ئانامنىڭ قەبرە بېشىدا
(نەسر)
ئاپتورى ؛ئادىلجان ئەمەت ئاقىلانە ئۆركىشى
ھاياتلىق خانەمنى ياشارتىپ مېنى گۈللەتكەن ئانا.مەن يەنەسېنى سېغىنىپ تۇپراق بېشڭغا كەلدىم،تۇپراق بېشىڭدىكى توپىلارنى قولۇمغا ئېلىپ،كۆزلىرىمگە،يۈزلىرىمگەسۈرۈتتۈم.ئۇنىڭدىن يەنە بىر ئوچۇم ئېلىپ، سېنى قۇچاقلاشقا تەشنا بولغان باغرىمغا ئاۋايلاپ تاڭدىم. مەن تۇپراقتىن سېنىڭ ھېدىڭنى ئىزلەيتىم.
توۋا ،تۇپراق بېشىڭدىكى ئەمدىلا ئېچىلغان چىچكىدىنمۇ بىرخىل ئىللىق ھارارەت كىلىپ دىمىقىمنى مەستخۇش قىلماقتا.چۈنكى ئۇنڭدىمۇ سېنىڭ مېھرىڭ بار ئەمەسمۇ؟:..
ئانا سەن تولىمۇ جاپاكەش ھەم مىھرىبان ئىدىڭ.سەن ھاياتنىڭ ئېقىنلىرىدا ئېقىپ،چېقىنلىرىدا چېقلىپ قىينچىلىق ئىچدە مېنى ئۇقۇتتۇڭ.
ھەر قېتىم سېنىڭ قاداق بېسىپ قاپىرىپ كەتكەن قولۇڭنى كۆرگەندە ئوقۇشتىن يالتىيىپ قالاتتىم.
سەن دادامنڭ يوقلۇقنى چاندۇرماسلىق، باشقىلارئالدىدا بويۇن قىسلىپ قالماسلىقىم ئۈچۈن جاپا چىكىۋاتاتتڭ...
ھىلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ،سەن بىر كۈنى يېرىم كېچىگە ئۇلاشقاندا كۆتۈرە ئالغان ئىشلىرىڭنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلدىڭ، سەن –مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇشۇم ئۈچۈن پۇل توپلاۋاتاتتڭ.
لېكىن مېنىڭ، سېنى قىيناپ ئۇقۇغۇم يوق ئىدى.
ئاخىرى گەپنى ئوچۇقلا ئېيتتىم.
-بولدى،ئانا مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمايمەن،دېدىم.سېنىڭ چىرايىڭ بىردىنلا تاتىرىپ كەتتى.
-ئوغلۇم ئادىلجان مەن سېنى شۇنىڭ ئۈچۈنلا باقتىممۇ؟. مەن سېنى قانداقلا بولمىسۇن ئوقۇتىمەن،بۇ مېنىڭ ھەم داداڭ رەھمىتىنىڭ ئارزۇسى...سەن شۇ چاغدا گەپنىڭ ئاخىرنى دېيەلمەي- - يىغلاپ كەتكەن ئىدىڭ.
سەن شۇنچە يىللاردىن بۇيان يىتىملىكىمنى بىلىندۈرمەي بېشىمنى سىيلاپ ئانا ھەم دادا بۇلۇپ كېلۋاتاتتىڭ.سەن ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ بىر ئانا ئىدىڭ.
بىر ئازدىن كىيىن مېنى باغرىڭغا بېسىپ تۇرۇپ،«سەندىن رازى بۇلۇپ كىتەي،مېنى رازى قىلاي دىسەڭ ياخشى ئوقۇ،»دىدىڭ.
سەن شۇ چاغدا كۆز ئالدىمدا بىر تۇل خۇتۇن ئەمەس قولىدىن خېلى چوڭ ئىشلار كېلدىغان رەھبەرلەرگە ئوخشاپ قېلىۋاتاتتىڭ.. ئانا،ئەمدى شۇ كۈنلەر قەلبىمنىڭ قات-قېتىدىكى ئەسلىمگىلائايلىنىپ قالدى. ئۇ كۈنلەر ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ...
مەن خىزمەت كۈتۈۋاتقان مەزگىلدە شۇم ئەجەل سېنى بۇدۇنيادىن ئېلىپ كەتتى .
سەن مېنىڭ ئۇقۇتقۇچى بۇلۇشۇمنى بەش ۋاقىت نامىزىڭدا تىلەيتىڭ.مانا ئەمدى تىلىكىڭ ئىجابەت بۇلۇپ مۇنبەرگە چىقىنىمداسەن يوق ...
سېنىڭ شۇقداقلا بىخەۋەر كىتىدىغانلىقىڭنى بىلگەن بولسام بىرەر قېتىممۇ بولسا سېنى يۈرەك قېتىڭدىن كۈلدۈرگەن بولاتتىم،لېكىن بىز ئىنسانلار ئەتىمىزنى كۈرەلمەيدىكەنمىز،مەن كېچىكەن ئىدىم.
ھەر قېتىم توپا-چاڭ دەستىدىن مەينەتلىشىپ كەتكەن ئۆيگە كىرگىنىمدە كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ،ئىچىم ئېچىشىدۇ،سەن چاڭ- تۇزان قوندۇرمايدىغان ئۆيلەر سوغۇق بىر ماكانغا ئايلاندى...
سېنىڭ رەسىم جازاڭدىكى سۈرىتىڭگە ئۇزاقتىن-ئۇزاق قارايمەن.ئەمدىلەتىن ئاق سانجىلغان چاچلىرىڭ ،كۆز ئەتراپىڭدىكى يۇمران يارشىملىق قورۇقلىرىڭ سېنى تېخىمۇ مېھرىبان قىلىپ كۆرسىتەتتى.
كوچىغا چىققان ۋاقتىمدا چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان بەللىرى يادەك ئىگىلگەن،ھاسسا تاياق بىلەن ئاران-ئاران مېڭىۋاتقان پەرىشتە سۈپەت تەۋەرۈك ئانىلارنى كۆرسەم ئىچ-ئىچىمدىن زوقلىنمەن،لېكىن سېنى ئەسلەپ چوڭ كوچىدىلا ياش تۆكىمەن.
سەن بىر ئۆمۈر بالام،بالام دەپ شېرىن ئۇيقۇڭنى تەرك ئىتىپ مەن ئۈچۈن زور قۇربانلىقلارنى بەردىڭ لېكىن مەنچۇ ئانىجان:...
مەن قەبرەڭنى قۇچاقلىدىم،قەبرەڭدىن چىقىۋاتقان ئىللىق ھارارەت پۈتكۈل بەدىنىمگە يامرىدى...
قەبرە بېشىغا گۈل ئەكلىش بىزنىڭ مىللىتمىزنىڭ قائىدە- يۇسۇنغا يات بولسىمۇ بىراق سەن ياخشى كۆرىدىغان قىزىلگۈلدىن بىر دەستە تىزىپ ئەكەلدىم،ئوغلۇڭ ئەكەلگەن بۇ گۈلنى پۇراپ قەبرەڭدە تىنچ ياتقىن...
ئانا:مەن قەبرە بېشىڭدىن تۇرۇپ، ئېغىر قەدەملىرىمنى ئېلىپ ئۆي تەرەپكە ماڭدىم. كەينىمگە بۇرۇلغىنىمدا سېنىڭ قەبرەڭ بېشىدىكى كۆك يانتاق بېشىنى يەڭگىل چايقاپ مېنى ئۇزىتىپ قويدى...
مەن بېشىمنى ساڭگىلىتىپ ئۆيگە ماڭماقتىمەن.لېكىن سېنڭ -قەبرەڭگە قاراپ-قاراپ ماڭىمەن....
-ئانا شۇتاپتا سېغىنىشلىرىم شېئىر پۈتمەكتە: قەبرىستانلىقتا شېئىر ئوقۇش ياخشى ئىش ئەمەس شۇنداقتىمۇ ئوقىۋەردىم.
خوشلاشتىڭ مەزگىلسىز مېنىڭدىن ئۇزاپ،
يىغلايمەن ھەر دائىم قەبرەڭگە قاراپ.
قانمىغان ئىدىمغۇ مىھرىڭگە سېنىڭ،
بەرمەمسەن ئەي ئانا ئوغلۇڭغا جاۋاپ؟
..
خەيىر،ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولسۇن ،ئۇ ئالەمدە قايتا دىدارلىشارمىز . مەن سېنىڭ قەبرەڭنى يەنە يوقلاپ تۇرىمەن....
ئاپتورى؛قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسدىن….كەڭ ئەدەبيات ھەۋەسكارلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرشىنى خالايمەن.
ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلسىڭىز !!تەھرىردىن ...