مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1160|ئىنكاس: 12

ئۇيغۇرلاردا ھېيىت پەتىسى... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 10:41:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرلاردا ھېيىت پەتىسى...



[align=justify]ھېيىت پەتىسى ئۇقۇشنىڭ ئەھمىيىتى:
ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرالمىغان يىراق - يېقىندىكى ئۇرۇق - تۇققان، دوست - بۇرادەرلەر ئۆز ئارا يۈز كۆرۈشىدۇ. مۇڭدىشىدۇ، سىردىشىدۇ، ھال - ئەھۋال سورىشىدۇ. ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن قېيدىشىپ قالغانلار بىر - بىرىنى ئەپۇ قىلىش ئارقىلىق ئاداۋەتنى يۇيىۋېتىدۇ. ئىناق - ئىتتىپاق، خۇشال - خۇرام ئىللىق كەيپىيات ئەۋج ئالىدۇ. چوڭلار ۋە بالىلارمۇ روھى كۆتۈرەڭگۈ ھالدا ھېيىت خۇشاللىقىغا چۆمىدۇ.
ھېيت پەتىسىنىڭ تەرتىپلىرى:
1. ئالدى بىلەن تۇپراق بېشىغا چىقىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - ئانا ۋە ئۇرۇق - تۇققانلارغا دۇئا تەگبىر قىلىنىدۇ.
2. نامازدىن يانغاندا جامائەت بىر - بىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا تەبرىكلەشكەندىن كېيىنلا ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەيدۇ ۋە ھېيتلىق بېرىدۇ (ھېيتلىق بېرىشتە ئىقتىزادى ئەھۋالىغا قاراپ، ھېيتلىق ئالغۇچىلارنىڭ ياش پەرقى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىغا قاراپ ئاز - كۆپ تارقىتىلىدۇ).
3. تۇنجى بولۇپ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇلارنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەپ كۆڭلىنى يەتكۈزىدۇ.
4. خوشنا - خولۇملارنىڭ ئۆيلىرىگە ئۆز ئارا پەتە ئۇقۇشىدۇ.
5. شۇ يىل ئىچىدە مۇسىبەتلىك بولۇپ قالغانلارنىڭ ئۆيلىرىگە پەتىلەيدۇ. ھال - ئەھۋال سورايدۇ ۋە خەتمە - قۇرئان ئوقۇيدۇ.
6. قۇدا - باجا، ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللارنىڭ ئۆيلىرىگە پەتىلەيدۇ.
7. يېقىن ئەل - ئاغىينىلەر ۋە ئىشداشلارنىڭ ئۆيلىرىگە پەتىلەيدۇ.
ھېيت پەتىسىنىڭ قائىدىلىرى:
«پەتە ئوقۇش» دېگەنلىك _ سۈرە پاتىھەنى(ئەلھەمدۇ.... سۈرىسى) تولۇق ئوقۇش دېمەكتۇر.
پەتىچى، ئالدى بىلەن پەتە ئوقۇماقچى بولغان ئۆينىڭ ئىشىكىنى يەڭگىل چېكىپ، ئۆي ئىگىسى چىققاندا قىزغىن كۆرۈشۈپ، ساھىمخاننىڭ باشلىشى ياكى قول ئىشارىسى بىلەن، ھېيتلىق داستىخان راسلانغان ئۆيگە كىرىدۇ. كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ پاتىھە سۈرىسى ئوقۇلغاندىن كېيىن ساھىپخاننىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەپ تەبرىك سۆزلىرى قىلىنىدۇ ۋە ھال - ئەھۋال سورىشىدۇ. ئۆي ئىگىسى قولغا سۇ برىپ مەزەگە تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن خالىغان يېمەكلىككە ئېغىز تېگىدۇ....... ئۇزاش ئالدىدا تاماققا دۇئا قىلىنىپ، شۇ ئۆيدىكىكەرنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ بېرىشىنى تەكىتلەپ قويۇپ سالام بىلەن خوشلىشىدۇ.
ساھىپخانمۇ تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇپ ئىشىك چېكىلگەن ھامان دەرھال مېھماننىڭ ئالدىغا چىقىدۇ، پەتىگە كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ، ئامال بار ھېيت مەزگىلىدە ئىشىك تاقىلىپ قالمايدۇ. بىر يەرگە پەتىگە چىقماقچى بولسىمۇ ئۆيدە بىرەر ئادەمنى قويۇپ قويىدۇ. پەتىچىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تاماق تەييارلايدۇ، ئالدىرايدىغانلارنى بەك چىڭ تۇتىۋالمايدۇ، ئالايىتەندە ۋاقىت چىقىرىپ كەلگەنلەرگە ئۆزى ئەڭ ئېسىل دەپ بىلىدىغان تاماق ياكى قارشى تەرەپ ياقتۇرىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ مېھمان قىلىدۇ، ھېيت مەزگىلىدە مېھمانغا كەلتۈرۈلىدىغان تاماقلارنىڭ مىقدارى ئاز بولىدۇ، ئىسراپچىلىق كۆرۈلمەيدۇ، چاينى ئاز - ئازدىن قىززىق قۇيۇپ تۇرىدۇ، يەل - يىمىش ۋە مىۋە - چىۋىلەرنى تاماقتىن كېيىن كەلتۈرۈپ ئامال بار ساھىپخان ئۆزى ئاقلاپ بېرىدۇ. مېھمان ئۇزاپ چىققاندا ئالايىتەندە كۆڭۈل ساناپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىلىدۇ.
مەنبە-http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=8398


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
menggutax + 10

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 10   باھا خاتىرىسى

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

دۇنيادا ئېچىش ئە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16375
يازما سانى: 1608
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19238
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 11:01:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك   تېمىكەن  بۇ ،،،رەخمەت  سىزگە ،،،

ئىللەت يوقالمىسا ،مىللەت يوقىلدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3091
يازما سانى: 2859
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14641
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 2814 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2014-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 11:03:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيىت پەتىسىدىكى جەريانلارنى شۇنچىلىك ئىنىچكىلىك بىلەن،ھەم ھەقىقى ھەم ئەستايىدىل يېزىپ چىقىپسىز.....
مىنى خۇددى بۈگۈنلا ھېيىت بولىدىغاندەك ھىسىياتقا كەلتۈرۈپ قويدىڭىز جۇمۇڭ...
تېمڭىزغا تەششەكۈر!!!

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 11:12:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناغرا سۇناي مۇزىكىسىنى كىرگۇزۇپ قۇيسىڭىز ياخشى بولاتتىكەن

ياخشى تېمىكەن~~


قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

بِسْـــــــــــ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11527
يازما سانى: 691
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10845
تۆھپە نۇمۇرى: 414
توردا: 1395 سائەت
تىزىم: 2010-9-25
ئاخىرقى: 2011-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 11:16:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەپسىلى يىزىپسىز، ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

كۆپتۇر سېنىڭ كۆرگىنىڭدىن كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەلەيسەن ئۆلمىگىنىڭ.

گۇناھلىرىمنى يۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2137
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10599
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 13305 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 11:25:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ناھىينىڭ بىر يېزىسىدا تۇپراق بېشىغا ئاياللارنى چىققىلى قويمايدۇ،يەنە بىر يېزىسىدا ئاياللار چىقىۋىرىدۇ.
ھەي......ھېيىتلىق ئالمىغىلى ئالتە يىل بۇلۇپتۇ،بىراقلا ھېيىتلىق بەرگىدەك بۇلۇپ بارىدىغان ئوخشايمەن.مېنىڭ ھېيىتلىقىم...  [s:157]

ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!

ظاللاه هةممئزگة

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16245
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7270
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 378 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2011-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 12:04:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا رەھمەت ، بەك ياخشى تېما ئىكەن ، بىلمەيدىغاننى بىلۋالدۇق  [s:166]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8600
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11662
تۆھپە نۇمۇرى: 1080
توردا: 4998 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2014-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 12:05:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھيېت پەتىسى قىلغاندا، <مىسرانىم>ئەپەندىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭلار جۇمۇ...
ئۇلۇغ قۇربان ھېيتنى ھەمىمىز خۇشال-خۇرام، خاتىرجەم ئۆتكۈزەيلى~!

يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم~!

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3168
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9817
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3933 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 12:30:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت xopur كە 2010-11-15 11:12 AMئەۋەتىلدى :
ناغرا سۇناي مۇزىكىسىنى كىرگۇزۇپ قۇيسىڭىز ياخشى بولاتتىكەن

ياخشى تېمىكەن~~ 

   
 
ماشىنىڭىزمۇ(باش سۈرەتتىكى) بەكلا كەپتۇ مۇزىكىغا؟ ئالدىراپ.....

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5389
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8834
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 02:00:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممەيلەننىڭ ھېيىتىغا ئالدىن مۇبارەك بولسۇن  [s:166]  [s:166]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش