تەلپەك - ئۇيغۇرلارنىڭ خىلمۇخىل باش كىيىملىرى ئىچىدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان رايون خاراكتېرلىك بىر خىل قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى. تەلپەك پەقەت كېرىيە ئاياللىرىغا خاس بىر خىل باش كىيىم بولۇپ، باشقا رايونلارغا ئاساسەن تارقالمىغان.
كېرىيە ناھىيىسى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقىگە، قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىغا، تەكلىماكان چوڭ قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، قەدىمكى <ئۇدۇن دۆلىتى> نىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي مەركىزى، قەدىمكى <يىپەك يولى> نىڭ جەنۇبتىكى مۇھىم تۈگۈنى. كېرىيە ئۇيغۇرلىرى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەندىن سىرت، يەنە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆزگىچە كىيىنىش ئادەتلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە <كېرىيە ئاياللىرىنىڭ پەرەنچىسى ۋە تەلپىكى> ھەممىدىن تىپىك كۆرۈنۈشكە ئىگە.
كېرىيە ئاياللىرى ئاق ياغلىقنىڭ ئۈستىگە كىچىك تەلپەكتىن بىرنى قوندۇرۇپ كىيىۋالىدۇ، بۇنداق كىچىك تەلپەكنىڭ تىكىلىش ئۇسۇلى ئۆزگىچە بولۇپ، ئاستىنقى دىئامېترى ئون سانتىمېتىر، ئۈستۈنكى دىئامېترى ئۈچ - تۆت سانتىمېتردىن ئاشمايدۇ. تەلپەكنىڭ قاسقىنى قارا يۇڭ يىپتىن توقۇلىدۇ. ئاستى گىرۋىكىگە بىر سانتىمېتر ئەتراپىدا يۇڭ يىپتىن تەكشى قىلىپ كىرپىك تۇتۇلىدۇ. تەلپەكنىڭ ئىچىگە ئاشلانغان يۇمشاق تېرىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ، تەلپەكنىڭ تۆپىلىكى ئۇنىڭ مۇھىم قىسمى بولۇپ، ئادەتتە رەڭلىك خاڭدەن تاۋا ياكى زەر كىچىكلىكىگە قارىماي، كۆپ خىل سەنئەت ۋە نەپىس ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق تەلپەك يىڭنە ياكى يىڭنىمىخ ئارقىلىق ئاياللارنىڭ باش ياغلىقىغا قىيپاش ھالدا ئىلىندۇرۇلۇپ قويغاچقا، خۇددى گۈل بەرگىدە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان غۇنچىدەك، ئاياللارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشىدۇ. بۇ كىچىك تەلپەكنىڭ كېرىيە ئاياللىرى ئارىسىدا قاچاندىن باشلاپ ئومۇملاشقانلىقى ۋە قانداق ئېھتىياج ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق يازما ماتېرىيال يوق. ئەمما كىچىك تەلپەكنىڭ ئاق ياغلىق ئۈستىگە قوندۇرۇلۇپ، ياغلىقنىڭ بىر ئۇچىدا كۆزدىن باشقا يۈزىنىڭ كۆپ قىسمىنى ياپىدىغانلىقى ئۇنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
كېرىيە ئاياللىرى ئەسلىدە بۇ كىچىك تەلپەكنى ئۆزىنىڭ <جۇۋان توي> بولغان كۈندىن ئېتىبارەن كىيىشكە باشلايدۇ. تېخى ياتلىق بولمىغان قىزلار كىيمەيدۇ. شۇڭا تەلپەكنى <جۇۋانلىق دەۋرىنىڭ ئۆزگىچە بىر خىل بەلگىسى> دېيىش مۇمكىن. تەلپەكنى كېرىيە ئاياللىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كىيىدۇ. بولۇپمۇ، ئۆلۈم - يېتىم، نەزىر - چىراغلاردا، توي - تۆكۈن، ھېيت - بايرام مۇراسىملىرىدا تەلپەكسىز ئاياللارنى ئۇچرىتىش تەس. ئادەتتە ماتەم مۇراسىملىرىدا كىيىلىدىغان تەلپەك بىلەن توي - تۆكۈن مۇراسىملىرىدا كىيىلىدىغان تەلپەك رەڭ جەھەتتىن پەرقلىق بولىدۇ. يەنى، ماتەم مۇراسىملىرىغا ماس تەلپەكنىڭ تۆپىلىكى قارا ياكى قارىغا مايىل خاڭدەندىن تىكىلسە؛ توي - تۆكۈنلەردە كىيىلىدىغان تەلپەكنىڭ تۆپىلىكى كۆك، يېشىل، قىزىل قاتارلىق ئوچۇق رەڭلىك خاڭدەنلەردىن تىكىلىدۇ. كېرىيە ئەرلىرىنىڭ ئومۇملاشقان باش كىيىمىمۇ تەلپەك دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن ئەرلەر تەلپىكى ئاياللارنىڭ كىچىك تەلپىكىدىن پەرق قىلىدۇ.
ئەرلەر تەلپىكى تۇغۇلغىنىغا تېخى بىر قانچە كۈن بولمىغان قارا ياكى بوز قوزىنىڭ تېرىسى (كۆرپىسى) دىن تىكىلىدۇ. يەنى قوزىنىڭ يۇمران تېرىسى ئاشلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن قاسقانلىق ئېلىنىدۇ. ئىچىگە يېرىم قىرقىۋېتىلگەن ئاق ياكى بوز قوينىڭ تېرىسىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ. تەلپەكنىڭ ئاستى جىيىكىگە ئىككى سانتىمېتر ئەتراپىدا تەكشى كىرپىك تۇتۇلىدۇ. تۆپە تەرىپىگە قارا چىپەرقۇتتىن تۆت تالالىق قىلىپ تۆپىلىك تۇتۇلىدۇ. قىشلىقى قېلىنراق (سالۋا تەلپەك دېيىلىدۇ)، يازلىقى نېپىزرەك (يازلىق تەلپەك دېيىلىدۇ) قىلىپ تىكىلىدۇ. كېرىيە ئەرلىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق تەلپەكنى كىيىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇلار قوي تېرىسىنىڭ قىشتا سوغۇق ئۆتكۈزمەيدىغان، يازدا ئىسسىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.
‘
مەنبە-بىلقۇت
http://www.bilqut.com/madiniytimiz/show.php?itemid=2286