 |
 |
 |
 |
ئەسسالام ئەزىز تورداشلار، ھەممىمىز بۇ تېڭشۈن ياسىغان دىتالغا شۇنداق كۈنۈپ قالدۇقكى، ئازلا قالدۇق 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ھەر بىرىمىز 3~4 تىن چ چ ئېلىۋالغىلى. لېكىن، بۇ بىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى ، بۇ بولمىغان بولسا بەلكىم 移动公司 دىكىلەرنى ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك بېيىتقان بولاتتۇق.ئەمدى گەپنىڭ قىسقىسى،بىز 腾讯 شىركىتىنىڭ بېكىتىنى ئېنىق ئايرىۋېلىشىىمىز كېرەك. چۈنكى ئارىمىزدا پۇل خەجلەپ چ چ ئىشلىتىدىغانلارمۇ نۇرغۇن ، بۇلار قاراپ تۇرۇپ خاككىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىراپ كەتسە بولمايدۇ .
ماڭا كەلگەن بىر ئۇچۇرنىڭ راس يالغانللىقىنى سىناپ كۆردۈم.
ئەمسە مەن ئىشلىگەن سىناققا قاراڭلار.
توربەتنىڭ ئىسمىمۇ توغرا ئەمەس. 腾讯 نىڭ ھەرقانداق بېكىتىنىڭ ئاخىرى چوقۇم www.xxx.qq.com ياكى ,www.qq.com بولىدۇ. لېكىن بۇ بېكەتنىڭ ئادىرسى : http://www.zuanzqq.com qq دىگەن خەتنىڭ يېنىدا چېكىت قويۇلمىغان. دىمەك، بۇ ئالدامچى بېكەتلەرنىڭ بېكىتىنى ئېلان قىلىۋېلىش ئۈچۈن ، ئەزالارنى قايمۇقتۇرۇش ھىيلىسى دىسەك ئېغىر كەتمەس.
تۆۋەندىكى رەسىملەرگە قاراڭ :
1. ئادىرسى QQ شىركىتىنىڭ ئەمەس.
2. شۇنداقتىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىش .
ئەمدىكى نەتىجە...
خېلى ئۇزاق ساقلىغان بولساممۇ بىراق ھېچقانداق نەتىجە يوق ، شۇنىڭ بىلەن بەتنىڭ باشقا ياقلىرىغا كۆز يۈگۈرتتۈم.
قاراڭ ماۋۇ قويمىچىلارنى. بېكەت ئادىرسىنى باشقىلارغا(5 دوستىڭىزغا ) يوللىسىڭىز سىزنىڭ بىريىللىق كەسپىڭىز ئاپتۇماتىك ئېچىلىدۇ دىيىلگەن. ( خەنزۇچە سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا قىسقارتىپلا مۇشۇنداق تەرجىمە قىلدىم خاتا ئەمەستۇ ھە !)
نىمە دىگەن كۈلكىلىك. ھەتتا ئاۋۇ كۆچۈرۈش دىگەن خەتنى باسسىڭىز بېكىتىنىڭ ئادىرسىمۇ توغرا كۆچۈرۈلمەيدىكەن.
مۇشۇنىمۇ قاملاشتۇرالمىغان ئادەم يەنىلا بىزنى،سىزنى،ئۇنى ئالداش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ھىيلە-مىكىر ئويلاپ تاپماقتا.شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇنداق بېكەتلەرگە سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . چۈنكى سىزگە زىيان بولسا ماڭا بولغان بىلەن ئوخشاش.
بۇ يەردە پۇلدىن زىيان تارتمىغان بىلەن ھېچ بولمىسا ئامراق QQ رىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىش ئىھتىماللىقى بار !
مەنبە : ئىزلا تورى www.izla.biz/bbs
|
 |
 |
 |
 |
|