- تۇغقانلىرىڭىزغا ئوخشاش ئۇرۇندا كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىڭ، قېيناتا- قېينانىڭىزنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىڭ، جۆرىڭىزغا كۆيۈنۈڭ.

28. تەن سالامەتلىكنى ئاسراشقا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىڭ.

ئادەمنىڭ تەن سالامەتلىكى ئەڭ زور بايلىقتۇر. شوڭا، تەن سالامەتلىكىنى ئاسراشتا مۇنداق ئالتە تۈرلۈك ئىشقا ھەرگىز سەل قارىماڭ:

بىرىنچى: يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك ۋە ھويلا- ئارام تازلىقى (پاكىزلىق) غا ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بىرىڭ.

ئىككىنچى: ياخشى كەيپىيات يىتىلدۈرۈشكە تۇلۇق ئەھمىيەت بىرىڭ.

ئۈچىنچى: يېمەك- ئىچمەك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا تۇلۇق ئەھمىيەت بىرىپ، داۋاملىق بىر خىللا تاماق يىيىشتىن ساقلىنىپ، كۆپ خىل تاماق ۋە سەي- كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەڭ.

تۆتىنچى: كېسەلنى ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ، چۇقۇم ۋاقتىدا داۋالىتىڭ.

بەشىنچى: يۇقۇملۇق كېسەللەرنى يۇقتۇرىۋېلىشتىن قاتتىق ئىھتىيات قىلىڭ.

ئالتىنچى: يۈرۈك، مىڭە، قان تۇمۇر ۋە قان بېسىم كېسەللىرىگە ھەرگىز سەل قارىماڭ.

29. ئۆز- ئۆزىڭىزنى ھەر ۋاقىت چۈشىنىپ تۇرۇشنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ.

ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكىنى ئۆز ۋاقتىدا بىلىپ تۇرمىسا، تۇرمۇش ئىھتىياجى دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە يېڭى تەرەققىياتىغا ماسلىشالمايدۇ. شوڭا، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكىنى بىلىپ تۇرۇش بەكمۇ زۆرۈر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر ۋاقىت ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ سۆز- ھەرىكىتىڭىزنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇۋاتقانلىقىنى ئۆزىڭىز يەكۈنلەڭ ھەم باشقىلارنىڭ نەسىھەت ۋە تەكلىپلىرىنى دادىللىق بىلەن ئاڭلاپ، توغرا تەرەپلىرىنى قۇبۇل قىلىپ تەلىم ئېلىڭ، خاتا تەرەپلىرىدىن ئىبرەت ئېلىڭ. بۇ ئارتۇقچىلىقىڭىزنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىڭىزنى تۈزۈتۈپ، كۈنسىرى ئالغا بېسىشىڭىزغا پايدىلىق.

مەن بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە كۆيۈنۈپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلەر ئۈچۈن قالدۇرغان نەسىھەتلىرى ۋە 60 يىللىق ھاياتىمدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان تەجرىبە- ساۋاقلارنى قوبۇل قىلغان ئاساستا بۇ نەسىھەتلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئەگەر سىز، ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ، خاتالىقلاردىن خالىي بولغان ئاساستا بەختلىك ياشاي دىسىڭىز، بۇ نەسىھەتلىرىمنى قۇبۇل قىلىپ، ئەستە چىڭ ساقلاڭ ۋە بۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭ. 

  مىجىت رىشىت

2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى


مەنبەسى: ئاتامنىڭ <<بالىلارغا نەسىھەت>> ناملىق خاتىرىسىدىن ئېلىندى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش: ئەسەر ھۇقۇقىغا دىققەت قىلىڭ
بۇ ئەسەرنى قالايمىقان يوللاشقا بولمايدۇ.


دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە: نۇقسانسىز ۋە خۇلۇقسىز ئايالنىڭ بولۇشى؛ئاياللاردىكى ئەڭ قىممەتلىك ئىككى خىسلەت: ياخشى - ياماننى پەرق ئىتىش ئۇسۇلى ۋە خىجىل بولۇشتۇر.

man qokum arzulirimga yetiman.

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15391
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8100
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 2021 سائەت
تىزىم: 2010-10-27
ئاخىرقى: 2010-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 01:27:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى سۆزلەركەن،رەھمەت.

مەن چوقۇم تىرىشىپ ئارزۇ -ئارمانلىرىمغا يېتىمەن.ئۇلۇغ ئاللاھ،مېنڭ مۇارد-مەقسەتلىرىمگە يەتكۈزەرسىز.

نەفىسە(ئاماننىس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15631
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9574
تۆھپە نۇمۇرى: 802
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 01:49:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلارغا كۆيۇنۇش مىللەتكە كۆيۇنۇش جۇملىسىدىندۇر

بالىلارغا ئاتالغان بۇ نەسېھەتنامىىلەر بەك ياخشىكەن

سۇ بەك سۇزۇك بول

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5651
يازما سانى: 1215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11159
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 4132 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 02:27:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى ھېكمەتلەركەن ، رەخمەت سىزگە........................

نىمە ئۇچۇن بوشۇك بىلەن قەبرىنىڭ شەكلى ئوخشاش؟ چۇنكى ھەر ئىككىلىسى ئۇيقۇ ئۇچۇن ياسىلىدۇ،پەرقى شۇكى ،بىرى ۋاقىتلىق ئۇيقۇ ئۇچۇن بىرى بولسا مەڭگۇلۇك ئۇيقۇ ئۇچۇن............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90265
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 900
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 04:28:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن-بۇ،بالىلىرىمىزغا ئوقۇپ بەرسەك بولغۇدەك.ئاللا رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15237
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7550
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3790 سائەت
تىزىم: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 06:54:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر ئايالنىڭ غورورى بىر ئەركىشنى يامان يولدىن توسسا،بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان  يولدىن توسۇپ قالالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32286
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 05:34:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
14.ھەققانى ياشاش.
     توغرا.

     ئادەمسەن ھەر قاچان ئادەمدەك ياشا،
     ئالەمنى قوياشتەك ئايلان كەڭ تاشا.
     خالادا پوق پۇراپ ياتقان چىۋىندىن،
    مىڭ ياخشى تەستەك يەپ ئۆلگەن شۇ پاشا.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش