مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 699|ئىنكاس: 9

ئۈچ يالغاندا قىرىق يالغان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دوستۇم سەن مەندى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14563
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14922
تۆھپە نۇمۇرى: 371
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-14 12:42:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بار ئىكەنۇ يوق ئىكەن ،ئاچ ئىكەنۇ توق ئىكەن .تۈلكە ياساۋۇل ئىكەن بۆرە ھاكاۋۇر ئىكەن،غاز كانايچى ئىكەن،ئۆردەك سۇنايچى ئىكەن،قاغا قاراقچى ئىكەن، سىغىزخان يالاقچى ئىكەن،پاقا پوستەكچى ئىكەن،يىلان تۈگمەنچى ئىكەن.  ئەنە شۇ زاماندا بىر پادىشاھ بولغان ئىكەن. ئۇ پادىشاھ نىڭ ئاي دىسە ئاي ئەمەس كۈن دىسە كۈن ئەمەس ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزى بار ئىكەن، قىز بويىغا يەتكەندە ئەتراپتىكى پادىشاھلارنىڭ شاھزادىللىرى بەس بەس بىلەن قىزغا ئەلچى ئەۋەتىشىپتۇ، پادىشاھ ئۇنىسىمۇ قىز زادى ئۇنىماپتۇ ،بىر كۈنى پادىشاھ بۇسىرنى بىلىش ئۈچۈن قىزنىڭ ئالدىغا ئىنىك ئانىسىنى كىرگۈزۇپ قىزىنى ياتلىق بولۇشقا كۆندۈرمەكچى بوپتۇ. ئىنىك ئانا پادىشاھنىڭ ئېيتقىنى بويىچە بەخىت پاراغەتتىن زىبۇ زىننەتتىن ،نەغمە ناۋادىن تاجۇ تەخىتتىن سۆز ئاچقان ئىكەن،  قىز : مەن ھايۋاندىن پەرىقلىنىمەن ،مال بايلىقتىن ئۈستۈنمەن ، كىمىكى شەرتىمنى ئادا قىلسا شۇنىڭ گۈلىمەن دەپتۇ.  ئىنىك ئانا قىزنىڭ سۆزىگە ئەجەپلىنىپ خەير نىمىكى بولسا قىنى بىر ئاڭلاپ باقاي دەپ ئويلاپتۇ.  ئاندىن خوش: شەرتىڭنى سۆزلە قىزىم مەن بىر ئۇقاي؟  مۇناسىپ كەلسە پۈتۈن ئالەمگە جاكار قىلاي،دەپتۇ . ئۈچ يالغاندا قىرىق يالغاننى ئېيتالىغان يىگىتكە ياتلىق قىلىنسام رازىمەن مىنىڭ شەرتىم شۇ دەپتۇ قىز .  پادىشاھ ئىنىك ئانىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ۋەزىر ئۆلىمالىرنى چاقىرىپ ئۇلارغا ؛ بارلىق شاھزادىلەرنىڭ ئەلچىللىرگە قىزنىڭ شۇ شەرتىنى ۋە كىمىكى راستنى يالغان دىسە بىشى ئېلنىدىغانلىقىنى جاكارلاپ قويۇشنى بۇيرۇپتۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ گەپنى ئاڭلىغان مەملىكەتلەرنىڭ شاھزادىللىرى ،چوڭ كىچىك يۇرتنىڭ بەگزادىللىرى ،ۋە ھەر قايسى خانلىقنىڭ خانزادىللىرى كىلىشكە باشلاپتۇ . لىكىن بەزىللىرى بۇ شەرتنى ئادا قىلىشقا كۆزى يەتمەي، قىزنىڭ مھېرىدىن كىچىپتۇ . لىكىن بەزىلىرى بولسا قىزنىڭ ئوتلۇق پىراقىدا شەرتنى ئادا قىلالماي ، باشلىرنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بىرىپتۇ . پادىشاھ ئاخىرى ئىنىك ئانا ئارقىلىق قىزىغا بۇ شەرتنى ئادا قىلىدىغان بىرەر ئەقىللىق شاھزادە  خانزادە ۋە بەگزادىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپتۇ . قىزىنى ئەقىلسىزلىكتە ئەيىپلەپتۇ، لىكىن قىز بۇنىڭغا زادىلا كۆنمەپتۇ ،قىز ئىشەنچ بىلەن بۇنى ئېيتالايدىغان كىشى چىقىدۇ دادام سەۋىر قىلسۇن ،ئەگەر چىقمىسا مەيلى دەپتۇ .  شۇ تەرىقىدە كۈنلەر كەينى كەينىدىن ئۆتۈپتۇ ، قىزنىڭ بۇ شەرتىنى نى نى شاھزادىلەر ، خانزادىلەر ۋە بەگزادىلەرنىڭ ئادا قىلالمىغانلىقى چۆچەك بولۇپ ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ تەرەپ تەرەپكە تارقاپتۇ .   ئەمدى گەپنى مۇشۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىدا قالدۇرۇپ يىراق يىزىدىكى بىر كەمبەغەلنىڭ . ئوغلىدىن ئاڭلايلى؛  
شەھەرنىڭ چېتىدە ناھايىتى كەمبەغەل بىر موماي ياشايدىكەن ، ئۇنىڭ يالغۇز بىرلا ئوغلى بار ئىكەن، ئانا بالا ئىككىسى ئەتىدىن كەچكىچە كىشىلەرنىڭ ئىشىگىدە ئىشلەپ كۈنىنى ئاران ئۆتكۈزىدىكەن ، يىگىت شۇنچە تىرىشىسىمۇ بايلار ئۇنى زاڭلىق قىلىپ ئۆز ئىسمىنى ئاتىماي  گال دەپ ئاتايدىكەن .   كۈنلەرنىڭ بىرىدە گال بۇخەۋەرنى ئاڭلاپ ئانىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ رۇخسەت سوراپتۇ، موماي ئوغلىنىڭمۇ قىزنىڭ شەرتىنى ئورۇندىيالماي ھالاك بولۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ جاۋاپ بەرمەپتۇ.  گالئانىسىنىڭ بۇ ئەندىشىسىنى سەزگەندىن كىيىن ئانىسىغا تەسەللى بىرىپ خاتىرجەم بول ئانا  قىزنىڭ شەرتىنى ئورۇندىماق ئاسان دەپ ئۆزىنىڭ راسلىغان سۆزلىرىنى بىر بىرلەپ دەپ بىرىپتۇ .  ئانىسى ئىلاجىسىز دۇا قىلىپ رۇخسەت بىرىپتۇ .   گال پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا قاراپ يول ئاپتۇ ، ئاز ماڭدىمۇ كۆپ ماڭدىمۇ بۇنىسى نامەلۇم ، ئىشقىلىپ بىر كۈنى گال پادىشاھ  ئوردىسىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ.  ياساۋۇللار بۇ يىگىتنى كۆرۈپ ئالدىنى توسۇپتۇ، سەن گاداي بۇ يەردە نىمە قىلىپ يۈرىيسەن دەپ قوغلاپتۇ . گال ئۇلارنىڭ گۇمانلىرنى سسىزىپتۇ دە مۇنداق دەپتۇ : مەن ئوغرىمۇ ئەمەس قاراقچىمۇ ئەمەس ، لىكىن بىر باينىڭ سادىق قۇلى . مەن شۇ باينىڭ پادىشاھتىن يوشۇرۇن تىقىپ قويغان بورداق قويلىرى توغرىسىدا خەۋەر بىرىشكە كەلدىم لىكىن قويلارنىڭ سانىنى شاھنىڭ ئۆزىگە ئېيتىمەن ، ياساۋۇللار شاھقا خەۋەرنى يەتكۈزگەندىن كىيىن  ئاچ كۆز شاھ خۇشاللىقىدىن گالنى چاقىرىپ قىنى قويلار ھەققىدە چاققانراق سۆزلىگىن دەپتۇ .  گال ھېچ بىر ھودۇقماستىن تىتىكلىك بىلەن مەن ئاۋال سىزگە راسلىغان سۆزلىرىمنى ئېيتاي قىزىڭىزمۇ كىلىپ ئاڭلىسۇن سىز بۇنىڭ بىلەن قويلارنىڭ نەدىلكىنى بىلىسىز  سىز بىلمىسىڭىز قىزىڭىز چۈشىنىدۇ دەپتۇ .           پادىشاھ قىزىنى چاقىرىشقا مەجبۇر بوپتۇ ، گال يالغاننى باشلاپتۇ:        بىرىنچى يالغان \:  ئۇلۇغ شاھىم مىنىڭ ئېتىم گال ئۆزۈم بىر كەمبەغەل دادامدىن يالغۇز قالغان يىتىممەن ، لىكىن مەن ناھايىتى ئۇزۇن ئۆمۈر سۈرۈپ ئۆلە ئۆلە ئاخىر ئاكا -ئۇكا ئۈچىمىز قالدۇق ، مەن بۇنىڭغا ھەيران لىكىن ئەجەپلىنىمەن بىز ئۈچ بولغاندىن كىيىن ئارىمىزدا دوسلۇق بۇرادەرلىك پەيدا بولدى ، بىراق بىر بىرىمىزنىڭ كىملىكىنى بىلمەيتتۇق ھەم تونۇشمايتتۇق شۇ چاغدا ئۇچىمىزغا كارىساق كەيگەن كىيىملىرمىزنىڭ گۈزەللىكىگە ئەقلىمىز ھەيران قالدى ، بىرىمىزنىڭ ياقىسى يوق بىرىمىزنىڭ ئىتىكى يوق يەنە بىرىمىزنىڭ غولى يوق ، بىزشۇنداق قىلىپ قارىغۇ قارىغۇنى قاراڭغۇدا تاپىدۇ دىگەندەك بىر چۆلدىكى سايدا بىر بىرىمىز بىلەن مۇڭداشساقمۇ ئاڭلىماستىن بىللە ماڭساقمۇ كۆرمەستىن ، يولدا يۈرمەي چەتكە چىقماي ئوتتۇرىدا مىڭىپ كىتىۋەردۇق ، خىلى يول ماڭغاندىن كىيىن يول ئۈستىدە ئۈچ تەڭگە ئۇچراپ قالدى ، كۆزىمىزنى يۇمۇپ قارىساق بىرىنىڭ تامغىسى يوق ، بىرىنىڭ رەڭگى يوق ، يەنە بىرىنىڭ ئېغىرلىقى يوق ئىكەن .  بۇ ئۈۋچ تەڭگىنى مۇشتلاشساقمۇ ئەرىز قىلىشماي ، تەڭ بولمىسىمۇ ياخشى يامىنىنى سۈرۈشتۈرمەي ئادالەتلىك بىلەن بۆلۈشۈپ ئالدۇق .  يەنە مىڭىۋەر دۇق مىڭىۋەردۇق يول ماڭساقمۇ مىدىرلىماي سۈيى يوق كۆلى بار بىر سايغا چۈشتۇق .  سۆز مۇشۇ يەرگە كەلگەندە پادىشاھ شۇنداق غەزەپكە كەپتۇكى سۆز كىلالماي ھوشىدىن كىتىپتۇ .  بىر ھازادىن كىيىن ھوشىغا كىلىپ گالنى مىدىرلاتماي بىشىنى ئېلىشنى بۇيرۇپتۇ،  گال ناھايىتى مەرتلىك بىلەن تىتىك تۇرۇپ مىيىقىدا كۈلۈپتۇ  ، ئۇلۇق شاھىم مەن ئېيتاي سىز ئاڭلاڭ كاللام چىپىلماس سۆزۈم توختىماس سۆزىدە تۇرمىغان ئادەم ،  ئادەم بولماس ھازىرچە ئېختىيارنى قىزىڭىزغا بىرىڭ قىزىڭىز بۇيرۇق قىلسۇن دەپتۇ .  تەخىتنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ گالنىڭ ئېيتقان سۆزلىرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ،   سۆزلەۋاتقان يىگىتنىڭ ئېتى گال بولسىمۇ سۆزى بار ئىكەن دىگەن خىيال بىلەن ، ۇنىڭ سۆزلىرنى زوق بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇرغان مەلىكە تەخىتنىڭ ئالدىغا چىقىپ :  كىشى جاناندىن جانىم ئايارمۇ
                                               كۆرۈڭ پەرۋانىلار ئوتتىن يانارمۇ
                                              ھەقىقەت ئېزىز جاندىن ئۈستۈن دىگەن
                                               قىلىچ ئالدىدا تەسلىم بولارمۇ.
ئەقىللىق كىشىلەر باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاخىرغىچە سەۋىر تاقەت بىلەن ئاڭلىيالايدۇ ، قىنى ئاڭلاپ باقايلى دەپ يىگىتكە ئىشارەت قىپتۇ ،  پادىشاھ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قاپتۇ.    پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرغان ئوردا ئۆلىمالىرى ،  ۋەزىرلىرى قۇللۇقك قىلىشىپ ، مەلىكىگە تازىم قىلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ.  گال يەنە سۆزلەپتۇ :  سۈيى يوق كۆلى بار بىر سايغا چۈشتۇق ، سۈيى يوق كۆلدە ئۈچ بىلىق ئويناقلاپ ئۈزۈپ يۈرۈپتۇ ، بۇ بىلىق لارنىڭ ئىككىسى ئۆلۈك بىرىنىڭ جىنى يوق ئىكەن ، بىز ھىلىقى بىلىقلارنى ئىلىپ ئىتىكى يوقنىڭ ئىتىكىگە سىلىپ سايدىن چىقىپ يولغا چۈشتۇق . يولدا ماڭماي يولدىن چىقماي كىتىۋەردۇق كىتىۋەردۇق ،  قارىساق ئالدىمىزدا ئۈچ ئۆي كۆرۈندى، بىز شۇ ئۆيلەرگە كەلدۇق ئىككى ئۆينىڭ تىمى يوق بىرىنىڭ ئورنى يوق، ئورنى يوق ئۆيگە كىرسەك ئۈچ قازان تۇرۇپتۇ ، قازانلارنىڭ ئىككىسى تۆشۈك بىرىنىڭ تۈۋى يوق ،ئىتىكى يوق ئاكام ئىتىكىدىكى جىنى يوق بىلىقنى ئېلىپ تۈۋى يوق قازانغا سالدى، بىز ئۇنى پىشۇرماقچى بولۇشتۇق،  قارىساق ئوتۇن يوق شۇنىڭ ئۈچۇن ئوت ياقماي ئوتۇننڭ ئايىماي قالاۋەرسەك قازان قاينىماي گۆش پىشىپ سۆڭەكلىرى مىلىق مىلىق بولۇپ كىتىپتۇ، يەپ باقساق ئىسسىقمۇ ئۆتمەپتۇ، نىمە بولسا بولسۇن دەپ ئۈچىمىز راسا يىدۇق ،  يىگەندىمۇ بىر -بىرىمىزگە تەكلىپ قىلىشماستىن يەۋەردۇق ، بىراقيىگەن گۆش قورسىقىمىزنىڭ بىر بۇرجىكىگىمۇ كەلمەپتۇ، ئويلىساق قورسىقىمىز راسا تويۇپ كىتىپتۇ ، كەتمەكچى بولدۇق  ئۆيدىن چىقايلى دىۋىدۇق ئىشىكتىن پاتمىدۇق ، ئامالنىڭ يوقلىقىدىن ئىلاجىنىڭ تولىلىقىدىن تام تۆشۈكىدىن چىقىپ كەتتۇق ، يەنە يول يۈردۇق ، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈردۇق يۈرىۋىرىپ  بىر ئىتىزغا چىقىپ قالدۇق ، قارىساق ئۈنمىگەن چىغ تۈۋىدە تۆرەلمىگەن توشقان يىتىپتۇ ،شىخى يوق دەرەختىن پۇتىمىغان چوماقنى ئىلىپ ھېلىقى توشقاننى راسا بىر ئۇرىۋىدۇق توشقان جىم يىتىپ يۈگۈرگەن پىتى كولىمىغان ئورىغا چۈشۈپ جان بەردى .  توشقانغا پىچاق سالماي قول تەككۇزمەي سويساق چىقتى ئون پاتمان گۆشى ، يىگىرمە پاتمان چاۋىسى ئالتە ئايدىن بىرى يەۋاتىمىز  ھىلىمۇ بار تەڭ ياتىسى . شۇن دىن بۇيان بىز ئاچ قىلىپ ئاكام مەن دىن خاپا بولۇپ ئۆزى بىلگەن يەرگە كەتتى ، يىگىر مە پاتمان چاۋا ياغ ماڭا قالدى ، بۇ ياغنىڭ ھەممىسىدە چورۇقىمنى ياغلىدىم ،  ياغ چورۇقۇمنىڭ بىرىگە يەتمىدى ، خەير شۇنداق بولدى ھېرىپتىكەنمەن ئۇخكاۋاتسام بىر چاغدا قاھان زىلزلگە چۈشۈپ غەۋغا كۆتۈرلۇپ كەتتى ، ئويغانسام چورۇقلۇرۇم ساڭىلا ياغ تەگدى ماڭا يوق دەپ گالاچلىشىپ مۇشلۇشۇپ قاپاقلىرنى يىرىشىپتۇ ، مەسلەھەتكە كىرمىدى ، ئىلاج يوق ئاخىر چورۇقلىرىمنىڭ ئىككى قۇلىقىدىن تۇتىۋىلىپ ھەر بىرىنى ئۈچ شاپىلاقتىن ئۇرۇپ جىم تۇرۇش ئەمدى ئۇرۇش دەپ يەنە ئۇيقۇغا كەتتىم ، بىر ۋاقىتتا ئويغىنىپ قارىسام ياغلانغان چورۇقۇم غولى يوق ئۇخلاۋىتىپتۇ ، ياغ تەگمىگىنى خاپا بولۇپ قىچىپ كىتىپتۇ ، ياغلىغان چورۇقۇمنى ئويغۇتۇپ بىر كەسلەنچۈكنى ھارۋىغا قىتىپ يولغا راۋان بولدۇق ، چورۇقۇم ھارۋىنى ھەيدىدى مەن يول كۆرسەتتىم شۇنداق قىلىپ مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئۆيگە ئاسانلا يىتىپ كەلدىم ، مەن ئۆيدىن چىقىش ۋاقتىدا بىر موماي بىر خوراز بار ئىدى  قايتىپ كەلسەم ئۆي يوق ئۆي بولسىمۇ ئورنى يوق تىمى بولسىمۇ لىيى يوق ، ئەتراپقا قارىسام ھېچنىمە يوق ، ماڭا بۇ تازا تارتقۇلۇق بولدى بايان قىلاي دەپ ھوزۇرىڭىزغا كەلدىم دەپ گال ئىڭىكىنى سىلاپ خاتىرجەم تۇرۇپتۇ .  پادىشاھ گال ئېيتىۋاتقان ھىكايىنىڭ مەنىسىگە يىتەلمەي  ئەتراپىسىكى ۋەزىر ئۆلىمالارغا قاراپتۇ . ئۆلىمالاردىن بىرى پادىشاھقا گالنىڭ ئېيتقانلىرنىڭ ھەممىسى يالغان ، يالغان ئېيتقان كىشى شاھ خەنجىرنىڭ ئوزۇقىدۇر دەپتۇ ، قىز بۇ سۆزگە كايىپ ھۆرمەتلىك ئاتا گالغا رۇخسەت قىلسىڭىز ،  ھىكايىسنىڭ ئاخىرنى يەنە ئېيتسا دەپتۇ ، پادىشاھ جاۋاپ بەرگۈچە گال :تەخسىر دەپ سۆزىنى باشلاپتۇ  .
                                     ئىككىنچى يالغان
تەخسىر ئاڭلاۋاتىسىز موماي يوق خورازمۇ يوق چورۇقۇمنىڭ بىرى تىخى يوق ، بۇلارسىز ياشىماق تىخى تەس شۇڭا دىمىم ئىچىمگە چۈشتى كۆڭلۈم بۇزۇلدى ، خەير دىدىم موماي ،خوراز ،چورۇقنى يەنە بىر ئىزدىدىم ماڭدىم مىڭىۋەردىم ، ئورنۇمدا قىلىۋەردىم شۇنداق قىلىپ بىر قىشلاققا يەتتىم خورۇزۇم شۇ قىشلاقتا بىر بايغا ئىشلەۋىتىپتۇ  ،  باينىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى پەقەت شۇ خوراز بىلەنلا مىڭىۋىتىپتۇ ، خورىزىم بىلەن كۆرۈشتۈم قۇچاقلىشىپ سۆيۈشتۈم بىر -بىرىمىزنى شۇنداق سىىغىنىپ كىتىپتۇقكى كۆرۈشە كۆرۈشمەي يىغلىشىپ كىتىپتۇق ، خورۇزۇم بايغا ئالتە ئاي كىچە كۈندۈز ئىشلەپتۇ ، خورازنى ئىلىپ كىتىش ئۈچۈن باي بىلەن سۆزلەشتىم ، ئاخىرى خورازنىڭ ھەققىغە بىر قۇۋادۇرۇز بەرمەك بولدى ، باي بۇنىڭغىمۇ ئاسان كۆنمىدى قۇۋالدۇرۇزنى ئالغىنىمغا خوش بولدۇم ،  خوش بولۇپ يەنە يولغا چىقماق بولدۇم ، لىكىن خورىزىم ئۇنىمىدى ئۇ يەنە ئۈچ ئاي ئىشلەپ ئاندىن ھەققىنى تولۇق ئىلىپ قايتماق بولدى ، مەن جۇۋالدۇرۇزنى ئىلىپ قوينۇمغا سىلىپ خورىزىمغا خەير دەپ يەنە يولغا راۋان بولدۇم ،  موماي بىلەن بىر پاي چورۇقنى ئىزدەپ كىتىۋەردىم -كىتىۋەردىم ھىچ يەردىن تاپالمىدىم ، ئىگىز تاغلارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ پۈتۈن ئالەمگە قارىدىم ، كۆرۈنمىدى ئاخىرى  بىر قىلىن جاڭگالنىڭ ئىچىدىكى چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ قارىسام يەتتە تاغنىڭ ئۇ تەرپىدە يەتتە دەريانىڭ بۇ تەرپىدە بىر كىچىك ئۆستەڭ بويىدا موماي كىر يۇيۇپ ئولتۇرۇپتۇ ، بىرىپ يىغلاپ كۆرۈشۈپ كىتەيلى ئانا يۈر دىسەم بايغا ئىشلىگىلى ئالتە ئاي بولدى ، توققۇز ئاي بولغاندا ھەق بەرمەكچى ھەققىمنى ئالماي كەتمەيمەن دەپ ئۇنىمىدى ، مەن قايتىپ كىتىشكە تەمشىلۋىدىم ئۇسساپ كەتكىنىمگە ئۈچ كۈن بولغانلىغى ئىسىمگەچۈشتى .  ھاۋا ناھايىتى ئىسسىپ قايناپ تۇرغان بىر چاغ ئىدى ، دەريا بويىغا بارسام سۈيى غاچچىدە توڭلاپ كىتىپتۇ ، مۇزنى چىقىشقا تاش تاپالماي بىشىمنى قۇلىقىمدىن تۇتۇپ بىر قويغان ئىدىم مۇز يىرىلدى .    سۇنى راسا ئىشتىم ئۇسسۇزلۇقۇم قىنىپ ، يەنە يولغا چۈشتۈم بىر يەرلەرگە بارغاندىن كىيىن قارىسام بىشىمنىڭ تىڭى يوق ئويلىسام دەريادا قاپتۇ ، جۇۋالدۇرۇزغا قارىسام ئۇنىڭ بىسى يوق،    شۇننىڭ بىلەن ئاپلا دىدىمدە بىشىمنى تىپىشنى ئۇنۇتۇپ موماينى ئاغىلى باردىم ، ۋاقىت ئۈچ ئايغا توشقان ئىدى ، موماي يوق سۈرۈشتۈرسەم ئىش ھەققىنى ئالماقچى بولغىنىدا باي مومايغا تۆھمەت توقۇپ ئۇنى دەسسەپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ  ، مانا پادىشاھىم ئەھۋال شۇ ، ھەممە تارتقۇلۇق پىقىرلاغىمۇ ئويلاپ كۆرسىلە .  دەرگاھلىرغا شۇنى ئېتقىلى كەلدىم دەپ جاۋاپ كۈتكەندەك تۇرۇپتۇ ، پادىشاھ ھودۇقۇپ ۋەزىر ئۆلىمالىرغا قاراپتۇ. ئەكىل سورىغاندەك قىلىپ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماراپتۇ ، ۋەزىرلەردىن بىرى: يالغانچىنىڭ بۇ ئېيتقانلىرى پادىشاھنىڭ ھۆرمىتىگە ھاقارەت ، پادىشاھىمىزنىڭ زامانىسىدا بۇنداق ئادالەتسىز ئىشلارنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ، دەپ تۇرىشىغا گال :تەخسىر تىخى گەپ بۇ يەردە دەپ سۆزىنى يەنە باشلاپتۇ .
                                                          ئۈچىنچى يالغان
موماينىڭ خۇنىنى ئىلىش ئۈچۈن باينىڭ ئۆيىگە بىرىپ ياقىسىدىن سۆرەپ شەرىھەتكە ئىلىپ باردىم شەرىھەت ئۇنداق دەپ مۇنداق دەپ موماينىڭ خۇنىغا بىر ئىشەك بۇيرۇپ شەرىھەتنىڭ ھۆكۇمى قەرز ، ئادا قىلىش پەرز دەپ يولغا سالدى موماي ئۈچۈن يىغلاپ نا ئىلاج ئىشەكنى مىندىمدە يولغا چىقتىم .  كەڭ دەشتى باياۋاندا كىتىۋاتسام قىرىق كارۋان ئۇچراشتى ئۇلارنىڭ بىرى ماڭا قاراپ :ھەي گال ئىشىكىڭ يىغىر بولۇپ قاپتۇ باشقىدىن توقۇۋال دىدى ئىشەكتىن چۈشۈپ قارىسام راستىنلا ئىشەكنىڭ دۈمبىسىنى يىغىر بىسىپ كىتىپتۇ ، بۇنى قانداقمۇ ساقايتارمەن دەپ كارۋانلار دىن سورىسام كۆيدۈرۈپ باسقىن دەپ بىر دانە ياڭاق بەردى ، ياڭاقنى كۆيدۈرۈپ بىسىۋىدىم بىردىنلا ئىشەكنىڭ دۈمبىسىدىن بىر تۈپ ياڭاق دەرىخى ئۈنۈپ چىقتى ، ھەش پەش دىگۈچە كۆكلەپ چىچەكلەپ كەتتى ياڭاقلىرى پىشىپ قالدى ئىشەك ياڭاقنى كۆتىرەلمەي بىلى ئىگىلىپ قورسىقى يەرگە يەتتى ياڭاقلارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىشەكنى يىتىلەپ شۈدىگەرلىككە ئىلىپ باردىم كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ياڭاققا چالما ئىتىشقا باش لىدىم ، لىكىن بىر تالمۇ ياڭاق چۈشمىدى شۇنچىۋالا ياڭاقتىن بىرە سى چۈشمىگىنىگە ئىچىم پۇشۇپ ئاستا ئاۋايلاپ ياڭاقنىڭ تۆپىسىگە چىقتىم ، قارىسام ياڭاقنىڭ ھەممىسى شور باغلاپ كىتىپتۇ شاختىن شاخقا چىقىپ كۆزدىن كەچۈرسەم، ياڭاق دەرىخىنىڭ ئۈستى ئىتىزغا ئايلىنىپ قاپتۇ بىر تەرەپتە بىر ئۆستەڭ سۇ شاقىراپ ئىقىۋىتىپتۇ ، بىر تەرپىدە تاۋۇز تىرىلغان .ئىتىز تۇرۇپتۇ ، مەن تاۋۇزنى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈردۈم پىلەكلەردىن ھەر يوغان تاۋۇزلار چۈشكىلى تۇردى ، نىمىسىنى دەيسىز بىردەمدە ھەممىسى شولۇقلاپ پىشتى .  بىر كۈنى پىچىپ يەي دەپ بىر تاۋۇزنى ئۈزدۈم پىچاقنى شۇنداق سىلىشىمغا تاۋۇز تاراسلاپ يېرلىپ پىچاق تاۋۇزنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى . پىچاقنى ئالاي دەپ تاۋۇزنىڭ ئىچىگە چۈشتۈم قارىسام پىچاق ئاقتىمۇ يوق كۆكتىمۇ يوق ئىزدەپ تاپالماي يۈرسەم، بىر ئادەم ئۇچراشتى ، ئۇنىڭدىن ئاكا پىچاق كۆردىڭىزمۇ دىسەم ئۇ ئادەم ئاۋال سىز ماڭا جاۋاپ بىرىڭ ئەسلىدە بىز قىرىق كارۋان ئىدۇق ھەر بىرىنىزدە قىرىقتىن ئۇلاق بار ئىدى يوقتىپ قويۇپ تاپالمايۋاتىمىز ، كۆردىڭىزمۇ دەپ مىنىڭدىن سورىدى . پادىشاھ ئالەم دەرگاھىڭىزغا شۇنى ئېتقىلى كەلدىم ئېيتىدىغىنىمنى ئېيتىپ بولدۇم. ئەمدى قۇلىىقىم سىزدە دەپتۇ .     پادىشاھ بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرىشىغا مەلىكە مۇنداق دەپتۇ : ئاتا گال مىنىڭ شەرتىمنى ئادا قىلدى ئەمدى تويغا رۇخسەت قىلىڭ دەپتۇ .
                                                       تۈگىدى

                                              مەنبە : ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىردىن ئېلىندى      

ئۇچقۇر شامال

ئادەم قىممەت ئەم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5041
يازما سانى: 723
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9970
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 5481 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-14 01:19:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىلگىرى ئوقۇپ بولغان . مەنمۇ چۆچەككە بەك ئامراق .

جەننەت+دوزاخ = ھايات

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1477
يازما سانى: 1954
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 201567
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 3387 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-14 01:29:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۆچەك ئاڭلىمىغىلى ۋە ئوقۇمىغىلى بەك ئۇزۇن زامانلار بوپتىكەن . ‹‹ مىسرانىم مۇنبىرى ›› نىڭ شاراپىتىدىن مۇنبەردە چۆچەك ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولۇپتىمەن .

سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئېسىل خىسلەتتۇر !  ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ،مىللەت تۈزەلمەس!   ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ !   تىلى ياتنىڭ دىلى يات !     تور دۇنياسى
ئۇيغۇرش بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-14 10:18:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 1775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15721
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 3443 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-14 10:40:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىزامان ماڭىمۇ چۆچەك ئوقىمىغىلى.لىكىن بوپ قويىدىكەن جۇمۇ.
رەھمەت سىزگە.پات - پات يوللاپ تۇرارسىز چۆچەكلەر بولسا. [s:166]

خەپ ! ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7420
يازما سانى: 885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12407
تۆھپە نۇمۇرى: 936
توردا: 7786 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-14 11:25:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە.پات - پات يوللاپ تۇرارسىز ! [s:154]  [img]]

قىلالمايمەن دىيىش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلانمىسى!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17452
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7252
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-14 01:10:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن بۇندىن كىيىن يەننە يۇللاپ تۇراسىز ؟ [s:154]

ۋارىسجان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3091
يازما سانى: 2860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14644
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 2814 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-14 04:24:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ چۆچەكنى مەنمۇ بۇرۇن ئۇقۇپ بولغان ،لىكىن مۇشۇ تاپتا ئوماق ئوغلۇم يېنىمغا بولغان بولسا بىللە ئۇقۇسام دەپ ئويلاپ قالدىم...
بەك قىزىق يېزىلغان چۆچەك بۇ.
مىنىڭمۇ مۇنبەردە بىرىنچى قېتىم چۆچەك ئۇقۇپ بېقىشىم.
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!!!

ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىسى يالغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1039
يازما سانى: 1263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13918
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 734 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 03:11:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن نوچى چۆچەك.............

يىيىش ئۈچۈن ياشىماي،ياشاش ئۈچۈن يەڭ====چۇنكى ھايۋانلار يىيىش ئۈچۈن ياشايدۇ----

تۇرسۇنجان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18924
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6434
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 01:47:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<<<<<<<<<<<<<<<<<<<<<<<<<مەندىن بالدۇر چىكىتىپسىغۇ >>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>

دۇنياغا قارىسام كۇلگۈم كېلىدۇ ئازاپتىن ۋەدەرتىن ئۆلگۈم كېلىدۇ ھىچكىمدىن كەلمىگەچ قىلچىلىك ۋاپا ھەم يالغۇز ھەم تەنھا ياشىغىم كېلىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش