مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1919|ئىنكاس: 35

مەمەت ئاۋاقنى تونۇمسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياردەم مەزمۇنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5380
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2598
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 2241 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-8 03:58:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلارنىڭ مەمەت ئاۋاقنى ئىزدەش ئېلانى دېگەن تېمىدىكى بەزى ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە بۇ تېمىنى كومپىيۇتېرغا بېسىۋاتىمەن. بەلكىم ئازراق پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس...

ياشار كامال ۋە مەمەت ئاۋاق


تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ تىن قىسقارتىپ مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار ئېلىندى

   ياشار كامال تۈركىيىنىڭ مۇشۇ ئەسىردىكى دۇنياۋىي تەسىرگە ئىگە مەشھۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى. 1922-يىلى ئاداند ئۆلكىسىنىڭ گوكەچلى (مەمىتە) يېزىسىدا نامرات ئائ.ىلىدە دۇنياغا كەلگەن.بەش يېشىدا دادىسىدىن يېتىم قالغان. ئوتتۇرا مەكتەپتە پەقەت بى يىللا ئوقۇپ، تىرىكچىلىك تۈپەيلى ئوقۇشتىن چېكىنگەن. ئۇ جان بېقىش ئۈچۈن زېمىندارلارنىڭ قورۇقلىرىدا يىلقىچى، پۈتۈكچى بولغان ھەم ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى، غەۋۋاس، مىراپ، موزدوز بولغان، كۆمۈر گازى شىركىتىدە خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 40 خىلدىن ئارتۇق ئۇششاق كەسىپ بىلەن شوغۇللانغان. كېيىن مۇخبىر بولۇپ يېزىقچىلىق ھاياتىنى باشلىغان.
   ياشار كامال 1951-يىلىدىن 1963 يىلىغىچە تۈركىيىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىت "جۇمھۇرىيەت گېزىتى" دە مۇخبىرلىق قىلىپ، نۇرغۇن ماقالىلەرنى يازغان. شۇنداقلا نۇرغۇن رومان ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ تۈركىيە ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغان. 1952-يىلى ئۇنىڭ چوقۇر ئوۋا تۈزلەڭلىكىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تۇنجى ھېكايىلەر توپلىمى "پىژغىرىم ئىسسىق" نەشىر قىلىنغان. 1955-يىلى ئۇنىڭ " دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قورۇقتا يەتتە كۈن" ناملىق ماقالىسى مۇخبىرلار جەمىيىتى تارقاتقان ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى يەنە ئۇنىڭ "تۈنىكىچىلىك" ۋە "مەمەت ئاۋاق" (1- ۋە 2-قىسىملىرى) ناملىق رومانى نەشىر قىلىنغان. "مەمەت ئاۋاق" (تۈرۈكچىسى" ئىنجۇ مەمەت" ) دۇنياغا كېلىپلا ناھايىتى كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىغان. بۇ كىتابنى كىتابخانلار، بولۇپمۇ دېھقانلار بەسلىشىپ ئوقۇشقان. ھەتتا بىر كىشى ئۈنلۈك ئوقۇپ، باشقىلار زەڭ قويۇپ ئاڭلاشقان. قىزغىن دەتالاش ۋە مۇھاكىمە قىلىشقان. بەزىلەر " مەمەت ئاۋاق بىزنىڭكىگە كەلگەن، بىز ئۇنى كۆرگەن، بىللە تاماق يېگەن" دېيىشكەن، بەزىلەر ھەتتا "مەن مەمەت ئاۋاقنىڭ نەۋرىسى"، "مەن مەمەت ئاۋاقنىڭ پالانچى تۇققىنى" دەپ ئاپتورغا خەت يازغان.
   بۇ روماننىڭ 3-ۋە 4- قىسىملىرى كېيىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە بۇ تۆت قىسىملىق رومان 39يىلدا پۈتكەن. بۇ رومان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە يەنى 20-30- يىللاردىكى دېھقانلار بىلەن زېمىندارلار ئوتتۇرىسىدىكى ھايات-ماماتلىق كۆرەش تەسۋىرلەنگەن. زېمىندارلارنىڭ ياۋۇز، ئاچكۆز، شەپقەتسىز، زالىم خارەكتىرى ۋە ئەنسىز روھى دۇنياسى، دېھقانلارنىڭ ساددا، ئۆزگىرىشچان، مېھرىبان مىجەز خارەكتىرى، توروس تاغلىرى ۋە چوقۇر ئوۋا تۈزلەڭىكىنىڭ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسى بەكمۇ ئىنچىكە ۋە جانلىق سۈرەتلەنگەن. دىئالوگلار بەكمۇ ئىخچام، ئوبرازلىق يۇمۇرلۇق ھەمدە يەرلىك پۇرىقى كۈچلۈك قىلىپ يېزىلغان. ئەسەرنىڭ باش پېرقەھرىمانى مەمەت ئاۋاقنىڭ ئوبرازى ئىنتايىن گۈزەل ۋە مۇكەممەل يارىتىلغان بولۇپ، كىشىنى ئۆزىگە بەك مەھلىيا قىلىدۇ. ئۇنىڭ بەخىتسىز ئەمما جەڭگىۋار ھاياتى، ئۆزگىچە مىجەز خارەكتىرى كىشىدە ئۇنتۇلماس تەسىرات قالدۇرىدۇ.
   شۇ سەۋەبتىن "مەمەت ئاۋاق" تۈركىيەدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادا قىزغىن قارشى ئېلىندى. ھازىرغىچە بۇ ئەسەر 30 خىلغا يېقىن تىل يېزىققا تەرجىمە قىلىندى ھەم 100 قېتىمدىن ئارتۇق نەشىر قىلىنىپ دۇنيادىكى بازارلىق كىتاب بولۇپ قالدى. تۈركىيىدىكى مەشھۇر يازغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن باھالاش، مۇكاپاتلاش ھەيئىتى بۇ ئەسەرنى "تۈركىيىنىڭ ئەڭ ئېسىل رومانى" دەپ باھالىدى. ھەمدە تۈركىيىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال "ھاياتلىق" نىڭ رومان مۇكاپاتىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ئەسەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ- پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن "دۇنياۋىي مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ بىرى" دەپ كۆرسىتىلدى. 78-يىلى فىرانسىينىڭ "ئەڭ ياخشى چەت ئەل ئەسەرلىرى مۇكاپاتىغا" ئېرىشتى. 82-يىلى دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىدىكى مەشھۇر كىشىلەر فىرانسىينىڭ پارىژ شەھىرىگە يىغىلىپ پۈتۈن دۇنياغا" <مەمەت ئاۋاق> 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ رومان" دەپ بايانات ئېلان قىلىشتى ھەمدە ياشار كامالغا دېر دوكا دۇنيا ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى بەردى. ئۇنىڭ ئىسمى دېر دوكا فوندى جەمىيىتى بىناسى ئالدىدىكى تاش تۈۋرۈككە ئالتۇن ھەل بېرىپ يېزىلدى. بۇ رومەن يەنە لوندوندا خەلقئارا كىتاپ ئوقۇش كۇلۇبى تەرىپىدىن "84-يىلى ياز پەسلىدىكى ئەڭ ئېسىل رومان" دەپ باھالاندى. ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەكك، مۇشۇنداق بىر دۇنياۋىي مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرتىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈلگەنلىكى ئالاھىدە قۇتلۇقلاشقا ئەرزىيدىغان چوڭ ئىش.
   

زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ماقالىنىڭ بىرقىسىم يەرلىرىلا بېسىلدى.

كوپپىيۇتېر ئالدىدا: مەشئەل 20



تورداشلارنىڭ بۇ ئەسەر توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Hechkim + 50 پايدىلىق خىزمەت، رەھمەت بۇرادەر.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 50   باھا خاتىرىسى

ھاياتتىن ئاغرىنىش ئاجىزلارنىڭ ئىشى. ھاياتقا بارلىقى بىلەن يۈزلىنىش بولسا ئاقىللارنىڭ تاللىشى.

يىگىت قەسەم ئىچم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9548
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13697
تۆھپە نۇمۇرى: 434
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-8 04:28:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمەت ئاۋاق دىگەن كىتاپ بىزنىڭ ئۆيدە بارئىدى...لىكىن مەن ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن....ئوقۇپ باقسام بولغۇدەك!

مەن  گاھىدا ئاق بولدۇم،گاھىدا قارا بولدۇم.لىكىىن كۈلرەڭ بوپ قالمىدىم...

ئىسىيان مەڭگۈلۈ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12780
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-8 04:30:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلدىمۇ ؟  ئىسمى  نىمە  بولسا  ئېنىق ئەسكەرتكەن  بولسىڭىز  ھە .

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش، يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش . يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ، دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

مەسئولىيەتچان بۇلايلى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 3067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17488
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6249 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-8 04:30:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنى تېخىمۇ بەك قىزىقتۇرۇپ قويدىڭىز..............ئەمدى 1-2-قىسىملىرىنى بولسىمۇ سېتىۋېلىپ ئوقۇيمەن...........ياشار كامال شۇ ئەسىرىدە ئۆز كەچۈرمىشىنى ئاساس قىلىپ يازغانمىدۇ!!!!!!!!!!!!!!!!! [s:146]  [s:146]  [s:166]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ياردەم مەزمۇنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5380
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2598
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 2241 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-8 04:32:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  zumrattax كە 2010-11-08 04:30 PMئەۋەتىلدى  :
مىنى تېخىمۇ بەك قىزىقتۇرۇپ قويدىڭىز..............ئەمدى 1-2-قىسىملىرىنى بولسىمۇ سېتىۋېلىپ ئوقۇيمەن...........ياشار كامال شۇ ئەسىرىدە ئۆز كەچۈرمىشىنى ئاساس قىلىپ يازغانمىدۇ!!!!!!!!!!!!!!!!! [s:146]  [s:146]  [s:166]
بەلكىم.... لېكىن رومان ئاپتورنىڭ سەرگۈزەشتىسىنىمۇ، ئۇنىڭ ھېسياتىنىمۇ، ئەتراپىدىكى مۇھىتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كېتىدۇ....

مەنمۇ لېيىغان بۇلاقنى ئوقۇغاندا جالالىدىن بەھرام ئۆزىنى يېزىپتۇ دەپ بىر مۇنچە سۆزلىگەن، ئاخىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم قايىل قىلغان مېنى....

ھاياتتىن ئاغرىنىش ئاجىزلارنىڭ ئىشى. ھاياتقا بارلىقى بىلەن يۈزلىنىش بولسا ئاقىللارنىڭ تاللىشى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15696
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8630
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 395 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2011-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-8 04:32:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئوقۇغۇدەك كىتاب زادى. كىتابى بارلار دېيىشىپ ئۆز-ئارا كىتابلىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇساق ياخشى بولاتتى.

تېمىلىرىمنىڭ نوپۇسى مىسرانىمدا، ھازىرچە باشقا يەرلەرگە كۆچكۈم يوق دەيدۇ.

ياردەم مەزمۇنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5380
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2598
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 2241 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-8 04:34:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  Hechkim كە 2010-11-08 04:32 PMئەۋەتىلدى  :
بىر ئوقۇغۇدەك كىتاب زادى. كىتابى بارلار دېيىشىپ ئۆز-ئارا كىتابلىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇساق ياخشى بولاتتى.
مەندە ئۇنداق ئالمىشىپ ئوقۇيدىغان كىتاب جىق! لېكىن مەن نۇرغۇن كىتابلارنى تاپالماي ئاۋارە.... مەسلەن زوردۇن سابىرنىڭ ئاتا رومانى دېگەندەك.... ئىشقىلىپ ئوقۇيمەن دېسە كىتاب كۆپ! تورداشلارغا تەۋسىيە: بىركىتابنىڭ ئۆزى بىر مەكتەپ!

ھاياتتىن ئاغرىنىش ئاجىزلارنىڭ ئىشى. ھاياتقا بارلىقى بىلەن يۈزلىنىش بولسا ئاقىللارنىڭ تاللىشى.

ئادەمگە بىلىم كى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 3530
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165125
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2013-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-8 04:37:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن لىكىن جاپا چىكدىغان بولدىڭىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15696
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8630
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 395 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2011-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-8 04:40:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنگىلىزلارنىڭ، تۈركلەرنىڭ مۇنبەرلىرىگە قارىساق "كىتاب ئۇچۇرى" دەيدىغان بىر سەھىپە چوقۇملا بار. ئۇيغۇرچە ھېچقانداق بىر مۇنبەردە كۆرمىدىم. مىسرانىمدىمۇ مۇشۇ سەھىپىنىڭ ئېچىلىشىنى رەسمىي تەكلىپ بېرىمەن.

تېمىلىرىمنىڭ نوپۇسى مىسرانىمدا، ھازىرچە باشقا يەرلەرگە كۆچكۈم يوق دەيدۇ.

armanim120@hotmail.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2006
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13973
تۆھپە نۇمۇرى: 451
توردا: 2824 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-8 04:43:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت Hechkim كە 2010-11-08 04:40 PMئەۋەتىلدى :
ئىنگىلىزلارنىڭ، تۈركلەرنىڭ مۇنبەرلىرىگە قارىساق "كىتاب ئۇچۇرى" دەيدىغان بىر سەھىپە چوقۇملار بار. ئۇيغۇرچە ھېچقانداق بىر مۇنبەردە كۆرمىدىم. مىسرانىمدىمۇ مۇشۇ سەھىپىنىڭ ئېچىلىشىنى رەسمىي تەكلىپ بېرىمەن.

ماۋۇ ئەزانىڭ پىكىرىنى مىسرانىم ئپيلىشىپ كۆرسە بۇلفۇدەك ، ئاپتۇرنىڭ رەسىملىرىدىن بولسا قستۇرۇپ قويمامسىز  ؟!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش