بۇنداق مەنزىرلەر ئادەمنى چوڭغۇر خىياللارغا باشلايدۇ..................كۈز پەسلى ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل . ھەممە ياق ئالتۇن رەڭ بۇلۇپ، ئادەمگە بىرخىل رومانتىك تۇيغۇ بىرىدۇ......ئاشۇ غازاڭلار تۆكۈلۈپ تۇرغان چىغىر يولدا ، ئۆزۈم يالغۇز مېڭىشنى، شۇ يەرگە تۆكۈلۈپ تۇرغان غازاڭلارنى دەسسەپ، خىياللار ئىچىدە ئۆتمۈشۈمنى ئەسلەشنى خالايمەن. ھەممە دەرت - ھەسىرتىمنىڭ ئاشۇ غازاڭلار ئىچىگە بەنىت قىلىۋىتىشنى، ئاشۇ غازاڭلاردەك تۆكۈلۈپ ، قايتا يەنە بىر ھاياتنىڭ بىخ سۈرشىنى خىيال قىلىپ كىتىمەن. مۇھەببەتمۇ مۇشۇ كۈزگە ئوخشايدۇ. يەنى ئۇنىڭمۇ مۇشۇنداق تۆكۈلۈپ، قايتا بىخ سۈرىدىغان ۋاقتىلىرى بۇلىدۇ.
مۇزىكا بىلەن مەنزرگە خېلى ۋاقىت قاراپ تۇردۇم. خىياللىرم نەلەگە ئۇچۇپ كەتتىكىن.............كۆڭلۈم بىر قىسما بوپ قالدى..................يەنە قاراۋاتىمەن.............خۇددى ئاشۇ كۈز پەسلىدە، ئاشۇ تۆكۈلگەن ساپسىېرىق يۇپۇرماقلارغا دەسسەپ، ئەڭ يېقىن ئادىمىم بىلەن قولتۇقلىشىپ كىلىۋاتقاندەك كۆز ئالدىمدا نامايەن بوپ كەتتى...................