مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3220|ئىنكاس: 59

سىزگە تىگەي بولامدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياردەم مەزمۇنى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 3154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18460
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10678 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 11:33:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 (تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى)
بىر قىز بار ئىدى، كىچىك ۋاقتىدا پۇتى ياخشى ئىشلىمىگەچكە ھەمىشە ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇرۇپ باشقا بالىلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرەتتى، ئۇلار بىلەن بىرگە ئويناشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى. نېمىدىگەن غېرىپلىق ھە!
بىر يىلى يازدا قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە شەھەردىن تۇققىنى كەلدى، ئۇلار بالىسىنىمۇ ئالغاچ كەلگەنىدى، ئۇ بۇ قىزدىن بەش ياشلارچە چوڭ ئوغۇل بالا ئىدى. ئۇ بالىلار بىلەن ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ كەتتى، ئۇلار بىرلىكتە تاغلارغا چىقتى، دەريا بويىغا بېرىپ سۇ چۈمۈلۈپ ئۇلارغا ئوخشاش ئاپتاپتا كۈيۈپ قارايدى، ئۇنىڭ كۈلۈشلىرى كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايتتى. ئوخشاشمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ قوپال گەپ قىلىشنى بىلمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت مۇشۇ شەھەرلىك بالىلا بۇ مىيىپ قىزغا دىققەت قىلغانىدى.
بالا بىرنچى قېتىم ئۆزى تۇتىۋالغان يىڭناغۇچنى قىزنىڭ ئالقىنىغا قويدى، بىرنچى قېتىم ئۇنى يۈدۈپ دەريا بويىغا ئېلىپ باردى، بىرىنچى قېتىم بۇ قىزغا ھىكايە ئېيتىپ بەردى، بىرنچى قېتىم ئۇنىڭغا بۇ ئاغرىق پۇتىنىڭ ساقىيىپ ماڭالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىرىنچى قېتىم، قانچە ئويلاپ باقسا پەقەت شۇ بىرىلا ئىدى.
 قىز ئاخىرى كۈلۈمسىرىدى.
ياز ئاخىرلىشىدىغان ۋاقىتتا، بۇ شەھەرلىك بالا ئۆيىگە قايتماقچى بولدى. قىز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ ئۇنى ئۇزاتقىلى چىقىپ ئۇنىڭ قولىقىغا پىچىرلاپ: مېنىڭ پۇتۇم ساقايغاندىن كېيىن، سىزگە تىگەي بولامدۇ؟ دېدى، بالا بېشىنى لىڭشىتتى.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە 20يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇ شەھەرلىك كىچىك بالا سەبى كىچىك بالىدىن يېتىلگەن ئوغۇل بالىغا ئايلاندى. ئۇ بىر قەھۋەخانا ئاچتى، يەنە تېخى بىر قىز بىلەن توي قىلىشقىمۇ  پۈتۈشتى، تۇرمۇشى ناھايىتى ئاددى - ساددا ۋە خاتىرجەم ئىدى.
بىر كۈنى ئۇ بىر تېلىفون قۇبۇل قىلدى، تېلىفوندا بىر قىز ئۇنىڭغا ناھايىتى مۇلايىم ھالدا ئۆز پۇتىنىڭ ساقايغانلىقىنى ئېيتتى. قىز شەھەرگە كەلدى، دەماللىققا يىگىت قىزنىڭ كىملىكىنى ئەسلىيەلمىدى. ئۇ ئاللىبۇرۇن بۇ يېزىلىق قىزنى، بالىلىقتىكى يېزىدىكى ھېكايىلىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەنىدى. قىسقىسى ئۇ بىر قىزغا، ئاجىزە مىيىپ قىزغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قالغانىدى
قىز ئۈندىمىدى. ھەممىنى ئىچىدە بىلدى. ئەمما يىگىت يەنىلا بۇ قىزنى قەھۋەخانىغا قارىشىپ بېرىشكە ئېلىپ قالدى، لېكىن قىز ئاخىرىغىچە سۈكۈت قىلىدىغاندەك قىلاتتى.
يىگىت قىزغا ۋاقىت ئاجرىتالمايتتى، ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى. تۇيۇقسىز ئويلىمىغان ئىش يۈز بەردى، قىز دوستىنىڭ بويىدىكىسى ئۇنىڭ بالىسى بولماي چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، توينىمۇ بىكار قىلدى، ھەممە قوپقۇرۇق نەرسىگە ئايلاندى، ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭدىن يىراقلاشتى. سودىسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ بۇ بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئاغرىپ يېتىپ قالدى.
بۇ ۋاقىتلاردا ھېلىقى قىز ئۇنىڭغا باشتىن ئاياق ھەمراھ بولدى. نۇرغۇن جاپالارنى تارتتى، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنىمۇ ئۆگىنىۋالدى. لېكىن يىگىتكە بولغان مۇئامىلىسى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىدى.
  ئۇزۇن ئۆتمەي يىگىتنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى، ئەمما قىزنىڭ قىلغانلىرىغا نىسبەتەن بولسا پەقەت رەخمەت ئېيتىش بىلەنلا چەكلەندى. ئۇ قەھۋەخانىسىنى قىزغا سوۋغا قىلىۋەتمەكچى بولدى، لېكىن قىز ئۇنىمىدى، يىگىت باشلىقلىق سالاپىتى بىلەن قىزغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇ بولغاچقىلا قەھۋەخانىنىڭ ئىشلىرى جايىدا مېڭىپ، كېسىلىنىڭمۇ ياخشىلىنىپ، كەيپىياتىنىڭمۇ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ بۇ قىزنى پەقەت بىر يېقىن دوستى ئورنىدىلا كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قىز بولسا يەنىلا شۇنداق سۈكۈتتە ئىدى
يىگىت قىزنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، قىسقىسى بەك قىزىقىپ كەتمىدى. شۇنداق قىلىپ نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، بىر نەچچە يېڭى دوستمۇ تۇتتى، لېكىن بۇ ئىشلار ئۇزۇنغا بارمىدى. قىز بولسا يەنىلا شۇنداق بويتاق ئىدى. يىگىت قىزنىڭ چىرايلىقلىقىنى بىلەتتى، ئۇنى نەزىرى ئۈستۈن دەپ قارايتتى، ئۇنىڭغا قاراپ پەقەت كۈلۈپلا قوياتتى.
ئاخىرى بىر كۈنى يىگىت پاسپورت ھەل قىلىپ چەتئەلگە مېڭىش ئالدىدا قىزغا قەھۋەخانىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولدى، قىز قارشىلىق بىلدۈرمىدى، پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن قاراپ قويىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يىگىتنىڭ ياققا يۇرتلاردىكى سەرسانلىق تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق بولدى، ئەمما بۇ جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە ئۇ باشقىچە بىر دۇنيا قارىشىغا ئىگە بولۇپ كۆكسى قارنى باشقىچە كېڭەيدى. ئۆتمۈشتىكى ھەر خىل ئازابلىق ئەسلىمىلەر ئۇنتۇلدى، ئۇ شۇ مەزگىللەردە شۇنى ئويلاپ قالدى:مەيلى ئاغرىق ۋاقتى ياكى ساق ۋاقتى  بولسۇن، نامرات ياكى باياشات ۋاقتى بولسۇن، مەنىلىك ياكى مەنىسىز كۈنلەردە بولسۇن ئۇنىڭغا ھەقىقىي ھەمراھ بولغىنى، پەقەتلا شۇ قىز ئىدى.
ئۇنىڭ يۈرۈش تۇرۇشى نورمالسىزلىشىشقا باشلىدى، قىزنىڭ سىماسى گويا ئۇنىڭغا ئەگىشىۋالغاندەك، ئەتراپىدا ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىۋاتقاندەك، شۇنچىلىك غۇۋا ھەم شۇنچىلىك ئىللىق ئىدى. ئۇ شۇلارنى ئويلاپ يەتكەندە يۇرتىغا قايتىشنى قارار قىلدى.
ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا ئۇ قىزدىن قاتتىق تەسىرلەندى. مەيلى قەھۋەخانا بولسۇن ياكى ئۆيىدە بولسۇن ئۇنىڭ نەرسە كېرەكلىرى ئۆز جايىدىن قوزغالمىغان ئىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتكەندەك.............
يىگىت يوقىرى ئاۋازدا قىزنىڭ ئىسمىنى چاقىردى، ئەمما جاۋاب يوق ............
قەھۋەخانىدا يېڭى بىر باشقۇرغۇچى خىزمەتچىلەرگە نازارەتچىلىك قىلىپ يۈرەتتى، بۇ نازارەتچى يىگىتكە قىزنىڭ چارچاش سەۋەبلىك ھالىدىن كېتىپ ئاغرىپ ئۆلۈپ قالغىلى يېرىم يىل بولغانلىقىنى ئېيتتى. قەھۋەخانىنىڭ ئۇنىڭ تاپىلىشى بويىچە باشقۇرۇلغانلىقىنى ھەممىنى قىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ كېتىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى ۋە قىز قالدۇرغان نەچچە يۈز پارچە خەتنى ئېلىپ يىگىتكە سۇندى، خەتتە يېزىلغانلىرى قەھۋەخانىنى باشقۇرۇش ئىشلىرى، ئۆينى قانداق ساقلاش ۋە يىغىشتۇرۇش تەرتىپلىرى، يىگىتنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈش ھەققىدىكى مەزمونلار ئىدى.
باشقۇرغۇچى قىزنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى يىگىتكە تاپشۇردى، بىر يىڭناغۇچنىڭ ئەۋرىشكىسى يەنە بىر توپ ئۈن ئالغۇ لېنتىسى، بۇ قىزنىڭ ئۈلۈم ئالدىدىكى يۈرەك سۆزلىرى ئىدى....
ئۈن ئالغۇ لېنتىسى ئىچىدىن قىزنىڭ تۇنۇش ھەم مۇڭلۇق ئاۋازى ئاڭلاندى:
سىزگە..... تىگەي ......بولامدۇ؟.......
27يىل ئۆتۈپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ كىچىك بالىلاردەك ئاۋازلىق ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىدى. ئۇ ھەممىنى چۈشەنگەندە، بىر قىزنىڭ پۈتۈن ھاياتى بىلەن ئۇنىڭغا بۇنداق ئاددى بىر جۈملە سۆزنى ئېيتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.........

 

خەلچىگۈل تەرجىمىسى

مەنبە.ئەقلىم تورى


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
RIFAT + 10
tanhabora168 + 1 مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى داۋاملىق يوللا

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 11   باھا خاتىرىسى

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 3050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12770
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2823 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 12:18:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىك ھىكايەكەن .  [s:3]  [s:3]  [s:3]  [s:3]  [s:3]  [s:3]  [s:3]  [s:3]

سۈكۈت ئاجىزلىقتىن ئەمەس ، سەۋىردىن بىشارەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1576
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11535
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 392 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 12:20:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ھىكايە بۇپتۇ..............

يېڭى ھايات ،يېڭى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2000
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9103
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 1011 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 12:22:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 مەن بۇ ھېكايىنى بۇرۇن بىر  يەردە  ئۇقۇغاندىم~!
ئادەم دىگەن ئاجايىپ نەرسىكەن بارنىڭ قەدرىگە ئەسلى يەتمەسكەن ~ھەي~كىمدۇر  بىرى ماڭا بىر  چاغلاردا بەخىت قۇشى بېشىڭغا قونغاندا ئۇنى سولىۋالىدىغان قەپىزىڭ بولسۇن ،بولمىسا  ئۇ ئۇچۇپ كېتىدۇ دىگگن ئىدى ~!

قىلىچنىڭ بىسىدا ئېچىلغان رەيھان ،        بەرگىدىن تامچىپ تۇرار ئىسسىق قان~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 899
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8886
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2010-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 12:25:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى، بەك تەسىرلىككەن.

ئىرادىلىك،قەيسەر بول!

تۇغۇلغان بولسام

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1082
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8904
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2011-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 12:30:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىككەن.
ھەممە نەرسە بار ۋاقتىدا قەدرىگە يەتمەيمىز،قولدىن كەتكەندە بولسا
ئاھ ئۇرۇپ قالىمىز! [s:3]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2120
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10514
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2011-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 12:37:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ خۇدا.،.....   ماڭا بۇنداق كۈننى ھەرگىز نىسىپ قىلمىغىن...

ئۆزۈمنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇشنى خالىمايمەن. چۈنكى مەن دىگەن مەن!

نىجات تاپقىنىڭد

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1956
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8705
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2010-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 12:42:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇق ئوقۇپ ئاخىرىغا كەلگەندە كۆزۈم ياشقا تولدى. ھاياجېنىمنى باسالماي يېشىمنى سۈرتۈشكە مەجبۇر بولدۇم...

ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان بەك يامان.

شۇنداق قىلىشقا ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 683
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9489
تۆھپە نۇمۇرى: 368
توردا: 580 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 12:42:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنساننىڭ تەبىيتى شۇنداق بولسا كىرەك ..
راستىنلا يىغلاپ سالغىلى تاس قالدىم!!

شۇنداق قىلىشقا ئەرزىمدۇ؟؟؟!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 451
يازما سانى: 513
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 15467
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 1203 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-13 12:46:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەسىر لىك ئىكەن بىراق ،بىزنىڭ رىئاللىقىمىدا بۇنداق قۇربان بىرەلەيدىغانلاردىن قانچىسى باردۇر؟

ئۆز ئەركىم بىلەن ياشايمەن مەغرۇر ! ئەي ئىپلاس يولۇمغا قۇرساڭمۇ تۇزاق!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش