مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 474|ئىنكاس: 2

خەلقىمىزدە لوك ۋە قۇلۇپسازلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەخىت ئىچىدە بەخىت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16220
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 483
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-9 11:31:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 

خەلقىمىزدە لوك ۋە قۇلۇپسازلىق

 

[upload=1]

 




بۇمەريەم شېرىپ خۇشتار

 


 


     ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان، ئىشىك – دەرۋازىلارغا لوك سېلىش ئارقىلىق ئۆيىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇلار لوك ياساشتا چىلان، ياڭاق، ئامۇت، ئۈجمە قاتارلىق ئاسان قۇرت يېمەيدىغان، ئاسان چىرىمەيدىغان دەرەخلەرنىڭ ياغىچىنى ماتېرىيال قىلغان. ئالىملار خەلقىمىزنىڭ لوك ياساش دەۋرىنى ئۇيغۇرلار شەھەرلىشىپ، شەھەر – قەلئە ياراتقان دەۋردىن باشلانغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشماقتا. 18 – ئەسىرگە كەلگەندە، ياۋروپادا باشلانغان سانائەت ئىنقىلابى ئۈستۈنلۈك ئىگىلىگەندە، ئەنگلىيىلىك بىر تۆمۈرچى تۆمۈردىن بىر قۇلۇپ ياسىغان بولۇپ، ئۇنى ‹‹لوك›› دەپ ئاتىغان (‹‹لوك›› ئاتالغۇسىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدە يەنىمۇ تەتقىق قىلىش لازىم). ئۇزاق ئۆتمەي ئۇيغۇرلار تۆمۈردىن لوكنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا ئوخشايدىغان ئۈچ تىللىق، ئىككى تىللىق، ئېچىش مەخپىيىتى بار قۇلۇپ ياساپ، ئۇنى ‹‹شەددە قۇلۇپ›› دەپ ئاتىغان. لوكنىڭ چوڭلۇقى ئادەتتە cm 15×15×30  ئەتراپىدا بولۇپ (لوك ئورنىتىلىدىغان ئىشىك – دەرۋازىلارنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە قاراپ، ئۆلچەمدە ئۆزگىرىشمۇ بولغان)، ياسىغان لوكنىڭ قورساق قىسمىغا ئاچقۇچ تۆشۈكچىسى ئويۇپ، لوكنىڭ قورساق قىسمىغا ئاچقۇچ چۈشىدىغان تۆشۈكلۈك لوكۋاسى ئورنىتىلغان. ئاچقۇچنى سېلىش ئارقىلىق لوكنىڭ سول تەرىپىدىكى ئوچۇق تۆشۈكنىڭ سىرتىغا ۋە لوكنىڭ ئىچىگە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىشىك تاقىلىدىغان – ئېچىلىدىغان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئاچقۇچىمۇ ياغاچتىن ياسالغان. ئاچقۇچ پەردىسى(چىشلىرى) قانچە كۆپ، ئورۇنلىشىشى قانچە مۇرەككەپ بولسا، لوك شۇنچە بىخەتەر بولغان. لوك تاق قاناتلىق ۋە قوش قاناتلىق ئىشىكلەرنى پەقەت سىرتتىن تاقاشقا ماس بولۇپ، تاق قاناتلىق ئىشىكلەردە، لوك ئىشىكنىڭ ئېچىلىش تەرىپىدىكى تامنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلىپ، تامدىن ئاچقۇچ سېلىش ئۈچۈن لوكنىڭ ئاچقۇچ تۆشۈكچىسى بار جايىغا ئۇدۇل قىلىپ تۆشۈك(قۇلۇپنى تاقاش – ئېچىشتا قول سالىدىغان تۆشۈك) قويۇلغان. قوش قاناتلىق دەرۋازىلارغا لوك ئۇيۇل ھالەتتە ياسىلىپ، ئىشىكنىڭ ئوڭ ياكى سول تەرىپىدىكى لوكنىڭ تۆشۈكچىسىگە ئاچقۇچ سېلىپ، لوكنىڭ ۋاسىسى قارشى تەرەپتىكى ئۇدۇل تۆشۈككە كىرگۈزۈۋېتىلسىلا، ئىشىك مەھكەم تاقىلىپ ئاچقىلى بولمايدىغان بولىدۇ.

     ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەڭ مۇرەككەپ لوكنىڭ لوكۋاسى ئۈچ ۋە بەش تىللىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئاچقۇسىمۇ ئۈچ ۋە بەش تىللىق ئىكەن. لوك ئاچقۇسى بەش تىلغا ئۇدۇل سالغاندىمۇ ئېچىلمايدىغان بىر سىر بولغان. لوك ياسىغۇچىلار لوكنىڭ مەلۇم يېرىگە قوۋۇز تىلىغا ئوخشاش بىر تىل بېكىتىپ، ئۇنى باسقاندا لوك ئىچىدىكى يوشۇرۇن تاقاق ئېچىلىدىغان قىلغان. ھازىر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ كەشپىياتى بولغان لوك چەت يېزا – قىشلاقلاردا، مۇزېيلاردا ساقلانماقتا. نەچچە ئەۋلاد قۇلۇپسازلىق بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان قۇلۇپلار شەددە قۇلۇپ دەپ ئاتالغان. دېمەك، ئەينى ۋاقتىدىكى قۇلۇپسازلىرىمىز غەيرىي – غەيرىي قۇلۇپلارنى ياساپ، خەلقىمىزنىڭ ئۆيىنى بىخەتەر ساقلاش ئېھتىياجىنى قامداپ كەلگەن.





مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى


خوشاللىق بار يەردىن غەم - قايغۇ قاچىدۇ . يورۇقلۇق بار يەردىن قاراڭغۇلۇق قاچىدۇ . غەيرەت بار يەردىن قېيىنچىلىق ، جاپا- مۇشەققەت قاچىدۇ ..

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-9 01:32:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە!!!!!!!!!!!!!!!!!! [s:166]  [s:166]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ھەق گەپ ئاچچىق ب

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7770
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25659
تۆھپە نۇمۇرى: 2844
توردا: 8007 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-9 01:52:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ياخشى تارىخى ماتىريالكەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن كەشپىياتلىرى بار. بولسا شۇلارنىمۇ بىر-بىرلەپ يوللاپ قويساڭلار............

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش