مېنى كەچۈر
(نەسىر)
ئاپتورى:ئادىلجان ئەمەت ئاقىلانە ئۆركىشى
1
مەن شۇچاغدا ساڭا ھەممىنى يالغان ئېيتقان ئىدىم.سەن سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئۆزۈڭنىڭ ئالدانغانلىقىڭنى ھېس قىلىپ مەندىن يىراقلاشتىڭ…
سەن ئەسلى ئەزىزلەشكە،قەدىرلەشكە ئەرزىيتىڭ.سەن گويا گۈللەرنىڭ لېۋىنى سۆيۈپ يالتىراپ تۇرىدىغان سۈپسۈزۈك شەبنەم تامچىسى ئىدىڭ.سەن كۆڭۈل بېغىمدا سايراشقا ھەقلىق خۇشناۋا بۇلبۇل ئىدىڭ…
سەن شەبنەم بولۇپ گۈل لېۋىگە قونغىنىڭدا مەن سېنى ئاۋايلىمىدىم،سەن شەبنەم بولۇپ چۈشكەن شۇ گۈلنى يىلتىزدىن قۇمۇرۇپ تاشلىدىم.
سەن،مېنىڭ ئالدىمغا پەقەت قايتا بىر قېتىملا مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىشىمنى تىلەپ كەلدىڭ.سېنىڭ يالۋىرىشلىرىڭ قۇلقىغا كىرمەيتتى…
مەن ساڭا ئەلەم قىلىپ كۆڭۈل بېغىمدىن قوغلاپ چىقاردىم،ئويلاپ باقسام مەن شۇ چاغدا ساڭا ھەقىقەتەنمۇ تاش يۈرەكلىك قىلغان ئىكەنمەن.توۋا دەيمەن مەن نېمىدىگەن رەھىمسىز-ھە!
مەن بىلمەپتىمەن،سەن گويا مېنىڭ ئۈمۈد يۇلتۇزۇم ئىدىڭ.پاك نۇرلىرىڭ بىلەن قاراڭغۇ كۆڭلۈمنى يورۇتۇپ نۇرلارغا تولدىراتتىڭ.سەن تاغلادىكى بۇلاقلاردىن ئېتىلىپ چىقىدىغان كەۋسەر ئىدىڭ،مەن ئۇنىڭدىن ئوچۇم-ئوچۇملاپ ئىچكىنىمدە قەلبىم ئارام تاپاتتى…
سەن ئەمدىلا نوتا سۈرۋاتقان بوستان ئىدىڭ،لېكىن تاغدەك ئېغىر ئازاپ ئالدىدا قىش كېلىشنى كۈتمەستىن ياز پەسلىدىلا خازان بولدۇڭ.
2
مانا بۈگۈن سېنىڭ تويۇڭ،مەن ۋەدەم بويىچە سېنىڭ تويۇڭغا قاتناشتىم.سەن ئاپئاق توي كۆينىكىنىڭ ئىچىدە بەكمۇ چىرايلىق، بەكمۇ جەلىپكاربولۇپ كەتكەن ئىدىڭ.سەن كۆز ئالدىمدا پەرى سۈپەت پەيدا بولىۋاتاتتىڭ.نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سېنى ئالداپ يۈرگەن قەلبىم بۇ قېتىم سېنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتى.يۈرىكىم قېپىغا سىغماي كۈچلۈك ھاياجان ئىچىدە سوقۇۋاتاتتى.مەن نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان چىراي تاللاپ يۈرگەندىمەنمۇ؟…
ياق- ياق بۇ ھەقىقى مۇھەببەت،تۇيۇقسىز لاۋۇلداپ كۆيگەن سۆيگۈ ئۇچقۇنى…
كۆزلىرىم ساڭا تىكىلىپ-تىكىلىپ قارايتتى،سېنىڭ ماڭا قىيا بېقىشىڭنى تىلەتتىم.سەن تارتىنغا ھالەتتە تۆۋەنگە قاراپ ئولتۇراتتىڭ،بىر ھازادىن كېيىن مېنى كۆردىڭ بولغاي كۆزلىرىڭ ماڭا خۇما باقتى.
مانا ئەمدى ئوتلۇق ئىككى جۈپ كۆز ئۆزئارا ئۇچىراشتتى.بۇ كۆزلەر مۇھەببەت ۋە ئازابلىرىنى ئېيتىشتى.سېنىڭ كۆزۈڭدىن چىققان بىر تامچە ياش دومىلاپ مەڭزىڭگە بېرىپ توختىدى.
ئەگەر نومۇس دېگەن نەرسە بولمىسا ئىدى.«مېنى كەچۈر مەن سېنى سۆيىمەن» دېگەن بولاتتىم.ئەپسۇس ئۇنداق قىلالمىدىم،ئۇنداق قىلىشقا يۈزۈم چىدىمىدى.
سەن كاتتا بېزەلگەن توي ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرەر رەتمۇ كۆرۈپ باقمىغان يىگىت بىلەن كېتىپ قالدىڭ…
3
دۇنيادا پۇرسەت قايتلانسا ئىدى،مەن خاتالىقىمنى تۇنۇپ سەن بىلەن ۋېسال تاپقان بۇلاتتىم...نېملا دېگەن بىلەن بىز كىچىكەن ئىدۇق.
مەن سىېنى مەھەللە تەرەپتە ئۇچراتتىم،گەرچە ئېسلزادىلەرگە خاس كىينگەن بولساڭمۇ،ئاشۇ كۈلكە تەپچىپ تۇردىغان گۈل يۈزۈڭ سۇلۇپ مىسكنلىك ئورۇن ئاپتۇ...
سەن ئانابۇلۇش ئالدىدا تۇرۋاتسەن.بەلكىم ئاشۇ دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرۋاتقان بالاڭ ساڭا،يېڭى ئائىلەڭگە خۇشاللق بېغىشلاپ ناخۇشلۇقۇڭنى تۈگەتسە ئەجەپ ئەمەس...
ئاھ: گۈلۈم ئۈزۈمنىڭ،ياق سېنڭ بەختىڭنى نابۇت قىلدىم.
سەن شۇتاپتا مەندىن نەپرەتلىنشكە،مېنى تىللاشقا،ياقامدىن تۇتۇپ تۇرۇپ مەندەك بىر مۇھەببەت قاتىلىنى جازالاشقا ھەقلىق سەن...
ساڭا يۈرىكىم قىتىدىكى شۇ نىدالارنى ئېيتىۋالاي.مېنى كەچۈر،مەڭگۈ بەخىتلىك بول....
ئاپتۇرى:قەشقەر مارالبېشى ناھيسدىن….كەڭ ئەدەبيات ھەۋەسكارلىنڭ پكىر ئالماشتۇرشىنى خالايمەن.
تېلفۇن نۇمۇرۇم (ئۈرۈمچى)13139678263،09916753372 (قەشقەر؛)09986165322